قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 12934|ئىنكاس: 83

ئۇيغۇرزادە: نيويوركتىكى قەشقەر توپىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

0

دوست

4724

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3203
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 1103
تۆھپە : 674
توردىكى ۋاقتى: 609
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 11:53:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئېلاۋە:
ئەسسالام ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، ئانا تىل بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
    ئۇنىۋېرستىتىمىزدا ئانا تىلنى خاترىلەش پائالىيىتى تۈنۈگۈن(بۇ يەردە تۈنۈگۈن 21-فېۋرال) ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە ئوخشمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئانا تىلىدا يېزىلغان كىتاب ۋە ۋاراقچىلارنى كۆرگەزمە قىلدى. مەن بۇ پائالىيەتتە ۋەتەندىن يېقىندا ئەكەلدۈرگەن كىتابلاردىن "كەچمىش"(خالىدە ئسىرائىل)، "سالچىلار"(مەمتىمىن ھوشۇر) قاتارلىق ئىككى روماننى كۆرگەزمە قىلدىم؛ ئىمىزا خاتىرىسگە ئىككى تىلدا خاتىرە سۆزى يازدىم. پائالىيەت ناھايىتى ياخشى بولدى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ-ئانامنىڭ تىلىنىڭ يات بىر زېمىندا، باشقىلارنىڭ تىللىرى قاتارىدا بويۇن قىسىپ قالمىغىنىدىن سۆيۈندۈم.
    ۋاقتىم بىر ئاز ئالدىراش بولغىنى ئۈچۈن پائالىيەت جەريانىنى يېزىشقا ۋاقتىم يار بەرمىدى.يىلدا بىر كېلىدىغان ئانا تىل بايرىمىنى مۇنداقلا ئۆتكۈزۈۋېشتىكە تېخى كۆڭلۈم ئۇنىمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەتەندىن كېلىۋاتقان ئانا تىلغا ئائىت ياخشى خەۋەرلەر، ياخشى ئۇچۇرلار بىر تەرەپتىن  خۇرسەن قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن ۋىجدانىمنى ئازابلىدى. شۇ ۋەجىدىن يېقىندا يازغان "نيويوركتىكى قەشقەر توپىسى" ناملىق ھېسبايانىمنى  تەقدىرداشلىرىم بىلەن ئانا تىلدا ئورتاقلىىشش مەقسىتدە يوللىدىم. يازمىدا تەسۋىرلەنگىنى راست بولغان ۋەقە. ئۈچ خالتا قەشقەر توپىسىى نيويوركتا ساقلانماقتا؛ يازمىدا تەسىۋلەنگەن، قەشقەر توپىسىنى ساقلاۋاتقان   ئۇيغۇر بوۋاي ھېلىھەم ھايات. ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى بىزنى ۋەتەن ۋە تۇپراقنىڭ قىممىتى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنشىقا ئۈندەيدۇ.
     ئەرزىمەس يازمىغا دىققىتىڭلارنى بەرگىنىڭلارغا رەھمەت!
(ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى، خەت شەكلى غەلىتە چىقىۋالدى، ئوڭشاپ قويالارسىلەرمۇ، رەھمەت)




نيۇ يوركتىكى قەشقەر توپىسى
 (1)


ۋەتەن دېسەم ئاغزىم قانار...ۋەتەن، بۇ سۆز ئەمەس.
يۇقىرىقى مىسرانى تىزغان شائىر ھېجرەتتە مۇساپىرچلىقنىڭ ئازابى جانغا پاتقاندا،  ۋەتەن سېغىنىشى باغرىنى ئۆرتىگەندە شۇنداق نىدا قىلغان بولغيىمدى؟
        بوغۇزۇمدا ئاچچىق بىر نېمە. قارىسام، مېنى بۇ پاراڭچى ئۇيغۇر بوۋاينىڭ يېنىغا باشلاپ كەلگەن تەتقىقاتچى مۇھەممەدجان ئاكىنىڭ كۆزىدىمۇ ياش لىىغىرلاپ قاپتۇ. ئۇيغۇر بوۋاي نەجمىدىن ئاكىغا سوئال قويۇپ ئولتۇرمىدىم. گەپ ئارىلاش بىھاجەت. كۆزلەر، ئاۋازلار، ھەتتا ئارىدىكى ۋاقىتلىق سۈكۈتمۇ سۆزلەيدۇ؛ بوۋايدىن كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىىنقى كشىگە تىل بىلەن تەسىرلەپ بەرگىلى بولمايدىغان تۇيغۇرلارنى بەخىش ئېتىدۇ. مېنىڭ پەقەت مۇناسىۋىتى يوق شەيئىلەر ئارىسىدىكى باغلىنىش ھەققىدە ساددىلارچە ئويلاپ باقىدىغان بۇ كاللامدا يەنە تۇرۇپلا تىترەك ۋە ۋەتەننىڭ مۇناىسىۋىتى ھەققىدە غەلىتە سوئال پەيدا بولدى:
       -نېمشىقا تىترەكنىڭ ئاڭلغىلى بولمايدۇ؟مەيلى ئۇ قورقۇنچتىن ياكى ھاياجاندىن پەيدا بولغان تىترەك بولسۇن.
 -نېمشمقا ۋەتەن پارىڭى مۇساپىر ئۇيغۇرنىڭ ۋۇجۇدىنى بۇ دەرىجىدە تىترىتىدۇ ؟يۇرتتا ئاڭلىغان  كىشى ھەيرانلىق ھېس قىلماس بولۇپ قالىدىغان ۋەتەن پارىڭى.
       80 ياشلىق ئۇيغۇر بوۋاي ئۇستا ھېكايىچى ئىدى؛ ئۆزى ساقلاۋاتقان ئۈچ خالتا قەشقەر توپىسىنىڭ ھېكايىسىنى بىخارامان، تەسىرلىىك قىلىپ سۆزلەيتتى. بۇ پاراڭلار  بىر قارىسا ئادەمگە مىبڭىر كېچە قىسسەلىرىدىكى تۈگىمەس ھېكايىلەرنىڭ بىر قىسمىدەكلا، رىۋايەتتەكلا ئاڭلىناتتى. يەنە بىر قارىسا سەمەت دۇگايلىنىڭ1930-1940-يىللاردىكى قەشقەر تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تارىخى رومانى "ھايات شاماللىرى" نىڭ 1-قسىمىدىكى مۇساپىر يىگىتنى—"قەشقەر، ئىشقىمدا قالدىڭ" دەپ ئاھ ئۇرۇپ ئىچ-ئىچىدىن بۇلدۇقلاپ سۆزلەيدىغان  تەسىرلىك بايانچى "مەن" نى  ئەسلىتەتتى.
        قەشقەر ھەققىدە پاراڭ بولۇۋاتقان شۇ دەقىقىدە باشتىن ئاخىرى بوۋايدىن كۆزۈمنى ئۈزمىدىم. چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئالتە يىلدىن بۇيان ۋەتەن ھەققىدىكى ئەڭ تەسىرلىك ھېكايىگە ۋە بۇ ھېكايىنىڭ ئۇستا بايانچىسى بولمىش ئۇيغۇر بوۋاينىڭ ئامېركىدىكى 50 يىللىق ھەيران قالارلىق كەچۈرمشىلىرىگە شاھىت بولۇۋاتقىىنىم ئۈچۈنمۇ، ئەيتاۋۇر ۋۇجۇدۇم بىر نەچە قېتىم تىترەپ ئۆتتى. نيۇيوركتا-- قەشقەردىن 20مىڭ كلومېتىر نېرىدىكى ئالدىراش، جىددىي بىر شەھەردە ئەزىزانە قەشقەرنىڭ، توغرىراقى مېھىرى ئىسسسىق قەشقەر توپىسىنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاش، يەنە كېلىپ بۇ دەرىجىدە تەسرلىك ھېكايە بايان قىلىدىغان ئۇيغۇر بوۋايدىن ئاڭلاش  ھەم بىر نېمەت ھەم بىر پۇرسەت بولسا كېرەك. سۆيۈملۈك ئۇيغۇر بوۋاي.

قەشقەر توپىسى،
مۆلجەرتاغ توپىسى.
قاغلىق بىلەن گۇما ئارلىقىدىكى ھمىت سېيىنىڭ توپىسى،
قۇمۇلدىكى ئارا يەر توپىسى.
 تۇرپاندا  يار يېزىسىنىڭ توپىسى.
غۇلجىدا ئازات يۈزى توپىسى.
كورلىدا بوستان مەھەلسى،
كۇچادا كونا شەھەرنىڭ توزۇپ تۇرىدىغان توپىسى.
ئاتۇشتا سۇتۇق بۇغراخان قەبرىسى ئالدىدىكى چىلانرەڭ تۇپراق.
 
         ھەممىسى30 نەچچە يىللدىن بېرى ئايىغىم تەگكەن تۇپراقلار. ئەمما، ئەمما مەن ھېچقاچان تۇپراقنىڭ قىممىتى ، مەنىسى ھەققىدە ھازىرقىدەك ئويلانغان ئەمەس. بۇنىڭىدىن 25 يىل بۇرۇن ئۇچتۇرپاندىكى ھويلىمىزنىڭ تۇپرىقىغا جىجاپ تۇرۇپ تەئلىق نۇسىخسىنى خۇشخەتچىلەپ يېزشىنى مەشىق قىلغان چاغلىرىمدا ئېھىتىمال مەن نۇرغۇن  يىللار ئۆتۈپ ئۆزۈمنىڭ يات تۇپراقتا ئۈچ خالتا تۇپراقنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ ۋۇجۇدۇم ئېزىلىپ قېلىشىنى ئويلىمىغان بولغيىدىم؟ 2009-يىلى ياز ئايلرىىدا دادامنىڭ قەبرىسىدىن توپا ئېلىپ ماڭغان چېغىمدىمۇ تۇپراق ھەققىدە ئېھتىمال بۇنچە قاتتىق  ئويلانمىغان  بولغيىدىم.  بوۋاينىڭ ھېكايىسى ماڭا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ تولا ئاڭلاپ قۇلىقىمغا ئورناپ كەتكەن، ئابدۇقەييوم ئىمىن تەرىپىدىن"قارا ھېجران" ناملىق پىلاستىنكىغا ئوقۇلغان ۋەتەن ھەققىدىكى مىسرالىرىنى ئەسلەتتى:
غېرىپ دەردىنى غۇربەتتە ئادادىن سورا،
ۋىسال قەدىرىنى ئاشىق گادادىن سورا.
ۋەتەنسىز ھاياتتا نە مەنە، نە تەم،
بۇنى ئۆز ئېلىدىن جۇدادىن سورا.
   نويوركنىڭ ئۇزۇن ئارال دەپ ئاتىلىدىغان رايونىدىكى  قەھۋاخانىدا كۆرۈشتۇق. پاراڭغا ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئۈچ ئسىتاكان قەۋە پۇلىنى تۆلەشتە ئۈچ ئۇيغۇر تالشىپ قالدى. بوۋاي بىلەن تەتقىاتچى ئاكىمىز پۇل تۆلەشكە ئالدىراپ "بىز تۆلەيمىز" دەيتتى. مەن "مەن تۆلەيمەن" دەيتتىم. پۇل ئالغۇچى ئاقپشىماق قىزنىڭ  ھەيرانلىقى كۈلۈمسىرەش بىلەن يېقىملىق تۈس ئالغان چىرايىغا تېپىپ چىقتى.
----زادى قايسىڭلارنىڭ پۇلىنى ئالىمەن؟ ماڭا بىرىڭلارنىڭ پۇلى كېرەك،- دېدى ئاخىرى قىز كۈلۈپ تۇرۇپ.
       شۇنداق قىلىپ مەن تۆلىگەن بولدىم. ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ چىقىمنى ئۆزى كۆتۈرىدىغان ئامېرىكىدا مېھمانلارنىڭ پۇل تۆلەشنى تالىشىشى ئۇلارغا نىسبەتەن ھەيران قالغۇدەك ئىش ئىدى؛ ئەمما ئۇيغۇر ئەنئەنسىسدە بىز مانا مۇشۇنداق تەربيىگە كۆنگەنىدۇق. ئەسلى ئاشۇ تالشىشلار توغرا ئىكەن. ئاشۇ تۈزۈتلۈك ئالاقىدە مېھمانغا، قارشى تەرەپكە بولغان ھۆرمەت يوشۇرۇنغانىكەن.
پاراڭنىڭ ئەسلى تېمىسى قەشقەر ھەم قەشقەر توپىسى ھەققىدە ئەمەس ئىدى. مەن بوۋاينى نيۇيوركقا كەلگەن پۇرسىتىمدىن پايدىلىنىپ جەدىتزم تېمسىدا زىيارەت قىلماقچى ئىدىم. تەتقىقاتچى ئۇيغۇر ئاكىنىڭ  ماشنىسىدا نيويوركنىڭ ئۇزۇن ئارال دەپ ئاتىلىدىغان يېرىگە بىر سائەتتەك ماشىندا يول مېڭىپ كەلدۇق.بۇ 2012-يىللىق ئامېرىكا سايلام كۈنىنىڭ ئالىدنقى كۈنى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىدى. ئەتە بۇنداق ۋاقىتتا  ئوباما بىلەن رومنيىنىڭ كىمنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك  پرېزىنتلىققا سايلىنىدىغانلىقى ئېنىق بولۇپ بولاتتى. ئەسلى نويوركتىكى "قەشقەر قەھۋەخانىسى" دا كۆرۈشمەكچىمۇ بولغانىدۇق.ئەمما، "قەشقەر قەھۋەخانىسى" جايلاشقان بروكلىن روايونى بۇ قېتىم ئېغىر شىۋرىغان ئاپتىگە ئۇچراپ قاتنىشى توسۇلۇپ قالغاچقا، بۇ ئارزۇيۇمىمىزغا يېتەلمەي قالدۇق.
   پاراڭ ئارلىقىدا گەپتىن  گەپ چىقىپ يېنمىدىكى ئاكىمىز بوۋايغا تەرەبباللا سوئال قويۇپ قالدى:
-سىز ساقلاۋاتقان ئۈچ خالتا قەشقەر توپىسى ھازىرمۇ بارمۇ ؟
-نېمشىقا بولمىغۇدەك، ساندۇقنىڭ چوڭقۇر يېرىگە ساقلاپ ساقلاۋاتىمەن،-دەپ خۇشئاۋاز بىلەن سۆزىنى داۋام قىلدى بوۋاي بېشىدىكى بادام دوپپىنى سەل ئۈستىگە سۈرۈپ  قويۇپ،_ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىمدا ئۇدۇللۇق "مەن تۈگەپ كەتكەندە قەبرەمگە قەشقەرنىڭ توپىسىنى چېچىڭلار “ دەپ تاپىلاۋاتىمەن. ئۆزۈمغۇ ھازىرچە سالامەت، ئەمما، جان دېگەن ئىنساننىڭ ئىلكىدە ئەمەس. ساندۇقۇمدىكى قەشقەر توپىسى ماڭا كۈچ، مەدەت بېرىدۇ. ئۆلۈپ كەتسەم، قەبرەمگە ئانا يۇرتۇمنىڭ توپىسى چېچىلسا خاتىرجەم كۆز يۇماتتىم. بۇ تىلەكلىرىمنى ۋەسىيەت قىلىپ پۈتۈپ قۇشنانچىمغا، ئىككى بالامغا قايتا-قايتا تاپىلاپ كېلۋاتىمەن.
 بوۋايغا تېلېفون كېلىپ گېپى ئۈزۈلۈپ قالدى.
-- ئاكىمىز ئۆزى ياشىنىپ قالغىنى بىلەن تېتىك، ياشلارغا خاس جۇشقۇنلۇقى بار، --يېنىمدىكى مۇھەممەدجان ئاكا تېلېفوندا سۆزلشۋاتقان بوۋاينىڭ قولىدىكى ئالما ماركلىق تېلېفوننى ئىما قىلىپ قوشۇپ قويدى، --تېخى بۇ ئاكىمىز ئالما شېركىتى مەھسىۇلاتلىرىنىڭ ھەۋەسكارى دەڭا.
 بوۋاي تولىمۇ خىرامان كىشى ئىدى؛ مەيلى ئادەتتىكى پاراڭ ئارلىقىدا بولسۇن ياكى تېلېفوندا سۆزلەشكەن بولسۇن،  ئالدىرىماي، دانە-دانە، ھېسسياتلىق سۆزلەيتتى. 50 يىلدىن بېرى ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان، ۋەتەندىن 17 يېشىدا چىقىپ كەتكەن بوۋاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى بۇنداق ئۇز ئاھاڭدا، ھېسسياتلىق سۆزلىشى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.  بوۋاي بىزگە مەزكۇر سودا شەھەرچىسىنىڭ ئالما مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئورنىدا كۈتۈپ تۇرۇشمىزنى ئېيتقانىدى. بايا ئۇقسام، ئۇيغۇر  بوۋاي نەجمىدىن ئاكا ئالماس شېركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى  سېتىۋ جابسىنىڭ ھەۋەسكارى ئىكەن.
---- تاغىمىزدا يېڭى گەپ جىكەن، --دېدىم بوۋاي تېلېفوندا سۆزلىشۋاتقان دەقىقىدە يېنىمدىكى تەتقىقاتچى ئاكىمىزغا.
--گەپ بولسا تارتىنماي سوراڭ. ئۆزى پاراڭخۇمار ئادەم بۇ، ۋەتەندىن ئۇيغۇر كەپتۇ دېسە يىراقنى يىراق دېمەي بېرىپ كۆرۈشىدۇ. نيويوركقا ئاران بىر كەلگىنڭىزدە جىقراق ماتېرىيال ئىگىلۋېلىڭ، --دېدى ئۇ.
  بوۋاي تېلېفوندىكى گېپىنى تۈگىتىپ ئۆزرە سورىدى ۋە تېلېفونىنى ماڭا تەڭلەپ دېدى:
--ئۇكام، ۋەتەندىكى ياخشى تورلار بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز. ئاڭلسام ھازىر ۋەتەندىكى تورلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ. تېلېفونومدا ئۇيغۇرچە تورلاردىن ئۇچۇر كۆرسەمكەن دېگەن ئۈمىدىم بار.
  مەن بوۋاينىڭ قولىدىن تېلېفوننى ئېلىپ، ئۇيغۇرچە ئىزەش تورلىرىىنى گۇگۇلدىن ئىزدىدىم ۋە بوۋاينىڭ تېلېفونىغا بىر قانچە ئۇيغۇر مۇنبەرنىڭ ئۇلىنىش ئارېسىنى ساقلاپ بەردىم ، ئاندىن ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە قانداق كىرىش كېرەكلىكىنى دەپ بەردىم. تېلېفونىدا ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردىكى كونا يېزىقى چىققاندا بوۋاينىڭ چىرايىدا ئىختيارىسىز مەمۇنلۇق كۈلكىسى پارلاپ چىقتى.
-رەھمەت، ئۇكام، رەھمەت، دېدى بوۋاي---سىزنى كۆرۈپ كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالدى، ۋەتەننىڭ ھىدىنى ئېلىپ كەلدىڭىز. بولسا بىر نەچچە كۈن تۇرۇڭ، بىزنىڭكىگە تۇرۇڭ، ئۆيۈم كەڭرى. بىر نەچچە كۈن قانغۇدەك پاراڭلىشايلى.
بوۋايغا ئەدەب بىلەن ئۆزرە قويدۇم. ئۆگۈنلۈككە نيۇيوركتىن ئايرىلىپ بوستونغا بارمىسام بولمايتتى. ۋاقت جەدۋىلىمنىڭ زىچلىقىنى بىلگەن بوۋاي "ھەتتىڭەي" دەپ خۇرسىنىپ قالدى. بوۋاينىڭ گېپى شاخلاپ، ئۆزىنىڭ ئالما مەھسۇلاتلىرىغا قانداق بولۇپ ئامراق بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدىكى تېمىغا كۆچكلى تۇرغاندا يېنىمىزدىكى ئاكىمىز گەپ ئارىلىدى:
--ئاكا، بۇنداق پاراڭلاشقىلى تۇرساق كىېچىچە گېپىمىز تۈگىمەيدۇ،-دېدى يېنىمىزدىكى تەتققاتچى ئاكىمىز بوۋايغا قاراپ،--گەپنى قىسارتساق، بىز يەنە يېرىم سائەت ماشىنا ھەيدەپ ئۆيگە قايمىساق بولمايدۇ. بولسا ئاۋۇ ئۈچ خالتا قەشقەر توپىسىنىڭ گېپىنى تۈگىتۋەتسىڭىز، ئاندىن يەنە  ئاۋۇ بېشىڭىزدىكى بادام دوپپىنىڭ ھېكايسىنىمۇ ئاڭلىساق.
--بولىدۇ، -دېدى ئۇيغۇر بوۋاي،--گەپ ئارىلاپ كېتىپ قالدى، ئەپۇ قىلىڭلار. ساندۇقۇمدىكى قەشقەر توپىسىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەشتىن ئاۋۋال مەرھۇم دادام توغرلۇق ئازراق سۆزلىشمگە توغرا كېلىدۇ. دادام ئەينى ۋاقىتتا 1930-يىللارد قەشقەردىكى مەرىپەتچلىك ھەرىكىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن  مائارىپچى ئادەم ئىدى، مەرھۇم مەھمۇد سىجاڭ بىلەن يېقىن ئۆتەتتى. ئېسمنى بىلسەم، دادامنىڭ مەھمۇد سىجاڭنىڭ گېپىنى تولا قىلىدىغان. دادامنىڭ دەپ بېرىشىچە، بەش ياش ۋاقتىمدا دادام مېنى يېتىلەپ مەھمۇد سىجاڭنىڭ يېنىغا كىرگەندە، مەھمۇد سىجاڭ مېنى ئەركلىتىپ  يۈزۈمنى بوشقىنا مۇتۇۋاپتىكەن؛ دادامغا "بۇ بالىڭىزنى چوڭ بولغاندا ماڭا ئەسكەرلىككە بېرىڭ، ۋەتنىنى قوغدايدىغان پىداكار بولسۇن" دېگەنىكەن. كېيىن مەھمۇد سىجاڭ ۋەزىيەتنىڭ قسىتىشى بىلەن ئاۋال ھىندستانغا، ئاندىن ياپونىيەگە چىقىپ كېتىپتۇ. دادامنىڭ مەھمۇد سىجاڭ ھەققىدىكى گەپلىرى تۈگىمەيتتى. ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئىلىم-مەرىپەتكە، مائارىپقا ئاتىغان ئادەم ئىدى. دادام دەرس ئۆتكەندە مەن سىنىپ كەينىدە ئولتۇرۇپ پەخرلىنىش ئچىىدە سۆزلىگەنلىرىگە  قۇلاق سالاتتىم. كېيىن دادام شېىڭ شسىەينىڭ ئادەملىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى، ئۇ ۋاقىتتا قانخور شېىڭ شىسيەينىڭ نەزەرىدە ۋەتىنىم، مىللىتىم دەپ  مەيدانغا چىققان ھەر قانداق ئادەم خەتەرلىك ئوبيكىت ھېسابلىناتتى. دادام تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن يىللاردا مەن ئانامنىڭ ۋە مومامنىڭ تەربيىسدە چوڭ بولدۇم. بېشىمدىكى بادام دوپپىنىڭ ھېكايىسى مومام بىلەن مۇناىسۋەتلىك.
---ئاشۇ دوپپىپىنىڭ ھېكايىسىنى ئاۋۋال سۆزلىۋېتىڭ بولمىسا، -دېدى يېنىمدىكى تەتقىقاتچى ئاكىمىز.
---بۇ بادام دوپپىنى مەن ۋەتەندىن ئەكەلدۈرگەن. مومام تىكىپ بەرگەن بادام دوپپا بۇ ئەمەس. ئەمما، بادام دوپپا بولغىنى ئۈچۈن ماڭا مومامنى ئەسلىتىدۇ. ئشىنىڭ ئەسلى جەريانى مۇنداق. كىچىك چېغىمدا مومام ماڭا دوپپا تىكمەكچى بولۇپ دوپپىنىڭ ئارىسىغا ئالىدىغان قاتتىق قەغەز ئىزدەپتۇ ۋە ساۋاتسىز بولغاچقا، مېنىڭ بەشىنچى سىنپنى تۈگەتكەندە ئالغان شاھادەتنامەمنى دوپپىنىڭ قېتىغا تىكىۋېتىپتۇ. بىر كۈنى سىرتتىن كىرسەم، مومام"سىلىگە دوپپا تىكتىم، كيىۋالسىلا" دەپ بېشمغا دوپپىنى كيىدۈرۈپ قويدى. مەن مومام تىككەن دوپپىنى ياقتۇرۇپ كەيدىم، ئەمما ئۇنىڭ قېتىغا تىكلىگىنى مېنىڭ شاھادەنامەم ئىكەنلىكىنى خېلى ئۇزۇنغىچە بىلمىدىم. كېيىن شۇ شاھادەتنامە لازىم بولۇپ سۈرۈشتۈرسەم، ئەسلى ئۇ مەن كيىپ يۈرگەن دوپپىنىڭ قېتىدا ئىكەن. شاھادەتنمامەنىڭ دوپپامنىڭ قېتىدا ئىكەنلىكىمنى بىلگەن چېغىمدا مومامنىڭ تۈگەپ كەتكىنگە خېلى ئۇزاق بولغانىىدى.
     "بوپتۇ، ھېچقىسى يوق بالام. بۇ دوپپىنى مومىلىرىنى كۆرگەن كۆزدە قەدىرلەپ ساقلىسلا، يوقىتىپ قويمىسلا" دەپ تاپىلىدى ئانام. شۇنداق قىلىپ مەن ئۇ بادەم دوپپىنى بېشىمدىن چۈشۈرمەي كيىدىم. كېيىن دادام تۈرمىدىن چىققاندا شۇ بادام  دوپپىنى كيىپ ئانام بىلەن تۈرمىنىڭ ئالدىغا باردۇق. دادام ئانىسىنىڭ يۈزىنى كۆرۈلمىگەنىدى، مومام ئۆز قولى بىلەن تىككەن دوپپامنى بۇراپ ئۇزۇنغىچە يىغلىدى. كېيىن بىر مەزگىل خاتىرجەم ياشىىغان بولدۇق. 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدا لاداخ يولى ئارقىلىق كارۋان توپىغا ئەگىشىپ تۈركىيەگە ھېجرەت قىلىپ چىقتۇق. مەن ۋەتەندىن چىققان چېغىمدا  18 ياشتتا ئىدىم.
       دادام ئەسلى يۇرتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا قەشقەرنىڭ توپسىىدىن ئېلۋالغانىكەن. دادام 1956-يىلى تۈركيىدە ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئۆلۈپ كېتىشىن بۇرۇن  بىزگە ھەمىشە : "مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن  قەبرەمگە يۇرتتىن ئېلىپ چىققان توپىنى چېچىڭلار" دەپ تاپىلايتتى. تۈركيىدە دادامنىڭ ۋەسيىتى بويىچە قەشقەر توپىسىنى دادامنىڭ قەبرىسىگە چاچتۇق. ئۇ چاغلاردا مەن دادامنىڭ نمېشىقا قەشقەر توپىسىنى ئېلىپ ماڭغانلىقىنى، بىزگە نېمشىقا ئۇنداق نەسىھەت قىلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمەيتم. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئانام تۈگەپ كېتىپ يالغۇز قالغان چېغىمدا، مۇساپىر بولغان چاغلىرىمدا ئاندىن چۈشەندىم.
---ئامېرىكىغا تۈركيەدىن كەلگەنمىدىڭىز؟-دەپ سورىدىم مەن، --قاچان كەلگەنىدىڭىز؟
---ئامېرىكىغا 1964-يىل كەلدىم. بۇ يىل بۇ دۆلەتتە تۇرۇۋاتقىنمىغا ئاز كەم 50 يىل بولدى. تۈركيىدە ئۆي-ئوچاقلىق بولغانىدىم. كېيىن ئامېېركىدا يەنە بىر بالام تۇغۇلدى. نۇرغۇن يىللار ئۆتتى، ئەمما قەشقەرنىڭ  بالىلىق چاغلىرىمدا يۈرىكىمگە ئورناپ كەتكەن سىماسى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىىردا قەشقەردىكى تۇقققانلار بىلەن خەت ئالاقىمىز ئەسلىگە كەلدى. ياش چاغلىرىمدا تازا بىلمەپتىكەنمەن، يېشىم چوڭايغانچە ۋەتەن سېغىنشى كۈچيىپ كەتتى.ئچىمدە بىر ئوت. خەت-ئالاقە ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ۋەتەندىن خەت تاپشۇرۇۋالدىم. قەشقەردىكى تۇققانلار پوچتا ئارقىلىق قەشقەرنىڭ گۈلە-قاق، چىلانىنى ئەۋەتىپتۇ. مەن ئۇلارغا خەت يېزىپ بۇ نەرسىلەرنى بۇ يەردىنمۇ تاپالايدىغانلىقىمنى، ماڭا يەل-يېمىش ئەۋەتمەي قەشقەر توپسىدىن ئەۋەتىپ بېرىشىنى تاپىلىدىم. يۇرتتكىلەر "توپىنى نېمە قىلدىغاندۇ؟"دەپ ھەيران بولۇشۇپتۇ. كېيىن ھاممام پەرەز قىلىپ: "بۇ ئەمدى ۋەتەنگە كەلمەيدىكەن، بىزنى ئۇنتۇپ كېتىپتۇ" دەپ يىغلاپتۇ. ئۈچ خالتا قەشقەر توپىسى نييوركقا ئالتە ئايدا كەلدى. دەسلەپتە تاموژنىدىن ئۆتمەي قايتىپ كېتىپتۇ. كېيىن تۇققانلار توپىنى  قايتا-قايتا ئەۋەتىشتى. شۇنداق قىلىپ ئۈچ خالتا توپا ئاخىرى قولۇمغا تەگدى. شۇنىڭدىن بېرى ئۈچ خالتا توپىنى قەدىرلەپ ساقلاپ كەلدىم.
بوۋاي گېپىنى تۈگىتىپ ماڭا: "ئۆيگە بارغان بولسىڭىز توپىنى كۆرستىپ قوياتتىم" دېدى ۋە قوشۇپ قويدى:
--ھە راست بايا قورساقنى سورىماپتىمەن. قورساق ئاش بولسا تاماققا باشلاي،ئاش ئىچىلى.
-رەھمەت، -دېدى يېنىمدىكى تەتقىقاتچى ئاكىمىز جاۋابەن،---تاماق يەپ كەلدۇق.
      بوۋاينىڭ "ئاش ئىچىلى" دېگەن سۆزى ماڭا يېڭىلىق ھەم يېقىملىق بىلىندى، ۋەتەننىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە بىزنىڭ خېلى ساندىكى قېرىنداشلىرىمىز قېرىنداشلىرىمىز تاماقنى "ئاش" دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەيتتى.  بوۋاينىڭ شۇنچە يىللاردىن بېرى يەرلىك گەپلەرنى ئۇنتۇپ  قالمىغانلىقى كىشىنى خۇرسەن  قىلاتتى.
-ھازىرمۇ تۈركىيەدىكى، قەشقەردىكى تۇققانلار بىلەن ئالاقە قىلىشىپ تۇرامسىلەر؟-سورىدۇم بوۋايدىن.
-ئەلۋەتتە. ئالاقە قىلماي بولامدۇ. يۈرىكىمنىڭ بىر ئۇچى ۋەتەنگە باغلانغان. بۇ بىر ئوت. ۋەتەننىڭ پارىڭىنى قىلىش، ئامېرىكىغا كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن ئىزدەپ-سوراپ بېرىپ بېرىپ پاراڭلىشىش مېنى خۇشال قىلىدۇ. ۋەتەن سېغىنشىغا ھېچنىمە تەڭ كەلمەيدىكەن.
 ۋاقىت قىستاپ قېلىپ بوۋايغا خوش دېشيىكە مەجبۇر بولدۇق. بوۋاي 80ياشقا كىرگەنلىكى بولسىمۇ گۈس-گۈس دەسسەپ ماڭاتتى، چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇراتتى. ئەسلى بىلسەم، بوۋاي ھازىرمۇ چېنىقشنى تاشلىماپتۇ، ئاش-تاماققا دىىققەت قىلىدىكەن. مەن بوۋاينىڭ  ئادەمخۇمارلىقى، گەپخۇمارلىقى بۈگۈنكىدەك ساغلام تۇرۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن يەنە بىر ئامىل بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم.
    قۇچاقلىشىپ خوشلاشتۇق.
-ئامان بولۇڭ تاغا، پۇرسەت بولسا يەنە كۆرۈشەرمىز- دېدىم بىر كۆرۈشۈپ تۇغقاندەك بولۇپ قالغان بوۋايغا.
--نيويوركقا بۇدا ئۇزۇنراق تۇرغۇدەك بولۇپ كېلىڭ. كەلسىڭىز چوقۇم مېنىكڭكىگە چۈشۈڭ،- دېدى بوۋاي.
     بۇ نيويورك 2012-يىلدىكى شىۋىرغان ئاپىتىگە ئۇچرىغان چاغ بولۇپ، تالا بەكلا سوغۇق ئىدى. بوۋاي بىلەن قيالماسلىق ئىچىدە خوشلىشىپ سوغۇق ھۇۋلاپ تۇرغان ماشىنىغا چىقتۇق.  قىش بولمايدىغان ھاۋايدا ئسسىق ھاۋاغا كۆنۈپ قالغىنىم ئۈچۈن،  نيويورك ماڭا شۇنداق سوغۇق بىلىندى. تالادا مىچىلداپ قار يېغشقا باشلىدى. ماشىنا قوزغلىپ تەتقىاتچى ئاكىمىز بىلەن ھەر ئىككىمىز خېلىغىچە پاراڭلاشماي خىيال بىلەن ماڭدۇق.
--تەسكەن،-دېدى ئارىدا ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقان تەتقىقاتچى ئاكىمىز،- كىچىك چېغىدا چىققانلار ئاسان سىڭشىپ كېتىدىكەن،   ئەمما، چەت ئەلگە يېشى چوڭيىىپ قالغاندا چىققانلار ۋەتەننى ئۇنتۇيالمايدىكەن.
       جاۋاپ قايتۇرمىدىم.  خىيالىمدا بايىقى بوۋاينىڭ سىماسى ۋەتەن ھەققىدە نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۆزۈم ئوقۇغان ئۇنتۇلماس قۇرلارنى خىيال ئېكرانىمدىن ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. تۇرسۇن قۇرباننىڭ "تاغ كەينىدە چوققا بار" ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتىدا ئۇزۇن يىل ئۆزبېسكتاندا ياشاپ ۋەتىنىىنى ئۇنتۇيالمىغان بىر مۇساپىر تەسۋىرلىنەتتى. خيىاللىىم قاناتلاندى. ئۇ ئەسەردىكى ئاپتوبوس غۇلجىدا توخىتشى بىلەن تەڭلا يەرگە چۈشۈپ تۇپراقنى سۆيۈپ يىغلاپ كەتكەن ئۇيغۇر بوۋاي، يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كىرىمىىنىڭ "جۇدالىق" ناملىق رومانىدىكى بىر ئۆمۈر ۋەتىنىنى ئۇنتۇيالماي يۈرىكى داغلىنىپ ئۆتكەن چوكان مېھرىىنسا، مەمىمتىن ھوشۇرنىڭ "باھاردا ياغقان قار" ناملىق پوۋېسىتدىكى ۋەتىنىنى تولا خىيال قىلىپ خىيالپەرەسلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈدىغان، ۋەتەن بارلىق ئەسلمىسگە ئايلىنپ كەتكەن تېلۋالدى... يەنە تالاي ئوبرازلار خيال ئېكرانىمدىن ئۆتتى.... چاتما تەسەۋۋۇر قلشىقا  ھېرسمەن بولغىنىم ئۈچۈنمۇ، بىرەر ئۇنتۇلماس ياكى جانلىق دېتال ماڭا شۇنىڭغا مۇنانسىۋەتلىك بىر مۇنچە يانداش ئۇچۇرلارنى ئەسلىتەتتى. ھازىرمۇ شۇنداق بولدى.1930—يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرشىكەن  روس شائىرى يېسىنىن "يايلاقتا" ناملىق شېئىرىدا  ۋەتەن ھەققىدە شۇنداق گۈزەل مىسرالارنى تىزغان ئىكەن:

    ۋەتەننىڭ ھەسرەتلىك گۈزەللىكىنى،
    سەرسانلىق ئىلكىدە يەتتىم مەن تونۇپ.
  چۈشەندىم ھەسرەتلىك گۈزەللىك ئۆزى،
    بېرەركەن تەڭداشسىز بەختنى تۇغۇپ.
        
     تەتقىقاتچى ئاكىمىز مېنى خىيالىنى سۈرۈۋالسۇن دەپ ئويلىدىمۇ،ئەيتاۋۇر ماشىنىنى ئۈنسىز ھەيدەپ كېتۋااتاتتى.ئارىدا بىر قانچە يەردە گاز قاچىلاش ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتقان ماشىنىلار كۆزۈمگە چېلىقتى.
--ئاپەتتىن كېيىن تېخىچە گاز بىلەن تەمىنلەش جىددي بولۇۋاتقان ئوخشمامدۇ؟-سورىدۇم مەن ئۈچىنچى گاز قاچىلاش پونكىتىدىمۇ قاتىرىسىغا تۇرۇپ كەتكەن ماشىنىلارنى كۆرۈپ.
--شۇنداق، بۇ قېتىم نيوريورك ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. شىۋىرغان ئاپتىىدىن كېيىن تېخىچە بىر قىسم رايونلارغا توك كەلمىدى. 50 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئاپەت ۋە ئېغىر زىيان دەپ خەۋەر قىلشۋاتىدۇ. ھېلىمۇ نيو يورك پشىقان، زامانۋىي شەھەر بولغاچقا، شەھەردىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئاساسىي ئەسلىھەلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېز بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئاپەت  ئەتە كەچتە نەتىجىسى چىقىدىغان پرېزىدنېت سايلىمىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرستىدىغان بولغاچقا، نيويورك شەھەرلىك ھۆكۈمەت  ناھايىتى قاتتىق تەدبىرلەرنى ئالدى. ھازىر مېترولار قەشقەر قەھۋەسى جايلاشقان بروكلىن رايونىغا  بارىدىغان مېترو ئەسلىگە كەلمىگەن بولسىمۇ قالغان يەرلەردە قاتناش راۋانلاشتى. يامان بولغىنى، شەھەرنىڭ ھەممە يېرىدە ماشىنىغا قاچىلايدىغان گاز جىددىي بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇ گاز بىلەن خاتىرجەم ئۆيگە بېرۋالساق، مەنمۇ ئەتىدىن باشلاپ مۇشۇنداق ئۆچرەتتە تۇرۇش قسىمتىگە دۇچ كېلىمەن.
-ئالدىڭىزدا خېجىلمەن،-دېدىم،--گاز تازا جىددىي بولۋاتقان چاغدا سزگە ئېغىرىمنى سالدىم. شۇنچە ئۇزۇن يول مېڭىپ مېنى ئۇ تاغىمىز بىلەن كۆرۈشتۈرگىنڭىزگە رەھمەت.
-ئۆزىمىزنىڭ ئىشى بۇ ئۇكام، --دېدى تەتقىقاتچى ئاكىمىز،-گازنىڭ ئشى كارايىتى چاغلىق. ئەتە قاچىلىمىسام كېيىن قاچىلارمەن. سىزنىڭ نەجمىدىن ئاكا بىلەن كۆرۈۈشۈۋالغىنىڭىز ئوبدان بولدى. ئۇزۇن يىل چەت ئەلدە ياشىدىم. ئەمما، ۋەتەنگە بولغان سۆيگۈسى ۋە سېغىنشى بۇ دەرىجىدە كۈچلۈك ۋەتەنداشلارنى ئاز ئۇچراتتتىم.
--سىزنىڭ گەپ-سۆزىڭىزدە جەنۇپ شېۋسىنىڭ پۇرىقى تېخى كەتمەپتۇ، -دەپ گېپىمنى داۋاملاشتۇردۇم مەن ،-بۇنىڭدىن سۆيۈندۈم. مەن ئازراق پۇرسەتنى دەپ يىلتىزىنى،ئەنئەنىسىنى ئۇنتۇشنى ئۆزگىرشنى توغرا دەپ قارىمايمەن. ھەر مىللەت ئۆز خاسلىقى بىلەن قەدىرلىك. چەت ئەلدا ياشاش، ئشىلەش ھەرگىز پۇرسەت ئۈچۈن باشقىلارغا ئۆزگىرىپ كېتىش دېگەنلىك ئەمەس. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، مەيلى سىز بولۇڭ، مەيلى بايىقى تاغىمىز بولسسۇن، توغرا قىلىپسىلەر. ئۇيغۇرلار ئەنئەنە بىلەن زامانلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى خېلى توغرا بىر تەرەپ قىلغان ھەم ئۆز ئەنئەنىسىدىن  ئالدىراپ ۋاز كەچمەيدىغان  مىللەت. بۇ تەرىپى مېنى سۆيۈندۈرىدۇ.
   ئۇزۇن مۇددەت مۇڭىدشىدىغان ئادەم يوق يالغۇز ياشغاچقىمۇ، كۆپرەك سۆزلەپ سالدىم.
-توغرا دېدىڭىز، ئۇكام. باشقىلارنىڭ ئەنئەنسىنىمۇ كۆردۇق. بىز بۇرۇن زامانۋىلىق دەپ قارىغان نۇرغۇن نەرسىلەر ئۇنداق ئەمەسكەن. ئۇيغۇر تارتشسا تارتشقۇچىلىقى بار مىللەت. تەبىئىي پەن ئوقۇغاچقا، مىللتىمنىڭ تارىخى، مەدەنيىتى ھەققىدىكى بىلىمىم مول ئەمەس. ئەمما، مەن ئۇزۇن كۆزىتشلەردىن كېيىن بىزدىمۇ زامانۋىي مىللەتلەرگە خاس نۇرغۇن ياخشى خىسلەتلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەلۋەتتە ئۆزگەرتشىكە تېگىشلىك يېرىمىزمۇ ئاز ئەمەس.
     تەتقىىاتقچى ئاكىمىز ئارىدا ئۆزىنىڭ جەنۇپتىن چىقققاندىن كېينكى 18 يىللىق ئوقۇش، خىزمەت ھاياتىدا ھېس قىلغان مىللي كىملىىككە مۇناسىۋەتلىك ھسېلىرىنى يىنچىنچاق قىلىپ بايان قىلدى. پۈتۈن بايانلىرىدىن ئانا يۇرتىغا، ئۇيغۇر ئەنئەنىسگە بولغان بولغان چوڭقۇر سېغىنشى بىلىنىپ تۇراتتى. راست گەپنى دېسەم، بۇ ئاكىمىزنى بۇرۇن تونۇمايتتىم. بوستوندىكى بىر ئاكىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۇ ئاكىمىزنىڭ ئۆيىگە ئايالىم، بالام بىلەن چۈشكەنىدۇق. تۈنۈگۈن ئاكىمىز پۈتۈن بىر كۈن ئشىنى تاشلاپ، بىزنى نيويوركتىكى داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرىدىن 11-سېنتەبىر خاتىرە ساريىى، ئىمپىرىيە بىناسى، ۋال ستېرت كوچىسى، دەۋر مەيدانى، ئەركىنلىك ئارىلى، نيورك دېڭىز ساھىلى ۋە كولۇمبيە ئۇنىۋېرستىتىنى ساياھەت قىلدۇردى. ئادەتتە نويۇركتا ئەڭ تۆۋەن باھالىق ياتاقلارمۇ 150 دوللاردىن كەم بولمايتتى.
--سىز تېخى ئوقۇۋېتپسىز. ياتاققا ئاتىغان پۇلىڭىز يانچۇقىڭىزدا قالسۇن، بىزنىڭكىدە تۇرۇڭ،-دېگەنىدى ئۇ نيويوركقا كېلشىتىن بۇرۇن تېلېفوندا ئالاقە قىلغان چېغىمدا.
مەيلى بايىقى تاغىمىز بولسۇن، مەيلى يېنىمدا ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقان بۇ كىشى بولسۇن، مەندە چوڭقۇر تەسىرات پەيدا قىلدى. ئېھتىمال بۇرۇن كۆرۈپمۇ باقمىغان يات بىرىنى ئۆيىدە قوندۇرۇپ، ۋاقىت ئاجرىتىپ مېھىمان قىلىدىغان ئىش ھازىرقى رېتىمى تېز، ئەخلاقىي قورغانلار تېز يىمرىلىۋاتقان بىر  جەمئىيەتتە مېھماندوس ئۇيغۇرلاردىلا ساقلىنىپ قېلۋاتقان   ئەنئەنە بولسا كېرەك.
     ھەر قېتم ياخشلىقىغا رەھمەت ئېيتقىنىمدا ئاكىمىزنىڭ "ھېچقىسى يوق، ئۆزىمىزنىڭ ئىشى" دېيىشى مېنى خۇرسەن قىلاتتى، تەسىرلەندۈرەتتى.
      بايىلا سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، ئەمدى قار ئارىلاش شىۋرغانغا  ئۆزگەردى. ھەر ھالدا شۈكرى، شېۋرغان ئەدەپ كېتىشىن بۇرۇن ئۆيگە كېلىۋالدۇق. ئۆيگە كەلسەك، ئاكىمىزنىڭ ئايالى سۇيقاش ئېتىپ ساقلاپ تۇرغانىكەن.


(2)


                قەشقەر، ئشىقىمدا قالدىڭ.... سەمەت دۇگايلىنىڭ قەشقەر ھەققىدىكى تەسىرلىك رومانىنىڭ بىرىنچى قىسمى  مانا مۇشۇ ماۋزۇدا باشلىنىدۇ. روماننى 13يىل بۇرۇن ئوقۇغان چېغىمدا "قەشقەر ئەسەردىكى پېرسوناژ قىزنىڭ ئىسمى ئەمەس  يۇرتنىڭ ئسىمى  تۇرسا، يازغۇچى نېمشىقا 'ئشىقىمدا  قالدىڭ' دەپ ماۋزۇ قويغاندۇ ؟" دەپ ئويلىغانىدىم. ئەمدى چۈشەنگەندەك قىلىمەن؛  قەشقەرنىڭ نېمشىقا مۇساپىر ئۇيغۇرنىڭ ئەسلىمسىگە ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بوۋاينىڭ قەشقەر توپسىى ھەققىدىكى پاراڭلىرى ھېس قىلدۇردى. تەتقىقاتچى ئاكىمىزنىڭ ئانا يۇرتىغا، ئۆز قەۋمىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى بولسا ماڭا گرمان جەمئىيەت نەزەريىچسى ئېرخ فروم (1901-1980) نىڭ "ئادەمنىڭ كىملىك ئېھتيىاجى ئۆز توپىدىن ئايرىلغاندىن كېين باشلىنىدۇ" دېگەن سۆزىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەتتى. چوڭلارنىڭ "مۇساپىر بولمىغۇچە مۇسۇلمان بولماس" دېگىنىنىمۇ بىكار ئەمەسكەن.
   ۋەتەن دېگەن نېمە؟
           بۇ سوئالغا ھازىرغىچە مۇتەپپەككۇرلار ھەر خىل تەبىرلەرنى بېرىشتى. بۇ جاۋاب-تەبىرلەر ئىچىدە ماڭا "ۋەتەن دېگەن سېنىڭ خەلقىڭدۇر" دېگەن جاۋاب ئەڭ قايىل قىلارلىق بىلىنىدۇ. ۋەتەن، كوللېكېىتپ رىشتە ھەقىدە ھازىرغىچە شائىرلار  تەسىرلىك مىسرالارنى، يازغۇچىلار ئانا يۇرت سۆيگۈسى گۈپۈلدەپ تۇرىدىغان ھېكايىلەرنى پۈتتى. ئۇيغۇر شائىرى ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ "توزان قەسىدىسى" نامىلىق شئېرىدىكى يۇرتتىن كەلگەن قېرىندىشنىڭ كيىمىدىن ۋەتەن ھىدىنى ئسىتەۋاتقان  مۇساپىر، موپاسساننىڭ "دونداق" ناملىق ھېكايسىدە گرمان تاجاۋۇزچىلىرى ئالدىدا ۋەتەنپەرۋەرلىكنى نامايەن قىلغان پاھىشە ئايال، فراسىنيە يازغۇچىسى دائودىتىنىڭ "ئەڭ ئاخىرقى دەرس" ناملىق ھېكايسىسدە گرمان ئشىغاليىتىدىكى فرانىسيە مەكتپىدە ئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتلىك ئانا تىل دەرسىنى ۋەتەننىڭ تەقدىرىگە باغلاپ پۈتۈن ئشىقى بىلەن ئۆتكەن مۇئەللىم، ياشار كامالنىڭ "مەمەت ئاۋاق" ناملىق رومانىدا يۇرتداشلىرىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ چققان قەھرىمان قاراقچى، 1910-يىلى نوبېل ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرشكەن پولشا يازغۇچىسى سيەنكۋېچنىڭ "ماياك قاراۋۇلى" ناملىق ھېكايسىدە يات زېمىندا پولەك يېزىقىدا چىققان گېزىتىنى كۆرۈپ مېھىرى بىلەن سىلاپ كەتكەن، كۈچكە تولغان بوۋاي....ئاشۇ ئۆلمەس پېرسوناژلارنىڭ ھەممىسى بىزگە ئادەتتتىكىچە ئاڭلىنىدىغان ۋەتەن سۆزىنىڭ قاتلاملىرىغا يوشۇرۇنغان مەنەلەرنى چوڭقۇرلاپ ھېس قىلدۇرىدۇ. ئېھتىمال بوۋاينىڭ ئۈچ خالتا قەشقەر توپىسىنى ساقلاپ يۈرگەنلىكى  تۇپراقنى ئۇلۇغلايدىغان قەدىردان  ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ  ۋەتەن سۆيگۈسىنىڭ ئۆزگىچە ئىپادىلىنشى بولسا كېرەك. باشقا مىللەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشاش داۋامىدا تۇپراقنى ۋەتەن دەپ چوڭ بىلىپ ساقلايدىغان مىللەت ئەزالىرىنى ئۇچراتمىغانىدىم.
       "نېمشىقا ۋەتەندىن ئايرىلغان ئادەمنىڭ ئۆز توپىغا بولغان سېغىشنى بۇنچە كۈچييىپ كېتىدۇ؟" دېگەن سوئال ئامېرىكىغا كەلگەن ئالتە يىلدىن بۇرۇن خىيال ئېكرانىمدىن تالاي قېتىملا ئۆتتى، تالاي قېتىملاپ كەچۈرمشىلىرىمدە ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى. كېيىن  ئۈرۈمچىدىكى چېغىمدا ھېس قىلغان ۋەتەن چۈشەنچەمدە مەسىلە بارلىقىنى، بۇرۇن ۋەتەن ئۇقۇمىنى ئابستراكىت يوسۇندا چۈشىنشىپ كەلگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. ئەسلى مەھەلىمىزدىكى دەرەخلەرنىڭ ياپراقلىرىدا، ئاپئاق رومال ئارتقان مومايلار نىڭ قورۇقلىرىدا، تاڭ سەھەر بىلەن تەڭ چىللاشقا چۈشكەن خورازلارنىڭ سوزۇق ئاۋازىدا، ئەرزان ئاۋازىدا، ئاتا-بوۋلىرىمىز كۆمۈلگەن قەبرىلەردە، ئۇيغۇر چوكاننىڭ چېھرىدا پارلىغان يېقىملىق كۈلۈمسىرەشلەردە، ئېتىزدا ئالدراش ئشىلەۋاتقان دېھقاننىڭ مېھنىتدە، شامالدا مەيىن يەلپەنۈپ تۇرغان بۇغدايلاردا ۋەتەن ئېلمېنىتلىرى مەۋجۇد ئىكەن. لېكىن، بىز ۋەتەندە بۇ نەرسىلەرنى كۆرۈۋېرىپ ھەيرانلىق ھېس قىلماس بولۇپ قالدىكەنىمىز.ئەمەلىيەتتە بىز كۆنگەن، ئادەتلەنگەن سىمۋوللارنىڭ ، نەرسىلەرنىڭ كەينىدە بىز قېزشقا ، دىىققتىمىزنى بېرىشكە تېگشلىك مەنە قاتلاملىرى كۆپ بولىدىكەن. 
        ۋەتەن مۇساپىرچىقتا قالغان، ئەمما يىلىتزىنى ئۇنتۇماي ياشاۋاتقان  ئادەمنىڭ ئەسلىمىسىگە   ئايلىنىپ كېتىدىكەن. ئادەم ئادەتتە تەسەۋۋۇردىكى گۈزەل  ئوبيكىت ئۈچۈن چۈش كۆرۈپ ياشايدىغان مەخلۇق، ئۇنىڭ بەختلىك ياشىىشى ئۈچۈن چوقۇم تەسەۋۋۇرىنى تولدۇۇپ تۇرىدىغان، غايىۋانە ئىنتلىشلىرىنى قوزغايدىغان بىر ئوبيكىت بولۇشى كېرەك. مۇساپىرچىلىقتا ياشايدىغان ئادەم ئۈچۈن ۋەتەن ۋە كوللكېتىپ رىشتە ئەنە شۇنداق سېھىير كۈچكە ئىگە غايىۋانە مەنزىلدۇر. يات تىل ئۆگەيلەيدۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە يات مەدەنىيەت يەكلەپمۇ قويىدۇ. باشقازېمىندا باشقا  بىر مىللەت بىلەن   ياشاش دېگەنلىك بۇرۇن كۆنگەن سېىمۋول، مەنە قاتلاملىرىنى يەنە بىر قېتىم كۆڭۈل ئەلگىكىدىن ئۆتكۈزۈش دېمەكتۇر. بۇ جەرياندا بىزنىڭ ئۆزلۈكىمىز قايتا-قايتا مۇرەسسە جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ ، قايتىدىن تەرتپىلىنىدۇ.ئەمما، ئەسلى يىلىتزىنى ئۇنتۇپ يېڭى مەدەنىيەتكە كۆنگەن ئادەم بىلىپ-بىلمەي نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قالىدۇ.گرمان جەمئىيەت نەزەريچىسى جورج زىممېلنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ بەرىبىر گېرۋەكتىكى ئادەم بولۇپ قالىدۇ. ئەسىلى مەدەنيتىدىن ياتلىشىپ ھەم يەنە بىر مەدەنىيەتكە تولۇق ئۆزلىشەلمىگەن ئادەمنىڭ قەلبىدە ھېچكىمگە دېيەلمەيدىغان پىراق قاينايدۇ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ خىل پىراق يىغىندا ھەسرەتكە ئايلىنىدۇ. بۇ ھەقتە دۇنياغا داڭلىق ئالىملاردىن گرمان مۇتەپپككۇرى ئادورنونىڭ، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئەرەپ مۇتەپەككۇر ئېۋۋدار سايىدنىڭ سەرگۈزەشىتسى ۋە مۇساپىرچلىق ھەققىدە يازغانلىرى ئادەمگە مۇساپىرچلىق، ھېجرەت، گرۋەكتىكى ئادەم ئۇقۇملىرى ھەقققىدە يېڭىچە ھېسلارنى بەخش ئېتەتتى.
     تېئودور ئادورنو(1903-1969) ئەسلى گرمانىيەدە 1920-يىللاردا قۇرۇلۇپ داڭق چىقارغان فرانكفورت ئسىنتىتىودا تەنقىدچلىك پىكىر ئېقىمغا ئۇل سېلىپ زور شۆھرەت قازانغان،  ياۋروپا تەۋەسىدە زور شۆھرەتكە ئېرىشكەن بۈيۈك مۇتەپپەككۇر ۋە جەمئىيەت نەزەريىچىسى ئىدى.ئەمما، ئۇ يەھۇدىي بولۇپ قالغىنى ئۈچۈن ناتسىتلار گىرمانيىدە تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن تەھدىتكە دۇچ كەلدى ۋە 1934-يىلى خوركخېمېر، خېربېرت ماركۇس قاتارلىق مەشھۇر تەنقدىچى سەپداشلىرى بىلەن ئامېرىكىغا كەلدى. ئادورنو تەسىرى كۈچۈلۈك مۇتەپەپكۇر بولغىنى ئۈچۈن ئامېرىكا ئۇنىۋېرستتلىرىدا ئەتۋارلاندى، ئەمما تاكى ناتسىلار مەغلۇپ بولۇپ ئانا يۇرتى فرانكفورتقا قايتقانغا قەدەر ۋەتىنىنى ئۇنتۇيالمىدى. گرمانيىىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئامېرىكا تۇپرىقىغا ئىككىنچى دەسسىمىدى. ئادورنو 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا تەۋە ۋىجدانلىق، پۇختا تەسىرى چوڭقۇر ئىلىم ئىگىسى ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتى ڧاشىزم ، كوممۇنىزىم ۋە غەرپ تاراتقۇلىرىنىڭ تەسىرىدە ئەۋج ئالغان ئىستمالپەرەسلىككە قارشى كۈرەش بىلەن ئۆتكەنىدى. ئەمما، پەلسەپە، جەمئىيەتشۇناسلىق، ئەدەبيات، مۇزىكا، تارىخ، مەدەنىيەتشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەردە ئۇنىۋېرسال يېتىلگەن مۇشۇنداق بىر ئالىم ئامېرىكىدا ئۆتكەن ھاياتىنى نابۇت بولغان  ھايات دەپ ئاتىدى ۋە ئۆزىنىڭ "نابۇت بولغان ھايات" ناملىق ئەسلمىسىدە مۇساپىرچلىق ھەققىدە مۇنداق يازدى: "يات زېمىن بىز بۇرۇن كۆنگەن ئەنئەنە تەركىبلىرىنى قارشى ئالمايدۇ. يات زېمىندا ھەر قېتىم سۈرگەن ئازغىنە راھەت كونا ئاڭغا ئاسيلىق قىلىش، ئازابلىق مۇرەسسەگە كېلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ...يات زېمىندا ئۆي ئۇقۇمى مۇساپىرنىڭ قۇلىقىغا يات ئاڭلىنىدۇ. ئۆيى تۇرۇپ ئۆيى يوقتەك تۇيۇلىدىغان بىر ھېسسيات مۇساپىرنىڭ كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزمايدۇ...ئەسلىدىنلا خاتا قەدەم بىلەن باشلانغان ھايات ھاياتتەك بولمايدۇ".[1]
        ئېدۋارد سايدنىڭ ۋەتەن ھەققىدىكى ئەسلىمىىسىمۇ  ناھايىتى تەسىرلىك. لېۋاندىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئامېركىغا ئوقۇشقا كەلگەن ئېدۋارد سايد خارۋارد، پرىنستون قاتارلىق داڭلىق ئۇنىۋېررستېىلاردا پرېوفېسسور بولىدۇ؛ ئەمما، ئۇ ئېزىلۋاتقان پەلەستىن خەلقىنىڭ تەقدىرىگە داۋاملىق دىقەت قىلىدۇ، ئانا يۇرتى ھەققىدىكى ئازابلىق ئويلنشىلارنى توخىتىتىپ قويمايدۇ."شەرقچلىق "ناملىق كىتابى غەربتە زىلزىلەر قوزغاپ، ئۇ زېئونىزىم ھەرىكتىنى قوللايدىغان يەھۇىديىلارنىڭ، يەھۇدىي قىساسچىلىرىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن چاغدىمۇ، كولۇمبىيە ئۇنىۋېرستىدىتدىكى ئىشخانىسى ئامېرىكا فېدراستىە ئىدارىسنىڭ قايتا-قايتا تىنتىشىغا دۇچ كەلگەندىمۇ تېز پۈكمەيدۇ.بۇ جەريانلارنى ئۇ ئۆزىنىڭ 2003-يىلى نەشىردىن چىققان "لاماكانلىق" ناملىق ئەسلسىمىسىدە يازدى.ئەسلى ئاشۇ ئابرويى، ئاشۇ شارائىتى بىلەن مەيلى ئادورنو بولسۇن ياكى ئېدۋارد سايد بولسۇن، ھېچنىمىدىن غەم قىلماي بەختلىك ياشىيالايتتى. ئەمما ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى. بۇ يەردە ئېدۋارد سايدنىڭ "زىيالىنىڭ سۈرگۈنلۈكى ھەققىدە: مۇسارچىلىق ۋە  گىرۋەك " ناملىق  ھېسبايانىدىكى مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە قۇرنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئارتۇقچە ئىش بولمىسا كېرەك. ئېدۋارد سايىد مۇنداق يازىدۇ: "مۇتلەق كۆپ ساندىكى سۈرگۈندە ياشاۋاتقان زىياليىلار ئۈچۈن قيىنچلىق ھېسابلىندىغىنى ئۆز ئانا يۇرتىدا ياشاش پۇرستىدىن ئايرلىپ قېلىش ئەمەس، بەلكى ھەر ماڭدامدا ئۆزىنىڭ مۇساپىر ھالتىىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئېسىگە سالىدىغان ئازابلىق ئۇچۇرلارغا ئۇچراپ تۇرۇش. مۇساپىنىڭ ۋەتىنى خىيالىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولغاچقا،ئۇنىڭغا  يىراق بىلىنمەيدۇ. مۇساپىر ئۆزى يات زېمىندا ياشىسىمۇ ۋەتىنى بىلەن دىلىدا  شەكلىسىز رشىتە ئورناتقان بولىدۇ. ئەمما، ئۇ يا كونا ماكانغا تەۋە ئەمەس، يا يېېڭى ماكانغا تەۋە ئەمەس. ئىككى ئارىلىق، ئارسالدىلىق ۋە يېرىملىق يات زېمىندىكى مۇساپىرنىڭ  تەقدىرىگە پۈتۈلۈپ كەتكەن بولىدۇ"[2]
     نەزەريىۋي نۇقتىدىن تەھلىل قىلغاندا قەشقەر توپىسى ھەققىدىكى تەسىرلىك ھېكايىنى پۈتكەن ئۇيغۇر بوۋاينىڭ ئېيتقانلىرى بىزگە مۇنداق بىر قانچە نۇقتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ: بىرىنچى، كوللېكتىپ رىشتە، بايان، رىۋايەت ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بار. بىزنىڭ كوللكېتىپ رشتىمىزنى چىڭتىدىغان، يىلىتىزىمنى  ھېس قىلدۇرىدىغان، بىزنى ئورتاق ئەسلىمىگە يېتەكلەيدىغان ، مەدەنىي كىملىكىىمىزنى  ساقلاپ قىېلشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان مەدەنىيەت ئېلمېنتلىرى بار.  ئۇلاردىن نەزىر-مەرىكەگە ئوخشاش مۇراسىملار، نورۇزغا ئوخشاش بايراملار، بۆكۈخانغا ئوخشاش رىۋايەتلەر ئورتاق رىشتىمىزنى ئېسىمىزگە سالىدۇ، بىزنى كوللكېتىپ ئەسلىمىگە يېتەكلەيدۇ. بۇ جەريان ئۆزلۈكۈمىزنىڭ لايھىلىنشىنگە تەسىر كۆرسىتدۇ. فرانسيىلىك مەشھۇر جەميەتشۇناس ئېمىل دۇركايم (1858-1917)نىڭ شاگىرتى ماۋرس خالبۋاچ (1877-1945)ئۆزىنىڭ "كوللېكتىپ ئەسلىمە" ناملىق كىتابىدا تارىىخي ۋەقەلەرنىڭ، قەھرىمانلارنىڭ، ئەنئەنە ھەققىدىكى بايانلارنىڭ  ئەسلىدىن يىلىتزى بىر  كشىلەرنى ئۇيۇشۇشقا  يېتەكلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ كوللېكتىپ ئەسلمىسىنى قانداق قوزغايدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ ؛ دىنىي ئەقىدەنىڭ كوللېكتىپ ئەسلىمىنى قوزغىتشتا ئوينايدىغان رولىغا  يۇقىرى باھا بېرىپ  مۇنداق يازىدۇ: "ھەر قانداق بىر دىنىي ئەقىدە ئەينى بىر ئىجتىمائىي كونتېكست ئىچىدە ياشاۋاتقان   ئىجتىمائىي توپنىڭ ئۇيۇشۇشىنى تېزلىتىدۇ؛ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ شۇ ئىجتىمائىي توپقا دائىر چوڭ ۋەقەلەرنىڭ، ئۇرۇشلارنىڭ، ئىخترالارنىڭ، ئۆزگىرشىلەرنىڭ جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئوپچى ئېسىدە ساقلىىنشىغا تۈرتكە بولىدۇ.  بۇ جەريان سىمۋوللارنىڭ ياردىمىدە ئشىقا ئاشىدۇ" (خالبۋاچ، 1992:84)[3] .
       ئىككىنچى، رىۋايەت ۋە بايانلار بىر ئىجتىمائىي توپىنىڭ ھاياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بولۇپ، بىر توپنىڭ قىممەت قارىشىغا، ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە بېۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، دۇنيا ئەدەبىياتشۇناسلىق، فولكلور  تەتقىقاتىدا ئىنتايىن مۇھىم تۇتىدىغان روس فولكلورچىسى، "قۇرۇلمىق پوئېتىكا" ئىلىمنىڭ ئاساسچلىرىدىن بىرى ۋىلادىمىر پروپ ئۆزىنىڭ "چۆچەك-رىۋايەتلەر مورفولوگيىسى" ناملىق كىتابىدا مۇنداق يازىدۇ:"ئەمەلىيەتتە كشىلەرگە ئادەتتىكىچە تۇيۇلىدىغان بايانلاردا ، ھېكايىلەردە بىر كولېكتىپنىڭ ئېڭىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر قۇرۇلما يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بۇ چوڭقۇر قۇرۇلما بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ تەسەۋۋۇردىكى مەھۇم كودلارغا تەسىر كۆرستىدۇ"(پروپ، 1968)[4]. ئۇيغۇر بوۋاينىڭ 50 نەچچە يىلدىن بېرى ئۆزى ئۆسمۈرلۈك چېغىدا ئايرىلغان قەشقەرنى ئۇنتۇيالماسلىقى ۋە قەشقەر توپىسىنى ساقلاپ كەلگەنلىكى ئەمەلىيەتتە بىر توپقا ئورتاق بولغان تەسەۋۋۇرنىڭ مەۋھۇم كودىنى ئەكىس ئەتتتۈرسە، بوۋاينىڭ ئۇ ھەقتىكى ھېكايىسى ئاڭلىغۇچىنىڭ قەلبدىكى يوشۇرۇنۇپ تۇرغان مەۋھۇم تۇيغۇلارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرىدۇ. كانادالىق مەشھۇر ئەدەبىي تەنقىدچى، تورونتو ئۇنۋېرستىتىنىڭ سابىق ئەدەبىيات پەنلىرى پروفېسسورى نورسروپ فرايېر بولسا ئۆزىنىڭ1957-يىلى نەشىردىن چىققان  "تەنقىد ئاناتوميىسى" ناملىق مەشھۇر كىتابىدا: "باياندىن كېلىۋاتقان ئۇچۇر بىر جەمئىەيتنىڭ مەنىۋىي تەرتىپى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم ، ئۇ بىر ئىجتىمائىي توپ ئەزالىرىنى تەۋەلىك ھەققىدە چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ، ئورتاق تەقدىرنى ئېسىگە سالىدۇ، ئۇلارغا ئۈمىد بېغشلايدۇ" دەپ  يازىدۇ (ڧرايېر، 1957:43)[5].

           ئۇيغۇر بوۋاينىڭ قەشقەر توپىسى ھەققىدىكى ھېكايىسى ئاددىي بولغىنى بىلەن ئادەمنىڭ دىىقىتىنى قوزغايتتى. ئاشۇ بايانننىڭ تەسىرى بىلەن نيويوركتا، يات بىر زېمىندا نەپەس ئېلۋاتقان ئۈچ ئۇيغۇر ئەللەيلەندى، ئۇلارنىڭ ئورتاق رىشىتىسىى بىر يەرگە كەلدى. بۇ نۇقىتىدىن  قارىغاندا شۇنى چۈشىنىش تەس ئەمەسكى ، قەشقەر توپىسى ھەققىدىكى ھېكايە بولسۇن، ياكى تۇمارس رىۋايىتى بولسۇن، شىراق رىۋايىتى بولسۇن ۋە ياكى 'بۆكۈخان" رىۋايىتى بولسۇن،  مەنىۋىي ھاياتىمىزدا بۇنداق رىۋايەت، ھېكايىلەرنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئۇلارنى قېزىشقا توغرا كېلىدۇ.شائىر بوغدا ئابدۇللا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋي ھاياتىدا رىۋايەت -بايانلارنىڭ تۇتىدىغان رولى ھەققىدە "سالغا تېشى" ناملىق داستانىدا مۇنداق يازىدۇ:
مۈڭگۈزلەرنى مەشئەل قىلغان يۇرت،
رىۋايەتلىرى بىر ئالتۇن ئاچقۇچ.
ساقلانغان چىشلارنىڭ ئاراشلىرىدا،
يېڭىلانغاندەك خىمېرتۇرۇچ[6].
      بوۋاينىڭ قەشقەر توپىسى ھەققىدىكى ھېكايىسىنى ئاڭلىدىم؛ ئەمما، ۋاقتىم زىچ بولغىنى ئۈچۈن ئاشۇ توپىلارنىڭ ئۆزىنى كۆرەلمىدىم. ئۆيگە كەلگۈچە ئارلىقىدا ۋەتەن ھەققىدە پاراڭ قىلشېۋېتىپ تەتقىقاتچى ئاكىمىزدىن سورىدۇم:
--ئەخەت تۇردىنىڭ "سەرسان روھ" ناملىق رومانىنى ئوقۇغانمىدىڭىز؟
-ياق دېدى، تەتققاتچى ئاكىمىز،-ئوقۇماپتىكەنمەن. نەدىن تاپقلى بولىدۇ؟
-توردا ئاۋازلىق نۇسخسى بار. مەن پات-پات ئاڭلايمەن. ئۇ روماندا تەسۋىرلىنىدىغان پادىچى بالىىنىڭ پاراڭلىرىمۇ بايىقى تاغىمىزنىڭ ۋەتەن ھەققىدىكى بايانلىرىدەك تەسىرلىك.
--قانداق دەيسىز؟ئېسڭىزدە بولسا ئېيتىسڭىز، بىرگە ئاڭلىغان بوڭلساق بوپتىكەن.
مەن بىر دەم ئويلىنىپ تۇرۇۋېلىپ تېخى يېقىىندىلا توردىكى ئاۋازلىق نۇسىخسىنى ئاڭلىغان  "سەرسان روھ"رومانىدىكى پادىچى بالىنىڭ  ئانا يۇرتنىڭ، تۇپراقنىڭ قىممىتى ھەققىدە  ئېيتقانلىرىنى ئېسمدە قالغىنى بويىچە دەپ بەردىم:
-ئىسمىڭ نېمە؟
-قۇسەي.
-قەيەردە تۇرىسەن؟
-ئاۋۇ جىلىغىنىڭ ئىچىدە.
-ئۇ يەردە قانچە ئائىلە بار؟
-بەش ئائىلە بار.
-ئۇ يەردە نېمە ئىش قىلسىلەر؟
-چارۋا باقىمىز؛ ئانچە-مۇنچە  تېرىقچلىق قىلىمىز.
-ئۇ يەردە سۇ يوقمۇ؟
-يوق.
-سىلەر نېمە ئىچىسىلەر؟
-يامغۇر ياغقاندا يامغۇز سۈيىنى يىغىۋالىمىز. سۇ تۈگىسە سىلەرگە ئوخشاش يولۇچىلاردىن سۇ سورايمىز.
-ئۇ يەردىن كۆچۈپ كەتسەڭلار بولمامدۇ؟
-ياق، كۆچمەيمىز. بۇ يەرنىڭ تاشلىرىنى باشقا يەرنىڭ ئۈنچە-مارجانلىرىغا تەڭ قىلمايمىز. چۈنكى، بۇ يەر بىزنىڭ يۇرتىمىز؛ ئىككى دۇنيالىق ۋەتىنىمىز. بۇ يەردە بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئۆتكەن؛ بوۋامنىڭ، دادامنىڭ قەبرىسى مۇشۇ يەردە. ھەر قانچە قيىچنلىق بولسىمۇ ئۇلارنى تاشلاپ كەتمەيمىز[7].



نەقىل مەنبەلىرى:
[1] تېئودور ئادورنو: "نابوت بولغان ھايات ھەققىدە ئويلىنىش"، ئېنگلىزچە 38-بەت.
Theodor Adorno. 1951. Reflections from Damaged Life. London: New Left Books
ئادورنونىڭ ئسىتېمالپەرەسلىكنى ۋە مودا مەدەنيىەتنى تەنقىد قىلغان قاراشلىرى ئۈچۈن ئاپتورنىڭ "جەمئيەتشۇناسلار نېمە دەيدۇ؟"ناملىق كىتابىنىڭ 162-166بەتلىرىگە قارالسۇن.
[2] ئېدۋارد سايىد، "ئېدۋارد سايد ئەسەرلىرىدىن تاللانما"___"سۈرگۈندىكى زىيالى: مۇساپىرچىلىق ۋە گىرۋەك"، 371-372-بەتلەر
Edward Said. 2000. “the Edward Said Reader”,pp372-273, “Intellectual Exile: Expatriates and Marginals ”. New York: Vintage Press
ئېدۋارد سايدنىڭ "شەرقچلىق" ناملىق ئەسرىدىكى ئاساسلىق نۇقتئىنەزەرلەر ئۈچۈن ئاپتورنىڭ "جەمئيەتشۇناسلار نېمە دەيدۇ" ناملىق كىتابىنىڭ 285،286-بېتىگە قارالسۇن.
[3] مائۇرس خالبۋاچ، "كوللېكتىپ ئەسلىمە ھەققىدە"، ئېنگلىزچە نەشرى، 84-بەت.
Maurice Halbwachs. 1992. On Collective Memory. Chicago: University of Chicago Press.
[4]ۋىلادىمىر پروپ، "چۆچەك-رىۋايەتلەر مورڧولوگىيىسى"، ئېنگلىزچە نەشرى.
Vladimir Propp. 1968. The Morphology of the Folktale. Austin: University of Texas Press.
[5] نورسىروپ ڧېرايې، "تەنقىد ئاناتوميىسى"، ئېنگلىزچە نەشرى، 43-بەت.
Northrop Frye. 1957. Anatomy of Criticism. Princeton: Princeton University Press.
[6]  بوغدا ئابدۇللا، "سالغا تېشى"  داستانى
[7] ئەخەت تۇردى، "سەرسان روھ" ئاۋازلىق نۇسخسى.

 
تىلىمنڭ چەكلىمىلىكى  دۇنيايىمنىڭ چەكلىمىلىكى

1

تېما

0

دوست

3031

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8653
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 623
تۆھپە : 504
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 14:30:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزنىڭ ئەجرىڭىزگە.گەرچە مەن يۇرتتىن ئايرىلىپ باقمىغان بولساممۇ خېلى كوپ نەرسىلەرنى چۇشىنىۋالدىم.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

0

دوست

3031

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8653
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 623
تۆھپە : 504
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 14:30:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزنىڭ ئەجرىڭىزگە.گەرچە مەن يۇرتتىن ئايرىلىپ باقمىغان بولساممۇ خېلى كوپ نەرسىلەرنى چۇشىنىۋالدىم.

9

تېما

6

دوست

8364

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 1114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 2374
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 14:48:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزۈمى مۇساپىردەك ھىسقىلدىم بۇنى ئوقۇپ ياكى ئىجارە ئويدە ئولتۇرغاچقىمۇيا
ئۆيۇمنى قايتۇرۋالسام بولغىدەك جىنىم بىلەن تىگشىپ شۇنداقمۇيا باللا

0

تېما

0

دوست

335

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   17.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11937
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 70
تۆھپە : 60
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 15:30:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  ئىسىل يىزىلغان ئەسەركەن، تۇرمۇش خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنچە  زۇن ئەسەرنى  ئوقۇپ باقمىغىلى، يۇقارقىلارنى ئوقۇغاندىن كىيىن سىزنىڭمۇ ئەسىرىڭىزدە تەسۋىرلەنگەن بوۋايىدەك يۇرتىڭىزنى قىزغىن سۈيىدىغان ئىستىداتلىق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى تۇلۇق تۇنۇپ يەتتىم، بۇنىڭدىن كىيىن سىزنىڭ چەتئەلدىكى تەتقىقات، ئوقۇش، تورمۇش ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوقۇشلۇق، نەتىجىلىك، خاتىرجەم بۇلۇشىنى تىلەش بىلەن بىرگە مۇشۇ باغداش مۇنبىرى ئارقىلىق داۋاملىق ئۈزىڭىزنىڭ ئەھۋالى ۋە تەتقىقات ئىشلىرىڭىزدىن ئەزىزانە يۇرىتتكى بىزلەرنى خەۋەردار قىلىپ تۇرۇشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلمەن، ئاللا سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن، خەيرىخوش.

0

تېما

0

دوست

335

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   17.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11937
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 70
تۆھپە : 60
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 15:31:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملادا ئازراق خاتالىق بوپقاپتۇ، سەت بولدى، يوللاپ بۇلۇپ كۈرۈپتىمەن.

0

تېما

1

دوست

5463

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12698
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 558
تۆھپە : 1258
توردىكى ۋاقتى: 341
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 15:44:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھىم ئۆزلۈكىنى يوقاتمىغان ۋەتەنداش ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ تەنلىرىنى ئامان ، ئىشلىرىنى ئۇتۇغلۇق قىلغاي! "ئۆزەم ھەر يەردە مەن، يۈرىكىم بىر سەندەدۇر، ئۇيغۇرۇم!".

0

تېما

0

دوست

454

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11696
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 80
تۆھپە : 106
توردىكى ۋاقتى: 160
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 16:17:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەخمەت .مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزغا !ئۇبوۋامغا ئاللا ئۇزۇن ئۆمۇر ،تىنىگەسالامەتلىك بەرگەي!سىزنىڭمۇ ئوقۇشىڭىزنىڭ غەلبىلىك بولىشىنى چىندىلىمدىن تىلەيمەن.يوقاپكەتمەي مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنى يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن.ئاللا تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن!

ئالىي ئەزا

2

تېما

0

دوست

2418

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  895
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 559
تۆھپە : 371
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 16:26:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسقا پاراڭ
مۇشۇ ئۆزيۇرتىدا تۇرۇپمۇ مۇشۇ تۇپراققا پاتمايۋاتقان ،ئۆزقەۋمىنى ئىزىپ يۈرىكىنى لەختە قىلغان .....بەزىبىر ئازغۇن قىرىنداشلىرىمىزنى چەتئەللەرگە1-2يىل  ئاپىرىپ تۇرغۇزۇپ قۇيغان بولساق بوپتىكەندۇق،ئادەم بولۇپ كىلەركەن،

1

تېما

3

دوست

1794

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   79.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6786
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 253
تۆھپە : 398
توردىكى ۋاقتى: 343
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 16:42:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"ئادەمنىڭ كىملىك ئېھتيىاجى ئۆز توپىدىن ئايرىلغاندىن كېين باشلىنىدۇ" مانا بۇ ناھايىتى مېغىزلىق گەپ.ئۆز قەۋمىدىن،كىندىك قېنى تۆكۈلگەن زىمىندىن ئايرىلىپ ياشاش ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )