قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: tohotur

قۇرئان كەرىمگە ئالتۇن كارتا ئىشلىمەيدىكەن ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

104

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   34.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14621
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 19
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 12:37:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ئۇلار باھا تالاشمايدۇ دەپ ئويلايدۇ.كېيىملەرنىڭ باھاسىنى تالىشىپ قويغانغىمۇ تويغۇزىدىكەن ئادەمنى.

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10638
يازما سانى: 1342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1265
تۆھپە : 3070
توردىكى ۋاقتى: 792
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 12:49:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلقى يۈز  نەچچە يىل بۇرۇنقى  ئىكىسپىدىيىچى سېۋېن ھېدىنمۇ  كىتابىدا ‹ئەزەلدىن باشقىلار بىلەن نەرسە تالاشمايدىغان ئۇيغۇرلار ....› دەپ ئەپتىكەن .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12046
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 13:59:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ ھەقتە خېلى ئەتراپلىق بىر ماقالە يېزىپ ما مۇنبەرگە يوللىسام، تەستىقلاپ بولۇپلا يەنە ئۈچۈرىۋېتىپتۇ. نەچچە كۈندىن بويان بولىۋاتقان تالاش - تارتىشلار ھەل بولۇپ كېتەر ئىدى بۇ ماقالىغا يول قويغان بولسا. قارىغاندا مۇنبەر دېگەن مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئورۇن ئەمەس، تالاش - تارتىش قىلىپ ئىچ - پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان جاي بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ قويدۇم. قىرىنداشلارنىڭ بۇ ماقالىنى  كەڭ تارقىتىپ، بۇ ھەقتىكى تالاشلارنى تىزراق ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى تۈگەتسىكەن دەيمەن...


قورئان كەرىمنىڭ يىڭى تەرجىمەسىگە باھا

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
جىمى ماختاش ۋە سانالار ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھقا بولسۇن، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى ئىنسانلارنىڭ ئەزىزى، سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرىغا، ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بارلىق كىشىلەرگە بولسۇن!

دىنىمىزنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى بولغان مۇبارەك قورئان كەرىم ئاللاھنىڭ ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا بەرگەن ئەڭ بۈيۈك مۆجىزىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاللاھ نازىل قىلغان ساماۋى كىتاپلارنىڭ ئاخىرقىسىدۇر. قورئان ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن پۈتۈن كىتاپ ھالىتىدە بىرىنجى ئاسمانغا ئېلىپ چۈشۈلگەن. ئاندىن جىبرائىل ئەلەيھىسالام ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا ۋەزىيەت يۆنىلىشى ۋە رىئال ئىھتىياجغا ئاساسەن پارچە – پارچە ھالەتتە يەتكۈزگەن. تۇنجى ۋەھىي مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ھىرا غارىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان چاغلىرىدا چۈشكەن بولۇپ، بۇ ۋاقىت مۇبارەك رامىزان ئېيى ئىدى.مەلۇم بولغىنىدەك، قورئان كەرىمنىڭ تىلى ئەرەپ تىلىدۇر. قورئاندا دېيىلىدۇ:« قورئان ئۇچۇق ئەرەبى تىلدا نازىل بولدى.»
ئاللاھنىڭ نىمە ئۈچۈن ئەرەپ تىلىنى قورئان تىلى قىلىپ تاللىغانلىقى بۈيۈك ھىكمەتلەرگە تۇيۇنغان. ئەمما مەسىلە شۇكى، ھېچكىمنىڭ ئۇنى نىمىشقا باشقا تىلدا نازىل قىلمىغان دەپ ئاھ ئۇرۇشقا ھەققى يوقتۇر ۋە بۇ بىر بىھۇدىلىقتۇر. ئەرەپ تىلىنىڭ پاساھىتى، لىكسىكا جەھەتتىكى بايلىقى بىر سەۋەپتۇر خالاس. ئاللاھ خالىسا باشقا تىلدىمۇ ئەڭ پاساھەتلىك ھالەتتە نازىل قىلالايتتى. ئەڭ مۇھىمى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئۇنى ئەرەپ تىلىدا نازىل قىلىشنى ئىختىيار قىلغان. ئەرەب تىلىنى شۇ ئارقىلىق شەرەپلەندۈرگەن. ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ. بۇنىڭغا ئىنساننىڭ ئارىلىشىش ياكى پىكىر قىلىش ھۇقۇقى ئەسلا بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ خالىغىنى يارىتىدۇ. بىز بۇ يەردە قىستۇرۇپ ئۆتمەكچىمىزكى، بەزى تارمىللەتچىلىك ئىدىيىسىگە ۋە چولتا بىلىمگە ئالدىنىپ ئۆزلىرىنى گول قىلىپ يۈرگەن بەزى بۇراردەرلىرىمىز بۇ ھەقتە ئارتۇقچە گەپ سېتىپ خاتالىشىپ، خاتالاشتۇرۇپ يۈرمىسىكەن. قورئاننىىڭ ئەرەپ تىلىدا نازىل قىلىنىشى قانداقتۇر باشقا تىلنى چەتكە قاققانلىق، كەمسىتكەنلىك ياكى ئۇلارنى نامرات تىل دەپ  قارىغانلىقتىن ئەمەس. ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئەرەپ تىلىنى ئىرادە قىلغانلىقىدىندۇر.
خوش، ئىسلام دىننىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ھالقىپ ئانا تىلى ئەرەپ تىلى بولمىغان قەۋملەر ئارىسىدا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ تەبىئىي ھالدا قورئان كەرىمنى يەرلىك قەۋملەرنىڭ تىلىدا چۈشەندۈرۈش ئىھتىياجى توغۇلدى. دەسلەپ بەزى ئۆلىمالار قورئان كەرىمنى تەرجىمە قىلىشنى توغرا تاپمىغان بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئەھلى ئۆلىمالار ئىسلام دەۋىتىنى كەڭ يېيىش، ئاللاھنىڭ دىنىنى كۆپلىگەن كىشىلەرگە تەشۋىق قىلىشنىڭ ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، قورئان كەرىمنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش جائىز دېگەن قاراشقا كەلگەن. ئەمما قورئاننىڭ تەرجىمەسىنى پەقەت قورئاننىڭ تەرجىمەسى دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئۇ قورئاننىڭ ئۆزى ئەمەس. تەرجىمە بىلەن قورئان تەڭسىز ئىككى ئوقۇم. ئولارنى تەڭداش قىلىۋېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. قورئاننى بىر تىلغا نەچچە قېتىم تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ھەم بولىۋاتقان ئىشلار. قورئاننىڭ بىر تىلدىكى تەرجىمەلەرىنىڭ بىر – بىرىدىن پەرقلىق بولۇشى شۇ تەرجىمانلارنىڭ قورئاننى چۈشىنىش نوقتىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىقا ئاساسەن بەزى پەرقلەر بولىدۇ. قورئاننىڭ ئۆزگەرمەسلىكى ئۇنىڭ ئەرەپچە لەھزىگە قارىتىلغان. ئەرەپچىدىكى بىر لىكسىكا ئۈچۈن تەرجىملەردە بەلكىم خىلمۇ – خىل لىكسىكىلار ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.
قورئان كەرىم نەچچە تىللارغا قانچە قېتىملاپ تەرجىمە قىلىندى. شۇنىڭ جۈملىسىدىن قورئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش ئىشلىرىمۇ بەس – بەستە ئېلىپ بېرىلدى. سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەندىن تارتىپ تاھازىرغىچە، قورئان كەرىمنى ئۇيغۇر تىلىغا ( ئەلۋەتتە تارىختىكى تىل نامى ئۆزگىرىشلىرىگە مۇناسىپ ئۇيغۇر تىلى دېگەن ئاتالغۇمۇ ماس ھالدا ئالماشقان.) تەرجىمە قىلىش ئىشلىرى يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە ئوتتەك دىنننىي قىزغىنلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا. تۇلۇقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، دىيارىمىزدا قورئان كەرىم تاھازىرغىچە 23قېتىم تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىسى تولۇق تەرجىمە، يەنە بەزىسى قورئان كەرىمنىڭ مەلۇم بۆلەكلىرىنىڭ تەرجىمەسىدۇر. بۇ يەنە تېخى تەپسىرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ( بۇ ھەقتە بۇلتۇر 8-ئايدا، ئىران پايتتەختى تېھرندا ئېچىلغان قورئان كەرىم تەتقىقاتى يېغىنىغا سۇنۇلغان « قورئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش تارىخى ھەققىدە تەلقىنلەر » ناملىق ماقالەمدە تەپسىلى مەلۇماتلار ۋە قوليازمىلارنىڭ ساقلىنىش ئەھۋاللىرى، ساقلانغان مۇزىيلار ھەمدە ھەربىر نۇسخا تەرجىمىنىڭ مەلۇم پارچىلىرىنىڭ ڧوتۇكوپىيەلىرى تەمىنلەنگەن.) دېمەك، قورئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنىشى يىڭى ئىش ئەمەس شۇنداقلا بىر – ئىككى قېتىملىق ئۈزۈك ئەمگەك تېخىمۇ ئەمەس. بەلكى ئۇ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە تەلەپ – ئارمانلىرىنى بويلاپ داۋاملاشقان ئۇلۇغ ئەنئەنىدۇر، مۇبارەك دىن خىزمەتلىرىدۇر.
ئۇيغۇرلارغا ئەڭ كەڭ تارقالغان تەرجىمە نۇسخىسى بولسا مۆتىۋەر ئالىمىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ زور ئىجتىھاد ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن پۈتتۈرگەن تەرجىمە نۇسخىسىدۇر. ئىلگىرىكى تەرجىمە – تەپسىرلەردىن مۇۋاپىق پايدىلانغان، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەپەككۇر لوگىكىسىغا ئۇيغۇن، تىلى راۋان ۋە ئاممىباب بۇ تەرجىمە ئۆز لايىقىدا ھۆرمەت ۋە ئالقىشقا سازاۋەر بولغان. ھەقىقەت شۇكى، بۇ تەرجىمە نۇسخا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى دىننىي ئويغۇنۇش، گۈللىنىش، ئۆز دىنىنى مەدرىس ياكى مائارىپتىن چۈشىنىش، ئۈگىنىش ئىمكانىيەتلىرى تولۇق تارتىۋېلىنغان بىر دەۋردىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن تولىمۇ مەنپەئەتلىك بولغان بىر قېتىملىق تەرجىمە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ تارىخىمىزدىن بويانقى ھەرقانداق تەرجىمە نۇسخىلىرىدىن ئەھمىيەتلىك بولغان بىر قېتىملىق تەرجىمە دەپ باھالىنىشقا ھەقلىقتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ تەرجىمە مۇھەممەد سالىھ داموللام بىر نەچچە كىتاپلارنى تەرجىمە قىلىپ ياكى تۈزۈپ، بەزى ئىجادىيەت ۋە يېزىقچىلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆز قەلىمىنى پۇشۇرغان، ئىلمىي ئىستىداتىنى  قىيامىغا يەتكۈزگەندىن كىيىن قىلىنغان بولۇپ، قورئاننى تەرجىمە قىلىش سالاھىيىتى تولۇق ھازىرلانغاندىن كىيىن قولغا ئالغان ئەمگەكتۇر.
بۇ تەرجىمە نۇسخا ئۇزۇن زامان ئىلگىرى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن يۇقىلاڭ تىراژدا بىر قېتىم بېسىلغان.  مەيلى قايسى نوقتىدىن ئېيتمايلى، نۆۋەتتىكى باسمىچىلىق، نەشىرىيات تەرەققىياتى يۈكسەك پەللىگە يەتكەن بىر دەۋردە مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈك دەستۇرى، قىبلىنامىسى بولغان قورئان كەرىمنىڭ ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ تۇنۇپ، شۇ ئىدىئولوگىيە بىلەن سالاھىيەتلەنگەن ھەربىر كىشىنىڭ قولىدا بىردىن بولۇشى ئەقەللىي تەلەپتۇر. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، ئۇ قېتىمقى تىراژنىڭ ئېھتىياجدىن تولىمۇ يېراقتا ئىكەنلىكى ئۆز- ئۆزىدىن مەلۇمدۇر. بۇ قېتىلىق باسمىدىن كىيىنكى ئەمەلىيەتمۇ بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىمقى باسمىدا تېخنىكىلىق خاتالىقلار بەكمۇ جېق ۋە ئېغىر. ھەتتا كەچۈرگۈسىز جىنايەتلەر سادىر بولغان. مىسال، بىزنىڭ ئۆيدە قورئان كەرىمنىڭ 1-باسمىسىدىن بىرسى بار. ئەمما بۇ نۇسخا باسمىدا سۈرە ئەرراھماندىن تارتىپ 570 – بەتكىچە بەت تەتۇر ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان. ھەمدە مۇشۇ سەھىپىلەردىكى ئايەتلەر تەكرار بېسىلغان. لېكىن تەكرار بېسىلغان سەھىپىلەردىكى تېگىشلىك قورئان ئايەتلىرى يوق. بەزى سۈرىلەر تەكرار بېسىلغان، يەنە بەزى سۈرىلەر پەقەتلا بېسىلمىغان. ئەلۋەتتە بۇ قېتىمقى بېسىلغان قورئاننىڭ ھەممىسى ئەمەس، مەلۇم سان نۇسخىلىرى مۇشۇنداق بېسىلغان.  دېمەك، بۇ باسما تولۇق باسما ئەمەس! ئەلۋەتتە تېخنىكىلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇنداق خاتالىقنىڭ كۆرۈلىشى مۇمكىندۇر. ئادەمنى ئويغا سالىدىغىنى، نىمىشقا خېلى – خېلى كىتاپلار جايىدا بېسىلىدۇ، ئۇلاردا بۇنداق چوڭ خاتالىقلار يۈز بەرمەيدۇ. ئەمما قورئان كەرىمگە كەلگەندە ئەجەللىك، يۈز بەرمەسلىكى كىرەك بولغان كەچۈرگۈسىز، ئاقلاپ بولغۇسىز چوڭ خاتالىق يۈز بېرىدۇ؟ كومپارتىيەنىڭ نۇرى ئاستىدا ياشاۋاتقان بولغاندىكىن، نەشرىيات ئورۇنلىرىدىكى خادىملىرىمىزنىڭ قورئاننىڭ تەرجىمە ئورىگىنالىنى تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ يۈرۈپ قىلغان تەھرىرلىكلىرىنى، ئاخشاملىقتىكى شاراپ سورۇنىدىن قايتىپ، ئەتىسى ھېچ ئىش بولمىغاندەك قورئان تەرجىمە تىكىستلىرىنى قوللىرىغا ئېلىشلىرىنىمۇ چىشىمىزنى چىشلەپ تۇرۇپ مەيلى دەيلى، ( نەشرىياتتىكىلەرنىڭ قانداقلىقىنى بىلمىگەن، ئۇلار بىلەن تۇنۇشلۇقىمىز بولمىغىنىدا ئىدى، ئۇلارغا بۇ باھانى بەرمەس ئىدۇق. نىھايەت ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى، خاراكتىرىيەت - شەخسىيىتىنى، مەپكۈرىلىرىنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ باھانى قۇرۇنماي بەردۇق.) ئەمما، كەم – زىيادە بولۇش مەسىلىسىنىڭ يۈز بېرىشىگە ئۇبدانراق دىققەت قىلىشلىرى لازىم ئىدى. تەكشۈرىدىغان ئىشلارمۇ بار ئىدىغۇ ئادەتتە. گەرچە تەرجىمە ئىخلاس بىلەن قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما باسما بىپەرۋالىق بىلەن تولۇپ كەتكەن. دۆلەتتىكى پىكىر ئەركىنلىكى سىياسىتى بۇ ھەقتە ھېچكىمنى بىر نىمە دېيىشكە قوزغىتالمىغان. بۇ تېخنىكىلىق مەسىلە دەپ قارىلىش بىلەن تۈگىتىلگەن. ئەپسۇس، بۇ توقۇلما، تەسەۋۋۇرلاردىن قۇراشتۇرۇلغان رومان ئەمەس ئىدى. شۇنداقلا ئالىملىرىمىزنىڭ ئۇ كىتاپ، بۇ ماقالىدىن ئۈزۈندىلەرنى ئېلىپ رەتلەنگەن قۇرام چاپىنى تېخىمۇ ئەمەس ئىدى. بۇ، ئاسمان – زىمىننىڭ پەرۋەردىگارى، بول دېگەن بىر سۆزى بىلەن كائىناتنى بارلىققا كەلتۈرگەن تەڭداشسىز قۇدرەت ئىگىسى، ئاشۇ باسمىخانىدا ئىشلەيدىغان، نەشرىياتتا تەھرىلىك خىزمىتى قىلىدىغان ۋە شۇنداقلا ئۇلارنى باشقۇرىدىغان ھەرقانداق باشلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىنسانلارنى پاسكىنا سۇدىن ھۆرمەتلىك، چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، يۈكسەك مەرھەمەت ئىگىسى ئۇلۇغ ئاللاھ ئەزۋە جەللەنىڭ مەرتىۋىلىك پەرىشتە جىبرائىل ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا نازىل قىلغان، ئىنسانلارنى ھىدايەت ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان مۇبارەك سۆزى ئىدى....
مۇھەممەد سالىھ داموللام قىلغان بۇ تەجىمە نۇسخا قورئاننىڭ ئەسلى تىكىستىگە سادىقلىقى، چۈشۈنىشلىك، راۋان بولۇشى قاتارلىق ئارتۇقچىلىقلرى بىلەن ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس، باشقا قېرىنداش مىللەتلەر، ھەتتا خەلقئارادىمۇ ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشتى. سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى پادىشاھ ڧەھىد قورئان كەرىم باسمىخانىسى بۇ نۇسخا تەرجىمىنى بېسىپ تارقىتىشنى قارار قىلىپ، ناھايىتى سۈپەتلىك، كۆركەم قىلىپ بېسىپ ئۇيغۇرلار ھەج قىلغۇچىلار ئۈچۈن ھەقسىز تارقىتىپ كەلمەكتە. 2012 – يىلى 9 – ئايدا، بۇ باسمىخانىنى زىيارەت قىلغىنىمدا ئۇيغۇر تەرجىمە نۇسخىدىكى قورئان كەرىمنىڭ باشقا تىلدىكى تەرجىمە نۇسخىدىكى بىلەن بىر قاتاردا تەكچىلەرگە تېزىلىپ كۆرگەزمە قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ تولىمۇ ھاياجانلانغانىدىم.
ئۆز يۇرتىدا تەپمە – تاياق بولىۋاتقان بىر تىلنىڭ ئۆزگە يۇرتتا شاھانە تەكچىلەرگە چىقىرىلغانلىقى مىنى ھەقىقەتەن سۈيۈندۈرگەنىدى. بۇ باسمىخاندىدا بېسىلغان قورئان كەرىم چىگرا تەكشۈرۈشلىرىدە بۇيۇن قىسىپ ۋە رەت قىلىنىپ دېگەندەك تۇسۇقلار سەۋەبىدىن ئانچە كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا تەگمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆمەك ھاجىلىرىنى باشقۇرۇشتىكى بىيۇكراتلىق، مەسئۇللارنىڭ رەزىللىكى، چېكىدىن ئاشقان قاتتىقلىقى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇ سۈپەتلىك باسما ئۇيغۇرلارغا يېتىپ كېلەلمەي سەئۇدى ئىچىدە ئۇقۇشنى ئىزدىگۈچىلەرنى ئىستەپ لەيلەپ يۈرگەن. پاكىت: 2012 – يىلى دىيارىمىزدىن ھەج قىلىشقا بارغان ھاجىلارغا سەئۇدىدىن ئابايى ئېلىپ كەتمەسلىك، بەش پارچىدىن ئارتۇق قورئان كەرىم ( بارلىق دىننىي كىتاپ شۇنىڭ ئىچىدە ) ئالماسلىق، قەتئىي ئۇيغۇرچە كىتاپ ئالماسلىق تەلەپ قىلىنغان. ھەمدە قايتىدىغان ۋاقىتتا يۈكلەرنى بىرمۇ بىر ئېچىپ تەكشۈرۈپ قارا رەڭلىك ھەرقانداق كىيىم، ئىسلامغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق دىننىي كىتاپلارنى مۇسادىرە قىلغان. بۇنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەنمەن. ئەمما شۇنچە قاتتىق ئۇجۇقتۇرۇشمۇ خەلقىمىزنىڭ قورئانغا بولغان تەشنالىقىنى تۇسۇپ قالالمىغان.  مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ بۇ تەرجىمە نۇسخىسى ئىچكىرىدىكى تۇڭگانلارغا باستۇرۇلۇپ دىيارىمىزدا سېتىلىپ يۈرگەن.
خۇلاسە كالام، مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ بۇ تەرجىمىسى ھەقىقەتەن ياخشى تەرجىمە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە يۈكسەك ئۇرۇنغا ئىگە بولغان. ھەتتا بەزى كىشىلىرىمىزدە بۇنى پەقەت يىگانە تەرجىمە دەپ بىلىپ، ھىسىيات ۋە ئەقىل جەھەتتىن ئىككىنجى بىر تەرجىمىنى قۇبۇل قىلالمايدىغان پىسخىكا شەكىللەنگەن. بۇنىڭدىن مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ۋە بۇ زات قىلغان تەرجىمنىڭ خەلق قەلبىدىكى نۇپۇزىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ.
كىملەرنىڭ خىيالىغا كىلىپ قالدىكى تاڭ، قورئان كەرىمنى ئۇيغۇر تىلىغا قايتا تەرجىمە قىلىش كومپارتىيەنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپكە كىرگۈزىلىپ، ئاجايىپ ئالدىراش ئەمما نىمە ئىش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان، نامى يوغان، ئەمما كۆپ كىشى تازا تۇنۇپ كەتمەيدىغان بىر نەچچە ئۆلىمائى كىراملارنىڭ ( ئۆلىمائى كىراملىرىمىز ئەمەس ) نەچچە ياماپ – يۆگەشلىرى بەدىلىگە، كۆپ مۇشاقەت ۋە مەبلەغلەر بىلەن بۇ تەرجىمىمۇ پۈتۈپ، قولدىن – قولغا ئۆتۈپ، تاسقاش، ئىلغاش ئەلگەكلىرىدىن، ئىھتىيات يۇچۇقلىرىدىن قىسىلىپ يۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن قاندۇرۇپ سۇغۇرۇلۇپ، بۇ ئارتۇقچىلىقلار ئىسىل زىننەت ۋە سۈپەتلىك ۋاراقلار بىلەن پەردازلىنىپ ئاخىرى كىتاپخانادىن ئۇرۇن ئالدى. قورئان كەرىمنىڭ تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىشى ھەقىقەتەن تىلغا ئېلىپ سۈيۈنگۈدەك بىر ئىش. ئەمما بۇ يەردە مۇنداق بىر قانچە مەسىلە بىزنى قايمۇقتۇرۇپ، بەلكى ئويغا سېلىپ باشقىچە پىكىر قىلىشقا زورلىماقتا. ھەق تۇيغۇلارنى غىدىقلاپ، بۇ ھەقتە ئىخلاسمەن ئەمما ماھىيەتتىن بىخەۋەر قالغانلار بۇرادەرلەگە چۈشەنچە بېرىشنى ئىمانى مەسئۇلىيەت قىلىپ يۈكلىمەكتە.
