- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 60991
- نادىر
- 6
- يازما
- 2613
ئۆسۈش
0%
|
1.ئالدى بىلەن ئەخمەت ھەمدۇللاھ ئاكىمىزنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسۇتۇپ قومۇل تارىخىنى شەخىسلەر تەرجىمھالى نۇقتىسىدىن يورۇتقانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن . ھەممىمىز يېڭىلىققا ئىنتلىمىز ، يېڭىلىقتىن ھوزۇرلىنىمىز ، شۇنداقلا يېڭىلىقنى باھالايمىز ، ئەلۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدىكى يېڭىلىقتىن كۆرە ئۆز يۇرتىمىزدىكى ئاشۇ كونىلارنىڭ تەرجىمھالىنىڭ ئۆي ئۆيلەردە مەھەلەكويلاردا پىشقەدەملەر ئاغزىدىكى پاراڭلار بولۇشتىن يەنە بىر قەدەم يۇكسىلىپ خالىغاندا ئوقۇيدىغان سېغىنغاندا كۆزىمىزگە يېققىن تۇتۇپ مۇڭدىشىىدىغان كىتاپ تەرىقىسدە ۋۇجۇتقا كىلىشى نىمە دىگەن كاتتا ئىش ، ھەر بىر قومۇللۇق ئسىتەكلىرىدە ئىستەۋاتقان موشۇنداق بىر كاتتا ئەمگەك ئەخمەت ھەمدۇللا ئاكىمىزنىڭ قولىدا بىر قەدەر مۇكەممەللەشكەن ھالدا روياپقا چىقتى .
نۇرغۇن ھۆججەت نۇرغۇن تارىخ جەملەندى ، ئوقۇۋېتىپ روھىيىتمىزگە قۇۋۋەت ئېلشىمىز ، تەسىرلىنىپ ئاتا بۇۋىلارنىڭ قەدەم ئىزىنى تېپىۋېلىشىمىز مانا موشۇنداق تەرجىمھاللارنىڭ شاراپىىتدە بولۇدۇ ئەلۋەتتە .
2.كىتاپنى شۇنداق سۆيۇنۇپ تۇرۇپ ئوقۇدۇم يەنە نىمىشقا بىر قەدەر مۇكەممەل دىگەن سوغۇقراق كەلىمىنى قىستۇرۇپ ئۆتىمىز دىگەندە ، تارىخ بەلكىم مۇكەممەل بولمىغاچقا تارىخ دەپ ئاتىلىپ قالغاندۇ ، تارىخ بەلكىم سىياسى ھۆكۇمرانلارنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە يېزىشقا بۇيرۇلغانلىقىدىن تارىخ دەپ ئاتىلىپ قالغاندۇ ،شۇ سەۋەپلەردىن كۆرە ئۆزىمىزنىڭ تارىخنى ئۆزىمىز يېزىش جەھەتتە ئەخمەت ھەمدۇللاھ ئاكىمىز ئۇتۇقلۇقلۇق بىر قەدەم ئالدى .
3. كىتاپ ئوقۇش جەريانىدا ئاپتۇرنىڭ ئىخچاملاش مېغىزلاشقا خېلى بەك مايىل بولغانلىقىنى ھىس قىلدىم ، بۇ ئەلۋەتتە ئاپتۇرنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئۇسلۇپ ، مېنىڭ قارىشىمچە تەرجىمال بولغاندىن كىيىن قانچىلىك قېزىشقا توغرا كەلسە شۇنچىلىك قېزىش قانچىلىك يېيىلسا شۇنچىلىك يايسا ياخشىدى دەپ ئويلاپ قالدىم ، ئاشۇنداق كەڭ ئۇچۇر ۋە ماتىريال مەنبەسى بولغان تەرجىمھاللا بىزنى تارىخى يىلنامە ۋە تارىخى شەكلەنلىكلەردىن ھالقىپ ئۆتۇپ كونىلار ۋۇجۇدۇدىكى كۇچ قۇۋۋەت ، رۇھىىيەت مەنزىللىرىگە ئورتاق قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن ، شۇڭا ھەر بىر تەرجىمھالغا مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر ، ياكى ئاشۇ تەرجىمھال ئىگىسنىڭ ھاياتىدىكى ئەستە قالغان دائىم تەكرارلايدىغان ۋەقەلىكلەر ،ئۆمرىدە يەكۇنلىگەن تەجرىبە ساۋاق ، پەلسەپىۋىلىك قاراشلار ، مانا بۇلارمۇ تەرجىمھالغا رەڭ قوشقاندىن سىىرىت كىيىنكى ئەۋلاتلار بولمىش بىزلەرنىڭ كونىلار بىلەن خىيالەن مۇڭدىشىشىمىزغا تولۇمۇ پايدىلىق بۇلۇر ئىدى دەپ ئويلۇدۇم ،
مىسالەن : ئاپتۇر ئەكىمىز ئەردىشىر ۋاڭ تەرجىمھالىدا بىر رىۋايەتنى ۋە بىر ماقال تەمسىلنى قالدۇرۇپ قويغان ، يەنى ئەردىشىر ۋاڭ بىلەن ئۇچتۇر خەلپىتىم ئوتتۇرسىدىكى مەشھور رىۋايەت ۋە موشۇ رىۋايەتتىىن پۇتۇن قومۇلنىڭ يېزا قىشلاقلىرىغا كەڭ تارقالغان ئەردىشىر ئوۋغا چىقس كەينىدىن غوۋغا چىقتى دىگەن ماقال تەمسىل ، كىشى ئىسىملىرى بىلەن باغلانغان رىۋايەتى بار ماقال تەمسىللەر خەلىقنىڭ بايلىقىغا ئايلانغان بولۇدۇ ، نىھايەتتە بۇنداق رىۋايەتلەرگە تەرجىمھاللاردىن ئورۇن بىرىش تەرجىمھالنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇدۇ ،دەپ ئويلايمەن ،
يەنە مىسالەن : ئۇستازىمىز ئۆتكۇر ئەپەندىنىڭ تەرجىمھالىنى تونۇشتۇرغاندا ئۆتكۇر ئەپەندىنىڭ ئاتىسى تىلەشۇپ ئەپەندىمنى تىلغا ئالماي قالغان ئۇيغۇرلاردا بالىنىڭ تۆھپىسى ئاتىغا تالىق قىلىنىدۇ ، رەھمەت ئاتىسىغا ئوقۇلۇدۇ ، يەنە تەسىرلىك بىر بايان ئۆتكۇرنىڭ ئاتىسىدىن كىچىك قېلىپ داتولاردىن بىرىنىڭ (ئوسمان داتۇ؟ ) تەربىيسىدە چوڭ بولغانلىقى ھەم يېزىلمىغان .مانا موشۇنداق مېھىر مۇھەببەتكە ئايلانغان تارىخلارنى يېزىش ياخشى ئىدى ، ئۇنۇڭدىن باشقا ئۆتكۇر ئەپەندىمنىڭ ئۆرۇمچىدە لوتپۇللا مۇتەللىپ تۇرغۇنكاملار بىلەن ساۋاقداش ئوقۇغانلىقىدەك ۋە يېققىن ئۆتكەنلىكىدەك ئۆز ئارا تەخەللۇس سوغا قىلىشقانلىقىدەك ، چىن مودەننى تەڭ يازغانلىقىدەك ، ئۇچۇرلار ئىخچاملانغان ، يەنە جاھاننىڭ گەردى گەشلىرىدە ئۆرۇمچىدە دارازا ياغاچچى بولۇپ ياغاچچلىق قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدىغانلىقى ۋە ئەل ئاغىنىلىرىگە شىرە ۋە باشقا ئائىلە جابدۇقلىرىنى ياساپ سوغا قىلغانلىقىدەك چىن تۇرۇمۇش كەچۇرمىشلىرىمۇ ئىخچاملانغان ، ھەممە نەرسە چىنلىقتىن ئېلىنىدۇ دەيمىزغۇ ئاخىر .
يەنە ئاشۇ تەرجىمھال ئىگىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان قوشاقلار ئاساسەن يوقكەن ئىخچاملانغان ، بۇ قوشاقلار ئەينى دەۋىرىدىكى ئاشۇ ھۆرمەت ساھىپلىرىغا بىرىلگەن ئەل يۇرتنىڭ باھاسى تەغىدىرنامىسى ئەلۋەتتە ، ھۆكۆمەت ئاكامنىڭ تەغدىرنامىسىنى چۇشۇرۇپ قويماي يازىسىز ئەل يۇرتنىڭ دۇئاسى تەغدىرنامسىى بولغان قوشاقلارنى يازماپىسز ئاكا ،
يەنە قومۇل ھوكۇمدارى مۇڭدار خاتۇن ۋە ئۇنۇڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان چاچ چىقىرىش رىۋايىتى ، توغۇرسىدا بايانلار يوقكەنغۇ ، يەنە ئەزىزىم ئاغچا ، ۋەباشقا دىن تارقاتقان خەلقىمىز قەلىپ تۆرىدىكى ئەۋلىيا غوجاملار توغۇرسىدا بىرەر باپ ئاجىرتىش كېرەك ئىدىغۇ ،
يەنە قومۇلدىكى داڭلىق مائارىپچى زەينەپ ئابدۇل چوقاي ھاجى ۋە ئۇنۇڭ كىيىنكىلەرگە تەۋەررۇك قالدۇرغان بوستان باللار باغچىسى ھەقىدىمۇ توختۇلۇپ قويغان بولسىڭىز بەك ياخىشى بولاتتى ئاكا ،
يەنە ئابلېز دامۇللامىنىڭ دادىسى توختاخۇن خەلپىتىممۇ چۇشۇپ قاپتۇ .
4. يارى دورغا ئوبرازى ھەقىدە ئىككى كەلىمە
يارى دورغا ھەقدە بىر قېىتم قېيىن ئاتامدىن مۇنداق بىر باياننى ئاڭلىغىنىم يادىمدا يارى دورغا راھەتباغ بوغاز يېزىسىنىڭ دورغىسى ئاشۇ كۇنلەردە راھاتباغلىقلار بوغازنىڭ ئايىقىدىكى چۆلگە ئىچكىرلەپ كىرىپ ھازىرقى بوغاز كۆمۇر كاننى بايقايدۇ ، ۋە قايتىپ چىقىپ مەھەل كويدا سۆزلەپ يۇرۇيدۇ ، بۇ خەۋەر يارى دورغىغا يەتكەندىن كىيىن ئاشۇ سەيياھلارنى چاقىرىتىپ كىلىپ ھەر قايسىڭ بوغاز كۆمۇر كاننى بۇگۇندىن باشلاپ ئاغزىڭغا ئالغۇچى بولما بولمىسا ئاغزىڭغا قوغۇشۇن قۇيۇمەن دەپ قاتتىق تەنبىھ بىرىدۇ ، ۋە ئىشنىڭ جەريانىنى چۇشەندۇرۇپ ناۋادا بۇ گەپ قومۇل ۋاڭى شاھمەخسوتنىڭ قۇلۇقىغا يەتسە ھەممىڭنى بوغاز كۆمۇر كانغا پالاپ ئاشۇ يەردە ۋاڭ ئۇچۇن كان ئېچىپ چىرىپ تۇگەيسەن ، دەيدۇ ، شۇنداق قىلىپ بوغاز كۆمۇركاننىڭ گىپى ئەنە شۇنداق بېسىلىپ قالغان ،
مەن بۇ گەپنى دەسلەپكى ئاڭلغاندا يارى دورغىدىن ئالامەت تەسىرلەنگەن ئىدىم ، راھاتبالىقىلارنىڭ بوغازلىقلارنىڭ راھىتى ئۇچۇن قومۇل ۋاڭنىڭ مەنپەئەتى ئۇستىدە توغرا ئولتۇرۇدىغان بۇ خىل روھقا دۇئا قىلايلى باللا ، بۇنداق خەلىقپەرۋەرلىك ھەممىلا يەردە چىقىۋەرمەيدۇ ،
ئەسلىدە يارى دورغا بوغاز كۆمۇر كاننىڭ ئىشىنى قومۇل ۋاڭغا مەلۇم قىلغان بولسا ئۆزى ئېھتىمال دەرجىسى ئۆسۇپ كان ئاچىدىغان كان باشلىقى ۋە باشقا ئەمەل مەنسەپلەرگە ئېرىشەر بولغىيدى ، ئاندىن قومۇل ۋاڭ راھاتباغلىق بىلەن بوغازلىققا ئەمىر قىلىپ كان ئېچىشقا بۇيرۇيدۇ ، پۇتۇن قومۇل ۋىلايىتىدە يەندا پەيدا قىلىپ بۇرنىنىڭ بېزى كۆپكەن ئازراقلا سەۋەنلىك ئۆتكۇزگەن ياش باللار بولسا تۇتۇپلا كۆمۇر كانغا پالايدۇ ، ھە .................بۇ كۆمۇركاننىڭ ئېچىلىشىنىڭ راھەتباغلىق ۋە بوغازلىقلار ئۇچۇن قومۇل خەلقى ئۇچۇن ئاپەت ئىكەنلىكىنى سەزگۇرلەرچە بىلگەن ۋە ۋالاقتەككۇرلەرنىڭ ئاغزىغا قوغۇشۇپ قۇيۇپ ئالدىنى ئالغان يارى دورغىغا ئاللاھنىڭ رەھمەتلىرى بولسۇن ،
كيىن بوغاز ۋە راھەتباققا نۇرغۇن دورغا يېزا باشلىقى ئالماشتى قايسى بىرسى ھەقىقى ھالدا راھەتباغلىقنىڭ غېمىنى يەپ پۇقرا تەرەپتە تۇرۇپ باقتى ، ئاشۇ لەنىتى كۆمۇر كان ئاشۇ لەنىتى ئېلىكتىر ئسىتانىسى ،ئاشۇ لەنىتى سىمۇنىت زاۋۇتى راھاتباغلىقلارنىڭ مەنپەئەتىنى راھىتىنى يوقۇتۇۋاتىدۇ ، چىلانلىرىنى قوغۇنلىرىنى ئىككى پۇلغا ئالغۇسىز ھالغا كەلتۇرۇپ قويىۋاتىدۇ ، قايىسى بىر يېزا باشلىقى يارى دورغىچىلىك راھەتباغ خەلقىنى ئويلاپ بېقىپتۇ ،
مېنىڭچە يارى دورغا بوغاز كاننى ئاچقان بولسا ئۇ شىنجاڭ تارىخىغىمۇ يېزىلار بولغىيدى ، بىراق ئۇ ئاچمىدى ، ھەم راھەتباغلىقلارغا ھەقىقى راھەت بېغىشلىدى . |
|