- تىزىملاتقان
- 2011-7-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11429
- نادىر
- 0
- يازما
- 563
ئۆسۈش
3.57%
|
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخ بېتىدە قانداق شۆھرەتلىك ئابزاسلارنى بېششىدىن ئۆتكۈزگەنلىگىنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتارمىساقمۇ ئۇيغۇرچە تورنىڭ ھەرقانداق يېرىدە بۇ گەپ تولا ئۇچىرايدۇ . تارىخنى تەكشۈرۈپ ئۆتسەك ،ئۇيغۇر تىلى تاجاۋۇزغا ئەڭ چوڭ ئۇچارغان يىللار مىڭ تۆت يۈزىنجى يىللاردىن باشلاپ بولغان ، يەنى بۇ دەۋىردە ئۇيغۇر يازغۇچى- شائىرلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىنى كەمسىتىدىغان ، باشقا تىللارنى چوڭ بىلىدىغان ھالەت شەكىللەندى يەنى "پارىس تىلى شەكەرەس، ئەرەپ تىلى ھەسەلەس" دەپ بىلىپ باشقىلارنىڭ تىلىغا بەكلا يوقۇرى دەرىجىدە مەپتۇن بولۇپ ، ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەر يېزىشنى بىر خىل تۆۋەن سەۋىيەنىڭ ئىپادىسى دەپ ھىساپلىغان . دەل شۇ چاغلاردا نەۋائي ھەزىرەتلىرى بۇ پىكىرگە قارشى ھالدا ساپ ئۇيغۇر تىلىدا كۆپلىگەن دۇنياۋى ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىپ يوقۇرىدىكى يازغۇچى - شائىرلارنىڭ تىل توغۇرسىدىكى سەپسەتىلىرىنى بىراقلا گۇمران قىلغان . شۇنىڭدىن كېيىن كۆپلىگەن ئەدىبلەر تەدىرىجى ھالدا ئۆز تىلىدا ئەسەر يېزىشقا كىرىشكەن ، بۇ ئىشلارغا نەچچە يۈز يىل بولغان 20- ئەسىردە ئۇيغۇر ئەدىپلىرى " سۇ بويىدا "،"قىزىل راۋاقتىكى چۈش"، قاتارلىق خەنزۇ تىلىدىكى رومانلارنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلماقچى بولغاندا خەنزۇ ئەدىپلەر - بۇ رومانلاردا پاسەھەتلىك سۆزلەرنىڭ كۆپلىكىنى ، نەزمىلەرنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ، ئاتالغۇلارنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇ رومانلارنى تەرجىمە قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىغىنى ئوتتۇرغا قويغان . شۇ چاغدا ئەدىپلىرىمىز ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي بۇ ئىشقا پۈتۈن زېھنى بىلەن كىرىشىپ كەتكەن ئەدىبلىرىمىزنىڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا بۇ تەرجىمە ئەسەرلەر ئەسلىدىكىسىدىنمۇ پاساھەتلىك جانلىق ھالدا روياپقا چىققان .ئەدىپلىرىمىز، ئەينى چاغدا ئەدىبلىرىمىزگە - سىلەرنىڭ 32 ھەرىپىڭلار بىلەن بۇنچە چوڭ ھەجىمدىكى ئەسەرنى تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ دەپ جارسالغان كىشىنىڭ ئالدىدا كۈلۈپ تۇرۇپ- قاراڭ بىز بۇ ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ بولدۇق تەرجىمە جەريانىدا 32ھەرىپتىن بەزىلىرىنى ئىشلەتمىدۇق ، جانلىق پاساھەتلىك سۆزلىرىمىزدىن يەنە نەچچە مىشكاپ ئېشىپ - تېشىپ تۇرۇپتۇ دىگىنىدە ، ئۇ ئەدىپ نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالغانىكەن . يەنە بىر قېتىم بىر خەنزۇ ئەدىب بىلەن ئۇيغۇر ئەدىب مۇنازىرلىشىپ قالغان خەنزۇ ئەدىب دەيدىكەن " خەنزۇچە ئىستىلىستىك ۋاستىلەر ، ئۇيغۇرچە ئىستىلىستىك ۋاستىلەردىن كۆپ جانلىق ۋە ئۇنى بېسىپ چۈشىدۇ ، دىگىنىدە ئۇيغۇر ئەدىب " قېنى سېلىشتۇرۇپ باقمامدۇق ، سىزدىن كەلسۇن ،دىگەنىكەن ، خەنزۇ ئەدىب باشلاپ- " ئاھ ئۇرسام جاھاننى ئوت ئېلىپ كۆيدۈرگىسى " دىسە ئۇيغۇر ئەدىب قىلچە تەمتىرىمەي -" بىر تۈكۈرسەم شۇ ھامان ئۆچتۈرگىسى " دەپ جاۋاپ بېرىپ قارشى تەرەپنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىكەن .
خۇلاسە كالام ، يوقۇرقىلاردىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتىكى ، ئۇيغۇر تىلى شۇنداق مول تىل ، ھەر قانداق شەيئىنى ئىپادىيەلەيدۇ . يەنى باشقا تىللاردىنمۇ روشەن ھالدا ئىپادىيەلەيدۇ . دىمەك بىزنىڭ باشقا تىللارغا ئاساسەن ھاجىتىمىز يوق دىيەرلىك ، شۇنداق تۇرۇقلۇق نىمە ئۈچۈن دىۋانە كەبى باشقا تىللاردىن سۆزلۈكلەرنى تىلەپ ئىشلىتىمىز ، تىل ئۆگىنىش ئەلۋەتتە ياخشى ئىش ، لېكىن ھەرقانداق تىلنى شالغۇتلاشتۇرۇش ئىنتايىن بىر پەس ئىش ، مەيلى سىز قايسى تىلدا سۆزلىمەڭ شۇ تىلنى ساپ ھالەتتە ئىشلىتىڭ ، ئۆزىڭىزدە ھەممە نەرسە يىتەرلىك تۇرۇپ قەلەندەر كەبى باشقىلاردىن تىلەيدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ . بۇ ھەركەتتە ئاتا - ئانىلار چوقۇم ھەر ۋاقىت باشلامچى بولۇڭ ، ئۆزىڭىزدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ ئاندىن پەرزەنتلىرىڭىزنى توختىماي قەتئى ھالەتتە چەكلەپ بېقىڭ ، چوقۇم ئۈنىمى بولىدۇ . ھەممە ئىشنى ئاۋال ئۆزىمىزدىن باشلايلى ، قېنى سىز قاراپ بېقىڭ بۈگۈن سىز قانچەلىك ساپ گەپ قىلالىدىڭىز ، قانچە قېىتىم تىلەمچىلىك قىلدىڭىز .
خاتا كەتكەن يەرلىرىنى تۈزىتىپ قويۇشىڭىزلارنى سورايمەن . مەنبە - قەلىمىم . |
|