- تىزىملاتقان
- 2011-3-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-1-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 67
- نادىر
- 0
- يازما
- 9
ئۆسۈش
22.33%
|
مەن بىر چۇش كۆردۇم،نەچچە كۇن بولدى يۇرۇگۇم ئاغرىپ تۇرغىلى،قىيامەت قايىم بولۇپتىدەك،نۇرغۇن شەھەرلەر يەر تىگىدىن كۆتۇرۇلگەن سۇغۇقتىن كىشىلەر مۇز ئادەمگە ئايلىنىپ قاپتىدەك،ئاسماندا كۇن يوق،قاتتىق تارتىلغان نەرە ئاۋاز ئۇزۇلۇپ قالماي قۇلاقنى پاڭ قىلغىدەك ئاڭلىنىپ تۇرغىدەك،چاقماق يوق گۇلدۇرماما بار،كىشىلەر كوچىلاردىكى يوللارغا غۇژمەك-غۇژمەك بولىۋالغان،يەر خۇددى خېمىردەك يۇمشاپ كەتكەن بولۇپ كىشىلەر ماڭسا تەڭپۇڭلىغىنى يوقىتىپ قويۇپتىدەك،شەرىقتىن كۆتىرىلگەن غايەت بىر ئوت يالقۇنى بارلىق نەرسىلەرنى كۆيدۇرۇپ تۇرغىدەك ،شۇ ۋاقىتتا بىر كىشى ئۇنلۇك ئاۋازدا نام-ئەمىلى ئوڭ تەرەپتىن بىرىگەن كىشىلەر مەن بىلەن مېڭىڭلار دەپ ئوت يالقۇنىغا قاراپ مېڭىپتۇدەك،بىناماز،نائەھلىلەر ماڭغان ۋاقىتتا خېمىردەك بولۇپ كەتكەن زېمىن پۇتلىرىنى چىڭ تۇتقان پېتى ئۇلارنى مىدىرلىغىلى قويماپتۇدەك،ھېلقى كىشى بىلەن ماڭغان كىشىلەرنىڭ بۇرنىغا باھار پۇرىغى كىلىپ تۇرىدىغان،گۈل پۇرىغى پۇراپ تۇرىدىغان بولغاچقا زېمىننىڭ بۇ دەھشىتىدىن ئەنسىرمەستىن شەرىققە قاراپ مېڭىپتۇدەك،شۇ ئەسنادا ھېلقى ئوت شار ئىككىگە ئايرىلىپ ھېلقى كىشىلەرنى داغدام،سۇ سېپىلگەن،نەملىك پۇراپ تۇرىدىغان توپا يولغا ئايلانغىدەك.ۋە شۇ يولدا كىتىپ بارغىدەك،شۇ ئەسنادا ھېلقى قاتتىق ئاۋازنىڭ ئاۋازى چاقماق ئاۋازىغا ئۆزگىرەپ كىتىپتۇدەك،قۇياش پۇتۇنلەي يوقالغان بولۇپ تۆت ئەتراپ ئوت-ئىس-تۇتەك بىلەن تولغان ئىكەن،مەن شۇنچىلىك خاتىرجەم ھالدا ھېلقى كىشىگە ئەگىشىپ مېڭىپ كىتىپتىمەن. مانا بۇ مەن كۆرگەن چۇش،بۇ ھىكايە ئەمەس،چۆچەكمۇ ئەمەس،مەن توقۇۋالمىدىم پەقەت چۇشۇمدە كۆرگەنلىرىمنى يادىمدا قېلىشىچە بايان قىلدىم،ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن ئەگەر تۇيۇقسىز ئاستىمىزدىن سوغۇق كۆتىرلىپ،پۇتلىرىمىزنى خېمىردەك بولۇپ كەتكەن زېمىن چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ مەن ئىمەنسىزلارنى تۇتۇپ تۇردۇم،سىزنىڭ نام-ئەمەلىڭىز سول تەرەپتىن بېرىلدى دىگەن چاغدا بىز ئۇلگىرەلەمدۇق،بىز زار-زار يىغلاپ ئىمان ئېيتساقمۇ،توۋۋا قىلساقمۇ بۇ كۇندە ھىچكىم ھىچكىم بىلەن كارى بولمايدۇ،شۇڭا ئۇلۇم كىلىشتىن بۇرۇن ئىبادەت قىلايلى،ئاللاھقا تولۇق يۇزلىنەيلى،ئى ئاللاھ بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن،غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس،سەن مۇكاپاتلايدىغان،ئىنئام قىلىدىغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن،ئامىن(سىزمۇ ئامىن دەڭ). |
-
|