يامان بولىدۇ (مىكرو ھېكايە) كىچىكىمدىن تارتىپ «يامان بولىدۇ» دىگەن گەپنى ئاڭلاپ چوڭ بولدۇم. ھەر قېتىم ئاڭلىغاندا مەن ھەر خىل ئوخشاش بولمىغان ھېس-تۇيغۇلاردا بولاتتىم.كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئۆزەمچە :« نىمانداق جىق ‹يامان بولىدۇ› بۇ، ناننىڭ ئۇۋۇقى چېچىلىپ كەتسىمۇ يامان بولىۋاتقان( ئۇلۇغ بوۋام تېخى ‹يەتتە تال گۈرۈچ چېچىلىپ كەتكەن ئۆيدىن كۆچۈپ كەتمەك بار› دەيتتى.)، كەچتە تىرناق ئالسىمۇ يامان بولىۋاتقان، ئەتىگەندە كۈن قىزارغىچە ئۇخلىسىمۇ يامان بولىۋاتقان،ناماز شام ۋاقتىدا ياتسىمۇ يامان بولىۋاتقان،.. پاھ پاھ تۈگمەيدىغانمۇ ‹يامان بولىدۇ›كە بۇ ...» دەپ غۇدۇراپ قوياتتىم ئىچىمدە( چۈشەنمەسلىكتىن بولسا كېرەك). لىكىن ئىسلامىي ئائىلىدە چوڭ بولغاچقا شۇنداقلا بۇ ئەقىدىلەر قان قېنىمغا سېڭىپ كەتكەن بولغاچقا، بۇ ‹يامان بولىدۇ› لارغا قارشىلىق قىلمايتتىم. چوڭ بۇلۇشۇمغا ئەگىشىپ ئەقلىممۇ چوڭ بولدىمۇ ۋە ياكى بۇ ‹يامان بولىدۇ› لارنىڭ مەنىسى چۈشەندىممۇ، ئەيتاۋۇر، بۇ ‹يامان بولىدۇ› لارغا تېخىمۇ ئەمەل قىلىدىغان، ھەتتا ئۆزۈممۇ بىلىپ بىلمەي شۇ ‹يامان بولىدىغان› ئىشلارغا يۇلۇقسام «يامان بولىدۇ» دەپ قويىدىغان بولۇپ قالدىم.
مەن مانا مۇشۇنداق ‹يامان بولىدۇ›لار ئىچىدە چوڭ بولدۇم. تۇلۇقسىزنى ئۆيمدە يېتىپ قوپۇپ ئوقۇغاچقا كىشىلەرنى ئانچە چۈشەنمەپتىكەنمەن. بىراق تۇلۇق ئوتتۇرا ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان ھەر خىل مىجەزلىك كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتىم. مەكتەپنىڭ ئامىۋىي ياتاقلىرىدا يېتىپ، كۆرمىگەن ئىشلارنى كۆرۈپ، ئاڭلىمىغان ئىشلارنى ئاڭلىدىم. ياتاقداشلىرىمنىڭ بەزىبىر قىلىقلىرى، گەپ-سۆزلىرى مېنىڭ تۇرمۇش مىزانىمغا پەقەتلا چۈشمىگەچكە، دەسلەپ ماڭا تولىمۇ غەلىتە تۇيۇلدى. تېلىفۇندا سۆزلەشكەن چاغلىرىدا ئائىلىسىدىكىللىرىگە تەھدىت سېلىشى، يالغان گەپ قىلىشلىرى، ھەتتا ئاتا- ئانىسىنىمۇ «سەن» لەپ گەن قىلىپ كىتىشلىرى، تېخى بەزىدە تىللاپ كىتىشلىرىدىن بىرخىل يىرگىنىپ كېتەتتىم. توۋا دەيمەن ! ئۆزىدىن چوڭلارغا گەپ ياندۇرسا، ئاتا-ئانىسىنى «سىلى-ئۆزلىرى» بىلەن ئاتىمىسا، ئۇنداق يالغان سۆزلىسە ‹يامان بولاتتىغۇ!›، ئۇلار بۇنى بىلمەمدىكىنە. ھەر قانچە بولسىمۇ ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا ئانىسىنى «سەن» دىيىشكە، ئاتا- ئانىسىغا يالغان گەپ قىلىشقا، گەپ ياندۇرۇشقا قانداقمۇ تىلى بارىدىغاندۇ دەيمەن . ئەڭ ئۇۋال بولغىنى ، ئەگەر مەن ئۇلارغا :« ئۇندا دىمە ئاداش يامان بولىدۇ » دەپ قويسام، شۇ ھامانلا :« ئاداش ، ئۇ دېگەن خوراپىيلىق، ئۇلارنىڭ ئېنىقلا خاتا تۇرسا ..» دەپ دەككەمنى بېرىپ قويىشلىرى ئىدى. ھەر قېتىم شۇ ‹يامان بولىدۇ›نى دەپ نېمە ئۈچۈن شۇنداق يامان بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بولغىچىلا گېلىمغىچە تويغۇزىۋىتىدىغان بولغاچقا، بارا- بارا ئۇ ‹يامان بولىدۇ›لارنى بۇ ياتاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا ئامال بار ئىشلەتمەسلىككە تىرىشتىم. لىكىن ئەڭ بەك كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى بۇ ياتاقداشلىرىمنىڭ بۇ ‹يامان بولىدۇ›لارنى «خۇراپىيلىق» دەپ قارايدىغىنى ئىدى. ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق ئاساسى بار تۇرسا، بۇ قانداقمۇ خۇراپىيلىق بولسۇن؟!
بىر كۈنى بىر شۇم خەۋەر ھەممىمىزنى چۆچۈتىۋەتتى. بىر ياتاقدىشىمنىڭ دادىسى بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىدە ئالەمدىن ئۈتۈپتۇ. ئۇ دەل بىزدىن چارەكلىك ئىمتاھان ئېلىۋاتقان مەزگىل بولغاچقا ياتاقدىشىم دادىسىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالدى. نېمىدىگەن ئېچىنىشلىق خەۋەر-ھە ! ياتاقدىشىمنىڭ كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بولدى. ئىمتاھان تۈگىشىگىلا ياتاقدىشىم رۇخسەت سوراپ، دادىسىنىڭ يەتتە نەزىرىگىچە ئۆيىدە بولدى، مەكتەپكە كەلگىنىدە بىچارە قىز ئورۇقلاپ، جىمغۇرلىشىپ باشقىچىلا بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ كەلگەن كۈندىن تارتىپ ياتاقتىكى ھەممەيلەن ئامال بار ئۇنى خوشال قىلىشقا تىرىشتۇق، ئوقۇتقۇچىمىزمۇ بىزگە ئالاھىدە تاپىلاپ:« ئەگەر ئۇ يەنە مۇشۇنداق ئۆزىنى تاشلىۋەتسە نەتىجىسىگىمۇ تەسىر يىتىشى مۇمكىن، شۇڭا سىلەر ياتاقداش بولغانكى ئۇنىڭغا كۆپرەك تەسەللىي بېرىڭلار » دېدى. بىزمۇ ئۇنى ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇپ، بازار ئايلاندۇرۇپ كۆڭلىنى ياساشقا تىرىشاتتۇق. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ياتاقتا ھېلىقى ياتاقدىشىم بىلەن ئىككىمىز ياتاقتا يالغۇز قاپتۇق. بىللە چاي ئىچىپ ئولتۇرغان چاغدا نان ئۇۋىقى چۈشۈپ كىتىۋىدى، ئۇنى تېرىپ ئېلىپ:« دەسسىلىپ كەتسە يامان بولىدۇ» دەپ قويدۇم. ئۇ ماڭا قاراپ بىردەم تۇرغاندىن كىيىن، پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردىم، ئۇ بوينۇمغا ئېسىلىپ تۇرۇپ :« ئاداش ئۆز راقتىدا گېپىڭنى ئاڭلىسام بوپتىكەن، نىمىشقىمۇ گېپىڭنى ئاڭلىمىغاندىمەن. بىرەر قېتىم بولسىمۇ، دادامنى ‹سىز› دەپ چاقىرىۋالغان بولسام، تىللىسىمۇ گەپ ياندۇرمىغان بولسام بوپتىكەن، ئەمدى شۇنداق دەي دىسەم دادام يوق......» دەپ يىغلاپلا كەتتى. ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمگە تولىمۇ ئۆچلۈكۈم كەلدى. نىمىشقىمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ‹يامان بولىدۇ›نى كۆپرەك دىمىگەندىمەن، ئاساسىنى چۈشەندۈرمىگەندىمەن؟ بىر نەچچە قېتىم دەشنام يىسەممۇ بىر كۈنلەرگە بارغاندا ئۇلارمۇ قۇبۇل قىلىپ قالار بولغىيتى.... ھەي ! ئەمدى پۇشايماننى ئالغىلى قاچا يوق ....
شۇنىڭدىن كىيىن ئۆزۈمگە شۇنق نىزامنامىدىن بىرنى تۈزدىم.ئەمدى بۇنىڭدىن كىيىن ئاشۇنداق ‹يامان بولىدىغان› ئىشلارغا يۇلۇقۇپ قالسام ‹يامان بولىدۇ›نى دىمەي شۇنداقلا ئاساسىنى چۈشەندۈرمەي ئۈتۈپ كەتسەممۇ ‹يامان بولىدۇ ›. |