دۇچار بولدۇم شۇنداق قاتتىق كېسەلگە
نىمىشقىكىن بىلمىدىم ئاغزىم كەلمەس زۇۋانغا، مۆكۈۋالار توختىماي سېسىق بەدەن جۇۋامغا، قارغىشلارنىڭ دەستىدىن كىرىپ كەتتىم ئۇۋامغا. قۇلىقىمغا ئاڭلانماس ناخشىلاردىن بۆلىكى، ئاران چىققان زۇۋانىم ئەبجۆش سۆزلەپ يۈرگۈدەك، خۇدا بەرگەن قوللاردىن يامانلىقلا كەلگۈدەك. ئاتا –ئانا نېمە ئۇ،قېرىنداش ئۇ ياتلا خەق، ئۇنتۇلۇپتۇ قانداشلىق،«تۇققان»دېگەن نېمە گەپ؟
ئۈستۈمدىكى كىيىممۇ،ۋەيا ئىتلار تالىغان؟
ئاغزىم سېسىق پۇرايدۇ ياخشى گەپكە كەلمىگەچ،
قېنى؟
يوقاپ كەتكەن ئەجدادنىڭ بىزگە قويغان ئامانەت،
نەدە كۆرسە كىشىلەر ماڭا ياغار ئاھانەت.
چىدىمىغاچ جان ئانام،ئەپ ماڭغۇدەك تېۋىپقا،
«خۇدا»دېگەن ئىسىملىك ئۇستا موللام قېشىغا،
يىغلاپ قاقشاپ يالۋۇرۇپ،
ئۆكۈنۈشنى قالدۇرۇپ.
ماڭماقتا بىز، كەڭرى يول ،
گۈزەللىكنى ئەمدى قوي.
ۋاي!
كەينىمدىكى نېمە ئىش؟
تىكەن ئۈنۈپ چىققۇدەك،
ماڭغان ئىزىم ئاپەت بوپ گۈل –گىياھنى يۇتقۇدەك،
ئۇچۇرغاننىڭ ھەممىسى بەختسىز دەپ يۈرگۈدەك.
«بۇ بالىغا يېپىشقان كاپىر جىنى ئىكەنغۇ!؟»
دېدى تېۋىپ قاراپلا قىزىل رەڭلىك كۆزۈمگە،
ئاندىن قاراپ سەپسېلىپ ھىيلە تولغان يۈزۈمگە.
سورىدى ئۇ دەرھاللا«ئىسمىڭ نېمە ئەي ئىنسان؟
ئاندىن ئېيتقىن دىنىڭچۇ؟»
« ئىسمىم ئۇيغۇر مېنىڭكى،دىنىم ئىسلام ئۆزىدۇر»
جاۋاب قىلدىم ئىككىلنىپ ،جەزىم قىلىپ بولمىغاچ،
كۆزلىرىمدە ئانامغا نەچچە قاراپ يوقلىغاچ.
«ۋاي ،تىلىڭنى بىلەمسەن؟
ئېيتقىن دىننى قوغدامسەن؟
يەنە ئاڭا كۆيەمسەن؟»
«ياق!»
سوئاللاردىن ھۇدۇقۇپ زۇۋانىممۇ تۇتلدى،
ئالداپ كەلگەن ئاغزىممۇ يالغانلاردىن قۇتۇلدى.
«ھۈ!»
يىغلاپ شۇئان جان ئانام،
«نېمە ئامال ئېيتسلاچۇ مېنىڭ پەقەت بىر بالام ،
قانداق قىلسام مەيلىتى جان بالام بىر ساقايسا.»
دېدې ئانام يالۋۇرۇپ ،
«نېمە سەۋەب يۇققاندۇ نېجىس كېسەل بالامغا.»
دېدې تېۋىپ: «بۇ بالا يۈتۈرگىنى بەك كۆپكەن،
ساقايتىشمۇ تەسمىكىن!
يوقىتىپتۇ ئەڭ ئاۋال،شۇنداق گۈزەل دىنىنى،
ئاندىن قالسا بىردىن-بىر مىللىتىنىڭ تىلىنى.
ئىنساپ،ۋىجدان،نومۇسلار،
غۇرۇر ئاندىن يوقاپتۇ،
ئەنئەنىنى ئۇنتۇپتۇ.»
ئېيتتى تىۋىپ ئۇھ تارتىپ،
«دوزاخ!ئۆزى بىردىن-بىر
ئاملىدۇر ئەڭ ياخشى ساقىيىشنىڭ دورىسى،
ئېغىرلىشىپ كېتىپتۇ "شەيتان" ئاتلىق يارىسى،
سەۋەب چىقماس كېسەلگە تېپىلمايدۇ چارىسى.» مەنبە:قەلىمىم
|