- تىزىملاتقان
- 2012-7-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2924
- نادىر
- 5
- يازما
- 66
ئۆسۈش
30.8%
|
جۇڭگولۇقلار بىلەن ياپونلۇقلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت
چۈشەنچىسىدىكى پەرق
ياپونچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: نىكۇ
ياپونلۇقلارغا نىسبەتەن مۇۋەپپەقىيەت تىنىمسىز تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر. "تاما – تاما كۆل بۇلار" دېگەندەك، ئادەتتىكى تىرىشچانىق داۋام قىلىۋەرسە چوڭ نەتىجە كېلىپ چىقىشىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى ئاتا – ئانىلارمۇ، مەكتەپمۇ تەكىتلەيدۇ. بولۇپمۇ ياپونىيەدىكى ئاق ياقىلىقلار ئۆزى تۇرىۋاتقان مۇھىتقا بويسۇنغان ھالدا يۇقىرى ئۆرلەش يولىدا ئىزدىنىدۇ. مەسىلەن، ئۇلار شىركەتتىن پىنسىيەگە چىقىپ بەش يىل ياكى ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۆزلىرىنى "پالانى چوڭ شىركەتنىڭ سابىق خىزمەتچىسى" "پالانى شىركەتنىڭ سابىق بۆلۈم باشلىقى" دەپ تونۇشتۇرىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىللىرى شىركەتتە ئۆتكەن، شۇڭا ئىلگىرىكى خىزمەت – ئەمەللىرىنى ئىزچىل ئەسلەپ تۇرىدىغان، ئۇنتۇپ كېتىشنى خالىمايدىغان ھېسسىياتىنى بىلىشكە بولىدۇ. "مەن 30 يىل بولدى ئىزچىل مۇشۇ شىركەتتە ئىشلەپ كېلىۋاتىمەن" دەپ پەخرلىنىدىغان ياپونلۇق ئاق ياقىلىقلارغا جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزىرى بىلەن قارايدىغان بولساق، ئۇلارنى "قالتىس" دېگەندىن كۆرە يەنىلا "بىچارە" دېيدىغان خائىش كۈچلۈك ئىپادىلىنىدۇ.
2010 – يىلى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ياشلارنى ئوبيېكت قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان راي تەكشۈرۈشتە "كەلگۈسىدە ئىگىلىك تىكلىگىم بار" دەپ جاۋاب بەرگەن ياپونلۇقلارنىڭ نىسبىتى %39 ئەتىراپىدا، "كەلگۈسىدە داڭدارلاردىن بولۇشنى كۈچلۈك ئارزۇ قىلىمەن" دەپ جاۋاب بەرگەنلەر پەقەت %8، "نورمال ياشىيالىغىدەك كىرىم بولسىلا، ئازادە ياشىغۇم بار" دەپ جاۋاب بەرگەنلەر %43 كە يەتكەن. يەنە مۇشۇ راي تەكشۈرۈشتە "كەلگۈسىدە ئىگىلىك تىكلىگىم بار" دەپ جاۋاب بەرگەن جۇڭگولۇقلارنىڭ نىسبىتى %71 كە، "كەلگۈسىدە داڭدارلاردىن بولۇشنى كۈچلۈك ئارزۇ قىلىمەن" دەپ جاۋاب بەرگەن جۇڭگولۇقلار %34.4 كە يەتكەن، "نورمال ياشىيالىغىدەك كىرىم بولسىلا، ئازادە ياشىغۇم بار" دەپ جاۋاب بەرگەنلەر پەقەت %17.8 تىن ئاشمىغان.
يەنە بۇيىل (2012 - يىلى) 3 – ئايدا مېيجى ياسۇدا ھاياتلىق ھەمسۇغۇرتا شىركىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېڭى قۇبۇل قلىنغان شىركەت خادىملىرىنى ئوبيېكت قىلىپ ئېلىپ بارغان راي تەكشۈرۈشىدە "بىر ئۆمۈر بىرلا شىركەتتە ئىشلىگىم بار" دەپ جاۋاب بەرگەنلەر %44.7، "شىركەتكە كىرگەندىن كېيىن دېرىكتور بولغۇم بار" دەپ جاۋاب بەرگەنلەر %6.4، "ئەمەلگە قىزىقمايمەن" دەپ جاۋاب بەرگەنلەر %44.8، "كېيىنچە ئىگىلىك تىكلىگىم (مۇستەقىل بولغۇم) بار" دەپ جاۋاب بەرگەنلەر %9.9 بولغان. ياپونلۇق ياشلاردا خاتىرجەملىككە تەلپۈنۈش خائىشى كۈچلۈك بولۇپ، ئۆزى تەۋە توپتىن ئايرىلىپ رىقابەتتە مۇستەقىل ئۇتۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئېچىرقاش (شەخسىيەتچىل) روھىنىڭ كەملىكى بەكلا گەۋدىلىك.
جۇڭگولۇقلارنىڭ كۆپىنچىسى "تېز بېيىش" چۈشىنى كۆرۈدۇ، شۇنداقلا "مەن چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمەن" دەپلا ئاساسسىز ئىشەنچ تۇيغۇسىدا ياشايدۇ. جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەت بولسا ئاتا – ئانانىڭ كۈچىگە تايانماي، ئۆزىگە بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن يول ئېچىشتۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ پارلاق مەنزىلدۇر. مانا بۇ ئۆزى ئىگىلىك تىكلەش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ چىغىر يولى دەپ قارالغانلەقتىن بولغان. جۇڭگولۇقلار يەنە "توخۇنىڭ بېشى بولسام مەيلىكى، سۇمرۇغنىڭ قويرۇقى بولغۇم يوق" دېگەندەك، چوڭ شىركەتنىڭ ئاددىي خادىمى بولغاندىن كىچىك شىركەتنىڭ دىرىكتورى بولغان ئەلا، دېگەن تونۇشقا ئىگە. ئۇلاردىكى نام قازىنىش ئىستىكى بەكلا كۈچلۈك بولغاچقا، مەيلى قانداق كىچىك ساھە بولسۇن "بىرىنچى" بولغىسى، دۆلەتنىڭ غوجىسى بولغىسى كېلىدۇ. مانا بۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ يۇقىرى ئۆرلەش پسخىكىسىنىڭ ئىنېرگىيە مەنبەسى دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.
بۇيىل (2012 - يىلى) جۇڭگودىكى مەلۇم بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىغا "ئەگەر تىرىشمىساڭلار، پۇلدارلارنىڭ ھورۇن بالىلىرىغا ئۇتتۇرۇپ قويىسىلەر!" دەپ مەدەت بېرىلگەن بولۇپ، بۇ پۈتۈن مەملىكەتتە قىززىق تېما بولغانىدى. بۇ ھازىرقى جۇڭگودىكى رېئاللىق بولۇپ، جۇڭگوچە مۇۋەپپەقىيەت پەلسەپىسى دېيىشكە بولىدۇ.
مەنبە : http://blogs.bizmakoto.jp/t-hayashi/entry/5368.html
|
|