قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 500|ئىنكاس: 1

ماڭا  ئادىللىق كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

1732

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5470
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 188
تۆھپە : 423
توردىكى ۋاقتى: 142
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 20:21:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باراۋەرلىك قانۇن تۈزۈمگە بوي سۇنغاندا بۇلۇدۇ!!!!!
دەلىلى تۈۋەندە ، مەزمۇنى؛
   نىمەئۈچۈن بۇ دېلودا قانۇن تۈزۈمگە قارشى يەكۈن چىقىرىدۇ؟
قانۇن تۈزۈمگە قارشى يەكۈن چىقارغانلىق دۆلەتنى يوقۇتۇشقا ئۇرۇنغانلىق!!!   قانۇن تۈزۈم سىياسەت ياخشى........، قانۇن تۈزۈمگە قارشى يەكۈن چىقارغانلار ئەسكى .......
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ھەرقايسى مىللەت  خەلق تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر ، مەن ئويلايمەنكى ھەممە مىللەتنى بىر ئاتا ،ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ھاۋا ئانىمىزدىن نەسلى قالدۇرۇپ  كۆپەيتىپ ئىناق ياشاش ئۈچۈن تىلنى...ھەرخىل تىلدا گەپ قىلىدىغان بىربىرىگە مېھرى مۇھەببەت ئۇلاشتۇرۇپ ياشاتتۇرغان ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ياخشى تۇرغاندۇ دەپ ئويلايمەن . تۈۋەندىكى دىلونى ھەر خىل تىلدا    تەرجىمە قىلىپ ھەق ناھەقنى ئايرىماقچىمەن شۇڭا  بىزنىڭ مىللەتتىن ئەمەسكەن دىمەستىن ھەق ناھەقنى ئايرىپ بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ئاللاھ كۆپ رەھمەت قىلسۇن .
نىمە ئۈچۈن قانۇن تۈزۈمگە قارشى ھەركەت ئېلىپ بارغان كادىرنى جازالىمايدۇ؟ياكى جاۋاپكارلىقنى بىكىتمەيدۇ؟ نىمە ئۈچۈن ئەدىلىيىلىك باھالاش قىلدۇرۇپ بەرمەيدۇ؟
بىنا مۇستەھكەم بولۇش ئۈچۈن قېلىپقا سېلىنغان پىششىق خىش بولىشى كېرەك!!!!!
دۆلەت مۇستەھكەم بولۇش ئۈچۈن قانۇن تۈزۈم سىياسەتكە دۆلەت خادىملىرى بۇيسۇنۇشتا باشلامچى بولۇش كېرەك!!!!!
خەلىقلەر كەينىدىن ئەگىشىش كېرەك!!!!!
مەن خوتەن شەھەر لاسكۈي بازار ئاقتاش كەنتىدىن ،كەينى –كەينىدىن زۇلۇمغا ئۇچراپ مېيىپ بولۇپ،قانۇنى ھوقۇقۇمنى قوغدىيالماي،قانۇن كۈچكە ئىگە بولىدۇ دەپ 9يىل داۋا قىلىپ 150مىڭ يۈۋەندىن ئارتۇق زىيان تارتىپ ئىختىزاتتىن  ئايرىلغان ئۇبۇلەسەن ئابدۇكىرەم .
تېلىفۇن:13150498983
QQ: 1843064220
دىلونىڭ  قىسقىچە مەزمۇنى :مىنى 2004-يىلى1-ئاينىڭ27-كۈنى دادۈي كادىرلىرى 2001-يىلى 6-ئايدا 1مو 6پۇڭ يەردىكى كېۋەزنى بۇزۇپ ئورنىغا
پارنىك سالغان ،1مو 6پۇڭ يەرنىڭ زىيان تۆلىمى 1665يۈۋەن ھەم دېھقانلارغا قايتۇرۇپ بىرىدىغان باج  پۇلىسى قاتارلىق ھەققىمنى (مەتتوختى تۇرسۇننىياز بىلەن ،ئېزىز تۇرسۇننىياز) بەرمەستىن چارۋا ۋا كسىنى 15يۈۋەنگە جەرىمانە  قويۇپ ئايالىمنى ئاستىغا بېسىپ ئۇردى .مىنىڭ باشقىسمىمغا 2كالتەك ئۇرۇپ ئېغىر زەخمىلەندۈردى.  بالامنى يۇشۇرۋالدى، ئۇرۇق تۇققانلىرىم بالامنى ئىزدىدى، دادۈي كادىرلىرى مىنى رەقىپجان دوختۇر خانىسىغا ئەكىرىپ سىتىگە سالدى، بۇ1638-نۇمۇرلۇق سىتى تەكشۈرۈش رەسىمدە، مېڭەمگە قان چۈشۈش كىسەللىكلەر  روشەن كۆرۈلگەن بولسىمۇ دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق خادىمغا ساق دەپ دىئاگۇنۇز قويدۇرۇپ يەنە ئۆز ئارا تىل بىرىكتۈرۈپ دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق ئابلەت مەتتوختىغا داۋالىغىلى سالغان،
شۇ ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئۇرۇق تۇققانلىرىم بالا ئىزدەش بىلەن 80مىتىرلىق پارنىكنىڭ شوخلىسى توڭلاپ كىتىپ 10مىڭ يۈۋەن زىيان بولدى .
ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق كىشىلەرنى  ئېغىر زەھمىنى ساق دەپ دىئاگۇنۇز قويۇشقا يول قويدى ،ھەم قانۇن ھوقۇق مەنپىئەتىمگە  ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىپ دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن تۈزۈمىگە قاتتىق قارشىلاشقان ھالدا،مېڭەمگەقان چۈشكەن مەندەك ئادەمنى ساق دەپ دىئاگۇنۇز قويىشى توغرا بولغان دەپ يەكۈن چىقارغانلىقتىن مەن قانۇن ھۇقۇق مەنپىئەتىمنى قوغدىيالمىدىم، نەتىجىدە قاتتىق خورلاندىم .
«تۈۋەندىكى سۇئالىمدا ۋىلايەتلىك سەھىيەنىڭ دىگىنىدەك مەن ساقمۇ ياكى ئېغىر زەخمىمۇ؟ تۈۋەندە دەلىل ئىسپات بىلەن سۇئالىمنىڭ جاۋابىنى ئايرىپ بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .»
بۇ دېلونىڭ 135بەت دەلىل ئىسپاتلىرىم،ھەم  سۇئاللىرىم تۈۋەندىكىچە :
1-نىمە ئۈچۈن داۈي كادىرلىرى،ئېزىز تۇسۇننىياز مەتتوختى تۇرسۇننىياز
جەرىمانە دەپ ئېغىر زەخمىلەندۈرۈپ 3كۈن ئۆتكەندىن كىيىن يەنى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى جەرىمانە دەپ مەندىن تۇتۇپ قالماقچى بولغان پۇلنى تۇتۇپ قېلىپ ئاشقان پۇلنى  ھۆججەت ئارقىلىق ماڭا قايتۇرۇپ بىرىدۇ؟  «ئەسلىدە ماڭا قايتۇرۇپ بىرىدىغان باج پۇلدىن چارۋا ۋاكسىن پۇلىسىنى تۇتۇپ قېلىپ ئاشقان پۇلنى ماڭا بەرگەن بولسا بۇ جىدەل چىقماس ئىدى .»
نىمە ئۈچۈن دادۈي كادىرلىرى  مەندەك ئېغىر زەخمىنى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت تارمىقىدىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىمايدۇ ؟
2-نىمە ئۈچۈن رەقىپجان دوختۇر دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق خادىمىغا دىئاگۇنۇز قويدۇرىدۇ؟نىمە ئۈچۈن رەقىپجان تاشقى كىسەللىكلەر دوختۇرى ئىچكى مېڭە زەخمىسىگە ساق دەپ دىئاگۇنۇز قويۇپ دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق
ئابلەھەت مەمەت توختىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىدۇ ؟؟؟؟؟
3-نىمە ئۈچۈن ئابلەت مەمەتتتوختى ساق دىگەن دىئاگۇنۇزنى رەقىپجان دوختۇرغا قويدۇرۇپ نىمەئۈچۈن مىنى بوتكائۆيدە  داۋالايدۇ؟ماڭا ساق دەپ دىئاگۇنۇز قويغاندىن  كىيىن  مىنى نىمىشقا  داۋالىغانلىق رېتسىپ يېزىپ بىرىدۇ؟
4-نىمە ئۈچۈن ۋىلايەتلىك دوختۇرخانا2005-يىلى 3- ئاينىڭ 1-كۈنى سىتى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ بۇ 00910-نۇمۇرلۇق تەكشۈرۈش سىتى رەسىم بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى 1638-نۇمۇرلۇق سىتى رەسىمگە قاراپ ئەينى ۋاقىتتا باش قىسىم سول تەرەپكە قان چۈشكەن دەپ دىئاگۇنۇز قويىدۇ ؟
5-نىمە ئۈچۈن رەقىپجان دوختۇر 2005-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى 1638-نۇمۇرلۇق سىتى رەسىمنى قايتا كۈزىتىپ سول  تەرەپ قانلىق ئىششىغان ،سۇڭەك سۇنغان ،ئۆمۈچۈك تورسىمان پەردە ئاستىغا قان چۈشكەن ،دەپ دىئاگۇنۇز قويىدۇ ؟
نىمە ئۈچۈن رەقىپجان دوختۇر 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى بۇ 1638-نۇمۇرلۇق  سىتى رەسىمگە قاراپ دىئاگۇنۇزنى ئەمەلىيەت مۇشۇنداق قويمايدۇ؟نىمە ئۈچۈن جىددى قۇتقۇزۇش داۋالىنىشىمنى ساق دەپ دىئاگۇنۇز قويۇپ كىچىكتۈرىۋىتىپ مېيىپ بولۇپ بولغاندىن كىيىن مېڭەمگە قان چۈشكەن قاتارلىق كىسەللىكلەرنى بىلدۈرىدۇ؟
6-نىمە ئۈچۈن ۋىلايەتلىك دوختۇر مۇتەخەسىسلەر ،ئابدۇنۇم رايۇن ۋە بېيجىننىڭ مۇتەخەسىسلىرى  جاۋاپكار رەقىپجان دوختۇر قانۇن دوختۇرلىرى
2005  -يىلى 4- ئاينىڭ 20- كۈنى ئەينى ۋاقىتتىكى 2004-يىلى 1- ئاينىڭ 27-كۈنى تەكشۈرگەن 1638-نۇمۇرلۇق سىتى رەسىم بىلەن ،ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرگەن 00910-نۇمۇرلۇق سىتى رەسىمنى كوللىكتىپ دوختۇر مۇتەخەسىسلەر  قايتا كۈزىتىپ باش قىسىم سول تەرەپكە قان چۈشكەن ،سۇڭەك پارچە پارچە  سۇنغان ئارقا مېڭە بېسىلىپ كەتكەن چۈشكەن قاننى تازىلاپ ئېلىۋەتمىگەنلىكى ئۈچۈن قىل قان تۇمۇرلار چىرىپ كەتكەن،داۋاملىق داۋالىنىپ مۇشۇ ھالەتنى ساقلاپ  قالسۇن دەپ كوللىكتىپ ئورتاقلىشىپ  بىر چۈشەنجىدە  بىرلىككە كىلىپ دىئاگۇنۇز قويىدۇ؟
7-نىمە ئۈچۈن شەھەرلىك قانۇن دوختۇرى تاھىر بىلەن خويۇڭچىڭ 2005-يىلى 4-ئاينىڭ 20- كۈنى مىنى ئېغىر زەخمەدەپ باھالايدۇ ؟
نىمە ئۈچۈن  قانۇن دوختۇرى ئېغىر زەخمىنى دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق خادىم ساق دەپ دىئاگۇنۇز قويۇپ داۋالاشتىن مەھرۇم قويغان ۋە مېيىپ بولۇشۇمنى كەلتۈرۈپ چىقارغان رەقىپجان دوختۇر .دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق مەمەتجان ئابدۇلىمىت ،دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق ئابلەھەت مەمەت توختىنىڭ قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلغان قىلمىشىنى باھالىمايدۇ؟
نىمە ئۈچۈن جاۋاپكارلقنى بىكىتمەيدۇ؟
8-نىمە ئۇچۇن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى  رەقىپجان  دوختور قاتارلىق چېتىش جاۋاپكارلارنى چېتىش ئەنزە ئىشلىگىلى ئۇنىمايدۇ؟
9-شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى نىمە ئۈچۈن رەقىپجان دوختۇر قاتارلق چېتىش جاۋاپكارلارنى سوتقا ئەيىپلەپ بەرگىلى ئۇنىمايدۇ؟
10-خوتەن شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى نىمە ئۈچۈن ئىلگىرى ھەم كىيىن  
جىنايى ئىشلار داۋاقانۇننىنىڭ 170-171-ھەم 100- سۇئالنىڭ جاۋابى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى ئالى خەلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىزاھاتى 3-ماددىنىڭ  روھىغا ئاساسەن  ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسىنىڭ 130 –ماددىسىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ۋىلايەتلىك  سەھىيە رەقىپجان دوختۇر قاتارلىق جاۋاپكارلارنى چېتىپ سوت ئېچىپ بەرگىلى ئۇنىمايدۇ؟
نىمە ئۈچۈن بۇ دېلونى ۋىلايەتلىك سەھىيەگە ئىتتىرىدۇ ؟
11-ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى نىمە ئۈچۈن جىددى قۇتقۇزۇپ داۋالاش دىگەن 33-ماددىغا سالىدۇ؟
نىمە ئۈچۈن جىددى قۇتقۇزۇش داۋالاش ئېلىپ بارمىغانلىق،قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلغانلىق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان جاۋاپكارلىقىنى بىكىتىپ بەرگىلى ئۇنىمايدۇ؟
نىمە ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن تۈزۈمىگە قارشى رەقىپ دوختۇرخانىسى قاتارلىق لار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ يەكۈن چىقىرىدۇ؟
12-ئاپتونۇم رايۇنلۇق سەھىيە نازارىتى نىمە ئۈچۈن جىددى قۇتقۇزۇدىغان بىمارنى مىنىۇت سىكۇنت كىچىكتۈرگەنلىك ئۆلۈم دىمەكتۇر دىگەن 8-ماددىغاسالىدۇ؟
نىمە ئۈچۈن جىددى قۇتقۇزۇش داۋالاشنى كىچىكتۈرگەنلىك جاۋاپكارلىقىنى بىكىتكىلى ئۇنىمايدۇ؟نىمە ئۈچۈن پۈتۈن جاۋاپكارلىقنى داۋالاش ئاپاراتى ئۈستىگە ئالسۇن دىگەن 28- ماددىغا سالىدۇ ؟
نىمە ئۈچۈن رەقىپجان دوختۇر قاتارلىقلارغا جاۋاپكارلىقنى بىكىتمەيدۇ؟
نىمە ئۈچۈن مەمەتجان ئابدۇلىمىت بىلەن ئابلەت مەتتوختىنىڭ دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق دەپ 2006-يىلى2-ئاينىڭ24-كۈنى تەكشۈرۈش ئالاقىسى چىقىرىدۇ ؟
نىمەئۈچۈن قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلغان جاۋاپكارلىقىنى بىكىتكىلى ئۇنىمايدۇ ؟
13-نىمە ئۈچۈن گوۋيۈۋەن بەنگوڭتىڭى 145نۇمۇرلۇق مۇھىم قىزىل باشلىق ھۆججىتىدە قانۇننىڭ كەلگەن يىرىدە سوراڭلار دەپ  تۈۋەنگە چۈشۈرىدۇ ؟
14-سەھىيە مىنىستىرى رەقىپجان دوختۇر بىرلا سىتى رەسىمدە ئەينى ۋاقىتتا ساق دەپ  دىئاگۇنۇز قويۇپ مېيىپ بولۇپ بولغاندىن كىيىن مېڭىسىگە قان چۈشكەن دەپ دىئاگۇنۇز قويغانلىقتىن بىمارنىڭ قانداق تەلىپى بولسا ئورۇنداڭلار قانۇنننىڭ كەلگەن يىرىدە سوراڭلار دەپ ۋىلايەتلىك سەھىيەگە چۈشۈرىدۇ؟
15- ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى نىمە ئۈچۈن  گوۋيەن بەنگوڭتىڭىنىڭ  ھەم سەھىيەمىنىستىرلىقىنىڭ قانۇننىڭ كەلگەن يىرىدە سوراڭلار ھەم بىمارنىڭ قانداق تەلىپى بولسا ئورۇنداڭلار دىگىنىگە قارشى ساق دەپ دىئاگۇنۇز قويغىنى توغرابولغان قانۇنى تالاش تارتىش مەۋجۇت ئەمەس  دەپ داۋالاش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامىنىڭ  5-باپ 37- 39- ماددا قاتارلىق قانۇن تۈزۈمگە قارشى يەكۈن چىقىرىدۇ ؟
16-ۋىلايەتلىك سەھىيەنىڭ دىگىنىدەك ساق دەپ دىئاگۇنۇز قويغىنى توغرا  بولسا يۇقۇردا دەپ ئۆتۈلگەن دىئاگۇنۇز ھەم ئېغىر زەھمە باھالاشلار نىمە ئۈچۈن قويۇلىدۇ؟
مىنى ئېغىر زەخمىلەندۈرۈلگەن مەتنىيازغا 2006-يىلى113-نۇمۇرلۇق
6 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن سوت ھۆكۈمى نىمە ئۈچۈن چىقىدۇ؟
17-مەن مۇشۇ سەۋەپتىن ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى ئۈستىدىن سوتقا مەمۇرى ئەرزقىلسام نىمە ئۈچۈن سوت 2009-يىلى 424-نۇمۇرلۇق ھەق تەلەپ كىسىمى چىقىرىدۇ؟
نىمە ئۈچۈن سەھىيە ئىدارىسىنى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىدى دەپ ئەرىز قىلسا سوت مەھكىمىسى قۇبۇل قىلىش كېرەك دەيدۇ؟
نىمە ئۈچۈن مەمۇرى قاراپ سەھىيە ئىدارىسىنى مەجبۇرىيتىنى  ئادا قىلمىغان  دەپ يەكۈن چىقىرالمايدۇ؟
نىمە ئۈچۈن بۇ كىسىمدە دەۋاگەر ئەرىزىدە قانۇن نىزام پەرمانلاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ 3خىل دەۋا تەلىپىدە 17تۈرلۈك دەۋا تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ 10مىلىيۇن499مىڭ144يۈۋەننى ئالدۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ بۇ مەسىلىلەرگە دەۋاگەردەۋا سوبىكتىنى توغرا تاللىغان  دەيدۇ؟
نىمە ئۈچۈن توغرا نىمە ئۈچۈن رەت قىلىدۇ؟
نىمە ئۈچۈن جاۋاپكار ئىنىق بولغاندىن كىيىن دەيدۇ؟ھەم كىسىمدە دىلو ئەھۋالىنى تەپسىلى بىلدۈرىدۇ؟
نىمە ئۈچۈن جاۋاپكارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سوت مەھكىمىسى تېپىپ چىققىلى ئۇنىمايدۇ؟
ھەم ئاغزاكى بىز ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسىدىن بىردەرىجە كىچىك ئورۇن ھەق تەلەپ سومما مەسىلىسىدىمۇ بىزنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىمىزدە ئەمەس دەيدۇ؟
18-ۋىلايەتلىك ئورتا سوت مەھكىمىسىمۇ شەھەرلىك سوتنىڭ 424كىسىمى كۈچكە ئىگە قىلىنسۇن دەپ 2009-يىلى38-نۇمۇرلۇق رەت قىلىش كىسىمى چىقاردى ھەم ئاغزاكى ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى بىلەن ئوتتۇرا سوتنىڭ دەرىجىسى ئوخشاش ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن بىز يەكۈن چىقىرالمايمىز  دىدى ۋە يۇقۇرى سوتقا يوللاپ بەردى.
19-نىمە ئۈچۈن ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلىق سوت مەھكىمىسى
ئۇبۇلھەسەن ئابدۇكېرەمنىڭ قانۇى ھوققۇق مەنپىئەتىنى قوغدىشى توغرا دەپ167-نۇمۇرلۇق رەت قىلىش كىسىمى بىلەن تۈۋەن سوتنىڭ 424-38- نۇمۇرلۇق كىسىمى كۈچكە ئىگە قىلىنسۇن دەپ رەت قىلىدۇ؟قانۇنى ھوقۇق مەنپىئەتىمنى قوغدىشىم توغرا بولغان ئىكەن  ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ قانۇنى تالاش تارتىش مەۋجۇت ئەمەس دىگەن باھالاش يەكۈنىنى نىمە ئۈچۈن كۈچتىن قالدۇرالمايدۇ؟
نىمە ئۈچۈن جاۋاپكارنى توغرا تاللىمىغان دەيدۇ ؟
نىمە ئۈچۈن جاۋاپكارنىڭ كىملىكىنى كىسىمدە بىلدۈرەلمەيدۇ؟
ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ رەقىپ دوختۇرخانىسى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن قانۇنى تالاش تارتىش مەۋجۇت ئەمەس ساق دەپ دىئاگۇنۇز قويۇشى توغرا بولغان دەپ چىقارغان باھالاشنى نىمە ئۈچۈن خاتا ياكى توغرا دىيەلمەيدۇ؟ياكى ئەدىلىيەلىك باھالاش قىلدۇرۇپ بەرمەيدۇ؟
جاۋاپكارنى توغرا تاللىمىغان دەپ رەت قىلىش كىسىمى چىقىرىش ئۈچۈن، شەرت، ۋىلايەتلىك سەھىيەنىڭ يۇقاردا دىگەندەك باھالاش يەكۈنىگە خاتا ياكى توغرا دەپ پۇزۇتسىيەبىلدۈرگەندىن كىيىن جاۋاپكارنى توغرا تاللىمىغان ياكى توغرا تاللىغان دىيىشكە يول ئېچىلىدۇ.
ۋىلايەتلىك سەھىيەنىڭ يۇقاردا دىگەن قىلمىشلىرى خاتا بولسا جاۋاپكارلىققا تارتىلىشى تامامەن توغرا بولىدۇ،
ۋىلايەتلىك سەھىيەنىڭ  يۇقاردا دىگەن قانۇنى تالاش تارتىش مەۋجۇت ئەمەس قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلغان كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرى توغرا بولسا بۇ دېلودىكى جاۋاپكارلارنىڭ ھەممىسىنى قانات ئاستىغا ئالغان بولىدۇ!!!!!
20-ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلىق كۇ#رۇلتىيى بەنگوڭتىڭى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى يۇقۇرى سوت قايتىدىن 2ئاي ئىچىدە جاۋاپ بەرسۇن دەپ 096-نۇمۇرلۇق ئۇقتۇرۇش ھۆججەت يوللىغان بولسىمۇ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يېزىقچە جاۋاپ بەرمىدى .ئاغزاكى بۇ دېلونى ئاخرلاشتۇردۇق تۈگىدى دىدى.ئابدۇنۇم رايۇنلۇق رېندا بىزنىڭ سوتقا كۈچىمىز يەتمەيدۇ توختاپ تۇرۇڭ بىزگە يېزىقچە جاۋاپ بىرىدۇ ،بىز سىزگە يېزىقچە جاۋاپ بىرىمىز دىدى.
ئابدۇنۇم رايۇنلۇق رېندانىڭ سوتقا بىزنىڭ كۈچىمىز يەتمەيدۇ دىگەن گىپىگە سوئال.
ئابدۇنۇم رايۇنلۇق رېندا ئەرزىيەت قۇبۇل قىلىش ئورنىنىڭ ئۇقتۇرۇش ئىلانىدا «مۇنداق ئەرىزلەرنى قۇبۇل قىلىمىز يۇقۇرى خەلىق سوت مەھكىمىسى.خەلىق تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق بەش تۈردىكى ئەرىزنى ئاساسى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان قىلمىشى قاتارلىقلارنى نىمە ئۈچۈن قۇبۇل قىلىسىلەر؟نىمە ئۈچۈن كۈچۈڭلار يەتمەيدۇ؟ئەرىزلەرنى قۇبۇل قىلىپ نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق دېلونى سورىيالمايسىلەر ؟سىلەر ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەرىزلەرنى قۇبۇل قىلىپ تۇتۇپ ياتقاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار ؟بۇنىڭ ئۆزى دەۋاگەر لەرگە نىسبەتەن  ھەر جەھەتتىن چىقىم زىيانلارنى تارتىپ زۇلۇم ھەم دەرتنى ئېلىپ كىلىدىكەن ،جۈملىدىن مەن شۇنداق بولدۇم !!!!!
21-ئابدۇنۇم رايۇنلۇق رېندا ئىچكى ئەدىلىيەگە :قانۇن تۈزۈم كۈچكە ئىگىمۇ ياكى قانۇنغا قارشى يەكۈن كۈچكە ئىگىمۇ دىگەن مەزمۇندىكى ئەرىزىم بىلەن 135بەت دەلىل ئىسپاتنى قۇبۇل قىلىپ، نىمە ئۈچۈن قانۇن تۈزۈم كۈچكە ئىگە دەپ تۈۋەن ھەم يۇقىرى ئورۇنلار يېزىقچە جاۋاپ بېرەلمەيسىلەر؟؟؟؟يۇقاردىكىدەك قانۇن تۈزۈم كۈچكە ئىگە دىيەلمەيدىغان كادىرلارنى  جازالىماي ئەكسىچە مائاش  بىرىشىڭلار توغرىمۇ؟؟؟؟دۆلەت خادىملىرى قانۇن تۈزۈم كۈچكە ئىگە دەپ يېزىقچە دىيەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ماڭا ئوخشاش پۇقرالار  قانۇن ھوقۇق مەنپىئەتىنى قانداق قوغدىيالايدۇ؟؟؟؟؟؟
مەن بۇ دېلودا بىر قىسىم دۆلەت خادىملىرى قانۇنغا قارشى يەكۈن چىقارغانلىقتىن قانۇن تۈزۈم  ھامان بىر كۈن كۈچكە ئىگە بولىدىغۇ دەپ 9يىل داۋا قىلىپ 150مىڭ يۈۋەندىن ئارتۇق چىقىم تارتتىم ھەم قەرىزدار بولدۇم مانا بۇ مەندەك داۋاگەر پۇقرالارغا پايدا يەتكۈزۈش ئەمەس ئەكسىچە زىيان يەتكۈزگەنلىك،مۇشۇمۇ خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىق بولامدۇ؟؟؟؟؟
خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان باشلىق كادىر سىلەر نەدە !!!!
باش شۇجى شىجىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ،قانۇنغا قارشى يەكۈن چىقارغان كادىرنى قاتتىق جازالاش يوليۇرۇقىغا ئەگىشىدىغان كادىر بارمۇ؟؟؟؟ بار بولساڭلار مانا بىز دەپ ئۆزەڭلارنى تۇنۇشتۇرۇپ قويغان بولساڭلار،  ماڭا  ئوخشاش زۇلۇمغا ئۇچراپ ئىزىلگەن خەلىق خوش بولۇپ قالار ئىدى !!!!! دەپ خوتەن شەھەر لاسكۈي بازىرى ئاقتاش كەنتى469-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق كەينى –كەينىدىن زۇلۇمغا ئۇچراپ مېيىپ بولۇپ قانۇنغا ئىشىنىپ  9يىل داۋا قىلىپ ئىختىزاتتىن ئايرىلغان ئۇبۇلھەسەن ئابدۇكىرەم بولىمەن.
تېلىفۇن: 13150498983-13119034779
QQ: 184304220

0

تېما

2

دوست

3106

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12679
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 315
تۆھپە : 722
توردىكى ۋاقتى: 211
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 15:48:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي سىلىنىڭ بۇ دەۋايىڭلىنى مەن نەچچە ۋاختىن كۆرۋاتىمەن ،ھەم سىلىگە .ئىچىم ئاغرىدى..
لىكىن بۇ توردا سىلىگە ياردەم بىرەلەيدىغانلا چىقمايدىغاندەك قىلىدۇ . ئەگەر ئىختىساددىن بەك قىينالغان بولساڭلا بانكا كارتا نۇمۇرىنى يوللاپ قويۇڭلا .ئازراق بولسىمۇ ماددى جەھەتتىن ياردەم قىلدىغانلار چىقىدۇ مەنمۇ ئازراق بولسىمۇ قىلىمەن .خاپا بولماڭلا قانۇنى جەھەتتىن بىلىمىم بولمىغاچ بۇ جەھەتتە ياردەم قىلالمايدىغان بولدۇم.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )