بۇ يازمىنى ئاخىرىدا biruyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-26 12:46
قەشقەردىكى يەر-جايلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامى خارلانمىسۇن!
تور يۈزىدە، گۈلەن ئەپەندىمنىڭ <قەشقەردىكى تىل خۇراپاتلىقى ۋە سۆز بوھرانى> ناملىق ماقالىسىدىن: "ئىسلام دۇنياسىدا ئىككىنچى بۇخارا دەپ ئاتىلىدىغان قەشقەر تولىمۇ سىپايە بىر شەھەر. قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ سۆزمەنلىكى بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر دۇنياسىغا مەشھۇر"....دىگەن قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ، قەدىمدىنلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشىكى، مەھمۇد قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاسھاجىپلاردەك ئالىم، ئەدىپ، مۇتەپەككۇر، پەيلاسۇوپ، تىلشۇناسنى دۇنياغا تەقدىم ئەتكەن، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەزىزلەپ پەخىرلەنگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتقان خاسىيەتلىك يۇرت-قەشقەردىكى يەر-جاي ئۇيغۇرچە نامىنىڭ بۈگۈنكى قەشقەرلىكلەر تەرىپىدىن خارلانغىنىدەك ئەمەلىيەت مېنى ئىختىيارسىز ئويغا سالدى.
دۆلەتنىڭ غەربى رايۇننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش سىتىراتىگىيىسى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، تەرەققىيقىلغان قېرىنداش ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ ساھەلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە، قەشقەر شەھرىنى مىللىي ئالاھىيدىلىككە ئىگە، ئوتتۇرا-غەربىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن ئېلىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدىكى مەرۋايىت شەھەر قۇرۇش نىشانى، قەشقەر شەھرىنىڭ ئىجتىمائى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. قەشقەر شەھرىنىڭ شەھەر قۇرلۇشى تەرەققى قىلىپ، شەھەر كۆلۈمى كەڭىيىپ، شەھەر يوللىرى تۆت تەرەپكە ئۇزۇراپ، ئىلگىركى نۇرغۇن كەپە ئۆيلۈك مەھەلە، يېزا-قىشلاق، بوز-بىنام، كۆل-ئېدىرلار كەڭ كۆلەمدە ئېچىلىپ، بۈگۈنكى قەشقەر شەھرىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي پائالىيەت مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. بۇ قەشقەر شەھرىدىكى ھەرمىللەت خەلقىنى شاتلاندۇرۇپ، تەرققىياتقا بولغان ئىشەنچكە ئىگە قىلدى.
ئەپسۇسلىنارلىقى، قەشقەر شەھرىدىكى ئەسلى ئۇيغۇرچە يەرلىك نامى بار، يېڭىدىن تەرەققى قىلدۇرۇلغان نۇرغۇن يەر-جايلارنىڭ نامى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خاھىشى ياكى ئۆز نامى بىلەن ئاتىلىپ، بۈگۈنكى قەشقەر شەھرىدە: نەنجەنسى، خۇئەنجاڭ، داشىزا، كەييۇەن بازار، دۇڭخۇ، يۇئەنفاڭ بازار، سانيۈنسى بازار، شىنيىفا، دوڭخۇ شىئاۋچۇ، خۇيچىڭ شىئاۋچۈ، ياڭگۇاڭ شىئاۋچۈ...... دىگەندەك يېڭىچە يەر-جاي نامى بارلىققا كەلدى. بۇ ئەمەلىيەتتە خەنزۇ يولداشلارنىڭ قەشقەرنى كاشى، توققۇزاقنى شۇفۇ، يېڭىشەھنى شۇلې، يەركەننى ساچې، قاغىلىقنى يېچېڭ، قەشقەردىكى يارباغ كۆۋرۈكىنى بېيداچاۋ، يېڭى بازارنى دۇڭ بازا دەپ ئاتىغىنىدەك يەرلىك يەر-جاي نامىنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشىدۇر. لېكىن قەشقەر شەھرىدىكى بۇ يەر-جايلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامى خېلىدىن بېرى كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نەزەرىدىن ساقىت قىلىنغاچقا، بۇ يەر-جايلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى قەشقەرشەھرىگە يەرلىك ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۇرلەرلا ئەمەس، بەلكى چىكىسىگە ئاق سانجىلغان مەندەك ئوتتۇرياشلىق ئۇيغۇرلارمۇ دەپ بېرەلمەي، خەنزۇچە ئاتايدىغان ئەھۋال شەكىللەندى.
كەڭ ئۇيغۇر تورجامائىتى، زىھنى ئويغاق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر سىياسىئۇنى، ئالىمى، ئەدىپى، تىلشۇناسى، ئارخىلوگى.... ۋە قەشقەرنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇر پۇخراسى سىللەرچە: قەشقەرشەھرىدە نەنجەنسى، خۇئەنجاڭ، داشىزا، كەييۇەن بازا، دوڭخۇ، يۇئەنفاڭ بازا،سانيۈنسى بازا، شىنيىفا، دوڭخۇ شىئاۋچۇ، خۇيچىڭ شىئاۋچۈ، ياڭگۇاڭ شىئاۋچۈ...دىيىلگەن يەر-جايلارنىڭ ئەسلىدىنلا ئۇيغۇرچە نامى يوقمۇ؟ قەشقەردىكى ئۇ يەر-جايلارنى ئۇيغۇرچە ئەسلى نامدا ئاتاش، خەنزۇچە مېيگۇو، رىبېن، خەنگۇو دىگەننى ئۇيغۇرچە ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيە دەپ ئاتاشتىنمۇ تەسمۇ؟ بۇ ئەھۋال، تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر ئەزىزلەپ پەخىرلەنگەن، ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتقان قەشقەرنىڭ گۈزەل بۈگۈنىگە داغچۈشۈرمەسمۇ؟ ئەگەر قەشقەر شەھرىدىكى يەر-جايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئەسلى نامى ئىستىمالدا قوللۇنۇلسا، قەشقەر شەھرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققى قىلىشىغا قايسى دەرىجىدە دەخلە يىتەر؟....بۇئەھۋال ئۆزگەرتىلمىسە، يېقىن كەلگۈسىدە بىز قەشقەرلىكلەر ئۆز زۇۋانىمىزدا "كاشى"لىق بوپكەتمەسمىزمۇ؟ |