[align=justify] [align=justify] مۇنبىرىمىزدىكى ئانا تىل كۈنىگە ئىنتىزار بولىۋاتقان تورداشلارغا مەلۇم، قومۇلدا <<دۇنيا ئانا تىل كۈنى>> پائالىيىتى ناملىق تېما مۇنبەردە يوللانغاندىن كېيىن جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ كۈچلۈك دېققەت، ئېتىبارىنى قوزغىدى. قومۇلدىكى << دۇنيا ئانا تىل كۈنى >> پائالىيىتىنىڭ ھۆكۈمىتىمىز ئورگانلىرى تەرپىدىن يەنە كېلىپ تىل-يېزىقنى قانۇنلۇق باشقۇرۇش ئورگىنى بولغان قومۇل ۋىلايەتلىك تىل-يېزىق كومىتېتى تەرپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى، ھەقىقەتەنمۇ ئالقىشلىنىشقا تېگىشلىك تارىخى ئەھمىيتى زور بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز پائالىيەت بولدى. << دۇنيا ئانا تىل كۈنى>> شەخسەن بىر مىللەتنىڭلا تەبىرىكلىشىگە ئەرزىيدىغان كۈن ئەمەس، ئۇ دۇنيادا ئورتاق ياشاپ، بىر قۇياش، بىر ئاي ۋە سان-ساناقسىز يۇلتۇزلاردىن، كەڭرى كەتكەن ھاۋا بوشلۇقىدىن تەڭ بەھىرلىنىۋاتقان پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ، جىمى مىللەتلەرنىڭ ئانا تىل كۈنىدۇر.[align=justify] قومۇل شەھەر مەركىزىدىكى ئېلېكترون كۆرگۈدىكى ئانا تىل جىلۋىسى بوستان يەسلىسى ئانا تىلى كۈنىنى قۇتلۇقلىماقتا ئەرك سەبىيلەر بوستانى بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى نەچچە مىڭ يۈەنلىك مۇكاپات بىلەن تەمىنلىدى قۇتاتقۇبىلىكنىڭ زامانىمىزدىكى جۇلاسى ئەرك سەبىيلەر بوستانىدا بالام بۇ كىتابنى بۇۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ يازغان، ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ بىلىم بەخت يولى دېمەكتۇر! كۆزمونچاق بوۋاقلار مەھسولاتلىرى سېتىش ئورنىمۇ ئانا تىل كۈنىنى قۇتلۇقلىماقتا تاڭ نۇرى كىتابخانىسىمۇ بۇ پائالىيەتكە قىزغىن ئىشتىراك قىلدى. دۇنيا ئانا تىل پائالىيىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان رەھبەرلەر دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تىل-يېزىق قانۇن-نىزاملىرى تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى تارقىتىلماقتا ئۈرۈمچى ۋاقتى 9:00 دا پائالىيەت رەسمى باشلاندى پائالىيەتتە مۇكاپاتلىق سوئال جاۋاپ مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. ئىقبال تەربىيلەش مەركىزىدىكى ئۇيغۇر ، قازاق سەبىيلەرمۇ نومۇر كۆرسەتتى. مۇكاپاتنى ئەرك سەبىيلەر بوستانى تەمىنلىگەن. ئىقبال تەربىيلەش مەركىزىدىكى كىچىك دوست ئالىمجاننىڭ سوۋغىتى ئىقبالدا تەربىيىلىنىۋاتقان قازاق غۇنچىلىرى دومبورا چالماقتا سورالغان سوئاللارغا كىچىك دوستلار بەس -بەستە جاۋاپ بەرمەكتە ئەلۋەتتە، چوڭ دوستلارمۇ جاۋاپ بېرىشكە ئالدىرىدى ۋىلايىتىمىزنىڭ كۆپكە ماھىر ناخشىچىسى ئەركىن كېرەممۇ سوللارغا تالىشىپ جاۋاپ بەرمەكتە مەنمۇ جاۋاپ بېرىپ باقايچۇ رىياسەتچى تاغا! مەن ئېلىپبە ئوقۇيمەن!... [align=justify] بۈگۈنكى پائالىيەت ئىنتايىن قىزغىن داۋاملاشتى، بەلكىم بىز كېلەر يىلى يەنە مۇشۇ دەۋىر مەيدانىنىڭ ئالدىدا جەم بولىمىز! ھەممىڭىزلەرنىڭ << دۇنيا ئانا تىل كۈنى>>نىڭ ئەھمىيەتلىك ئۆتۈشىگە تېلەكداشمىز! بالىلىرىڭىزغا ئېلىپبە ۋە ياكى كىتاب ئېلىپ بېرىشنى ئۇنۇتماڭ، چۈنكى بۈگۈن ئانا تىل كۈنى!!!قۇتلۇقلاشقا ئەرزىيدىغان كۈن...دۇنيا ئانا تىل كۈنىڭىزلەرگە مۇبارەك بولسۇن![align=justify][align=justify] ھۆرمەت بىلەن: باغداش مۇنبىرى ئىشخانىسى |