- تىزىملاتقان
- 2011-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-1-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4411
- نادىر
- 0
- يازما
- 186
ئۆسۈش
80.37%
|
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئىشچى- خىزمەتچىلىرى يەنى مەمۇرى،كەسپى ئورۇنلاردىكى خادىملارغا مۇئاشتىن سىرت «كۈن نۇرى تولۇقلىما پۇلى»(阳光补贴(تارقاتتى.كارخانىلاردىكى ئىشچىلارغا،ئىش ئورنىدىن قېلىپ قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار،جامائەت پاراۋانلىق ئىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقانلارغا،ۋاقىتلىق ئىشچىلار،توختاملىق ئىشچىلارغا بۇ پۇل تارقىتىلمىدى.مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈۋاتقان ،كىشىلەر پۇلنىڭ تۆشۈگىدىن نەچچە ئۆتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ تولۇقلىما پۇلى بۇ «ئاجىزلار توپى»نىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلدى.بەزىلەر «بىزگە ئاي نۇرى تولۇقلىما پۇلى تارقاتقىدەك»دىگەن ئاچچىق گەپلەرنى قىلىپ يۈرىيدۇ.بۇ ئۆسەك سۆز بولسىمۇ، بۇ ئۇلارنىڭ «بىزگە كۆپ بەرمىسىمۇ ،ئازراق بولسىمۇ بەرسە بولمامدۇ؟»دىگەن كۆڭۈل سۆزى ئىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيە-ھۆكۈمەت ئىش كۈتۈپ تۇرغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئىشسىزلار نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، كۆپلىگەن ياشلارنى تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. لېكىن مۇئاشى بەك تۆۋەن بولغاچقا ئۇلار بەكلا خوش بولۇپ كەتمىدى. خەلقنىڭ ئاغزىنى تۇتىۋالغىلى بولمايدىكەن.بەزىلەر بۇ مۇئاشنى «تېمىتىپ سۇغۇرۇش پۇلى»دەپ ئاتىۋالدى .بۇ گەپلەردىن ئۇلارنىڭ نارازى ئىكەنلىگىنى بىلگىلى بولاتتى .«سىلەرنىڭمۇ مۇئاشىڭلار ئۆسىۋاتامدۇ؟»دەپ سورىسا«خەقنىڭ مۇئاشى چاچتەك ئۆسىدىكەن،بىزنىڭ مۇئاشىمىز قاشتەك ئۆسىدىكەن»دەيدۇ.
قاراپ باقسان بۇ ئەڭ جاپالىق ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقانلار بىزنىڭ ئادەملىرىمىزكەن. بەزى ئىدارىلەردە رەسمى شىتاتتىكىلەر بۇ خىل شىتاتتىكىلەرنى كەمسىتىش ،«بېرىشىڭنىڭ تايىنى يوق ،ئۇرىشىڭ تاڭ ئاتقىچە»دىگەندەك ،مۇئاشنى ئاز بېرىپ،ئىشنىڭ ئېغىرىنى قىلدۇرۇپ،ئېكىسپالاتاسىيە قىلىش،ھەتتا باراۋانلىقنىمۇ بەرمەي يىتىم قالدۇرۇش ئەھۋاللىرى ساقلانماقتا. بۇ پارتىيە-ھۆكۈمەت ،ھەر بىر كىشى ئويلىنىشقا ،ككڭۈل بۆلۈشكە تىگىشلىك مەسىلە . مەلۈم ئىدارە ۋاقىتلىق ئىشچىلارنىڭ ھەممە پۇلىنى(سۇغۇرتا...)قولىغا بېرىۋەتكەن بولۇپ ،بىر يىلدا 365 كۈن ئىشلىتىدىكەن .ئۇلارنىڭ دەم ئېلىشى بولمايدىكەن .كىم ئەرز قىلسا ئۇنىڭ ئۇنى كۆتىرىپ قوپقۇسۇز ئېغىر ئەمگەككە سېلىپ،«ۋايتوۋۋىسى»نى چىقىرىپ .ئۆزلىگىدىن كىتىشكە مەجبۇرلايدىكەن. بۇ ئىدارىدە «ئەمگەك قانۇنى»،«ئەمگەك توختام قانۇنى»يوقمىدۇ.بولدى ئىچىمنى ئاچچىق قىلماي،گېپىمنى توختىتاي. |
|