قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1335|ئىنكاس: 18

مەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان(يامغۇر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

8

دوست

1919

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   91.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12457
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 240
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 14:40:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ باشلىدىم  سۆزۈمنى،
قەلبىمدىكى گەپنى دەپ يورۇق قىلاي يۈزۈمنى،
"ئۇنداق ئەمەس مۇنداق "دەپ چوقۇمىغىن كۆزۈمنى،
مۇسۇلمانمۇ كاپىرمۇ؟ تونۇشتۇراي ئۆزۈمنى.
مەن بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان،جاھان خەلقى بىلىڭلار.

بىرى دىدى "سەن ئاشقۇن"بىرى دىدى"ۋاھابى"
بىزگە ئۆرنەك بولغانتى ئەسلى پاكدىل ساھابى،
كوچىلاردىن يانغانتۇق،ئەۋرەتلەرنى ياپقانتۇق،
ھايا قىلغان سىڭلىڭغا شۇ بولدىمۇ جاۋابى؟
مەن بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان ،جاھان خەلىقى بىلىڭلار.

ئۇيغۇرۇم دەپ يانىدۇ بۇ يۈرىكىم ئوت بولۇپ،
كەتسە قانداق چىدايمەن قەۋمىم "قەۋمى لۇت" بولۇپ،
بوسوغىلار تۆر بولدى،ئەبجەش بولدى ھەممىسى،
باھار كەتتى قېشىمدىن بارچە جاھان جۇت بولۇپ.
مەن بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان،جاھان خەلقى بىلىڭلار.

قىش بەك سوغۇق تومۇز يوق،قالايدىغان كۆمۈر يوق،
پۇرسەت كەلسە خەق ئالار،بىزگە پەقەت نومۇر يوق،
كاپلا قىلىپ نەخ گالدىن تۇتىۋالدى ئاكاڭزا،
گۆشنى تېپىپ ئەكىلىپ قازان ئاسساق خېمىر يوق.
مەن بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان جاھان خەلقى بىلىڭلار.

مىللىتىمدىن تانمايمەن دىنىمدىن ھەم چانمايمەن،
مىللىتمگە دەرت كەلسە تەڭ تارتىمەن يانمايمەن.
سۈننەت پەرىز تەڭ ئېلىپ تەۋھىدىمنى يەتكۈزۈپ،
قېرىندىشىم قۇتقۇزسام چارچىمايمەن ھارمايمەن.
مەن بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان جاھان خەلقى بىلىڭلار.

ياۋنى كۆرسەم يىقىتىپ،دۈشمىنىمگە مۇش ئېتپ،
ھەر قاچان تەق تۇرىمەن،ئۇخلىمايمەن دۈم يېتىپ.
ئىلىم ئېلىپ پاك ئانا بولسام دىگەن نىيەت بار،
پەرزەنتىمنى چوڭ قىلسام گۈل ئۈستىگە گۈل قېتىپ،
مەن بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان جاھان خەلىقى بىلىڭلار.

سەنمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمان،مەنمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمان،
"بۇۋىم "دىمە تىللىما ،تىل ئىشىتكەن بەك يامان،
ھۆكۈم قىلما بىراۋغا تون پىچمىغىن ئىمانغا،
ئۆلۈم كەلسە بىلىسەن كىم كاپىر كىم مۇسۇلمان،
مەن بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان جاھان خەلقى بىلىڭلار.

ئاپتورى:يامغۇر.2013-2-18-كۈنى

مەن مەندۇرمەن، م

3

تېما

1

دوست

4675

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12415
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 739
تۆھپە : 925
توردىكى ۋاقتى: 201
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 11:52:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان يېزىپسىز قېرىندىشىم . مىللىتىمىز  ئۇيغۇر  دىنىمىز ئىسلام  بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمان .
مەن مەندۇرمەن، مەندىن ئاۋۋال ئۇيغۇرمەن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

3778

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   59.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8810
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 779
تۆھپە : 642
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 12:12:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز،قەلىمىڭېز ھارمىغاي.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

1

تېما

8

دوست

1919

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   91.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12457
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 240
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 14:23:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى anatil8دە2013-02-19 14:01يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سىزدەك ئويلايدىغان،ۋە سىزدەك ئارزۇدا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن توي قىلىۋالغام بولسام،،،مىنىڭ بىر غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى  

ئۈمۈدۋار بولۇڭ ئۇكام،   ياخشىسىنىڭ چىقىشىغا تىلەكداشمىز.

1

تېما

5

دوست

5885

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   17.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8084
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1137
تۆھپە : 1037
توردىكى ۋاقتى: 301
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 14:28:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى anatil8دە2013-02-19 14:01يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سىزدەك ئويلايدىغان،ۋە سىزدەك ئارزۇدا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن توي قىلىۋالغام بولسام،،،مىنىڭ بىر غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى  

ئەپسۇس ئۇنىڭ ئىككى بالىسى باردە.

1

تېما

8

دوست

1919

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   91.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12457
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 240
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 17:49:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى parasatدە2013-02-19 12:12يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ياخشى يېزىپسىز،قەلىمىڭېز ھارمىغاي.  

رەھمەت رىغبەت بەرگنىڭىزگە!.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )