- تىزىملاتقان
- 2012-5-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1885
- نادىر
- 0
- يازما
- 60
ئۆسۈش
88.5%
|
ئۇيغۇر ئۈن -سىن بازىرى 1986-يىلدىن كىيىن ئۈنئالغۇ لىنتىسىنى ئاساس قىلىپ باشلانغان بولسا 1997-يىلدىن كىيىن vcd پىلاستىنكىسى ئاساسىدا تەرەققى قىلدى .شۇنداقلا ئۇيغۇر سەنئىتىنى ،ئۇيغۇرمەدەنىيتىنى تەشۋىق قىلىشتا ئىجابى رولىنى جارى قىلدۇردى.بۇ جەرياندا ئۇيغۇر جەمئىيتى ئۈچۈن بىر چوڭ بازاربەرپا بولدى ئەلۋەتتە بۇچوڭ بازاردىن ئەدىبلىرىمىز سەنئەتكارلىرىمىز تىجارەتچىلىرىمىز ۋە سەنئەتخۇمار خەلقىمىز ئەمەلىي نەپكە ئىرىشتى. بىراق 2010-يىلدىن كىيىن دىسكا كۆچۈرۈپ باسىدىغانلارنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيشى ئىنتىرنىت تورىدىكى كۆچۈرمىكەشلىك تۈپەيلى مەدەنىيەت ھاسىلاتىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ تىجارەتچى ۋە سەنئەتكارلىرىمىز لىنتا چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بىر ھالەت شەكىللىنىپ قالدى ،ئەگەربۇنداق كىتىۋىردىغان بولسا سەنئەتتە سۈپەت تۈۋەنلەش ، شالغۇتلىشىش ،ئۆزىمىزنىڭكى بولمىغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارنىڭكىنى ئاڭلاش كۆرۈش، ئىجادىيەتچىلەر ئىجادىيەت قىلىشقا قىزىقماسلىق، تىجارەتچىلەر مەبلەغ سالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللاركۆرۈلۈپ ئۇيغۇر سەنئىتى بوھرانغا دۇچ كىلىشى مۇمكىن .مەن مۇشۇلارنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇيغۇر ئۈن-سىن بازارلىرىنى جانلاندۇرۇش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى كەڭ جامائەت تورداشلار بىلەن پىكىرلىشىش ئۈچۈن بۇتىمىنى يازدىم .ئويلىغانلىرىمنىڭ 1-سى ھازىرقى ۋەزىيەتتە دىسكا كۆچۈردىغانلارنى توردا كۆچۈردىغانلارنى ئەيىپلەپ ئولتۇرۇش شۇنىڭ ئىچىدىن چىقىش يولى تاپالماسلىق ئاقىلانىلىك ئەمەس2-سى لىنتا چىقىرىدىغان تىجارەتچىلەر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ نوقۇل لىنتا چىقىرىپ پۇل تىپىشتىن ئىلان تەشۋىقات ئارقىلىق پۇل تىپىشقا يۈزلىنشى كىرەك3-سى لىنتا چىقارغاندا ئىلاننى ئاستىغا قىستۇرۇپ مىڭىش ،شۇ لىنتىغا ناخشا ئوقۇغان سەنئەتكارلارمۇ مۇشۇ لىنتىدىن پايدىلنىپ شىركەتلەرنىڭ ئىلانىنى داغدۇغىلىق تەشۋىق قىلىىش4-سى ئىلان تەشۋىقاتنى ئاساس قىپ تۇرۇپ لىنتا چىقارغاندا قانچىكى قانۇنسىز كۆپەيتىلسىمۇ شۇنچىكى ئۈنۈمى چوڭ بولىدۇكى قەتئى لىنتىدىن زىيان چىقمايدۇ لىنتىدىن زىيان چىقسىمۇ ئىلاندىن نۇرغۇن كىرىم بولىدۇ مانا بۇ مىنىڭ ئۇيغۇر ئۈن-سىن بازارلىرىنى جانلاندۇرۇش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم كەڭ تورداشلار مۇنازىرە قىلىپ باقساق ئۇيغۇر ئۈن-سىن بازارلىرى ياخشىلنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
|
|