تىزىملاتقان 2012-7-14 ئاخىرقى قېتىم 2014-4-1 ھوقۇقى 1 جۇغلانما 7809 نادىر 16 يازما 257
ئۆسۈش
56.18%
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: 8737
ئانا تىل ھەققىدە (6-قىسىم)
يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى: 2-تىلدا دەرس ئالغىدەك بولۇشقا 6-8 يىل ۋاقىت كېتىدۇ
بىلىمخۇمار
مەن تۇرىۋاتقان دۆلەتنىڭ 2013-يىللىق «قوش تىل مائارىپى يىللىق ئىلمىي دوكلاد يىغىنى» بۇ يىل 13-فېۋرالدىن 16-فېۋرالغىچە مەن تۇرىۋاتقان يەرگە 100 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر شەھەردىكى بىر چوڭ كونفراتسىيە مەركىزىدە ئېچىلدى. مەن 15-فېۋرال كۈنى بۇ يىغىندا دۇنياغا تونۇلغان يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل مۇتەخەسسىسلىرىدىن بىر قانچىسى دوكلاد بېرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، يىغىن ئورۇنلاشتۇرغۇچىلىرى بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ، ئۇلاردىن ئۆزەمنىڭ بىر كۈنلۈك يىغىنغا قاتنىشىشى ئۈچۈن ئىجازەت ئالدىم. شۇنىڭ بىلەن 15-فېۋرال كۈنى ئىشتىن سوراپ، ئاشۇ يىغىنغا بېرىپ، بىر كۈن ئىلمىي دوكلاد ئاڭلىدىم. بۇ كۈنى سۆزلەنگەن مەزمۇنلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى مەن ئۆزەمنىڭ بۇرۇنقى ماقالىلىرىدا تونۇشتۇرغان مەزمۇنلار بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇشبۇ ماقالىدا مەزكۇر يىغىندا بىر يېڭىلىق، دەپ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان، ئۆزەممۇ يېڭىلىق ھېس قىلغان بىر مەزمۇننى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى كەسلىن خيۇ (كاتھلەئەن ھەئۇغ) سكاندىناۋىيە (سكاندىناۋىئا)، ئاۋسترالىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، كانادا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئاشۇ دۆلەتلەردىكى باشقا بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىللە ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكىدەك ئىلمىي يەكۈنلەرنى چىقارغان:
--يەرلىك مىللەت، ئاز سانلىق مىللەت، كۆچمەن مىللەت، ۋە چەتكە قېقىلغان (مارگىنالىزەد) مىللەت بالىلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا ئىككىنچى بىر تىلدا دەرس ئالالىغۇدەك بولۇشى ئۈچۈن، 6 يىلدىن 8 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ (يەنى، ئەڭ كەم دېگەندىمۇ، يەرلىك مىللەت بالىلىرى باشلانغۇچنىڭ 6 يىللىق ئوقۇشىنى تولۇق تاماملاپ بولغىچە، ھەممە دەرسلەرنى چوقۇم ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇشى، ئىككىنچى تىلنى بولسا، بىر يات تىل دەرسى تەرىقىسىدە ئۆگىنىشى كېرەك).
--ئەگەر بالىلار ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇيدىغان سىنىپتىن بىر يات تىل (ئىككىنچى تىل ياكى چەت ئەل تىلى) دا ئوقۇيدىغان سىنىپقا يۆتكىۋېتىلىدىكەن، ئۇلار باشلانغۇچ 4-سىنىپىنىڭ يېرىمىغا كەلگىچە يامان ئەمەس ئوقۇۋاتقاندەك بىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا، بۇ بالىلار بىلەن ئانا تىل سىنىپىدىكى بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئۆزلۈكسىز چوڭىيىپ ماڭىدۇ. يەنى، ئىككىنچى تىلدا ئوقۇيدىغان سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش سۈپىتى ئۆزلۈكسىز تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ.
--يۇقىرىدىكى جەريان «ئانا تىل سىنىپىدىن يات تىل سىنىپىغا بالدۇر يۆتكىۋېتىش ھادىسىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئاشۇنداق بىر جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن بالىلار ئانا تىل بىلەن ئىككىنچى تىلنىڭ ھەر ئىككىسىدە تولۇق ساۋاتلىق بولالمايدۇ.
--ئۇنداق بالىلار سانلىق قىممەت، ماتېماتىكا ۋە تەبىئىي-پەن دەرسلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇغان بالىلارغا قارىغاندا كۆپ ناچار بولىدۇ.
--ئۇنداق بالىلارنىڭ سىنىپ كۆچەلمەس نىسبىتى بىلەن ئوقۇشتىن ۋاز كېچىش نىسبىتىمۇ ئانا تىل سىنىپىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى بولىدۇ.
--بالىلارنى بالدۇرلا ئانا تىل سىنىپىدىن ئىككىنچى تىل سىنىپىغا يۆتكىۋېتىش، مائارىپ سەرپىياتىنى ياكى ئوقۇتۇش چىقىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي ئىسراپچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ يەكۈننى يېڭى زىللاندىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر ئىلمىي تەتقىقات تۈرىمۇ تولۇق ئىسپاتلىغان بولۇپ، مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى 2003-يىلىدىكى بىر ئىلمىي ماقالىدە ئېلان قىلىنغان (مەن سۆزلىگۈچىنىڭ پپت ھۆججىتىنى كۆچۈرىۋالغان بولۇپ، ئۇ ھۆججەتتە مەزكۇر ماقالە ئېلان قىلىنغان جورنالنىڭ ئىسمى بېرىلمەپتۇ).
مەن ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدىكى ئاتالمىش «قوش تىل مائارىپى» ھەققىدىكى تېمىلارغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئارىلاپ-ئارىلاپ كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن. ئۇلاردا ھازىرقى ئۇيغۇر بالىلار مائارىپى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاجايىپ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەر ئۈزۈلمەي ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەگەر «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نى توغرا ئېلىپ بارمىسا، يەنى يەرلىك مىللەت بالىلىرى ئەڭ كەم دېگەندىمۇ باشلانغۇچنىڭ دەسلەپكى 3 يىللىق ئوقۇشىنى تاماملاپ بولغىچە ھەممە دەرسلەرنى چوقۇم ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇپ، ئىككىنچى تىلنى بولسا بىر يات تىل دەرسى تەرىقىسىدە ئۆگەنمىسە، ئىجتىمائىي جەھەتتە، پىسخولوگىيە جەھەتتە، ئىقتىسادىي جەھەتتە، ۋە سىياسىي جەھەتتە تۆۋەندىكىدەك ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى كاڭاس خانىم قاتارلىق خەلقئارادا تونۇلغان بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر كۆپ يىللارنىڭ ئالدىدىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغانىدى:
-- بالىلار روھىي جەھەتتە ئىنتايىن ئېغىر زەخىملىنىشكە ئۇچرايدۇ: ئۇلار ئىجتىمائىي يۆتكىلىش (سوكىئال دىسلوكاتىئون، يەنى بۇرۇن ۋۇجۇتقا كېلىپ بولغان بىر ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى) كە دۇچ كېلىدۇ. پىسخولوگىيە، تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى، تىل ئىقتىدارى ۋە بىلىش ئىقتىدارى جەھەتتە زەخىملىنىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردە چەتكە قېقىلىدۇ.
--بالىلار جىسمانىي جەھەتتىكى ئىنتايىن ئېغىر زەخىملىنىشكىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، مەكتەپتە يېتىپ-قوپۇپ ئوقۇش تۈزۈمى بالىلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىدە يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇشۇنداق چەتكە قېقىلىشنىڭ ئۇزۇن-مۇددەت داۋام قىلىشى نەتىجىسىدە، يەرلىك مىللەت بالىلىرىدا ھاراقكەشلىك، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چىكىش، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، زىناخورلۇق قىلىش، ۋە ئوز-ئارا سوقۇشۇش ئىشلىرى ھۆكۈمران ئورۇندىكى مىللەتنىڭ بالىلىرىغا قارىغاندا جىق كۆپ يۈز بېرىدۇ.
مەن يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلارنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان بىر قىسىم ناچار ئەھۋاللارنى ئىلمىي ئاساستا توغرا چۈشىنىشىگە بىر ئاز ياردىمى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تۆۋەندىكىسى مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان كەسلىن خيۇ نىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى بولۇپ، ئۇنى ئىنگلىزچە بىلىدىغان دوستلارنىڭ ئوقۇپ بېقىشىغا سۇندۇم:
Kathleen Heugh co-ordinates the English language courses in the School of Communication, International Studies and Languages at the University of South Australia. She is also Extraordinary Associate Professor of Linguistics at the University of the Western Cape and Honorary Research Fellow at the Human Sciences Research Council of South Africa. She has designed and taught post-graduate courses on language policy and planning, bilingual and multilingual education and language acquisition at the Universities of Cape Town and Antwerp. As a field researcher, she has undertaken large-scale studies on languages and literacy in education in sub-Saharan Africa for various development agencies and governments.Currently she works closely with colleagues in several universities and research organisations in Africa, India, Europe and the USA; is interested in the linguistic diversity and education of minority, migrant, marginalised and Indigenous communities; and works towards disseminating research and expertise from the peripheries to the centre/s.
http://www.unisanet.unisa.edu.au ... name=Kathleen.Heugh
بۇ ماقالىنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز:
http://bbs.misranim.com/thread-97329-1-1.html