قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 435|ئىنكاس: 2

ئانا تىلىم - زەر تىلىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

36

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14958
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 5
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 14:32:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                          ئانا تىلىم ــ زەر تىلىم    
[blockquote][blockquote][blockquote]
روزى سايىت
[blockquote][blockquote][blockquote][blockquote][blockquote][align=justify]تىل ئالاقە قۇرالى، تىل قەلبنىڭ ئەينىكى،[align=justify]تىل ئادەمنى، ئالەمنى باغلاپ تۇرغان زەر رىشتە.[align=justify]تىل خەزىنە تىل ھېكمەت، تىل مۇھەببەت كۆۋرۈكى،[align=justify]تىل ھايۋاننى ئىنسانغا ئايلاندۇردى پەرۋىشتە.
[align=justify]تىل نادانغا پەم بېرىپ، تىل زۇۋانغا تەم بېرىپ،[align=justify]ھاياتلىقنىڭ ئابادى مېھىر تاپتى سۆيۈكتە.[align=justify]شۇڭا ھەر بىر قوۋمچۈن كىچىك-چوڭ بولسۇن[align=justify]ئانا تىلى __ ئۆز تىلى شۇنچە ئۇلۇغ، بۈيۈك __ تە!
[align=justify]ئۇيغۇر تىلى ئۇۋاق تىل، ئۇيغۇر تىلى ئوماق تىل،[align=justify]سەككىز مىليون بۇلبۇلنىڭ ئاشۇ تىلدا ناۋاسى.[align=justify]ئۇيغۇر تىلى كىچىك تىل، ئەمما تاتلىق، چۈچۈك تىل،[align=justify]مەن شۇ تىلنىڭ شەيداسى، مىراسخورى __ ھەقداسى.
[align=justify]ئۇ __ ئانا تىل ئانامغا ئانىسىدىن يادىكار،[align=justify]مەن بۇ تىلنى ئۆگەنگەن زاكامدىكى چاغلاردا.[align=justify]ئاشۇ ئانا تىل بىلەن ئوۋلاپ جانان مەيلىنى،[align=justify]پاراڭلاشقان، سىرداشقان ئالمىزارلىق باغلاردا...
[align=justify]بوۋام مۇشۇ تىل بىلەن يۈرىكىمگە پىچىرلاپ،[align=justify]ۋاپادارلىق مەردلىكنىڭ مىزانىنى بىلدۇرگەن.[align=justify]ئوغلۇم، قىزىم ھەر كۈنى تۇمۇچۇقتەك ۋىچىرلاپ،[align=justify]ھاياجانغا چۆمدۇرگەن، مۇرادىمنى كۈلدۈرگەن.
[align=justify]مۇشۇ تىلدا نەۋائىي كىيگەن ناۋا تاجىنى،[align=justify]شاھ مەشرەپنى مۇشۇ تىل ئېرىشتۈرگەن شەرەپكە.[align=justify]يۈسۈپكە<خاس ھاجىب> لىق ئاتا قىلغان مۇشۇ تىل،[align=justify]مەھمۇد بوۋام شۇ تىلدا دەرس ئۆگەتكەن ئەرەبكە.
[align=justify]مەن شۇ ئانا تىل بىلەن پەرۋاز قىلىپ ئىجادتا، [align=justify]زىمىستاننى لەنەتلەپ، تاڭغا مەڭز __ يۈز ياقتىم،[align=justify]كۈلسە يۇرتۇم تەڭ كۈلدۈم، ئەل يىغلىسا ياش تۆكتۈم،[align=justify]بىللە كۆيدۈم ئوتىدا، سۇلىرىدا تەڭ ئاقتىم.
[align=justify]مەن شۇ ئانا تىل بىلەن باغاشلىدىم باھارنى،[align=justify]گۈل - چېچەككە پۈركەنگەن چىمەنلەرنى ئارىلاپ.[align=justify]مەن كۈلىمەن، قوۋمىمنى كۈلدىرىمەن قەلەمدە،[align=justify]تىلغا ئۈنگەن ھارام شاخ، كۆتەكلەرنى پارچىلاپ!
[align=justify]شۇڭا دەيمەن: ئۆز تىلىم __ گۆھەر تىلىم، زەر تىلىم،[align=justify]بوپقالغىنى ئۇششاق تىل ئەمەس ھەر گىز ئىللىتى.[align=justify]زەررە كىچىك، ئاتوم شۇ زەررىلەردىن تۈزۈلگەن، [align=justify]مېنىڭ تىلىم ئاشۇنداق، ئاتومچەبار قىممىتى!
[align=justify]ئەي تەڭرىتاغ پەرزەنتى، ئۇزۇن سەپەر كارۋىنى،[align=justify]سىيپىماقتا مەڭزىنى تاڭنىڭ مەيىن ساباسى.[align=justify]مۇھەببەتلىك باغاشتا كۈلۈپ يايرا ياڭرىسۇن[align=justify]سەككىز مىليون شاد دىلنىڭ ئانا تىلدا ناۋاسى![/blockquote][/blockquote][/blockquote][/blockquote][/blockquote][/blockquote][/blockquote][/blockquote]
                                                                               2000 - يىل 20 - ماي، خوتەن

0

تېما

0

دوست

582

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   16.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13418
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 157
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 00:14:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىردىن ھوزۇرلاندىم، رەخمەت.
anatil.jpg
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

582

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   16.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13418
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 157
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 00:15:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىردىن ھوزۇرلاندىم، رەخمەت.
anatil.jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )