قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5210|ئىنكاس: 53

كىچىك ۋاقىتلىرىمىزنى ئەسلەپ باقايلى!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ana tilim jan tilim!

7

تېما

5

دوست

4236

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10175
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 933
تۆھپە : 677
توردىكى ۋاقتى: 786
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-21 18:56:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقئارا ئانا تىل كۈنىگە سوۋغا

ئەسسىالامۇ-ئەلەيكۇم،جامەئەت،بۈگۈن ئاللاھ خالىسا 2013-يىلى2-ئاينىڭ21-كۈنى،يەنى،خەلقئارا ئانا تىل كۈنى،نۇرغۇن جايلاردا بۇ كۈننى خاتىرلەش يۈزسىدىن ھەرخىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.جۈملىدىن،بىزنىڭ ئىلى دىيارىمىزدىمۇ كۆپلىگەن پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى،بۇ توغرىسىدا تۆۋەندىكى تېمىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
./read.php?tid=15470
بۈگۈن چۈشلۈك دەم ئېلىشىمدا،ئايالىم ئىككىمىز غۇلجا شەھەرلىك ئەلچۈن كىتابخانىسى،ئەل مىراس كىتابخانىسى،بىلال نازىم كىتابخانىسى قاتارلىق ئۈچ كىتابخانىغا كىرىپ چىقتۇق،ھەقىقەتەنمۇ بۇ كىتابخانىلار بۈگۈنكى كۈننى خاتىرلەش ئۈچۈن، ئوقۇرمەنلەرگە قارىتا ھەقىقىي ياخشى پائالىيەتلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ،كۆڭلىمىز شۇنداق خوش بولۇپ قالدى،ئەلچۈن كىتابخانىسى پەقەت كىتابخانىغا قەدەم قويغانلىكى ئادەم بولسا،ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىغا تىزىپ قويغان ئېلىپبە كىتابلىرىدىن بىرنى سوۋغا قىلىدىكەن،ئەلۋەتتە،كىتاب ئېلىش-ئالماسلىقىدىن قەتئىي نەزەر.شۇنداقتىمۇ كىتابتىن بىرنى ئالغاچ،ئەمدىلا <دادا >دەپ تىلى چىققان ئوغلۇم بابۇر ئۈچۈن ئېلىپبە ۋە چاپلىما ھەرپلەر چۈشەندۈرمىسىدىنمۇ بىرنەچچىنى ئېلىۋالدۇق،ئاندىن ئەل مىراس كىتابخانىسى،بىلال نازىم كىتابخانىسى قاتارلىق كىتابخانىلاردىنمۇ ئېتىۋار باھادا خېلى كۆپ كىتاب سېتىۋالدۇق،دىلىمىز سۆيۈندى،ئانا تىلىمىزغا بولغان مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ ئاشتى،ئۇيغۇر ئوغلى ۋە ئۇيغۇر قىزى بولغانلىقىمىزدىن چەكسىز پەخىرلىنىشتۇق، ياشا ئۇيغۇرۇم!ياشا ئۇيغۇر تىلىم!
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يۇقارقى ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە،ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق،ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك،تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.
ئېلىپبەنى كۆرۈپ.بىزنىڭ ۋاقىتلىرىمىزدىكى ئېلىپبەدىن خېلىلا پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم،شۇنداقتىمۇ تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە مەزمۇن ساقلىنىپ قاپتۇ.بۇلارنى كۆرۈپ،شۇ غۇبارسىز ۋاقىتلىرىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى،مانا كۆرۈڭلار،سىلەرنىڭمۇ يادىڭلارغا شۇ ۋاقىتلار يېتىپ،بۇرنۇڭلارغا ئۆچۈرگۈچ ۋە قېرىنداشنىڭ پۇرىقى پۇراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس:
1.ئۆستەڭگە قويۇلغان يالغۇز ئاياغ كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ئاق ئۆچكە بىلەن قارا ئۆچكە تەڭلا كېلىپ قاپتۇ.
--سەن توختاپ تۇر،ئاۋۋال مەن ئۆتۈۋالاي،--دەپتۇ قارا ئۆچكە.
--ياق،سەن توختاپ تۇرغىن،مەن ئۆتۈۋالاي،--دەپتۇ ئاق ئۆچكە. قارا ئۆچكە:
--ياق،ئاۋۋال مەن ئۆتىمەن!دەپتۇ.ئاق ئۆچكە:
--نېمە ئۈچۈن سەن ئۆتەتتىڭ!؟مەن ئۆتىمەن!--دەپتۇ.
--مەن ساڭا ھەرگىز يول بەرمەيمەن!--دەپتۇ قارا ئۆچكە.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۈسۈشۈشكە باشلاپتۇ.ئۈسۈشە-ئۈسۈشە مۈڭگۈزلىرى كىرىشىپ قاپتۇ. ئاخىر ئىككىسى تەڭلا سۇغا موللاق ئېتىپتۇ.
2. چىك-چىك
چىك،چىك،چىك،
ئويغان بالىجان.
تەييارلىدى چاي،
ساڭا ئانىجان.

چىك،چىك،چىك،
مەكتەپكە يول ئال.
تىرىشىپ ئۆگەن،
ئۇستاز سۆزى بال.

ئاھ،شۇ غۇبارسىز،غەمسىز ۋاقىتلار! مېنىڭ بالىلىقىم! ھەي بالىلار كېلىڭلار تېز،كېلىڭلار تېز،كېلىڭلار تېز،.............مەن كېتەي سىلەر بىلەن ئوينىغىلى..............
ئويغان ئۇيغۇر!مەرىپەتتە ئويغان!قەددىڭىنى رۇسلا!

0

تېما

0

دوست

270

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   90%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14935
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 57
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 10:32:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سادىرمەنو سادىر مەن،
سادىر بولماي نىمە مەن.
تاغ يۇلىنى سورىساڭ ،
ھەممە جاينى بىلۇرمەن .

سادىر دەپ ئىتىم يامان،
ئون بەش ياشتا ئاتالغان.
دەسلەپكى تۇتۇلغاندا،
قۇمۇلخانغا پارلانغان.              دىگەن قۇشاقلارنى يادلاپ تۈگەتكەنتۇق بۇ ئىلىپبەنى .
سېسىغان گۆش قۇرىتلايدۇ!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

7

تېما

0

دوست

2617

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10671
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 498
تۆھپە : 473
توردىكى ۋاقتى: 186
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 11:51:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بايرام بىلەن بىر مۇقەددەس روھىمىز ئويغانسا ئەجەپ ئەمەس.

0

تېما

0

دوست

210

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12451
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 43
تۆھپە : 39
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 12:39:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلىپبەنىڭ بېشى يەنى 1-مەۋسۈمدە ئۇيغۇرتىلى ھەرىپلىرى بىلەن تۇنىشاتتۇق، ھەرىپلەردىن ساۋادىمىزنى چىقىرىپ بولغاندىن كىيىن2-مەۋسۈمدە 1-دەرىس يەنى تىكىست دەرىسى غۇنچەم ئېلىپبەنى تۈگەتتى دىگەن دەرىسقۇ دەيمەن، شۇندا ئۈگىنىتۇق،ئىشقىلىپ ئانا تىلىمىزدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگىنىۋالغان، ئويلاپ باقسام بىر 80-يىلنىڭ باللىرى ھازىرقى بالىلاردىن جىق بەخىتلىككەنمىز

9

تېما

6

دوست

8364

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 1114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 2374
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 18:08:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنى مەكتەپتە ئوقۇتمىغان شۇڭا مەكتەپ توغرىستىن ھىشنىمنى بىلمەيمەن
ئاماليوق دە  

1

تېما

0

دوست

1236

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   23.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10774
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 299
تۆھپە : 180
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 20:02:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاقتىمىزدا تاختائىملا دەرسى، خۇشخەت دەرسى بار ئىدى. ئالدىنقىسى ئىملانى توغرا يېزىشنى ئۆگەتسە، كېيىنكىسى خەتنى چىرايلىق يېزىشنى ئۆگىتەتتى. پۇچۇركا دېگەن بىر ئۇقۇم بارئىدى. ھازىر بارا بارا يوقاپ كېتىۋاتىدۇ، كومپىيوتېردا خەت بېسىشنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ.
سىنىپىمىزدا خېتى چىرايلىق ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ كونسىپىكلىرىنى ئارىيەتكە ئېلىپ خەتنى شۇلاردەك يېزىشقا تىرىشاتتۇق. بىرخىل خەت نۇسخىسى بەك مودا بولغان ئىدى بىز قىزلارنىڭ ئارىسىدا...

0

تېما

0

دوست

300

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14643
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 49
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 20:42:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى كۈنى توردىن « دىدەك ئىزورا » دىگەن كىنۇنى كۆرۈپ چىقتىم ھەمدە بالىلىق ۋاقتىم شۇنداق كۆز ئالدىمغا كەلگەندەك بولدى ،،،،، كىچىك ۋاقىتلىرىمدا تىلىۋىزۇردا بىرەتتى شۇ كىنۇنى ئولتۇرۇپ كۆرۈپ كىتەتتۇق

بىرىنجى سىنىپتا ئوقۇيدىغان ۋاقتىدا ئىلىپبە بىلەن ھىساپ مۇشۇ ئىككى پەننىڭ ھەر ئىككىلىسىدىن 100 نۇمۇر ئىلىپ بىردىنلا سىنىپتىكى چولپانغا ئايلىنىپ قالغانتىم    

كۆك ياڭاق

0

تېما

0

دوست

277

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   92.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11799
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 57
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 15:32:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋاقداشلار ساۋاقداشلار باغقابارايلى ،
بال ھەرىدەك گۈزەل باغقا تەكشى تارايلى.

2

تېما

5

دوست

2837

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  831
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 651
تۆھپە : 437
توردىكى ۋاقتى: 502
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 17:02:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
80-يىللار نېمە دېگەن خوشال، مەنىلىك ئۆتكەن چاغلار، ئادەم ھەر ئەسلىگەندە شىرىن ئەسلىمىلەرگە چۆمۈلىدۇ.

0

تېما

2

دوست

2341

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2710
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 530
تۆھپە : 360
توردىكى ۋاقتى: 222
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 17:39:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بالىلىق چاغلار چاغلار نىمىدىگەن كۆڭۈللۈك ھە ....؟ باشلانغۇچ مەكتەپنى يېزىدا بوۋام -مومامنىڭ قېشىدا ئوقۇغان شۇ چاغلارنى ھېلىمۇ ئەسلەيمەن ، مەكتىپىمىزنىڭ قېشىدا بىر كارىز بار ئىدى ، ياز كۈنلىرى چۈشلۈك دەم ئېلىشتا ھەممە ساۋاقداشلار شۇ كارىز بويىغا چىقىپ ئۆيدىن ئېلىپ كەلگەن نانلىرىمىزنى مۇزدەك كارىز سۈيى بىلەن يەپ بېلىق تۇتۇپ ئوينايتتۇق ..... ئىشقىلىپ بالىلىقتا بىللە ئوينىغان ئاشۇ دوستلىرىمنى بەك سېغىندىم ........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )