قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 295|ئىنكاس: 0

يۈرۈكىم ناخشىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

1037

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12869
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 142
تۆھپە : 234
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 13:56:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرۈكىم ناخشىسى


مەھەممەتجان سادىق

ھەي، قۇياشتەك نۇرلۇق كېلىچەك!
خۇددى لەيلىنىڭ جامالىنى
كۆرىدىغان مەجنۇننىڭ كۆزىدەك
كۆزىم بار،
سېنى رۇشەن كۆرمەكتىمەن!
ئۇلۇغۋار،
بەخىتلىك ئىشقىڭدا
زۆھرەگە تايىر كۆيگەندەك
چىن يۈرۈگۈمدىن كۆيمەكتىمەن!...
كۈل!
قاقاقلاپ كۈل!
جانان ئۈنىڭ بىلەن
ئاغزىڭدىن تۆكۈپ رەڭمۇ-رەڭ گۈللەرنى،
پارلاق ئىلھامىمنىڭ بۇلبۇل گوياسى!
تا ئاخىرقى تىنىقىمغىچە
ئالتۇن كۈندەك كۈلۈپ تۇرار،
شېئىرلىرىم گۈلشىنىدە
كومىنىستىك كەلگۈسىنىڭ يۇرۇق بىناسى!

*          *           *                     

ھەي،كومىنىزىم سەپىرىنىڭ كارۋان بېشى،
ھەي، يۈرەكلەرگە قان،
ئېقىللارغا نۇر،
ئۈمىدلەرگە قانات بېغىشلىغان
تىنماستىن بىر ئۆمۈر كۈيلەيمەن سېنى!
مۇھەببەت دېڭىزىدىن ئۈنچە تېرىپ،
زامان-زامانلارغا
بار ئاۋازىم بىلەن سۆزلەيمەن سېنى!
سەن بولمىساڭ بولمايتتى باھار،
سەن بولمىساڭ بولمايتتىىم مەن،
ئىشقىمنى، 
          شېئىرىمنى، 
                  بارلىغىمنى
ساڭا يۈرۈگۈمدىن بېغىشلايمەن!
ئەقلىم، 
     مۇھەببىتىم بىلەن
سېنىڭ سۆزلىرىڭنى، ئېزىز گۇڭچەنداڭ
زامانداشلىرىمنىڭ كۆڭۈل كۆكسىگە،
ئانا يەرنىڭ ئۈستىگە
گۈلدەك نەقىشلەيمەن!...

    *         *         *

ياشايمەن قۇياشنىڭ ئالتۇن بۆشىكى- 
                           ئانىجان يۇرتۇم
ماۋ زېدۇڭ بىلەن
زامانداش بولغىنىمغا پەخىرلىنىپ!
ياشايمەن قىزىل بايراق تېگىدا،
ئاكاڭ قارىغاي
گىراژدىنى جوڭگۇنىڭ!...
مەغرۇرلىنىپ 
        شەرەپلىنىپ...
ياشايمەن، يامراپ باھار تاشقىنلىرىدەك
پولات سەللىرى ئاققان
ئەنسەنچىلەر ۋادىسىدا.
تەكەببۇر بۇغدىنىڭ يېرىپ باغرىنى،
ئوت ھارۋىنى گۈكىرتىپ ئۆتكەن-
قەھرىمان پەرھاتلار ئارىسىدا.
ياشايمەن،تاشلىقتا باغ ياساپ،
ئاشلىقتا تاغ ياساپ.
ئۆيلىرىگە يۇلتۇز ئاسقان
ئاينى باغرىغا باسقان-
سۈيۈملۈك ۋەتەننىڭ ھەممە يېرىدە...
مىلتىقى نەيزىسىگە چولپان قونغان
چېگرىدىكى جەڭچى بىلەن،
بىناكار، 
    گىئولوگ، 
        باغۋەن، 
           پىئونېر بىلەن.
بىللە ياشايمەن!
ھەر بىرى پەرھات زامانداشلىرىم-
سېپىدە بىللە
كەلگۈسىنىڭ ئالتۇن بىناسىنى
زوقلۇنۇپ ياسايمەن!
ياشايمەن گۈزەل ۋادىلاردا
كاككۇكتەك كۈلۈپ، 
            چىمەنلەردە- 
                سەيلە قىلىپ...
ياشايمەن قەنتىنى چېقىپ ھاياتنىڭ
راھەتلىنىپ، 
       پەيزى قىلىپ...
ئىجاتلىرىم چىككىسىدە- 
                 لەپىلدەر 
                  قىزىل بايراق،
مېنىڭ سۆيۈلۈك كىتاپخانلىرىم،
ئەبىدىي بىلىمەن سىز بىلەن!  
مەن
ئۆلسەممۇ،
ئۆلمەس بولۇپ ناخشام قالار،
كەلگۈسى ئەۋلادىم-ئوغۇل-قىز بىلەن!
ئەبىدىي ياشارمەن يەر پىلانىتىنىڭ
توز قانىتىدەك رەڭدار شەرقىدە
پارتىيە چاقىرىقىغا
ھازىر بولۇپ!
ياشايمەن شېئىرلىرىم بىلەن
ھەم ئىشچى، 
          ھەم دېھقان، 
               ھەم جەڭچى،
ئىنقىلاۋىي كادىر بولۇپ!

  *          *         *

پەخىرلەن يۈرەك!
گۇڭچەنداڭ نۇرىدىن نۇر ئېمىپ،
بەخت دىلبىرى-
كۈلگەن ۋەتەنگە،
گىراژدان بولغان ئادەمنىڭ-
كۆكسىدە سەن!
ياشايمەن مەغرۇرلىنىپ
كوممۇنىستلار يولىدىن گۈل ئېچىلغا،
ئانا يەر ئۈستىدە مەن!

1962- يىلى

مەنبە: «تىيانشان ناخشىسى» شېئىرلار توپلىمى مەھەممەتجان سادىق «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» 1980-يىلى نەشرى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )