ھەممەيلەنگە مەلۇم ،ئۇزۇندىن بېرى كومپىيۇتېر مەشخۇلاتى بىلەن بولۇپ كەلدۇق.مەن كومپىيۇتېر بىلەن ئۇچراشقان ھاياتىمدا ،ئەڭ دەسلەپتە ms -dos مەشخۇلات سېستىمىسى ئىشلەتتۇق.ئاندىن windosw مەشخۇلات سېستىمىسىغا كۆچتۇق.بولۇپمۇيىقىنقى يىللاردىن بېرى بۇ windows xp ,windows7 قاتارلىق سېستىمىلارغا بەك ئامراق بولۇپ قالدۇق.بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بىلىك - ئىنتىل تورىدىكى قېرىنداشلىرىمىز windows xpسېستىمىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ،تەرجىمە قىلىپ چىقتى .بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز بۇ سېستىمىنى ئالقىشلاپ ئىشلەتتى ،يەنە بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز بۇ سېستىمىغا كۆنەلمىدۇق ،خەنزۇچە سېستىمىغا كۆنۈپ قاپتۇق دەپ خەنزۇچە سېستىمىنى ئىشلەتتى .مەيلى ئۇيغۇرچە win xpبولسۇن ،ياكى خەنزۇچە windows xp ,windows 7مەشخۇلات سېستىمىلىرى بولسۇن ھەممىسىدە ئاساسەن ئوغرى نەشىردىكى سېستىمىلارنى ئىشلىتىپ كەلدۇق.
مانا ئەمدى كومپىيۇتېر دۇنياسىغا قاراپ باقساق خېلى زور تەرەققىيات ۋە يېڭىلىنىشلار بولۇۋاتىدۇ.بولۇپمۇ windows 8 سېستىمىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى ،ئارقىدىنلا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى مىكروسوفت شىركىتى تەرىپىدىن ئورگان تورىدا ئېلان قىلىندى.ئۇيغۇرچە تىل بولىقى جوڭگۇدا خەنزۇچە تىل بولىقىدىن قالسىلا 2-بولۇپ تارقىتىلدى .بۇ بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور خۇشاللىنارلىق ئىش .
ئانا تىلنى قەدىرلەش،ئانا تىلنى ئۇلۇغلاش تەكىتلىنىۋاتقان مۇشۇ پەيىتلەردە دۇنيادا بىردىنبىر يۇمشاق دىتال خوجىسى مىكروسوفت شىركىتىنىڭ بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئانا تىلىمىزدىكى مەشخۇلات سېستىمىسىنى ئىشلەپ بېرىشى مىكروسوفت نىڭ شۇنداقلا دۇنيانىڭ بىز ئۇيغۇرنى ئېتىراپ قىلغىنى ،بىزگە كۆڭۈل بۆلگىنى .ئەلۋەتتە ئانا تىلىمىزدىكى سېستىمىنىڭ روياپقا چىقىشىدا ئۇيغرسوفت شىركىتىدىكى ئوغلانلىرىمىزنىڭ تۆھپىسىمۇ ئاز ئەمەس.
بۇ يىل مىكروسوفت شىركىتى ئىلگىرى قىلىپ باقمىغان ئىشنى قىلدى.ئۇ بولسىمۇ windows8سېستىمىسىنىڭ باھاسى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئەرزان باھادا سېتىش بولدى.248يۈەن ،قولىڭىزداھەقىقى windows7نىڭ ئاچقۇچى بولسا 98يۈەن.ئىلگىرى ھەقىقى نەشىردىكى سېستىمىلار قىممەت ئىدى ،سېتىۋېلىشقا قۇربىتىمىز يەتمىدى بولغاي ،ئۇغرى نەشىردىكى سېستىمىلارنى ئىشلىتىپ كەلدۇق.ئەمدىلىكتە windows8نىڭ باھاسى بىزنىڭ سېتىۋىلىشىمىزغا قۇربىتىمىز يېتىدىغان دەرىجىدە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئەرزان.يەنە بىر ياخشى يېرى ئۇنىڭدا ئانا تىلىمىز جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.
ئەمدى يەنە windows 8سېتىۋلىپ ئىشلەتمەسلىككە باھانىڭىز بارمۇ ؟
بىر قېسىم قېرىنداشلار ھازىرقى ئىشلىتىۋاتقان windows xp ,windows7قاتارلىق سېستىمىلار تامامەن ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغۇ دەپ ئويلىشى مۈمكىن،راست ھازىرقى ئىشلىتىۋاتقان windows xp ,windows7قاتارلىق سېستىمىلار تامامەن ھاجىتىمىزدىن چىقىدۇ.لىكىن بىز ئىشلىتىۋاتقان بۇ سېستىمىلار ئوغرى نەشىردىكى ،ئۇ سېستىمىلارنىڭ ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋالىمىز دىسەك يەنىلا قىممەت.كىشىنىڭ ھەققىنى يىيىش ئېغىر گۇناھ.بىز ئىلگىرى مىكروسوفت نىڭ ئەمگەك مىۋىسى بولغان سېستىمىلارنىڭ ئوغرى نەشىرىنى ئىشلىتىپ كەلدۇق.ئەمدى بولسىمۇ ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتەيلى .
يەنە بىر قىسىم قېرىنداشلار خەنزۇچە مەشخۇلات سېستىمىسىغا كۆنۈپ قاپتۇق ،ئۇيغۇرچىسىغا كۆنەلمىدۇق دىيىشىمۇ مۇمكىن .مەيلى بىز ئۇيغۇرچىسىنى ئىشلىتەيلى ،ياكى خەنزۇچىسىنى ئىشلىتەيلى ،windows8قاچىلانغان كومپىيۇتېرىمىزغا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلايلى .بۇنداق بولغاندا مىكروسوفت تور بېتىدە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ چۈشۈرۈش قېتىم سانى ئېشىپ بارىدۇ.بۇ بