قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ئەرتۈڭە

نىمىشقا ئۇيغۇرچە ئاتىمىغان بولغىيتۇق؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

for ark

36

تېما

16

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4793
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 4221
تۆھپە : 3702
توردىكى ۋاقتى: 919
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 16:36:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسرانىمدىن كۆچۈرۈلدى،تىلىمىزنىڭ ساپلىششى ،يۇتىمىزنىڭ خەنچە ئاتىلىپ يوقۇلۇپ كتىشىدىن ئەنسىرەش تۇيغۇسى بۇنى كۆچەرگۈزدى،دىققەت قىلىپ قويۇڭ



                       قەشقەردىكى يەر-جايلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامى خارلانمىسۇن!


تور يۈزىدە، گۈلەن ئەپەندىمنىڭ <قەشقەردىكى تىل خۇراپاتلىقى ۋە سۆز بوھرانى> ناملىق ماقالىسىدىن:  "ئىسلام دۇنياسىدا ئىككىنچى بۇخارا دەپ ئاتىلىدىغان قەشقەر تولىمۇ سىپايە بىر شەھەر. قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ سۆزمەنلىكى بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر دۇنياسىغا مەشھۇر"....دىگەن قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ، قەدىمدىنلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشىكى، مەھمۇد قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاسھاجىپلاردەك ئالىم، ئەدىپ، مۇتەپەككۇر، پەيلاسۇوپ، تىلشۇناسنى دۇنياغا تەقدىم ئەتكەن، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەزىزلەپ پەخىرلەنگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتقان خاسىيەتلىك يۇرت-قەشقەردىكى يەر-جاي ئۇيغۇرچە نامىنىڭ بۈگۈنكى قەشقەرلىكلەر تەرىپىدىن خارلانغىنىدەك ئەمەلىيەت مېنى ئىختىيارسىز ئويغا سالدى.


دۆلەتنىڭ غەربى رايۇننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش سىتىراتىگىيىسى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، تەرەققىيقىلغان قېرىنداش ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ ساھەلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە، قەشقەر شەھرىنى مىللىي ئالاھىيدىلىككە ئىگە، ئوتتۇرا-غەربىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن ئېلىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدىكى مەرۋايىت شەھەر قۇرۇش نىشانى، قەشقەر شەھرىنىڭ ئىجتىمائى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. قەشقەر شەھرىنىڭ شەھەر قۇرلۇشى تەرەققى قىلىپ، شەھەر كۆلۈمى كەڭىيىپ، شەھەر يوللىرى تۆت تەرەپكە ئۇزۇراپ، ئىلگىركى نۇرغۇن كەپە ئۆيلۈك مەھەلە، يېزا-قىشلاق، بوز-بىنام، كۆل-ئېدىرلار كەڭ كۆلەمدە ئېچىلىپ، بۈگۈنكى قەشقەر شەھرىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي پائالىيەت مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. بۇ قەشقەر شەھرىدىكى ھەرمىللەت خەلقىنى شاتلاندۇرۇپ، تەرققىياتقا بولغان ئىشەنچكە ئىگە قىلدى.


ئەپسۇسلىنارلىقى، قەشقەر شەھرىدىكى ئەسلى ئۇيغۇرچە يەرلىك نامى بار، يېڭىدىن تەرەققى قىلدۇرۇلغان نۇرغۇن يەر-جايلارنىڭ نامى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خاھىشى ياكى ئۆز نامى بىلەن ئاتىلىپ، بۈگۈنكى قەشقەر شەھرىدە: نەنجەنسى، خۇئەنجاڭ، داشىزا، كەييۇەن بازار، دۇڭخۇ، يۇئەنفاڭ بازار، سانيۈنسى بازار، شىنيىفا، دوڭخۇ شىئاۋچۇ، خۇيچىڭ شىئاۋچۈ، ياڭگۇاڭ شىئاۋچۈ...... دىگەندەك يېڭىچە يەر-جاي نامى بارلىققا كەلدى. بۇ ئەمەلىيەتتە خەنزۇ يولداشلارنىڭ قەشقەرنى كاشى، توققۇزاقنى شۇفۇ، يېڭىشەھنى شۇلې، يەركەننى ساچې، قاغىلىقنى يېچېڭ، قەشقەردىكى يارباغ كۆۋرۈكىنى بېيداچاۋ، يېڭى بازارنى دۇڭ بازا دەپ ئاتىغىنىدەك يەرلىك يەر-جاي نامىنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشىدۇر. لېكىن قەشقەر شەھرىدىكى بۇ يەر-جايلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامى خېلىدىن بېرى كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نەزەرىدىن ساقىت قىلىنغاچقا، بۇ يەر-جايلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى قەشقەرشەھرىگە يەرلىك ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۇرلەرلا ئەمەس، بەلكى چىكىسىگە ئاق سانجىلغان مەندەك ئوتتۇرياشلىق ئۇيغۇرلارمۇ دەپ بېرەلمەي، خەنزۇچە ئاتايدىغان ئەھۋال شەكىللەندى.


كەڭ ئۇيغۇر تورجامائىتى، زىھنى ئويغاق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر سىياسىئۇنى، ئالىمى، ئەدىپى، تىلشۇناسى، ئارخىلوگى.... ۋە قەشقەرنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇر پۇخراسى سىللەرچە: قەشقەرشەھرىدە نەنجەنسى، خۇئەنجاڭ، داشىزا، كەييۇەن بازا، دوڭخۇ، يۇئەنفاڭ بازا،سانيۈنسى بازا، شىنيىفا، دوڭخۇ شىئاۋچۇ، خۇيچىڭ شىئاۋچۈ، ياڭگۇاڭ شىئاۋچۈ...دىيىلگەن يەر-جايلارنىڭ ئەسلىدىنلا ئۇيغۇرچە نامى يوقمۇ؟ قەشقەردىكى ئۇ يەر-جايلارنى ئۇيغۇرچە ئەسلى نامدا ئاتاش، خەنزۇچە مېيگۇو، رىبېن، خەنگۇو دىگەننى ئۇيغۇرچە ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيە دەپ ئاتاشتىنمۇ تەسمۇ؟ بۇ ئەھۋال، تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر ئەزىزلەپ پەخىرلەنگەن، ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتقان قەشقەرنىڭ گۈزەل بۈگۈنىگە داغچۈشۈرمەسمۇ؟ ئەگەر قەشقەر شەھرىدىكى يەر-جايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئەسلى نامى ئىستىمالدا قوللۇنۇلسا، قەشقەر شەھرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققى قىلىشىغا قايسى دەرىجىدە دەخلە يىتەر؟....بۇئەھۋال ئۆزگەرتىلمىسە، يېقىن كەلگۈسىدە بىز قەشقەرلىكلەر ئۆز زۇۋانىمىزدا "كاشى"لىق بوپكەتمەسمىزمۇ؟
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.

9

تېما

6

دوست

2039

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6733
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 189
تۆھپە : 508
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 17:04:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى گەپ!
ھەممەيلەن بىردەك قوللانساق....
ۋاپا-سەممىيەتتىن كېلىدۇ!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

25

تېما

9

دوست

8099

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   61.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79
يازما سانى: 360
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1699
تۆھپە : 1316
توردىكى ۋاقتى: 968
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 17:21:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېقىمغا قارشى ئىش قىلغانلار ھامان مەغلۇپ!

baxkilardin hapa buluxtin bur

4

تېما

0

دوست

1736

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13417
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 431
تۆھپە : 237
توردىكى ۋاقتى: 134
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 17:23:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ مەسئۇلىيەتسىز تەرجىمانلارنىڭ ئىشى. مەسلەن؛ 您好 دىگەننى بىر قىسىم تەرجىمانلىرىمىز سۆزمۇ-سۆز ئەينەن تەرجىمە قىلىپ < ياخشىمۇ سىز > دەپ تەرجىمە قىلدى، بىزنىڭ تىلىمىزدا ئەسلىدىن ياخشىمۇ سىز دەپ ئەھۋال سورايدىغان ئىش يوق، بۇ تىپتىكى تەرجىمانلار دەل مەسئۇلىيەتسىز تەرجىمانلار. يەنە بىر قىسىم تەرجىمانلار 您好 نى < تىچلىقمۇ > دەپ تەرجىمە قىلدى، بۇلار باشقىلاردىكى ئادەت سۆزنى، ئۆزىمىزدە بار بولغان ئادەت سۆزىگە تەدبىقلاپ تەرجىمە قىلغان. مانا بۇ خىل تەرجىمانلار دەل مەسئۇلىيەتچان تەرجىمانلاردۇر. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىۋالسام. 出入证 دىگەن سۆزنى < كىرىپ-چىقىش گۇۋانامىسى ياكى ئىسپاتى > تەرجىمە قىپتۇ. ئۇيغۇرچىسى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغاچقا كۆپۈنچە كىشىلەر چۇرۇجېڭ دەيدىكەن. مەن تۆت كوچىدىكى يېشىل چىراق ۋە 证 نىڭ يەنە < خېتى > دەپ تەرجىمە قىلىنىشىدىن ئۆرنەك ئېلىپ < يېشىل خەت > دەپ تەرجىمە قىلدىم. < يېشىل خەت > كىرىپ-چىقىش ئۈچۈن يېشىل چىراق يېقىپ بەردى دىگەن مەنانى بېرىدۇ دەپ قارايمەن. بۇنىڭغا قېرىنداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

0

تېما

0

دوست

373

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   36.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14723
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 108
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 18:15:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قوللايمەن.
                                                                                                                                                                                                                                         

0

تېما

0

دوست

90

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11083
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 19
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 19:18:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرچە ناملاردىن پايدىلىنىپ كالىندار ئىشلەنسە ،ھازىردىن باشلاپ باللىرىمىزغا ئۇگەتسەك ھېلىمۇ كېچىكمەيمىز ~!

4

تېما

0

دوست

780

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12093
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 188
تۆھپە : 129
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 20:04:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ بىر چىرايلىق ئويغۇرچە ( ھەممىسىساپ ئويغۇرچە بولمىسىمۇ ) نامى تۇرۇپ بىز دىمىسەك  ئىشلەتمىسەك   خەق ھازىرقىدەك ئۈزى خالىغانچە ئىسىم قۇيۇپ يەنە بىر نەچچە يىل ئۆتسە بىر يەر ئەسلى بىزنىڭ زىمىنىمىز ئىشەنمىسەڭ ئىسمىغا قاراپ باق دەپ بېزىرىپ تۇرىۋېرىدۇ ..........................

.مىللەتنىڭ كەلگۈ

17

تېما

7

دوست

7394

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   47.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11308
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1416
تۆھپە : 1298
توردىكى ۋاقتى: 295
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 20:12:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇرۇندىن تارتىپ مۇشۇ ئايلار بويىچە ئاي ھىسابلاب كىلىۋاتىمەن!
ھوقۇق بىرىلمەيدۇ ،يۇلۇپ ئىلىنىدۇ. -(كۆك ھىلال)
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )