- تىزىملاتقان
- 2012-7-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14934
- نادىر
- 0
- يازما
- 642
ئۆسۈش
  12.34%
|
مەن تور ئارىلاپ يۈرۈپ ھەر قايسى ئايلارنىڭ ئۆز تىلىمىزدىكى ئاتىلىشىنى ئۇچرۇتۇپ قالدىم، ( كۆپ ئۇچراتقان ئىدىم ، ئەمما مۇنۇسى تولىمۇ مۇۋاپىق ئىكەن) بۇنى كۆرۈپ شۇنچىلىك چۈشىنىشلىك، مەنىسى ئۆزلىگىدىن چىقىپ تۇرىدىغان، قايسى ئايلىقىنى بىلمىسىمۇ ،ئۇ ئاينىڭ يا ئىسسىقراق، ياكى سوغۇقراق، ياكى مۆتىدىلراق رايدا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىغىلى بولىدىغان ئاي ناملىرىمىز بار ئىكەن ، مۇشۇنداق ئاتاشقا كىم يول قويمىغان بولغىيتى دىگەنلەرنى ئويلاپ كەتتىم. مەسىلەن ئۇنىڭدا :
1-ئاينى ‹‹ قەھرىتان،2- ئاينى ‹‹ھۇت››، 3- ئاينى‹‹ نورۇز››، 4- ئاينى‹‹ئۈمۈت››،5-ئاينى‹‹ باھار››،6-ئاينى ‹‹سەپەر››،7-ئاينى‹‹چىللە››،8-ئاينى،‹‹تومۇز››، 9-ئاينى ‹‹مىزان››، 10-ئاينى ‹‹ ئوغۇز››،11-ئاينى‹‹ ئوغلاق››،12-ئاينى ‹‹كۆنەك››،...دەيدىغانلىقىمىز يېزىلغان. مەن بۇنى كۆرۈپ ،بىر ھاردىقىم چىققاندەك بولدى. چۈنكى مەن ھازىر غىچە ، يانۋارنىڭ مانچىنچى كۈنى، نويابىرنىڭ ئۇنچىنچى كۈنى ....دىگەنلەرنى ئاڭقىرالماي ئۆتۈپ كەتتىم، گېزىت ژورنال ۋە تېلېۋېزۇرلاردا ئاشۇنداق دىسە ھازىرغىچە يېنىمدا ئادەم بولسىلا ''ئۇ دىگىنى نەچچىنچى ئاي؟'' دەپ سورااپ ئاندىن بىلىمەن، ئۆزىچە ئۆزىمىزگە بېسىم ئارتىۋالغاننىڭ نىمە پايدىسى؟؟؟؟؟ . مەن ھۆكۈمئىتىمىز ۋە داۋاملىق ئەل رايىنىنى چقىش قىلىش ھەققىدە تىرىشىدىغان سۆيۈملۈك پارتىيىمىزنىڭ مۇشۇ ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىمىزگە رۇخسەت قىلىشىنى ئاخبارات ۋاستىلىىرىدە مۇشۇ بويىچە ئاتاپ ياشلىرىمىزنىڭ ئۆزشلەشتۈرىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن.
قەھرىتاننىڭ مانچىنچىسى، نورۇز ئېيىنىڭ ئۇنچىنچى كۈنى ... دەپ ئاتىساق بولمايدىغان نەرى بار؟؟؟؟!!! |
|