- تىزىملاتقان
- 2012-12-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3163
- نادىر
- 0
- يازما
- 234
ئۆسۈش
38.77%
|
كورىيە كوپ مىللەتلىك ئەمما بىر دىنلىق دولەت بۇ يەردە بۇددا دىنى ۋە خىرىستىيان دىنى ئاساسلىق ئۇرۇندا تۇرۇدۇ .كوريەلىكلەر بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ بېرىش كىلىش تارىخى خېلى ئۇزاق 9-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە بىر قىسىم مۇسۇلمانلار كورىيەگە تىجارەت ئۇچۇن كەلگەن ھەم شۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان .بۇلۇپمۇ 1270-يىلى كورىيەنى مۇڭغۇللار تىزگىنلىگەندىن كىيىن مۇڭغۇللار قۇشۇنىدا ئەمەلى ھۇقۇق تۇتقان ئوتتۇرا ئاسىيالىق نۇرغۇن مۇسۇلمان كورىيەگە كەلگەن ھەم شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان .ئۇلارنىڭ ئارسىدا ئەمەلدارلار بۇلۇپلا قالماي نۇرغۇن تىجارەتچىلەر ۋە كوچمەنلەر بۇ لۇپ ئۇلار پايتەخت ئەتراپىغا مەھھەللە قۇرۇپ ئىسلام ئەن ئەنىسى بۇيىچە ياشىغان .ھەم ئىسلامنى راۋاجلاندۇرغان .
ئەمما 15-ئەسىردە شۇ ۋاقىتتىكى كورىيە خانى قانۇن جاكارلاپ دىنى تۇرمۇشنى مەنى قىلغان .مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇز كىيم كىچەكلىرنى كىيىشنى چەكلىگەن.نەتىجىدە مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسى ئىقدىزادى ئورنى بىراقلا تۇگۇشۇپ ئىسلام دىنى شۇنىڭ بىلەن غايىپ بولغان 1920-يىلى 200دىن ئارتۇق قازان تاتارلىرى كورىيەگە كەلگەن شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار بىلەن كوريىيەلىكلەر ئۇچىرشىشى قايتا باشلانغان ئۇلار سېۇل ئەتراپىدىن يەر سېتىۋېلىپ باياشات ياشىغان ،مەسچىت سالغان ،قەبرىستانلىق قىلغان ئەمما كورىيە 1945-يىلى ئىككىگە بۇلۇنگەندىن كىيىن تاتارلار ئامرىكا .كانادا ،تۇركىيە قاتارلىق دۇلەتلەرگە كۇچۇپ كەتكەن .
كوريىيەدىكى ئىسلام تارىخى 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى ھەقىقى باشلانغان دىيىشكە بۇلۇدۇ 1950-يىلى كورىيە چاۋشەن ئۇرۇشى پارتىلغاندىن كىيىن نۇرغۇن تۇركىيە ئەسكەرلىرى بىرلەشكەن دۇلەتلەر قۇشۇن تەركىۋىدە كورىيەدە ئۇرۇشقا قاتناشقان .ئۇلار ئۇرۇشتىن بوشىغان ۋاقىتلىردا كورىيەلىكلەر ئارسىدا ئىسلام دىنىنى تارقىتىپ كورىيە يېرىم ئارىلىدا ئىسلام دىننىنىڭ ھازىرقى زامان تارخى سەھىپىسىنى ئاچقان .
تۇركىيە قۇشۇنىدىكى ئىماملار ئىسلام دىننىنى ئاشكارا تەشۋىق قىلىپ كورىيەلىكلەر ئارىسىدا ئىسلام دىنى غا بولغان بولغان قىزىقىشنى قوزغىغان نەتىجىدە نۇرغۇن كورىيەلىكلەر ئىسلام دىنىغا كىرگەن .بۇلارنىڭ ئىچىدە ئابدۇللا كىم يىدۇ .تۇنجى تۇركۇم مۇسۇلمان بولغان كوررىيەلىكلەردۇر .
ئىسلام دىنىنى تېخىمۇ بەكرەك تەشۋىق قىلىش ئۇچۇن 1955-يىلى كورىيە مۇسۇلمانلىرى [كورىيە ئىسلام جەميىتى]نى قۇرغان .كورىيەلىكلەرنىڭ مۇسۇلمان بۇلۇشىدا تۇركىيە ھەربى ئىماملىرى ئالاھىدە رول ئوينىغان .ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئىسلام لىكسىيەسى ئۇرۇنلاشتۇرغان 1956-يىلى چېدىر ئىچىگە ۋاقىتلىق بىر مەسچىت سالغان بۇ كورىيە تارىخىدىكى تۇنجى مەسچىت ھىساپلىندۇ .1957-يىلى كورىيە مۇسۇلمانلىرى 208گە يەتكەن .
تۇركىيە ئەسكەرلىرى كورىيەدە ئىسلام دىنى تارقاتقاندىن كىيىن نۇرغۇن ئىسلام ئەللىردىكى تەشكىلاتلار كورىيە مۇسۇلمانلىرىغا كۇڭۇل بۇلۇشكە باشلىغان.1959-يىلى كورىيە ئىسلام جەمىيەت باشلىغى ئۇمەر كىم جىن كىيۇ مالايسىيا ،پاكىستان ،سەئۇدى ئەرەبىستان لاردا زىيارەتتە بولغان ھەم ھەج قىلىپ كورىيە تارىىخىدىكى تۇنجى ھاجى بولغان .شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئىسلام ئەللىرى كورىيە مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم بەرگەن.1965-يىلى كورىيەدىكى بىر نەچچە ئىسلام جەمىيىتى بىرلىشىپ [كورىيە مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسىنى ]قۇرغان .1970-يىلى نىپىت كىرزىسى يۇز بەرگەندىن كىيىن كورىيە ھۇكۇمىتى ئىسلام ئەللىرىگە ۋە كورىيە مۇسۇلمانلىرىغا كۇڭۇل بۇلۇشكە باشلىغان .1970-يىلى ھۇكۇمەت 5000كۇۋادىرات يەرنى مەسجىت ۋە ئىسلام مەركىزى ئۇچۇن ھەقسىزئاجىرتىپ بەرگەن.1974-يىلى سېۇل مەركىزى مەسچىتى پۇتكەندە 17ئىسلام مەملىكىتىنىڭ 50تىن ئارتۇق مۇسۇلمان داھىلىرى مۇراسىمغا قاتناشقان .1976-يىلى كورىيە مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى ئىسلام مەركىزىدە ئەرەپ تىلى مەكتىۋى ئېچىپ غەيرى مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنىدىن دەرىس بەرگەن.نۇرغۇن كورىيەلىكلەر .ئۇقۇش پۇتۇرگەندىن كىيىن مۇسۇلمان بولغان .ئۇلار يەنە مۇسۇلمانلار ھەپتىلىك گىزىتى ،ئىسلام قاتارلىق ژورناللارنى نەشىر قىلغان .قۇرئانى كېرىمنى كورىيان تىلىغا تەرجىمە قىلغان .ھازىر كورىيەدە كورىيان مىللىتى مۇسۇلمانلىرى 35مىڭدىن ئاشىدۇ .كورىيە مۇسۇلمانلىرنىڭ 80پىرسەنتى سېئۇلدا قالغانلىرى پۇسان .گۇڭجۇدا ياشايدۇ كورىيە مۇسۇلمانلىرنىڭ ساپاسى ئىنتايىن يۇقۇرى پەقەت 5پىرسەن لا مۇسۇلمان دىھقان كورىيەدە ھازىر سېئۇل .پۇسان .گۇاڭجۇ ،چىڭجۇ .چۇئەنجۇلاردا 5 مەسچىت بار ئۇندىن باشقا نۇرغۇن ۋاقىتلىق نامازخانا بار .مىەنبە ھىدايات گۇلزارىدىن
|
|