1.        « دىننىي ئاڭنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئىناق جەمىئىيەت بەرپا قىلىش » جېڭى ھەممە بۇلۇڭ – پۇشقاقلارنى قاپلاپ، پۈتكۈل رايۇنىمىزدا دىنغا، يەنى ئىسلام دىنىغا، يەنى كېلىپ ئۇيغۇرلارغىلا قاراتمىلىق ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىل ئىدىئولوگىيە تەشۋىقاتى پارتىيەنىڭ مۇتلەق ئاساسىي مىلودىيەسىگە ئايلانغان، ئىسلام دىنى دىننىي ئاڭنى سۇسلاشتۇرۇشتىكى سۇسلسشتۇرۇشنىڭ بىردىنبىر ئوبيېكتى قىلىنغان، ئىشقىلىپ كادىر دەپ ئېتى بار ھەرقانداق ئايال زاتىنىڭ ياغلىقى، كادىر دەپ ئاتالمىغانلارنىڭ لىچەكلىرى، ھەرقانداق ئەر زاتىنىڭ بۇرۇت – ساقاللارى دىننى بەلگە، تىرورلۇق، بۆلگۈنچىلىك دەپ قارىلىپ، ئاشكارە رەستىلەردىلا تارتىشلاپ، يۇلقۇنداپ، كۆرگەنلا يەردە ساقچىخانىغا سۇلاپ جەرىمانە ئېلىپ يۈرگەن، پۈتۈن كۈچنى مۇقۇملۇق قالپىقى ئاستىدىكى دىننىي ئاڭنى سۇسلاشتۇرۇشقا قاراتقان، بۇ ھەقتە بىرەر كىمنىڭ دىن ھەققىدە بىر ئېغىز بولسىمۇ ياخشى گەپ قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان، بەلكى بۇنداق قىلىش تىرورلۇق دەپ قارىلىپ، قاتتىق زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بىر چاغدا، قورئان كەرىمنىڭ 2 – قېتىملىق تەرجىمىسىنىڭ داغدۇغا بىلەن بازارغا سېلىنىشى كىشىدە بۇ تەرجىمىگە قارىتا گۇمان قىلدۇرىدۇ. ۋەزىيەت يۆنىلىشىدىن قارىغاندا، قورئان كەرىمنىڭ پۈتۈن تەرجىمىسى ئەمەس، بەلكى بۇ ھەقتە ئاشكارا مەتبۇئاتلاردا بىرەر ئۇچۇر بېرىشنىڭ ئۆزىمۇ ئاتلاپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ئېگىز داۋاندۇر. ھەتتا گېزىت – ژورناللاردا  ، ئىپىك ئەسەرلەردە ئاللا، ئىسلام، دۇئا دېگەندەك ئۇيغۇر تىلى لىكسىكىسىدىكى قوللىنىلىش چاستۇتىتى ئەڭ يوقىرى بولغان سۆزلەرنىمۇ  ئىشلىتىلىش قانۇنسىزلىق دەپ قارىلىپ ( خېلى زامان بۇلۇپ قالدى، زادى نىمىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ بۇ دىياردا)، چەكلىنىۋاتقان بۇ ۋاقىتتا نىمە سەۋەپتىن بۇ چوڭ ئىش ئېلىپ بېرىلىدۇ؟ يەنى كېلىپ كەڭ تەشۋىق قىلىنىدۇ؟ئاللىقاچان تەرجىمە قىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر تەرجىمە نۇسخا بار ئەھۋال ئاستىدا قەيتا تەرجىمە قىلىشنىڭ ھۆكۈمەت ئۈچۈن نىمە زۈرۈيىتى بار؟ بۇ قېتىمقى تەرجىمە كەينىگە قانداق ئۇيۇنلار يۇشۇرۇنغان؟
2.        بۇ قېتىمقى قورئان كەرىم تەرجىمىسىگە قاتناشقان بەش تەرجىماننىڭ ئىلىم مەلۇماتى نەدىن نەگىچىلىك؟بۇ قورئان كەرىم بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئەڭ نىگىزلىك بولغان بىر ئامىل. خۇجائابدۇللا ئوسمان، ئابدۇقادىر مەخسۇم، مۆھتىرەم ھاجى، ئابلىمىت داموللا ۋە شەمسىدىن ھاجىلارنىڭ دىننىي مەلۇماتى قانچىلىك؟
بۇ ئۇلۇغ تەرجىمانلار ئىچىدە دىنىي ساھەدىن چىققان ئىككىسى – مۆھتىرەم ھاجى بىلەن ئابلىمىت داموللا دىيانەت، ئىخلاس نوقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى ئىسلام دىنىنى چۈشىنىش، دىننىي مەلۇمات  قاتارلىق  نۇقۇل دىننىي بىلىم نوقتىسىدىن قورئان كەرىمنى تەرجىمە قىلىش ئىمكانىيىتىنى مەلۇم سەۋىيەدە ھازىرلىغانلار دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمما بۇ دېگەنلىك ئۇلارنىڭ دىننىي بىلىمى بەك چوڭقۇر، ئۇنىۋېرسال ساپاسى يامان يوقىرى دېگەن مەنە چىقمايدۇ. پەقەت ۋە پەقەت قورئاننى تەرجىمە قىلغۇچىلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەرنىڭ بەزىسىنى ھازىرلىغانلار دەپ قارىلىدۇ. بىرسى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە، يەنە بىرى داموللا دەپ ئاتالغان. ئىسلام دىنىنىڭ قورئان كەرىمگە تۇتقان پۇزۇتسىيەسى نوقتىسىدىن چىقىپ سۆزلىگەندە، ناۋادا قورئان كەرىم ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىقسىز قالغان، ئۇنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى دىن بىلەن مەلۇماتلاشنىڭ ھەقىقەتەن زۈرۈرىيىتى توغۇلۇپ، بۇ ئىش پەرز ئەينگە ئايلانغان، ئەمما ئۇنى قىلىدىغان بۇلاردىن باشقا لاياقەتلىك ئادەم چىقمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن بۇلارنىڭ تەرجىمە ئىشىغا تەرەددۇت قىلىشى جائىز كۆرىلىدۇ. بىرسىنىڭ ئەل – جامائەت ئىچىدە شەيتان دەپ ئاتاق ئېلىشى ( بۇنداق ئاتاققا قالغان ئۆلىما بۇ ئۇلۇغ خىزمەتنى قولغا ئېلىشقا ئەسلا لايىق ئەمەس. بۇ ئادەمنىڭ قورئاندەك مۇقەددەس كىتاپقا تەرجىمان بولىشى دىنغا بولغان بىر مەسخىرەدۇر. بۇ مەسخىرە كىمدىن كەلدى؟...بۇمۇ جاۋاپ بېرىشكە تېگىشلىك بىر مەسىلىدۇر.)، يەنە بىرسىنىڭ تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ يۈرۈشلىرى ( ئۇنى تۇنۇمىغان بولسام، باشقىلاردىن ئىشتكەن سۆزگە قاراپلا بۇ كىشىنى تاماكا چېكىدۇ دەپ يازمايتتىم.) ئۇلارنى بۇ سالاھىيەتتىنمۇ مەھرۇم قىلىدۇ.  ئەمما ئاللىقاچان تەرجىمە قىلىنىپ بولۇنغان. شۇنداقلا كەڭ خەلق ئېتراپ قىلىپ باشقا بىر تەرجىمىنى ئىھتىياج قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ ئىككەيلەننىڭ غىت قىسىپ تۇرۇپ، مۇشۇ تەرجىمىگە ئاۋاز قۇشۇشى ئاياقتىكى ئاشتەكلا ئېنىق بىر ئىشتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىدا دەپ ئۆتكەندەك بۇلار ئىلىمدە تۇشۇپ، ئۇنى ئىچىگە پاتقۇزالماي يۈرگەنلەردىن بولمىغاندىكىن، مەلۇم نوقتىدىلا سالاھىيەت ھازىرلىغان بۇلارنىڭ قەلەملىرىنى ئاستا يۇغۇشتۇرىۋېلىشى ئەڭ ئاقىلانە تاللاش ئىدى. خەير، بۇلار قەلەملىرىنى بولۇشىغا قۇيۇپ بېرىپ، خالىغانچە يايلىتىپ يۈرۈپتۇ. ئىنسان ھەر نەپسىدىن ھىساپ بەرگۈچىدۇر.
ئابدۇقادىر مەخسۇمغا كەلسەك، كاتتا جامىئەلىرىمىزنىڭ تاجى ھېيتگاھ خاتىپلىرىدىن بىرى بولمىش بۇ جانابىي زات قەشقەردە بىلىنسە قانداقكىن، ئەمما ناھايىتى ئون نەچچە مىليۇن نۇپۇسى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر دېگەن نامنىڭ مەنىسىگە لايىق ئىخچام ھالدا بىر رايۇندىلا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، ناۋادا نۇقۇل كىشى ئىسىملىرى قاتارىدىن سانالسا، چاستوتىسى خېلى يوقىرى، ئەمما ئۆلىما دەپ سانىلىش ئىمكانىيەتلىرىدىن قارىغاندا ياتلا بىر ئىسىمدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئادەم سىياسىي مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈش، باھا بېرىش، دىننىي سوتيالىزىمغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش جەھەتلەردە خېلى پىشىپ مۇتەخەسىسكە ئايلىنىپ بولغان بولغاچقا، ئۇنىڭ بۇ يەردە تەرجىمىگە قىستۇرىۋېلىنىپ، قۇر ئىگەللەپ يۈرۈشى بىھۇدىلا ئىش. يەنە كېلىپ بۇ ئادەم سۈرىلەرنى مەنسۇخ ياكى كۈچكە ئىگە قىلالايدىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولغاندىكىن بۇ تەرجىمىگە قاتناشماي، ئۆزى كۈچكە ئىگە دەپ قارىغان ئايەتلەرنى ئۆزى يالغۇز تەرجىمە قىلىپ كومپارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە سوۋغا قىلىپ شۇنىڭدىن نام – ئابروي، شۆھرەت تاپسا، بۇ تېخىمۇ كاتتا نام قازىنالايتتى. بۇ ئادەم بۇ تەرجىمىگە سەرپ قىلىنىپ ئارتۇق كېتىپ قېلىنغان. چۈنكى، ئۇنىڭدىكى ئېختىدار، قابىلىيەت، يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھات ئېڭى تېخى ئىسلام مەيدانغا كەلگەندىن بىرى ھېچبىر ئۆلىمانىڭ قولىدىن كەلگەن ئەمەس ئىدى. بەلكى ئۇلار بۇنداق قىلىشنى ئويلاپمۇ ئۆلگۈرەلمىگەن ئىدى. بۇنداق ئادەم كۆپ ئۆلىمالار قىلالىغان ھەم قىلالايدىغان قورئان تەرجىمە قىلىشتەك ئىشلارغا قول سېلىپ يۈرمەي، تېخى باشقىلار قىلالمىغان، بوز تېمىلارغا يۈزلىنىپ يىڭى بىر ئېقىم يارىتىشقا كۈچىسە، باشقا ئالىملار بىلەلمەي قالغان قايسى سۈرە ياكى ئايەتلەرنىڭ مەنسۇخ ياكى كۈچكە ئىگە ئىكلەنلىكىنى ئايرىپ بەرسە ئۆزى ئۈچۈن مەنپەئەتلىكرەك بۇلار بولغىيدى...
خۇجائابدۇللا ئوسمان بىلەن شەمسىدىن ھاجىغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى تەرجىمىگە قاتنىشىشىدا، بۇ ئىككەيلەننىڭ ئۆزلىرى بىلەن يېقىنچىلىقى يوق، ناتۇنۇش بىر تېمىغا پاتمىسىمۇ كۆتلىرىنى قىسىپ تۇرۇپ سۇقۇنۇپ كېرىۋالغانلا يېرى بار. بۇ، قورئان كەرىمنى تەرجىمە قىلىدىغان ئىش. ئۇنى كۈچۈرۈپ ياكى كۈپەيتىپ باسىدىغان ئىش ئەمەس. ياكى كومپارتىيەنىڭ تەتقىقات تېمىسىمۇ ئەمەس. نىمىلا يازسۇن، قانداقلا سۈپەتتە بولسۇن، كومپارتىيەنى تىللاپ سالمىسىلا، شارائىت يارىتىپ بەرگەن كومپارتىيگە مىڭ رەھمەت. ناۋادا كومپارتىيە بولمىغان بولسا مەن بۇ تېمىنى ئىشلەش تۈگۈل، ئانامنىڭ قۇرسىقىغىمۇ ئاپىرىدە بولالمايتتىم دەپ تەشەككۈرىنى بىلدۈرسىلا ئۆتۈپ كېتىدىغان. بۇ، مۇبارەك كالامنى تەرجىمە قىلىش ئىشى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ ئەرەپ تىلى بىلىشتۇر. بىلگەندىمۇ تازا ۋايىغا يەتكۈزۈپ، ئۇششاق تىللىرىغا قەدەر پىششىق بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسلام دىنىدىن مۇپەسسەل بىلىم قۇرۇلمىسى بولۇش كىرەكتۇر. ئەرەپ تىلىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالغانلار سوقۇنۇپ يۈرۈپ قىلىۋالىدىغان ئالۋاڭى ئەمەس! خەنزۇچىدىن ئىسلام دىنىغا ئائىت كىتاپ تەرجىمە قىلغان، ياكى مۇسۇلمان نامى بىلەن ناملانغان بىرەر ژورنالدا بىر نەچچە يىل مۇھەررىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىۋالغان ئادەملەرنىڭ ( بۇ ژونال بۆلىمىدە ئۇنىۋېرسېتېتنى كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئاتېزىملىق مەكتەپتە تىل – ئەدەبىيات كەسپىدە ئۇقۇپ چۆرگىلەپ كېلىپ دىننىي ماقالىلەرنى تەھرىرلەيدىغان مۇھەررىر، كەيىپتىن قول ئۈزەلمىگەن، خوتۇنى يالىڭاچ  باش مۇھەررىر، قىزلار بىلەن بىللە تۇرىۋاتقان مۇھەررىر،  تېخى تاھەرەت ئېلىشنى بىلمەيدىغان تۇڭگانلار دېگەندەك ھەرقاتلام كىشىلىرى بار. راستلا زامانىۋى جەمىئىيەتكە ماسلاشقان بىر ئۇرۇن بۇ!)  قورئان تەرجىمە قىلىشى ھەقىقەتەن يىڭىلىق يارىتىلغان بىر ئىشتۇر. خەنزۇچىدىن ئىسلامغا ئالاقىدار كىتاپ تەرجىمە قىلىش خەنزۇچە بىلىش بىلەن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەرەپ تىلى بىلىش بىلەن ئالاقىسى يوق. ( ئىسلام دىنى ھەققىدىكى باشلانغۇچ ساۋاتلارنىڭ بولىشى مەن ئىسلام دىنى تەتقىقاتچىسىمەن دەپ يۈرگەن ئادەمگە ئاش – ناندەك بىر ئىشتۇر.)  كەسكىنكى، بىز بۇندىن ئىلگىرى ئەرەب تىلى بىلمىگەن بىرسىنىڭ قورئان تەرجىمە قىلغىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدۇق. بۇ ھەم مۇمكىن ئەمەس ئىش ئىدى. ئەمما بىزنىڭ ئاتىلىپ قالغان، ئەمما ئۆزلىرىمۇ نىمە ئۈچۈن ئاتىلىپ قالغانلىقىنى ئېنىق ئاڭقىرالمايدىغان ئالىملىرىمىز كومپارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا ئەرەپ تىلى بىلمەي تۇرۇپمۇ قورئان كەرىمنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىۋەتكەن. بۇ ھەقىقەتەن زور ئىلگىرىلەش بولۇپ، بۇ ئىككى ئالىم باش شىتابى بىيجىڭغا تەسىس قىلىنماقچى بولغان، مەخسۇس كومپارتىيە ئۈچۈن يىڭىلىق يارىتىپ، دىنسىزلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىشتە تۆھپە كۆرسەتكەن سادىقلارغىلا بېرىلىدىغان نوبىل مۇكاپاتى كومتىتى تەرجىمە ساھەسىدىكى نوبىل مۇكاپاتىنىڭ كاندىدات ساھىبلىرىدۇر. ئۇلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، بىزلەرنى يەنە بىر قېتىم خەلقىئالەم ئالدىدا سازايى قىلىپ بەردى.
قاتتىق كەتسىمۇ دېيىش كىرەككى، بۇ ئىككى جانابنىڭ ئۆزىگە ئارتۇقچە ئىشىنىپ، قابىلىيەتلىرىگە تەمەننا قۇيۇشۇپ،ئەيمەنمەستىن ئۆزلىرىنى قورئاننى تەرجىمە قىلغانلارنىڭ قاتارىغا تېقىۋېلىپ ھاللىنىپ كېتىشلىرى « ئۆزەمنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن، ئەسكى پالازغا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن » دېگەندەك بىر رەسۋالىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماھىيىتى كاززاپلىق قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس. دىن – دىيانەتتىن چەتنىگەن بۇنداق قۇڭالتاق ئادەملەرنىڭ دىن ئىشلىرىغا قول تىقماي، ياخشىسى بۇ ئىشنى بولغىماي، خۇتۇنىنىڭ ئوچىقىغا ئوت قالاپ، بۇ ئىشتىن ئېشىنغاندا كوچا چىڭدامدۇ ياكى پوتلىسىنى ئېيتامدۇ ۋەيا كۆتىنى قىسىشنى قېرىغاندا بولسىمۇ ئۆگىنىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ ئادىمىيلىككە دىققەت بۇرامدۇ نىمە قىلسا مەيلى ئىدى دىسە...
3.        قورئان كەرىمنى تەرجىمە قىلىش ئىشى ئېغىر مەسئۇلىيەتلىك دىننى مەسئۇلىيەتتۇر. شۇنداقلا زور ئىجتىھاد تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىلمىي ئەمگەكتۇر. بۇ ئىشتا باش ئۇرۇندىكى ئۆلچەم دىيانەت مەسىلىسى بولۇپ، ئىلمىي ئىجتىھاد دىيانەتكە ياندىشىپ تورىدىغان بىر بېقىندى تۇتقىدۇر. دېمەكچىمىزكى، قورئان تەرجىمە قىلغۇچىلار ئاۋۋال دىيانەت ئۆتكىلىدىن ئۆتىشى كىرەك بولىدۇ. دىيانەتسىز ياكى دىن ئەھلى بولمىغان ئادەمنىڭ بۇ ئىشقا مەيلى قايسى نوقتىدىن بولسىمۇ قول تىقىشى يولسىزلىقتىن، قاتتىقراق دېگەندە دىنغا بولغان زىيانكەشلىكتىن باشقا ئىش ئەمەس. بىر ۋاقىتلاردا مەرھۇم باتۇر رۇزى قورئان كەرىمنىڭ خەنزۇچە شىئىرىي شەكلىدىكى تەرجىمىسىدىن بەك ئىلھاملىنىپ كېتىپ، ئۇيغۇرچىدىمۇ قاپىيە تەرجىمە بار بولۇشى كىرەك دەپ ( بۇ پىسخىكا دەل ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىدىكى خەنزۇچە ئىلمىي رامكا ئوتۇپىيەسى بولۇپ، خەنزۇچە شىئىرىي تەرجىمەنىڭ بولۇشى ھەتتا شۇنچە دەھرىيلەشكەن زىيالىلىرىمىزنىمۇ قورئاننى شىئىرىي تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئىلمىي ساھەدە خەنزۇچە بىلەن تاپ بېسىپ مېڭىشقا ئۈندىگەن.) ئويلاپ پەقەتلا  تۇرالماي قالغان ۋە بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلغان. بۇ بايقۇشمۇ ئەرەپچە بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە تەرجىمەسىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ قورئاننى شىئىرىيلەشتۈرۈپ چىقماقچى بولغان. لېكىن بۇ ئىش مۇھەممەد سالىھ داموللام باشلىق كاتتىلارنىڭ، قورئاننى شىئىرىي شەكىلدە تەرجىمە قىلىش يول قۇيۇلىدىغان ئىش. ئەمما بۇ ئىش چوقۇم دىن ئەھلىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىشى كىرەك. دىن ساھىبلىرى بولمىغانلارنىڭ بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىشى توغرا ئەمەس دەپ ئىپادە بىلدۈرۈشى بىلەن باتۇر روزىمۇ ئۆزىنى ۋاقتىدا توشاپ، بۇ ئىشىنى توختاتقان ئىكەن. ھالا بۈگۈندە، مەن دىن ساھىبىمەن دەپ داڭلانغان بىر نەچچە كىشىنىڭ تۇلۇمدىن توققان چىققاندەكلا قورئاننى تەرجىمە قىلدۇق دەپ ئوتتۇرىغا سەكرەپ چۈشۈشىشى بىزنى بۇ كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى، دىيانىتى ھەققىدە ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
توغرا، قورئان كەرىمنى تەرجىمە قىلىش ئىشى دىن – دىيانەتلىك ئۆلىمالارنىڭ يۈكسەك ئىجتىھادى بىلەن بولىدىغان بىر ئىش. دىن بىلگەن، ئەرەپچە بىلگەن ھەممىلا ئادەمنىڭ قورئاننى تەرجىمە قىلىش سالاھىيىتى بولمايدۇ. دىيانەت، ئىخلاس، تەقۋالىق ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىگەن ياكى ئۇنداق ئىززەتلەر بىلەن شەرەپلەنمىگەن، ئەكسىچە ئەلنىڭ ئېغىزىغا چىقىپ يامان ئاتىلىپ قالغان، يەنى كېلىپ بۇ ئاتاقلار بىۋاستە شۇ كىشىنىڭ دىيانىيىتى بىلەن تۇتاشقان ئەھۋال ئاستىدا، يەنىلا جاھىللىق بىلەن تەرجىمە قىلىپ ياڭزا چىقىرىپ يۈرۈش ئاشۇ كىشىلەرنىڭ نۇمۇستىن ئەيمەنمەيدىغان بىر گۇرۇپ قاششاقلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئۈستىدە جەمىئىيەتتە بولىۋاتقان گەپ – سۆزلەر ئۇلارنى ئۇرۇق – سىمىز، ئاقساق – چۇلاق دېگەندەك گەپلەر بىلەن كۇپايىلەنسە مەيلى ئىدى كاشكى. ئەمما ئۇلار ئەل تەرىپىدىن بىرسى شەيتان دەپ ناملانغان بولسا، بىرسى يۈرىكىگىچە قىزىللىققا پاتقان دەپ باھالىنىپ كەلمەكتە. يەنە بىرلىرى بىناماز دەپ تەنقىدلىنىپ كەلگەن بولسا، يەنە بىرلىرى پوشكالچى دەپ كۆرسىتىلمەكتە. بۇنداق شەرمەندە ئەھۋالدا بۇلارنىڭ قورئان كەرىم تەرجىمىسىگە ئاتلىنىشى بۇ مۇقەددەس كىتابقا قىلىنغان بىھۆرمەتلىكتۇر. يىققاندا، بۇ تەرجىمە دىن – دىيانەتتە سىناقتىن ئۆتمىگەن، ئىلمىي جەھەتتە سالاھىيەت ھازىرلانمىغان، يېشى چوڭ بولسىمۇ، ئىلمىي قۇرۇلمىسى چولتا، ئەقلى تازا پىشمىغان، ئۆزلىرى تەنتەك، نۇمۇستىن بىخەرۋەرراق، قەلبىدە كومپارتىيە رەھبەرلىكىگە بولغان يۈكسەك مىھرى – مۇھاببەت يالقۇنجاپ تۇرغان، ئالىي تەمىناتلارغا مەپتۇن بىر تۈركۈم كومپارتىيە ئەزالىرى قىلغان دىيەنەتتىن بەكرەك ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن سۇغۇرۇلغان بىر سىياسىي تەرجىمىدۇر.
4.        بۇ يەردە يەنە مۇنداق بىر زىددىيەتلىك مەسىلە بار. ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇرلاردا تىل ۋە ئەدەبىيات نوقتىسىدىن يېتىشكەن ئىلىملىكلەرنى تەكلىپ قىلىپ قورئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەكلىپ قىلىنغان. مەلۇملۇق، قورئان كەرىم تەرجىمىسى تىلشۇناسلىققا چېتىلىدىغان ساھە. بۇ ئىشنى قىلىمەن دەپ مەيدىسىگە مۇشتلىغانلاردىن ئىككى تىلغا – ئەرەپ تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق بۇلۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىككى تىلنىڭ قائىدىسىنى، لوگىكىلىق باغلىنىش ئۇسۇللىرىنى بىلمەي تۇرۇپ بۇ ئىشنى روياپقا چىقىرىش ئىمكانسىز بىر ئىشتۇر. ئەمما تەرجىمەگە قاتناشقان ئۇلۇغلىرىمىز بۇ ساھەدىكى ئەيىبىنى يېپىش، كەمتۈكلىرىنى يۇشۇرۇش، ئۆزلىرىنى تېخىمۇ ئىدىيىسى ئازاد دەپ پەردازلاش ئۈچۈن زىيالىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ئۈمەككە قورئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى تۈزىتىش ۋە كۆزدىن كەچۈرۈشكە بەرگەن. ئەڭ ئاۋۋال ئۆزلىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك، ئەمما ھازىرلىيالمىغان بۇ تەرەپنى خىجىل بولماستىن ئاشكارە قىلىۋەتكەن. بۇ ئارقىلىق ئۇلار بىز ئۇيغۇرچىنى ياخشى بىلمەيمىز. ئۇيغۇرچە سەۋىيەمىز ياخشى ئەمەس دەپ جاكار قىلغان. ئۇلار پەقەت ئانىسى – دادىسى ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن  ئۇيغۇرچە تىلى چىقاپ قالغان كىشى مىسالى بولۇپ، تەرجىمان دەپ سالاھىيەتلىنىش شەرتى ھازىرلانمىغان بايقۇشلاردۇر. بۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا بولغان  ھۆرمەتسىزلىكى ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسىدۇر. بۇ تەرجىمانلار يا دىيانەت ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ دىنغا ھۆرمەت قىلمىغان، يا ئەرەب تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ قورئان كەرىمگە ئىھتىرام كۆرسەتمىگەن، ۋەشۇنداقلا ئۆز ئانا تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ ئۆز خەلقىگە ئىززەت قىلمىغان بىر تۈركۈم تەرسا جاھىللاردىن ئىبارەت. ناۋادا تەرجىمىنى تىل نوقتىسىدىن تەستىقلاش دىن ئەھلىلىرىنىڭ قوللىرىغا تاپشۇرۇلغىنىدا ئىدى، بۇنىڭغىمۇ مەيلى دەر ئىدۇق. ئەمما تاپشۇرۇلغىنى كىملەر؟ بۇ مەسىلىمۇ بىزنى ئويلاندۇرۇلىشى كىرەك. ھەجىم ئېتىبارى بىلەن بۇ يەردە ئارسلان مۇئەللىم بىلەن ئابدۇقادىر جالالىدىن ئىككىسى توغرىسىدا گەپ قىلاي، بۇلار تېخى تەكشۈرگۈچىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىلاردىن سانىلىدۇ. بۇ ئىككەيلەننىڭ ئەھۋالىنى بىلسەك باشقىلارنىڭ ھالىنىڭ نەدىن نەگىچىلىكى دەرھال ئايان بولىدۇ. چۈنكى، باشقىلاردىن دىن - دىيانەت جەھەتتە (  ناۋادا بار دەپ قارالغاندا ) بۇ ئىككىسى بىر قەدەم ئالدىدا تورىدۇ.
ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدە زىيالى ھەققىدە گەپ بولۇنسا، سورۇنغا چۈشۈپ ئاتىلىپ قالغان زىيالىلارنى ھىسىيات نوقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ ھەممە جەھەتتىن يۈكسەك، تاكامول دەپ قاراش ئېغىر بىر كەيپىياتتۇر. ئۇلار ھەققىدە بەزى ئەمەسرەك گەپلەرنى ياكى ئۇلاردىكى بىرەر رىئال ، ئۆزلىرىمۇ ئېتراپ قىلىدىغان كەمتۈكلۈكنى بىزدىكى ھىسىيات كۆتۈرەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭمۇ بىر ئىنسان ئىكەنلىكى، ئارتۇقچىلىق بولۇش بىلەن بىللە يەنە يېتەرسىزلىكلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئېتراپ قىلغىلى، كۆرۈپ يەتكىلى ئۇنىمايمىز. زىيالىلارنىڭ دىن تەرىپى بۇ نوقتىدا ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. مەيلى قانچىلىك ھىسىياتلىنايلى ۋەياكى ئاقلايلى، ۋەيا قايسى تەرەپتىن بولسىمۇ باھانە - سەۋەب ئېزدەيلى زور كۆپ سانلىق زىيالىرىمىزدىكى ئەلمانىزىملىق -  دەھرىيلىك يۇشۇرغىلى بولمايدىغان پاكىتتۇر. بۇنى زىيالىلارنىڭ ئۆزىمۇ ئېتراپ قىلىدۇ. دەھرىلىك دېگەندە ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، دەھرى بىلەن دەھرىلىكنىڭ ۋەزنىدە پەرق بار. بۇ يەردە ئۇلاردىكى پاسىقلىق خاھىشى كۆزدە تۇتىلىدۇ. پاسىقلىق دېمەك گۇناھ دېمەكتۇر. بۇ بەزىدە سىكۇليارىزىم دېگەن يۇچۇن ئاتالغۇ بىلەنمۇ ئېلىنىۋاتىدۇ مەتبۇئاتلاردا. ئەمما دېمەكچىمىزكى، زىيالى بولسىمۇ ياخشى. ئۇيغۇر ئۈچۈن ئازدۇر – كۆپتۇر خىزمەت قىلىپ، ئىلمىي ساھەدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ھەرھالدا مىللەت ئۈچۈن بىر ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدۇ. ( ھېچبولمىغاندا ئولار ئۆزلىرىنى شۇنداق قىلدۇق دەپ ئويلايدۇ.) ئەمما ئۇلارنىڭ دىندىن خالىيلىقىى بۇمۇ بىر پاكىت. ئۇلارنىڭ ئىلمىي تۆھپىلىرى ئۆزلىرىدىكى ئەلمانيلىقىغا مەلھەم بولالمايدۇ. ئۇلارمۇ ھەم ئەلمانىلىقلىرىنى ئىلمىي تۆھپىلىرى ئارقىلىق يېپىپ كېتەلمەيدۇ. ئىلمىي تۆھپە ۋە ئەلمانىزىملىق ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم. دىندار بولۇپ تۇرۇپمۇ ئىلمىي نەتىجە ياراتقىلى، ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ. يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەلمانىي تۇرۇپمۇ ئەل – يۇرت ئۈچۈن ھېچ قىلىپ بېرەلمەي، مىللەتكە يۈك بولۇپ يۈرۈيدىغانلارمۇ خېلى بار. ئۇلاردىكى ئەلمانىيلىق سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ئىلمىي تۆھپىلىرىنى ئىنكار قىلىشقا، ئۇنىڭغا كۆز يۇمۇشقا، ۋەشۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىلمىي تۆھپىلىرىنى پەش قىلىپ ئۇلاردىكى ئەلمانىيلىقنى يېپىشقا، ھەدەپ قارىغۇلارچە ئۇلارغا چاپان يېپىشنىڭ ھېچقانداق بىر ئورنى يوقتۇر. بۇ نۆۋەتتە بىر زۈرۈرىيەتسىز مەسىلىدۇر. بارى بار، يوقى يوق. بۇنىڭدىن باشقىسى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈشنىڭ باشقىچە ۋارىيانتى.
ئارسلان ئابدۇللا مۇئەللىم ئىلمىي قابىلىيىتى ھەقىقەتەن يوقىرى، تالانتلىق بىر مۇئەللىم. مەن ماگىستىرلىق ۋاقتتىمدا ئۇنىڭ دەرەسلىرىنى ئاڭلىغان ھەم ئارىلىشىپمۇ ئۆتكەن. دەرسلەرنى شۇنداق پىچەت سۆزلەيدۇ، رەھبەرلىك ئېقتىدارىغىمۇ گەپ كەتمەيدۇ. بۇ رىئاللىق. ئەمما بۇ مۇئەللىم يەنە شاراپ مەستانىسى. ئۇ ھېچقاچان ئۆزىنىڭ ھاراق ئېچكەنلىكىنى يۇشۇرۇپ باققان ئەمەس. سىنىپلاردىمۇ تۈنۈگۈن كەچتە ھەجەپ ئىچتۇق دېگەندەك گەپلەرنى ئۇدۇللا دەۋىرىدۇ. ئاخشىمى ئىچكەن ھاراقنىڭ كاساپىتىدىن ئەتىسى سىنىپتا كۆزلىرى قان قۇيقاندەك قىزىرىپ كېتىشىمۇ بۇ مۇئەللىم ئۈچۈن نۇرمال ئەھۋال. بۇمۇ ئىنكارسىز پاكىت.بۇ مۇئەللىمدە ئىلمىي ئېقتىدارمۇ بار، ئەلمانىيلىقمۇ يەتكۈچە بار.
ئابدۇقادىر مۇئەللىمنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى ھەممىگە ئايان. ئۇنىڭ پىكىر، نۇتۇق جەھەتتىكى تالانتىغىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلار قايىل. گەپ – سۆزلىرى بەكمۇ مەزمۇنلۇق، ئادەمنى جەلىپ قىلىدۇ. دەرس ئۆتۈش ئۇسلۇبىمۇ بەك ئۈنۈملۈك. ئۇ، مەن دەرسلىرىدىن كۆپ نەپ ئالغان مۇئەللىملەرنىڭ بىرى. ئەمما بۇ مۇئەللىمنىڭ تەرجىمىھالىدا دېيىلگەندەك موللا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان دېگەندىن باشقا دىن بىلەن بەك بىر چېتىشلىقىمۇ يوق. بار دېيىلگەن تەقدىردە ئۇنىڭ بىر نەچچە دىندار زىيالىلار بىلەن باردى – كەلدىسى بار. گەرچە ھاراق مەستانىسى، چوڭ كەيىپدار دەپ داڭلانمىغان بىلەن، بۇ مۇئەللىمدىمۇ ئەلمانىيلىق خاھىشى يەتكۈچە بار. بۇنى شۇ مۇئەللىم ئۆزىمۇ ئېتراپ قىلىدۇ...
قورئان كەرىمنىڭ تەرجىمسىگە قاتناشقۇچىلار ۋە تىل نوقتىسىدىن تەكشۈرگۈچىلەر دېگەن قۇرلاردا يوقىرىقى ئىسىملارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئاجايىپ بولۇپ قالدى. قاتتىق بىر خورلۇق ۋە مۇقەددىساتلارغا قىلىنغان بىھۆرمەتلىك ئىسكەنجىسىدە تولغۇنۇپ كەتتىم. ھاراق سورۇنىدىن قايتىپ كېلىپ مۇقەددەس راۋاقلارنى سىزىپ يۈرگەنمىدۇ؟؟؟ بىر قولىدا تاماكا، يەن بىر قولىدا قەلەم ئوينىتىپ يۈرۈپ، تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنى تەكشۈرگەندەك جىجىلاپ يۈرگەنمىدۇ مۇبارەك لەھزىلەر پۈتۈلگەن سەھىپىلەرگە؟؟؟باشقىلاردىن كۆرىۋاتقان خورلۇق – سىتەملەر يەتمىگەندەك، ئۆز ئارىمىزدىن چىقىپ مۇقەددىساتلىرىمىزنى پايخان قىلىش نىمە كۈن بىزگە!!! « ئۇنى پەقەت پاك كىشىلەرلا تۇتىدۇ.» دەپ ئېقىن ئېيتقانىدىغۇ ئاللاھ. بۇلارغا بولغان يەنە بىر نارازىلىقىم، نىمىشقا ھەممە ئىشقا چات كېرىپ يۈرىدۇ؟مەدەنىيەت دېسىمۇ مەن شۇ دەپ، تىل دېسىمۇ مەن بار دەپ، ئەدەبىيات دېسىمۇ مېنىڭكى دەپ. ئۆتۈپ – تېشىپ دىن، يەنى كېلىپ چاقچاق قىلىشقا بولمايدىغان، ئىخلاستىن باشقىنى كۆتۈرمەيدىغان قورئان كەرىم دېسىمۇ مەن دەپ يۈرمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى ئازمىدى. بىرلىرى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەتتە ئىشخانا مۇدىرلىقىغا ئۆستى. يەنە بىرسىمۇ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى دېگەن قالپاققا ئېرىشتى. مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ يېتەرلىك ئىدىغۇ ئۇلارغا. قورئاندىن ھېچقانچە نەرسە بىلمەيدىغان، ئىسلام دىيانەتىدىن سۆز ئېچىشقا بولمايدىغان شەخىسلەرنىڭ قورئان تەرجىمىسىنى بېكىتىش ئالۋىڭىغا كېرىشكىنى نىمىسى؟ بۇ كاتتىلىرىمىز نىمىشقا ئۆزىنىڭ چاممىسى يەتمەيدىغان، بىلىش دائىرىسىنىڭ، تەتقىقات چەمبىرىكىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارغا چات كېرىپ، مازلىشىپ يۈرۈيدۇ؟بۇ، بىر تەرەپتىن ئولاردىكى چېكىدىن ئاشقان مەمەدانلىق، تەكەببۇرلۇق، ساختا شۆھرەت تاماسىنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بولسا، يەن بىر تەرەپتىن، كەڭ ئامما تەرەپتىن ( ئەلۋەتتە بۇلارنى بىلىدىغان ئامما تەرەپتىن بولىدۇ. ئۇلارنى ھېلىھەم نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ بىلمەيدىغانلىقىمۇ بىر رىئاللىقتۇر.) بۇلارنى ھەممىگە قادىر ئەۋلىيا ئەزەم دەپ كۆككە ئۇچۇرۇش، ئۇلارغا ھەممە ئېقتىدارنى يۈكلەپ، ئۇلارنى ئىگىز تەكچىلەرگە چىقىرىپ قويغانلىقىدىندۇر. ئەسلى بۇلار ئۆزلىرىنى سەل چاغلىشى، دائىرىسىدىن ھالقىغان ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىشى كىرەك ئىدى. چۈنكى ئۇلار قورئان تەرجىمىسىگە قاتناشمىسىمۇ ئىشسىز قالمايتتى. لېكىن ئۇلار بۇنداق قىلمىدى. ناۋادا بۇلار ئۆزلىرىنى چاغلىيالماي قالغاندا ( ئەمەلىيەتتە شۇنداق بولدى!) كەڭ جامائەتچىلىك ئۇلارغا ئازراق يۈگەن سېلىپ پەسكويغا چۈشۈرۈپ قويسىمۇ تامامەن بولاتتى. ئەمما جامائەت پىكىرى بۇنىمۇ قىلمىدى. بەلكى ئۇلار شۇ توپ بەخىش ئەتكەن مۇكەممەلىكلەردىن مەستخۇش بولۇپ خۇدىنى يوقىتىپ ئۆزىنى بىلمەيلا بۇ قاينامغا سەكرەپ سالدى. مانا بۇ زىيالى ئاتالغان كاتتىلاردا ساقلانغان ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقتۇر. ئۆز ئورنىنى ئۆزى دەڭسىمەي، ئۆزىنى باشقىلارنىڭ دەڭسەپ قويىشىغا تارتقۇزۇپ قۇيۇش نۆۋەتتە زىيالى ئاتالغانلار ئىسلاھ قىلمىسا بولمايدىغان بىر نوقتىدۇر. ئارسلان مۇئەللىم ۋە ئابدۇقادىر مۇئەللىم بۇ ھالدا ئىكەنيۇ، ئۇنىڭدىن باشقا تىل نوقتىسىدىن تەكشۈرۈشكە قاتناشقان شايكىلارغا باھا بېرىپ سىياھنى ئىسراپ قىلىشنىڭ مەنچە ھېچبىر زۈرۈرىيىتى بولمىسا كىرەك. تەنتەكلىكىدىن بەكرەك زالالىتى ئۈستۈن كەلگەن بۇ بىچارىلەر ئۆزلىرىنىڭ نىمە ئىشقا تۇتۇش قىلغانلىقىنى ئويلىمايلا مۇبارەك كىتاپلارغا چېقىلىپ قويغان. ئۇلارنىڭ ھىسابى ئاللاھقا قالدۇرۇلغاندۇر. تەۋسىيەيىمىز، بۇ زىيالى ئاتالغان ئەلمانىيلەر ئۆز خاتالىقىغا ۋە بۇندىن بۇرۇن ۋە بۇندىن كىيىن نىمە ئىش قىلغانلىقىغا ئەمەس، شۇنداقلا بۇ ئىشقا ئۆزلىرىنىڭ سالاھىيىتى بار- يوقمۇ دېگەنگە ئەمەس، پەقەت ۋە پەقەت قورئان كەرىم تەرجىمىسىنى بېكىتىشكە قاتناشقانلىقىغا بولسىمۇ بىر پىكىر يۈرگۈزۈپ باقسا. بەلكىم مۇشۇ بىر نوقتىلا ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ خېلى ئىشلاردا سالاھىيەتسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرسا ئەجەپ ئەمەس.
5. بۇ قېتىمقى تەرجىمىنىڭ تەرجىمە سۈپىتىدىن قارىغاندا كەسكىن دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ بىر لايەتسىز، سۈپەتسىز تەرجىمە. بۇ تەرجىمىنى ئوقۇپ باققانلار ھىس قىلغاندۇر بەلكىم، قەدەمدە بىر ئۇچراۋاتقان مەنتىقىسىزلىكلەر، ئۇقۇم جەھەتتىكى ئېلىشاڭغۇلۇقلار، جۈملىلەرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇلىشىدىكى لوگىكىسىزلىقلار، مەنە جەھەتتىكى ئېلىشتۈرىۋېتىشلەر، ئۇيغۇر تىلى تەپەككۇر شەكلىگە بولغان زىتلىقلار، ئەسلى تېكىستتىن چەتنەشلەر، يالماپ – تۆشەپ قىلىنغان ئىخچاملىۋېتىشلار، ئەرەپچە لەھزى بىلەن ئۇدۇل كەلمەسلىكلەر، سۆز ئىشلىتىش جەھەتتىكى جايىغا چۈشمىگەن لىكسىكىلار،....ھاي، ھاي، قايسى بىرىنى دەپ بۇلاي؟ ناۋادا بۇ تەرجىمە شۇنچە كاتتا كومپارتىيە رەھبەرلىك قىلغان، مىليونلىغان مۇسۇلماننى ئېغزىغا قارىتىپ يۈرگەن ئىسلام جەمىيىتى ئۇرۇنلاشتۇرغان، كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە كاتتا ئاتالغان ئالىم – ئۆلىمالار تەرجىمە قىلغان، ئۇيغۇرغا تەۋە موللا – كىراملار تەكشۈرۈپ ئەلگەك سالغان، ئەڭ داڭدار ئۇيغۇر تىلى مۇتەخسىسلىرى تىل تەكشۈرۈشىنى قىلغان، كوللىكتىپ بىر جامائەنىڭ ئەمگىكى بولماي، بۇلار ئىچىدىكى بىرەر شەخىسنىڭ يەككە ئىشى بولۇپ قالغان بولسا بۇ تەرجىمە ئەينى دەۋردىكى ئەرەپ مۇشرىكلىرىنىڭ قورئانغا قارشى ئېيتقان « پىل، پىل دېگەن نىمە؟ پىل دېگەن تۇمشۇقى ئۇزۇن، قۇيرۇقى قىسقا بىر نىمە » دېگەندەكلا بىر تەرجىمە بولۇپ قالارمىدىكىن تاڭ.
تېخى تەپتارتماستىن كىرىش سۆز قىسمىدىلا بۇ تەرجىمە قىرىنداش مىللەتلەرنىڭ تەرجىمە نۇسخىلىرىدىن، خەنزۇچە، ئىېنگىلىزچە نۇسخىلىرىدىنمۇ پايدىلىنىپ تۇرۇپ قىلىندى دەپ قىپقىزىل يالغاننىلا ئېيتىپ تاشلاپتۇ. خەنزۇچىدىن پايدىلىنىلدى دەپ ماختالغان بولسا بەلكىم شۇنداقتۇر دەپ ئىشىنەر ئىدۇق. چۈنكى جانابىي تەرجىمانلار ئىچىدە خەنچىگە بولجۇڭ گۆشىگىچىلىك چىلاشقان بىر ئىككى كاتتىلار بار ئىكەن. گەرچە ئۆزبىك، قازاق، قىزغىز تىللىرى ئۇيغۇر تىلىغا يېقىن، بىر مەنبەلىك تىللار بولسىمۇ، لېكىن بۇ تىللاردىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك سۇنئىي تەرەققياتلار، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ھاڭنىڭ بارغانسىرى يىراقلىشىشى سەۋەبلىك، بۇ قېرىنداش تىللار ئارىسىدا مۇنداقلا ئۇقۇپ قويسىلا ئۆگىنىپ ئالىدىغان ئىش كەلمەسكە كەتكىلى خېلى بولغان بولۇپ، بۇ تىللارنىڭ بىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈنمۇ خېلى ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قورئان كەرىم تەرجىمىسى تىلنىڭ ئەڭ يۈكسەك بالاغىتىنى سىنايدىغان بىر ئۆتكەل بولغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ تەرجىمانلىرىمىزنىڭ بۇ قېرىنداش تىللار ھەققىدىكى مەلۇماتى بۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى نول قىلىپ تۇرۇپتۇ. ئېنگىلىزچەدىن پايدىلىنىلدى دېگەنگە كەلسەك، مۆھتىرەم ھاجى يەسلى سەۋىيەدە بىلىدۇ بۇ تىلنى. باشقىلار بەلكىم دۇنيادا ئىنگىلىز تىلى دەپ بىر تىلنىڭ بارلىقىنى بىلەر. ئەمما بۇ تىلدىن خەۋەرسىز. ئەھۋال شۇ ئىكەن، بۇلار قانداقمۇ ئېنگىلىزچىدىن پايدىلىنالايدۇ. ئۇنڭى ئۈستىگە قورئان كەرىمنىڭ ئېنگلىزچە ھەرقايسى تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ تىلى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، مانا ئامىرىكىدىكى مەنمۇ لوغەت ئەكىلىپ قۇيۇپ ئولتۇرۇپ ئوقۇيمەن بۇ تىلدىكى تەرجىمىسىنى. دېمەك، بۇ باياندىكى خەنچىدىن دېگەندىن باشقا مەزمۇنلار ئۇچۇقلا يالغان. يالغانچىلىقنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكۈمىنى بۇ يەردە دەپ يۈرمىسەكمۇ ھەممىمىز ئۇبدان بىلىمىز. يالغانچىلىق ئەتراپىمىزدا ئاش – نانغا ئوخشاش كەڭرى بولۇپ كەتكەن بىلەن، ئىسلام  دىنىنىڭ يالغانچىلىققا بەرگەن ھۆكۈمى كۈچتىن قالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پالان، پالان تىللاردىن پايدىلاندۇق يالغاننى سۆزلەشنىڭ ھېچبىر ئورنىمۇ يوق بۇ يەردە. چۈنكى، مەيلى سىز دۇنيادىكى بارلىق تىللاردىن پايدىلىنىڭ، بىزگە كىرىكى، قورئان ئايەتلىرىنى  ئۇيغۇر تىلىغا راۋان قىلىپ ئۆرۈپ بېرىشتۇر. ئېيتىشنىڭ ھېچ زۈرۈرىيىتى يوق بىر يالغان ئېيتىلغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا، بۇ تەرجىمە جەريانى يالغانچىلىق بىلەن تۇشۇپلا كەتكەن ئوخشايدۇ...
ئەمەلىيەتتە بۇ قېتىمقى تەرجىمە قىلىنغان تەرجىمە ئەمەس. بەلكى ئۇ 2- قېتىملىق ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن زورلاپ يۈرۈپ ئالدىنقى تەرجىمنىڭ لىكسىكىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئويۇن ئويناش، مەنىداش سۆزلەرنى  ئالماشتۇرۇش، جۈملىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، گېزى كەلسە كەسلىۋېتىش، يوقىرىقىنىڭ كۆرسەتمىسى بار جايلارنىلا ئاشۇلارنىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن قىلىپ سېلىقلاشتۇرۇپ، پىرىسلاپ بەرگەن بىر تەرجىمىدۇر. بۇنىڭدا ھېچبىر يىڭىلىق، ئىجادىلىق يوق. بۇنى ئىككى خىل تەرجىمىنى ئوقۇپ باققان ئادەم ئاسانلا ھىس قىلىپ يېتەلەيدۇ. ناۋادا بۇنى زادى تەرجىمە دېمىسەك بولمايدۇ دېيىشكە توغرا كەلسە، بۇ پەقەت بىر قېتىملىق ئالدىنقى تەرجىمىگە ئاساسەن قىلىنغان يامالغان تەرجىمەدۇر خالاس.
5.        قورئان كەرىمنىڭ بۇ قېتىمقى تەرجىمە نۇسخىسى ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك تىز سېتىلدى. بۇ، ئۇيغۇرلار جەمىئىيىتىدە نەچچە ۋاقىتتىن بىرى داۋاملىشىۋاتقان دىننىي ماتىرىيال قەھەتچىلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇچۇن بىر ئەھۋالدۇر. ئون نەچچە مىليون موسۇلمان نوپۇسى تۇرۇپ، ئالتە – يەتتە نەشىرىيات ئورگانلىرى بار تۇرۇپ چىقارغان دىنغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى سانىساق ناھايىتى ئونلا بارماقلارىمىزمۇ ئېشىپ قالىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ خەلق نەشرىياتى دەپ ئاتالغان بىر ئورۇننىڭ نەشىر قىلغان ئىسلام دىنىغا ئائىت تۇنجى كىتابى. ( بۇ نەشرىياتنىڭ بۇرۇنلاردا ئىسلام نامى بىلەن ئاتالغان ياكى دىنغا چېتىشلىقى بار بىر نەچچە پارچە كىتاپ چىقارغانلىقى راست. ئەمما بۇ كىتابلار نۇقۇل دىنىي كىتاپ بولماستىن ياكى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن يېزىلغان كىتابلار بولماستىن، دىن تەتقىقات كاتىگورىيەسىدىكى ئەسەرلەر بولۇپ، خەلقىنىڭ دىننىي ئىھتىياجىدىن زىيادە يېراقلاشقان ياكى ئەسلى مەنبەلىك ئىسلامىي ئەسەرلەر ئەمەس!) بۇ نوقتىنىڭ ئۆزىلا مۇسۇلمانلارنى بۇ قېتىمقى تەرجىمەنىڭ نىمە ئۈچۈنلىكىنى ئاڭقىرىۋېلىشىغا، شۇنىڭدەك خەلق نەشرىياتى دەپ ئاتالغان بۇ ئۇرۇننىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېھتىياجى – دىننىي ئېھتىياجى ئۈچۈن ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئىش قىلىپ بەرمىگەنلىكىگە، ئۇ ئورۇننىڭ قايسى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنىمۇ چۈشىنىۋېلىشقا چوڭ ياردەم بېرىدۇ. ئۇيانغا بېرىپ، بۇ يانغا بېرىپ بۇ قېتىمقى تەرجىمەدىن پايدا ئالىدىغان تەرەپ خەلقنىڭ ئېتىقادى ئۈچۈن ھېچنىمە قىلىپ بىرەلمىگەن، شۇ ھالىغا باقماي يەنە خەلق نەشرىياتى دەپ ئاتالغان نەشرىيات ئورنى بولىدىغان ئوخشايدۇ. كىشىلەرنىڭ قورئان كەرىم تەرجىمەسىنى ئۆچىرەت ساقلاپ سېتىۋېلىشلىرى، قاتتىق تالاش – تارتىشتا قالغانلىقىدەك مەزىرىلەر، ئاسمان پەلەك باھا بۇ سۆزىمىزنى ئىسپاتلىسا كىرەك.
يۈز بەرگەن ئەھۋاللاردا قارىغاندا، كىتاپخانا خىزمەتچىلىرى كىشلەرنىڭ بۇنداق قىزغىنلىق بىلەن تالىشىپ تۇرۇپ كىتاپ سېتىۋېلىنغان ھالەتنى ئەسلا كۆرۈپ باقمەپتىكەنمىش. ئۇلار قورئان كەرىم تەرجىمەسى بازارغا سېلىنغاندىن كىيىن ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولۇپ، يېتىشەلمەيلا قالغان. ھەتتا خوتەن ۋىلايەتلىك كىتاپخانىدىكى نۇمۇسسىز گەدەنكەشلەر ئامباردا قورئان كەرىم بار، ئەمما ئەكىلىدىغان ماشىنا يوق دەپ قورئان كەرىم تەرجىمەسىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەرنىڭ باشقا كۈنى كېلىشنى، ناۋادا ماشىناسىنى چىقارغۇچىلار بولسا ئامبارغا بېرىپ ئېكىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بۇ پەسەندىلەرنىڭ خاراكتىرىدىكى رەزگەىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ماشىنا يوق! بۇمۇ باھانىمۇ ئەمدى ھە؟
خەلق نەشرىياتىنىڭ بۇ قېتىمقى قورئان كەرىم تەرجىمەسىنىڭ باھا مەسىلىسى چۈشەندۈرۈش بېرىش ئېھتىياجلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى. مىڭ سوم دەپ يېزىلىپتۇ باھا. 380 سوملىقىمۇ باركەن. ناۋادا پۇل بىلەن ئۆلچەشكە توغرا كەلسە، قورئان كەرىم بىباھادۇر. ئۇنى خەلق پۇلى بىلەن ئەمەس، دوللار بىلەنمۇ قىممەتىنى ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. دېمەك، ئۇنى قىممەت باھادا سېتىش قانداقتۇر قورئان كەرىمنىڭ كۇرسىنى يوقىرى كۆتۈرگەنلىك ئەمەس. قورئاننىڭ قىممىتى ۋە ئۇنىڭ باسمىنىڭ باھاسى ئىككى ئوقۇم. ئارىلاشتۇرىۋېتىشكە ئەسلا بولمايدۇ. ناۋادا بۇ ئىككى ئوقۇم ئارىلىشىپ كەتسە، قورئان كەرىمنى پۇل بىلەن ئۆلچەش خاتالىقى يۈز بېرىدۇ. شۇڭا بۇ يەردىكى باھانىڭ قىممەتلىكى ئۇنىڭ باسمىسىغا قارىتىلغان بولىدۇ. بۇ نەشرىيات ئەزەلدىنلا كىتابلىرىنىڭ قىممەتلىكى بىلەن ( ئۇيغۇرچە كىتابلىرىنىڭ شۇنداق. ئەمما خەنچە، قازاقچە كىتابلارنىڭ باھاسى يەنىلا مۇۋاپىق. ئۇيغۇرچە بىلەن بۇ يېزىقتىكى كىتابلارنىڭ باھا پەرقى خېلىلا زور. دىققەت قىلىپ بېقىڭلار، بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟) خاراكتىرلەنگەن. شۇنداق بولسىمۇ بۇ قېتىقمى قورئان كەرىم تەرجىمەسى يۈزلىنىدىغان ئوبيىكتلىرى ۋە تىراژىنى كۆزدە تۇتقاندا، باھانى بىر ئاز تۈۋەنرەك قويغان بولسا ئاقىلانىلىك بولاتتى. بۇ كەڭ خەلققە يۈزلەنگەن بىر كىتاب. سىلەر، بىزلەرگە ھېچقانچە بىلىنمىگىنى بىلەن، مۇقىم مۇئاش كىرىمى يوق، تېرىكچىلىكى ئىشلەشكىلا قاراشلىق كىشىلەرگە نىسبەتەن خېلىلا ئۆرە باھا بۇ. بۇنى مائاشلىقلار، ھۆكۈمەت خاتىرىسىگە ئېلىنىشىپ قالغانلارنىڭ تۈركۈملەپ تۇرۇپ كۆپلەپ سېتىۋېلىشى ناتايىن. پەقەت مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار تەتقىقاتچىلار، شۇنداقلا ئاز بىر قىسىم زىيالىلار ئاندا – ساندا سېتىۋالمىسا كۆپ سانلىق بۇ قاتلام كىشىلىرىمىز بۇنى سېتىۋالمايدۇ. رىئاللىىقمۇ بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بۇنى سېتىۋالىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىىسى يەنىلا كەڭ ئاۋامدۇر. بۇ باھا مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە يوقىرى بىىلىنمىگەن بىلەن، قانچە ئۇيغۇرلار كۆپلەپ ئولتۇراقلاشقان  جايلارغا بارغانسىرى بۇ باھانىڭ ئۆرە بىلىنىش كوئىڧىسنتى يوقىرىلاپ ماڭىدۇ. خوتەن، قەشقەردىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ باھانى كۆرۈپ ئەيمىنىپلا كەتكىنى، ئېزتىراپ ئىچىدە ئاھ ئۇرغانلىقى بۇنىڭ پاكىتىدۇر. بىز بۇ تەرجىمەنى خەقنى چۆمچەيتىش ئۈچۈن باسمىغاندىكىن، سەل مۇۋاپىقراق باھادا چىقارساق، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن بولمايمىزمۇ؟( ئەمەلىيەتتە بۇ گەپنى دېگەننىڭغۇ بۇلارغا قىلچە پايدىسى يوق. چۈنكى، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش دېگىنى ئەمەلىيەتتە خەلقنى تار يەردە تېخىمۇ قىستاپ، ۋايىغا يەتكۈزۈپ قاختا – سوختا قىلىش، خەلق دېگەننى باشقىلارغا تىكىلپ قارىيالمايدىغان، دەردىنى سىرتىغا ئەسلا چىقىرالمايدىغان قىلىپ قۇيۇش دېگەنننىڭ جوڭگۇچە چۈشەندۈرۈلىشىدۇر. ئەمما بىزدىكى ۋىجدانى مەسئۇلىيەت بۇنى دېيىشكە ئۈندەيدۇ.) ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتىكى كىتابلارغا قارىغاندا مۇتلەق كۆپ تىراژدا بېسىلغان بۇ نۇسخا تەرجىمەنىڭ باھاسى بارغانسىرى تۈۋەن بولۇشى كىرەك ئىدى. تىراژ قانچە كۆپ بولسا، باسمىنىڭ باھاسىنىڭ قەغەز تەننەرخىگە يېقىنلايدىغانلىقى ئېنىق بىر ئىشقۇ. توغرا، بۇ باسما نۇسخا رەڭلىك قىلىپ، نەقىشلىنىپ، كۆركەم چىقىرىلغانمۇ دەيلى، ئەمما ئۇ شۇنچىۋىلا باھا قويۇشنىڭ نىمە ئاساسى بار؟ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇنىڭغا مىڭ سومغا بارابەر قىممەتتە نەقىش ئىشلىمىگەندۇ؟ سەئۇدى ئەرەبىستان ئىستىمال سەۋىيە جەھەتتە بىزدىن خېلىلا يوقىرى تورىدىغان، ھەشەم جەھەتتە بىز قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدىغان ھالدىكى بىر دۆلەت. ئەمما ئاشۇ دۆلەتتىكى باھا بىزدىكى باھادىن خېلىلا تۈۋەن. سەئۇدىدا ئۆزۈم كۆرگەن بىر نۇسخىنى مىسال قىلاي: بۇ نۇسخا دىيارىمىزدا بېسىلغان نۇسخىدىن خېلىلا كۆركەم، باسما سۈپىتى جەھەتتىمۇ بىزدە بېسىلغىنىدىن كۆپ ياخشى. ھەتتە سەھىپىلەردىكى ئايەتلەر ئالتۇن سۈيي ئارىلاشتۇرۇلۇپ بېسىلغان. بازارغا يۈزلەنگەن،  ڧورمات جەھەتتە بىزدىكى مىڭ سوملۇق بىلەن تەڭ قورئان باسمىسىنىڭ باھاسى ئارانلا 250 رىيال. بۇنى بىزگە سۇندۇرسا 430سوم ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇلارمۇ بۇ باسمىدىن پايدا ئالىدۇ. باج تۆلەيدۇ. تېخى ئولار بىزدىن يوقىرى ئېستىمال سەۋىيەسى، چىقىم مۇھىتىدا تۇرۇپ بۇ باھانى چىقارغان. لېكىن بىزلەردىكى تويماسلار موسۇلمانلارنىڭ روھىيىتىدىكى قاغجىراشنى نىشان قىلىپ، باھانى ئۇلارنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىدىن ھالقىتىۋەتكەن. ئاران بىر چىققان بۇ نۇسخىدىن بىلەك قاچانلىققا يەنە دىننىي كىتاب چىقار، يا ئەمدى مۇشۇنىڭلىق بىلەن دىننىي كىتاب چىقىش توختاپ قالارمۇ دېگەن دىلغۇللۇق ئىچىدە مەيلى قىممەت بولسىمۇ، كوچىدا جىم يۈرسەممۇ رومىلىڭ چوڭكەن، كوينىكىڭ ئوزۇنكەن، بۇرۇتۇڭ قۇيۇقكەن دەپ ئاقماس سىياسەتلىرىنى دەستەك قىلىپ جەرىمانە ئالسىمۇ ئالىدىكەن، ئۇنىڭدىن كۆرە بۇ پۇلنى مۇشۇ  يەرگە خەجلەي، ساۋاب بولار دېگەن ئۈمىدتە سېتىۋالىدۇ... مانا بۇ خەلقنىڭ يىلىكىنىى شوراش دېيىلىدۇ. ئەمما ئۇ بىزنىڭ بۇ جايلاردا بازار ئىگىلىكى دەپ پەردازلىنىدۇ. ئىنساپسىزلىقنى، ئاچكۆزلىكىنى سەتەڭ نەزىرىيەلەرى بىلەن يۆگەشكە ئورۇنغان بۇنداق نائەھلىلەرنىڭ جۆيلىگەن ئېغىزلىرىغا تاش – تۇپراق...
دېمىسەك ئەسلا بولمايدىغان، ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى پەقەتلا يوق، ئەمما ئادەمنى ئاجايىپ گاڭگىرىتىدىغان يەنە بىر مەسىلە ئۇيغۇر دىننىي ئالىملىرى ئىچىدىلا ئەمەس، پەننىي ئالىملار ئىچىدىمۇ يۈكسەك كامالەتكە يەتكەن، قورئان كەرىمنىڭ بىرىنچى قېتىملىق تەرجىمىسىنىڭ تەرجىمانى بولغان مۆتىۋەر بىر زات – مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ بۇ قېتىمقى تەرجىمىدىن پۈتۈنلەي چەتلەشتۈرۈلۈشىدۇر. بۇمۇ بۇ قېتىمقى تەرجىمە جەريانىدا سادىر قىلىنغان چوڭ خاتالىقلارنىڭ بىرىدۇر. توغرا، بۇ ئادەم ئۆزى ئۇنىمىغاندۇ بۇ تەرجىمەگە قاتنىشىشقا. ۋەياكى قارشى تۇرغاندۇ يىڭى تەرجىمىگە، سالامەتلىك ئەھۋالى يار بەرمىگەندۇ بەلكىم...نىمىلا بولمىسۇن، بۇ ئادەمنىڭ يىڭى تەرجىمىگە ھەرقانداق پىكىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئادەمنىڭ پىكرى مۇۋاپىق نەزەرگە ئېلىنىشى، بۇ ھەقتە كەڭ جامائەتچىلىككە بىر قىسقىچە بولسىمۇ چۈشەنچە بېرىلىشى كىرەك ئىدى. لېكىن بۇ ئىش ھېچقايسى تەرەپنىڭ ئىسىگە كىلىپمۇ قويمىغان چېغى. بولمىسا بۇ ھەقتە قايسى زۇۋاندىن بولسىمۇ بىر ئۇچۇر چىقار بولغىيدى. جامائەتچىلىككە چۈشەنچە بەرمەي سېسىپ ياتقاننىڭ سورۇقچىلىقىنى تارتقۇسى بار ئوخشايدۇ...
مەلۇم بولغىنىدەك، مۇھەممەد سالىھ داموللام تەرجىمە قىلغان قورئان تەرجىمىسى سۈپەتلىك چىققان تەرجىمە نۇسخىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە ئالقىشقا ئېرىشتى. ھەممە ئۇيغۇر بۇ تەرجىمەنى كۆزگە سۈرتۈپ ئەتىۋارلىدى. قورئان ئايەتلىرىنى چۈشۈنىشتە مۇشۇ تەرجىمىنىڭ رامكىسى ئىچىدە پىكىر قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردا دىننىي ئاڭ - چۈشەنچە، پىكىرى  جەھەتتە بىردەكلىك بارا – بارا شەكىلللىنىپ، ئىدىيەدىكى بىرلىشىش يۆنىلىشى تىزلەشتى. قورئان كەرىمنىڭ نوپۇزى يەنە بىر قېتىم ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىپاقلىشىشىدىكى يىگانە ماياكقا ئايلاندى. چۈشەنچىلەر، مەيلى ئىلىم ئەھلىلىرى ئىچىدە بولسۇن ياكى زىيالىلار ئارىسىدا بولسۇن، ۋە ياكى كەڭ ئاۋام ئىچىدە بولسۇن، قورئانغا قاراپ توغرىلىنىشتەك گۈزەل بىر ھاسىلات مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ دىن ئۆگىنىش ھەقلىرى تارتىۋېلىنىپ، ئۇلارنىڭ بىرەر مەكتەپ ياكى موللامدىن دىننىي ئىلىم ئۆگىنىشى مۇمكىن ئەمەس بولۇپ قالغان بىر ئەھۋال ئاستىدا، بۇ تەرجىمە راۋان ۋە ئاممىبابلىقى بىلەن ياشلار ئارىسىدا زور داغدۇغا پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى يۈزەكى بولسىمۇ دىن بىلىملىرى بىلەن تەمىن ئەتكەن، ئۇلارنىڭ كاللىسىنى، تەپەككۇرىنى چالغىتىپ، دىننىي كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئورنىنى ھېچنىمە ئالالمايدىغان رول ئوينىغان. قورئان كەرىمنىڭ ھۆكۈملىرىنىڭ مۇتلەق نوپۇزى كۆپ سانلىق كىشىلەردە يۈكسەك غايىگە ئايلانغان. نوپۇز كۈچىنىڭ ۋەھىمىسى دائىرىلەرنى يىڭى تەرجىمىگە دالالەت قىلغان. مانا شۇ سەۋەپتىن بۇ قېتىمقى قىلىنماسلىقى كىرەك بولغان زۈرۈرىيەتسىز تەرجىمە روياپقا چىققان. ئەلۋەتتە قورئان كەرىمنىڭ بىر تىلغا نەچچە قېتىم تەرجىمە قىلىنىشى تامامەن بولىدىغان بىر ئىشتۇر. بەلكى شۇنداق بۇلۇشى قورئان كەرىم تەتقىقاتىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنى چۈشۈنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆز ھاللىرىنى ئىسلاھ قىلىش قەدەملىرىنى تېزلىتىپ، پايدىلىق رول ئوينىشى مۇمكىندۇر. ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسالام دېگەندەك « ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىقتۇر.» ناۋادا بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ خالىس نىيەتلەرنىڭ تۈرتكىسى بىلەن لاياقەتلىك، ئىخلاسمەن، سالاھىيەتلىك كىشىلىرىمىز تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تەرجىمە قىلىنغان بولسا، بىز بۇنىڭدىن ئەلۋەتتە چەكسىز خۇرسەن بۇلاتتۇق، ئۇلارنىڭ ئىشىغا بەرىكەت تىلەپ، بالدۇرراق تاماملىنىشى، دىنغا زار، ئەمما دىندىن يېراق تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا  مەنپەئەتلىك ئىلىم بولسىكەن دەپ ئەزگۈ تېلەكلىرىمىزنى تىلەپ، شۇ ئىشنى قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەققىگە رەببىمىزگە خەيرلىك دۇئالىرىمىز بىلەن يۈزلىنەر ئىدۇق. ئەپسۇس، مىڭلارچە ئەپسۇس... بىرلىكتىن كۆپرەك ئىختىلاپنى، ساۋاپتىن بەكرەك ھەسەبنى قوغلاشقان بۇ تەرجىمە ئەل ئىچىدە ئەڭ نىجىس ناملار بىلەن ناملانغان بىر نەچچە سالاھىيەتسىز، نىمە سەۋەپتىن تاڭ موللا ئاتىلىپ قالغان مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەرنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويماي، قاپيۈرەكلىك بىلەن جاھىللارچە چېپىشلىرىدىن داستىخانغا چىققان بۇ تەرجىمەگە ئەلۋەتتە رازىلىقمىز يوق. ئۇنى دىن ئۈچۈن قىلىنغان خىزمەت دەپ ئەمەس، بەلكى ئۈممەت ئۈچۈن قىلىنغان سۇيقەست دەپ بىلىمىز. بۇ كىشىلەرگە خەيرلىك دۇئا قىلىپمۇ يۈرمەيمىز، بەلكى ئاللاھتىن بارغانسىرى بىقۇۋلۇققا چۈشۈپ قېلىۋاتقان خەلقىمىزنى سۇيقەست، نەيرەڭلەردىن ئامان قىلىشىنى، بىزگە ئاللاھتىن قورقىدىغان، ئىخلاسمەن ئۆلىمالارنى باش قىلىشنى سورايمىز.

مەنبە كەڭساي تورى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )