- تىزىملاتقان
- 2012-9-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 108
- نادىر
- 0
- يازما
- 10
ئۆسۈش
54%
|
مۇشۇ تېما يېزىلىپ ھازىرغىچە بىرمۇ پارتىيە ھۆكۈمەت ياكى تەپتىش، ئىنتىزام ئۇرۇنلىرىنىڭ بۇ تېمىدا ئىنكاس قىلىنغان مەسلىنىڭ سۇرۇشتىسىنى قىلمىغىنىغا قارىغاندا ياكى مۇشۇ تېمىنىڭ ھازىرغىچە ئوچۇق تۇرغىنىغا قارىغاندا بۇ تېمىدا چۇقۇم باشقا بىر سەۋەپ بار.
تېما يازغۇچى ھەقىقەتەن يۈرەكلىك ئىكەن، بىر مۇئاۋىن ناھيە دەرىجىلىك كادىر مۇددەتلىك كىسىم كىسىلىپ تۈرمە سىرتىدا جازا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئەھۋال ئاسىتىدا يەنىلا ھەر قانداق پۇقرا چەكلىمىسىز كىرىپ يوللۇق ئىنكاسىنى بىلدۈرەلەيدىغان باغداشتىن ئىبارەت بۇ ئېچىۋىتلگەن سورۇندا ھىچقانداق ئىككىلەنمەي تۇرۇپ، ئۆزىدىن ئىككى دەرىجە يۇقىرى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋەلىسىنىڭ ئەپتى بەشرىسىنى ئىچىپ تاشلاپ(ھەقىقى مەۋجۇتلىغى تېخى ھىچقانداق بىر ئورگان تەرپىدىن ئېنىق بىكىتىلمىگەن ئاتالمىش يازمىسى كۆزدە تۇتۇلدۇ ) سەكرەپ چۈشۈپتۇ. باشقىلارغا تۆھمەت چاپلاش، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىگە قارىتا جامائەت پىكىرى ئارقىلىق قارشى تۇرۇش دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر پىكىرگىمۇ ئېلىپ قويماپتۇ. ھەمدە جازا مۇددىتى ئىچىدە قايتا جىنايى جازا ئۆتكۈزسە(ئەگەر ھۇقۇقلۇق ئورگان تەرىپىدىن بۇ خىل ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ئىسپاتلانغان ھامان تېما ئىگىسىگە تۆھمەت جىنايىتى ئارتىلدىغانلىقى ھەممىگە ئايان) ئېغىرلىتىپ جازا بىرىلدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنىلا قورقماي تۇرۇپ خامپىغا سەكرەپتۇ. قارىغان تېما ئىگىىسى ھازىر يالىڭاياق سۇدىن قورقمىغاندەك ھىچنىمىدىن قورقمايدىكەن.
ئەلۋەتتە مەن تېما ئىگىىسى يازغان تېما مەزمۇنىغا قارىتا ھىسداشلىقمۇ قىلمايمەن، قارشىمۇ تۇرمايمەن. ئوتتۇرغا قويغان ئىكەن بۇنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلىدىغان ئۇرۇن ھامان بۇنىڭغا قارىتا مۇۋاپىق جاۋاپنى بىرىدۇ. بۇنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى ئىككى خىللا، يا تېما ئىگىسى كىچىك بالىدەك قىلىپ قويغان ئىشلىرىنىڭ(باغداش مۇنبىرىگە يوللىغان تېما كۆزدە تۇتۇلدۇ) مۇۋاپىق جازاسىنى تارتىدۇ. ياكى ھېلىقى مۇئاۋىن ۋالى قايتا تەكشۈرۈلۈپ تېما ئىگىسى كۆزلىگەن نىشانغا يىتىدۇ، لىكىن تېما ئىگىسىنىڭ بۇنىڭدىن چوڭ پايدا ئېلىپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەس.
تېما ئىگىسىگە ئېيتىدىغىنىم: سىز ئەرىز قىلىدىغان ئورۇننى خاتا تاللاپ قاپسىز،سىز بۇ يەردە ئېنىقلا ئاتالمىش سوت خاتا ھۆكۈم قىلغان دىلورىڭىزغا قارىتا جامائەت پىكىر بېسىمى ھاسىل قىلماقچى، سىز بۇئارقىلىق نىمىگە ئىرىشەلەيسىز، 9بەتلىك ئىنكاستا نۇرغۇنلار سىزگە ھىسداشلىق قىپتۇ، بۇنىڭ نىمىگە پايدىسى بار، سوت مەھكىمىسى ئاخىرقى ھۆكۈمدە ھەرگىزمۇ باغداش مۇنبىرىدە ھىسداشلىق قىلغانلارنىڭ ئىنكاسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ سىزگە ھۆكۈم ئېلان قىلمايدۇ. سىز تېمىڭىزدا ئوتتۇرغا قويغان سان- ساناق، جىنايەتنى ئىسپاتلاپ بىرەلەيدىغان پاكىتقا ئاساسەن كىسىم قىلىدۇ.
ئەگەر بۇ دىلوغا سوت ئىلگىرى ھۆكۈم قىلمىغان بولسا ياكى ئەڭ دەسلەپتە بۇ ئىشنى سىز تۇنجى بايقىغان بولسىڭىز بىراقلا بىر نەچچە مۇنبەردە تۇيۇقسىز ئېلان قىلغان بولسىڭىز بۇنىڭ ئۈنۈمى سىز ئويلىغاندىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بۇلاتتى. ئېيتايلۇق مۇنبەردىكى ئەرزىڭىز ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ ياكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتىنىڭ دىققىتىنى تارتتىمۇ دەيلى بۇنىڭ سۇرۈشتىسى قىلىنسا ئەڭ ئاۋال سوت مەھكىمىسى ئىشلىگەن سىزنىڭ دىلورىڭىزنى قايتا تەكشۈرۈپ كۈرەمدۇ قانداق؟ ئەگەر نەتىجە يەنىلا ھۆكۈمنىڭ توغۇرلىقى بىلەن ئاخىرلاشسا ئۇنداقتا سىزنىڭ يەنە بىر قاتار ئاۋارچىلىقلارنى تارتىپ قېلىشىڭىز ئېنىق.
سىز مۇشۇنداق جىق ئەھۋاللارنى بىلىپ تۇرۇپمۇ نىمىشقا يەنىلا بىر نەچچە يىل سۈكۈت قىلدىڭىز؟ نوچى بولسىڭىز سوت، تەپتىش، ئىنتىزام ئورۇنلىرى سىزنى ئىزدىمەستىلا ئاشۇ مۇئاۋىن ۋالىنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى پاش قىلسىڭىز بولمامدۇ؟ سىز پۇتۇن ئىشنىڭ جەريانىنى، ئوينىلىۋاتقان ئۇيۇنلارنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، ھامان مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە قالدىغانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇيۇننى داۋاملاشتۇرىۋەرگەن. ئەمدى پاش بۇلۇپسىز، سىزنىڭ ئېيتىشىڭىزچە مۇئاۋىن ۋالىغا قۇربانلىق بوپسىز. مىنىڭچە ئىشنىڭ ئاخىرى چۇقۇم مۇشۇنداق بۇلاتتى، بىلىپ قۇيۇڭ ئەلنىڭ رىسىقىغا چاڭ سالسىڭىز، ئەلمۇ كەچۈرمەيدۇ، قانۇنمۇ كەچۈرمەيدۇ، ئاللامۇ شۇنداق.
سىز بەلىكىم ئۇيۇنغا رىژىسسورلىق قىلغان مۇئاۋىن ۋالى نىمىشقا قانۇننىڭ سىرتىدا يۈرۈيدۇ دەپ قارىغانسىز؟ چىدىماسلىق قىلماڭ، ئىش ئاشكارلانماستا خەق ۋالىنى پارىخور-خىيانەتىچى دەپ تىللىسا چوقۇم ياقا سىقىشاتتىڭىزغۇ دەيمەن؟ بىر يېرىم يىل يېتىپ چىقىپ، بولسا ۋالىنى چىشلەپمۇ تارتماي، ئانىدىن ئۇنىڭدىن پاناھلىق تىلىمەمسىز؟ چۈشۈنىشىڭىز كىرەككى بۇ جەمىيەت 100% ئادىل ئەمەس، ئانچە مۇنچە ئۇۋالچىلىقلار بۇلۇپ تۇرىدۇ، لىكىن شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى قانۇن ھامان مۇقەددەستۇر. بۇ ئالەمنىڭ ھىساۋىنى بۇ ئالەمدە بەرمىسەك ھامان ھىساپ ئالىدىغان يەر بار، كونىلار دەپ قۇيدىغۇ ئاللانىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن دەپ.
ئەگەر سۆزۈمگە يەنە قايىل بولمىسىڭىز سىزگە ھۆكۈم چىقارغان سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىگە قارىتا نارازىلىق ئەرىز بىرىڭ، سىز ئىنكاس قىلغان مەسلە ھەل بولغۇچە ياكى سىز رازى بولغۇچە نارازىلىق ئەرز بىرىڭ. ۋىجدانسىزلىقنىڭ ئادىمىلىكتە سورىغى بولغان بىلەن قانۇندا سورىغى يوق(ئىلگىركى ئۈلپىتىڭىزنى قايتا سوتقا تارتقانلىقىڭىز كۆزدە تۇتۇلدۇ). لىكىن بۇنڭدىن كىيىن ھەرگىزمۇ باغداش ياكى باشقا مۇنبەرلەردە مەسلە ئىنكاس قىلىپ يۈرمەڭ، ئاۋارە بولغىنىڭز قالىدۇ.
سوت قۇبۇل قىلمايدۇ دەمسىز؟ بۇ سىزنىڭ غەيرىتىڭزگە باغلىق. سۈرۈك ۋاقتىنى ئۆتكۈزۋەكەنمۇ يا؟ ئەگەر شۇنداق بولسا سىزگە ھىچقانداق ئامال قالماپتۇ.
كەنت كوللىكتىپى بىلەن 80تۈپ ياغاچنىڭ تەۋەلىك مەسلىسدە بىر پىكىرگە كىلەلمەي، ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مەمۇرى قارارىغا قايىل بولماي، ناھيىلىك سوت، ئوتتۇرا سوت، يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغىمۇ قايىل بولماي ئالى خەلىق سوت مەھكىمىسىدىن ھۆكۈمنامە چىقىرىپ، بۇنىڭغىمۇ قايىل بولماي ئالى خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىدىن قايتا قاراپ چىققاننى ئاڭلىغانمۇ؟ قانۇن يوللا قويسا سوت ئارقىلىق قانۇنى مەنپەئەتىڭىزنى قوغىدىسىڭىز، ياكى مەقسىتىڭىزگە يەتسىڭىز بۇلىۋىرىدۇ. لىكىن ھەرگىزمۇ ئەرزىيەت كوچىسىغا كىرىپ قالماڭ، جوڭنەنخەيدە دەردىڭىزنى تىڭشايدىغان يەر تاپالماي ئاخىرى ساراڭ بۇلۇپ قالىسىز. دۆلەتنىڭ تۇزۇلمىسى شۇنداق، بۇنڭغا شەخىسنىڭ ئامالى يوق.
مەنمۇ سىزگە ئوخشاش بىر رەھبىرى كادىر، مىنىڭ يېشىم سىزدىن كۆپ كىچىك. مۇئاۋىن ناھيە دەرىجىلىك كادىر بولغان ئادەم بىر بولسا بىر يېزىنىڭ بېشى بۇلۇپ 10-20مىڭ نۇپۇسنىڭ دەردىدە چېنقققان كادىر، يەنە بىر بولسا بىرەر ناھيە ياكى شەھەرنىڭ(قەشقەر شەھرىدەك)مەلۇم بىر خىل تارمىقىدا باش بۇلۇپ بىر-ئىككى قارار ۋەزىپە ئۈتىگەن كادىر، تەجىربىڭىز چۇقۇم مەندىن جىق يۇقارقىلار مىنىڭ سىزگە سەمىمى مەسلىھەتىم، دىگەنلىرىمىنى تازا ئوبدان ئويلاپ بېقىڭ. بولسا باشقۇرغىچىلارغا ئىلتىماس قىلىپ تېمىڭىزنى ئۈچۈرگۈزۋىتىڭ.
بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئۆمەركامدەك(بوز قىر) كۆپنى كۆرگەن بىرەيلەننىڭ بىر ئىككى ئېغىز لىللا مەسلەھەتنى ئاڭلايمەن دەپ ئىڭەك تۇتۇپ ئولتۇردۇق. ئاخىز چىدىماي تاققا- تۇققا ئىنكاسلارنى يېزىپ قويدۇق. توغرا چۇشىنىڭلار.
ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ سوغوققانراق بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. |
|