قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 896|ئىنكاس: 1

كونا ئېلىكتىر سايمانلىرىنى يېڭىسغا ئالماشتۇرۇش باشلاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

114

تېما

7

دوست

6568

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  87
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 1577
تۆھپە : 901
توردىكى ۋاقتى: 2474
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 14:20:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئاپتونوم رايوننىڭ كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئورنىغا يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى باشلاش مۇراسىمى 2010 – يىل 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى شىنجاڭ «سۇنېڭ» 1– ئىيۇل جياڭيۇ زاۋۇتى دۇكىنىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئورنىغا يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ نازىرىخې يىمىڭ: كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئورنىغا يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئاپتوموبىلنى يېزىلارغايۈزلەندۈرۈش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش، ئىستېمالنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان يەنەبىر مۇھىم تەدبىر، بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن پۇقرالارغا ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈلسە، يەنە بىر تەرەپتىن كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىراك قىلىپ، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، دېدى.

  بۇ قېتىم كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئورنىغايېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئالماشتۇرۇشتا يېڭى تولۇقلىما بېرىش ئۇسۇلى مۇنداق: ئومۇمەن ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدەتىزىمغا ئالدۇرغان، قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتى بار ئورۇنلار ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ نوپۇس تەۋەلىكىدىكى شەخسلەر ئاپتونوم رايون بويىچە كونا ئائىلەئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئورنىغا يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئالماشتۇرۇش يولغا قويۇلغان مەزگىلدە، كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىپ ھەم ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىشقا خېرىدار بولغۇچى كارخانىلارغا بېرىپ يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالغانلار تولۇقلىما پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. شەخسلەر سېتىۋالغانيېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بەشتىن ئېشىپ كەتمىسە، ئىدارە – ئورۇنلار سېتىۋالغان يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى 50تىن ئېشىپ كەتمىسە، يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىشى قايتۇرۇپ سېتىپ بېرىلگەن كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تۈرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

  كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئورنىغا يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئالماشتۇرۇش دائىرىسى تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كومپيۇتېرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمى تۆۋەندىكىدەك: كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىپ، يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالغان ئورۇنلار ياكى شەخسلەركونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئورنىغا يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىپ بېرىش باھاسىنىڭ %10ى بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ. تېلېۋىزورغا 400 يۈەن، توڭلاتقۇ (توڭلىتىش ساندۇقىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە)غا 300 يۈەن، كىرئالغۇغا 250 يۈەن، ھاۋا تەڭشىگۈچكە 350 يۈەن، كومپيۇتېرغا 400 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ پائالىيەت 2010-يىلى 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە يولغا قويۇلغان، ئومۇمەن 2010 – يىل 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن، يېڭى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىۋالغانلار مال سېتىۋالغاندىكى تالوننى ئېلىپ كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئورنىغا يېڭىئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشسا بولىدىكەن


    مەنبە :تەڭرىتاغ تورى

ئىنسانسەن، ئىنس

32

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62
يازما سانى: 707
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 3923
تۆھپە : 2342
توردىكى ۋاقتى: 738
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-22

ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 17:58:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولۇقلىما پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇپ كەتكەنلەر بولسىمۇ بولىۋېرەمدىكەن؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )