- تىزىملاتقان
- 2013-2-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 99
- نادىر
- 0
- يازما
- 4
ئۆسۈش
33%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا temsak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-24 12:26
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
ھۆرمەتلىك قىرىنداشلار،يولداشلارۋەسوپى ئىشان ھەزرەتلەر مەيلى ئىتراپ قىلىڭ مەيلى ئىتراپ قىلماڭ ئاللاھ بىزنى ياراتتى ۋە ئەقىلدىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك نىئمەتنى بىزگە بەردى،مەيلى سىز نېمىنى داۋا قىلماڭ سىز ھامىنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بۇ نىئمەتتىن سوئال سوراق قىلىنىسىز ،ئاللاھ سىزنى بىكاردىن بىكار ئويناپ يارىتىپ قويغىنى يوق،بەلكى ئاللاھنىڭ بۇ يارىتىشىدا زور ھىكمەت باردۇر...
پەيغەمبىرىمىز دىندا پەيدا بولغان بارلىق يىڭىلىقلار بىدئەتتۇر،ۋە بۇ بىدئەتلەرنىڭ ھەممىسى زالالەتتتۇر،زالالەتنىڭ ھەممىسىنىڭ جايى ئوتتۇر دىگەنىكەن ،مۇشۇنداق دەپ تۇرسىمۇ ئوتتىن قوقماي ئوت ئوينايدىغانلار بار،تارىختىن قاراپ باقساق سوپىزىم ئوتتۇرا ئەسىردە راسا گۈللىنىپ ئاستا-ئاستا يوقۇلۇشقا باشلىغان بىر بىدئەت مەزھەپتۇر....كۈنىمىزدە يەنە بىرقىسىم سوپىچاقلار پەيداب بولۇشقا باشلىدى،بۇرۇن بىر كىشىدىن بۇ يىڭى سوپىلارنىڭ مەخسۇس كىنىشكىسى بولۇپ مائاش ئالىدىكەن دەپ ئاڭلىغان ئىدىم2009-يىلى 500كويدىن مائاش ئالاتتىكەن،ئۇ چاغلاردا خىرىستىيانلار 400دەك مائاش ئالاتتى،شۇ چاغلاردا ئۇلاردىن 100كوي يۇقىرى مائاش ئالاتتىكەن ئۇلارنىڭ كىملەر تەرىپىدىن نىمە سەۋەپتىن مائاشلىق سوپى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن،ئەمما بۇ سوپىزىمنىڭ ئوچۇق بىدئەت ئىكەنلىكىگە ھىچقانداق گۇمانىم يوق.
سوپىلارنىڭ تارىختا ئىسلامغا چاپلىمىغان تۆھمەتلىرى ،سۈركىمىگەن قارىلىرى قالمىدى،ئاغىزىدا زاھىتلىق قىلۋاتقىنى راھىپلىق بۇ مەلئۇنلارنىڭ مۇھەممەد(س،ئە،ۋ) ئىلىپ كەلگەن ئىسلام بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق بۇنى ئەقلى جايىدا بولغان ھەرقانداق ئادەم ياخشىراق تەپەككۈرقىلسىلا ھىس قىلالايدۇ.
ئۇلار كۆپلىگەن يالغان ھەدىسلەرنى دىن نامىدىن توقۇپ ئىسلانغا كىرگۈزىۋەتكەن مەسىلەن1)كىم ئىلىم ئۈگەنمەيلە ئالىم بولۇشنى ،ھىدايەت قىلىنمايلا يىتەكچىسىز ھىدايەت ،توغرا يول تېپىشنى مەخسەت قىلسا،زاھىت بولسۇن دىگەن بۇ سۆزنى سوپىلار توقىغان بولۇپ ،ھىش جايدا يوق سۆزدۇر شۇنداق قىلىپ ئۇلار مەڭڭۈ نادان،تۈرۈك قالىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن شافىئى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ 40 كۈن سوپى بولغان كىشىنىڭ مەڭگۈ ئەقلى قايتىپ كەلمەيدۇ دىگەن.
(2)زەيىل دىگەن كىتاپتا، مىنى ئاسمان زىمىن سىغدۇرالمايدۇ،بەلكى مۆئمىن بەندەمنىڭ قەلبى سىغدۇرالايدۇ،قەلىب،يۈرەك دىگەن رەبنىڭ ئۈيى دىگەن بۇ ئىككى ھەدىسنى ئىمام شەيخۇلئىسلام ،ئىبنى تەييىمە قەتئىي يالغان دىگەن،ئۇ دىدىكى ،بۇ ئىسرائىلىيە ھىكايىسى،يالغان سۆز،ئاللاھنى مەخلۇق بىلەن بىرلەشتۈرۈش،ئاللاھنىڭ زاتىنى بىرەر نەرسىگە ئوخشىتىش،ئاللاھنىڭ زاتى بىلەن بىرلىشىش.ناسارالار ۋە سوپىزىم ئەقىدىسىدىكى شېرىك،كاپىرلىق دىگەن.
(3)ئەزان ئىيتىلغاندا،رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئىسمى چىققاندا بارماق قوللىرى بىلەن كۆزلىرىنى سىلاش ،قۇررەتى ئەينى دەپ مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە پەيغەمبەر جەھەتتىن رازى بولدۇم دىيىش ،شۇنداق قىلسا كۆزى كور بولمايدۇ ،شاپائىتىم ئۇ كىشىگە ھالال بولىدۇ،بۇ دىگەن خىزىر،ئادەم ئەلەيھىسسالاملاردىن قالغان سۈننەت دىگەن بۇ سۆزلەر دەيلىمىيدا،رابغۇزى يازغان قىسسەسۇلئەنبىيادا،ئىسرائىلىيە ھىكايىلىرىدا بار بولۇپ ھەرگىز سەھىھ ئەمەس،بۇنى ئەبۇلئابباس رەدداد دىگەن سوپى دىگەنىكەن،بۇنى ھەدىس ئالىملىرى تونىمايدۇ، نامەلوم كىشى دىگەنىكەن،بۇ بۇخارى،مۇسلىمدەك سەھىھ ھەدىس كىتاپلىرىدا خاتىرلەنمىگەن،باشقا كىتاپتا بولغان تەغدىردىمۇ بۇ شاز بولىدۇ-دە،ئەمەل قىلىنمايدۇ.
(4)ئۈممىتىمنىڭ راھىبلىقى،مەسجىتتە ئولتۇرۇش دىگەن بۇ ھەدىس يوق،يالغان سۆزدۇر،چۈنكى ،ئىسلام دىنىدا زاھىدلىق بولسىمۇ،راھىبلىق،سوپىلىق يوقتۇر،بۇلار بىدئەتتۇر.
بۇلار پەقەت سوپىلار ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھ(س،ئە،ۋ)گە تۆھمەت چاپلاپ يالغاندىن توقىۋەتكەن ھەدىسلەرنىڭ ئىنتايىن ئازبىرقىسمى،ئۇلار بۇنىڭ بىلەنلا قالماي يەنە قۇرئان كەرىمگىمۇ يالغان تەپسىرلەرنى يىزىشقان ،ئىمام جالالۇدىن سۇيۇتى مۇنداق دىگەن،سوپىزىم ئەقىدىسىدىكى سوپىلارنىڭ سىرلىق سۆزلىرى ھەرگىز تەپسىر بولالمايدۇ ئۇلارنىڭ باتىننى داۋا قىلىشى خۇراپات،بىدئەت خالاس،قۇرئانغا،سەھىھ ھەدىسكە ئۇيغۇن كەلمىسە ئۇنى نېرى چۆرىۋەت،ھەرگىز ئىشەنمە،ئەبۇ ئابدۇراھمان سەلماننىڭ‹‹ھەقائىقۇتتەپسىر››ئىسىملىك تەپسىرى ھەرگىز تەپسىر ئەمەس،كىمكى بۇ سوپىنىڭ تەپسىرىنى تەپسىر دەپ ئىتىقاد قىلسا ،ئۇ شەكسىز كاپىر بولىدۇ،چۈنكى ئەقىدىدە مەسىلە باردىگەن،بۇ سۆزلەرنى ئىبنى تەييىمە رەھمەھۇللانىڭ ئۇسۇل تەپسىر دىگەن كىتاۋىدا ئۇچرىتىسىز،بارلىق ئالىملار ئايەتنىڭ زاھىرى مەنىسىنى،ئۆز پىتى تۇرىدۇ،شۇ ھەقىقەت ،بىز ئۇنى ھەرخىل تەئۋىل قىلىپ،خاتا چۈشەنمەي،خۇددى ساھابىلار،تابىئىنلاردەك چۈشىنەيلى،باتىنى مەنا بىرىش ئۈنۋانى بىلەن ھەر خىل چۈشىنىۋىلىش دىنسىزلىق بولىدۇ دىگەن.
خۇددى مەھمۇد ئىبنى ھەمزە كورمانى‹‹كىتابۇلئەجانىب››دا ھەرخىل مۇنكەر سۆزلەرنى قىلغاندەك،ئۇسۆزلەرنى تىلغا ئىلىشمۇ ھالال ئەمەس،ھەرگىز ئۇ سۆزگەتايىنىشقا بولمايدۇ.
مەسىلەن بۇ كاززاپ ‹حم عسق› يەنى ھام مىم،ئەيىن،سىن،قافنى مۇنداق تەپسىر قىلغان،
ح چوڭ ھە بولسا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۇرۇشىشى ،(ھەرىب)مىم بولسا مەرۋانىيەنىڭ خەلىپە بولىشى ،ئەيىن بولسا ئابباسىيلەرنىڭ خەلىپە بولىشى،سىن بولسا،سوپىيانىيلەرنى،قاف بولسا ئىمام مەھدىيغا ئىقتىدا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ دىگەن،شۇنداقلا ئۇ (ئى ئاللاھ بىزنى تاقىتىمىز،كۈچ-قۇدرىتىمىز،يەتمەيدىغان ئىشلاردا تەكلىپ قىلمىسىلا )دىگەن،سۈرە بەقەرنىڭ ئاخىرقى بۇ ئايىتىنى ئىشىق-مۇھەببەت شۇ،بىز ئىششىق مۇھەببەتكە تاقىتىمىز يوق دەپ تەپسىرلىگەن؛
ئىبنى تەييىمە نۇرغۇن مىساللاردا ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى ،كاززاپلىقىنى سۆزلىگەن.
دىمەك بۇ پەسەندە سوپىلار مۇشۇنداق يالغانچى ،كاززاپلىقلىرى بىلەن تارىختىن بىرى نادان خەلىقنى ئالداپ كەلگەن،كۈنىمىزدىمۇ بۇ داشقاللار يالغاندىن ئىماننى دەۋا قىلىپ ئىسلامغا قارا چاپلاۋاتقان بولسا بىلىپ قويۇڭكى سوپىلىق ئىسلامدىن ھىچنىمە ئەمەس،زامان مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىپ پەن-تىخنىكا گۈللەنگەن بىر دەۋىردە ياشاپ تۇرۇپمۇ بۇ ئەقىلسىزلەرنىڭ ساختا ئەقىدىسىنى توغرىمۇ خاتامۇ دەپ يۈرسىڭىز ئۇنداقتا سىز 21ئەسىردىكى رولىڭىزنى جارىي قىلدۇرالمىغان بولىسىز ،بۇنداق داشقاللارنى تارىخنىڭ سەھنىسىدىن سۈپۈرۈپ تاشلاش كىرەك ،ساقالنى ئۇزۇن قويۇپ سەللە تۇماقنى كىيىۋالسىلا ئۆلىما بولۇپ قالمايدۇ،ئىبادەت دىگەن بۇنداق دەرەخكە لاتا باغلاپ قەۋرىستانلىقتا بولمايدۇ...ئىبادەت دىگەن 24سائەت ئىچىدىكى بارلىق ئىشلىرىڭىزنى ئاللاھنىڭ بۇيريق توسۇقلىرىغا ئەمەل قىلىپ قىلغىنىڭىز ئىبادەت دەپ ئاتىلىدۇ،كۈنىمىزدىكى پۈچەك مۇسۇلمانلارنىڭ بىدئەتنى ئىبادەت،خۇراپاتلىقنى دىن دەپ چۈشۈنىۋىلىشلىرى نېمە سەۋەپتىن بۇ ئىشلارنىمۇ ئويلۇشۇپ قويۇڭ ئەگەر سىزمۇ مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ ئارىسدا بولسىڭىز،ئۆزىڭىزنى چۈشۈنۈڭ!ئاللاھنىڭ مەۋجۈتلىقى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىڭ...............تولۇقلىما مەزمۇن.......يالغان ھەدىسلەر ناملىق كىتاپتىن پايدىلىنىلدى..............................مەنبە.......http://bbs.alkuyi.com/forum.php? ... =page%3D&page=1 |
|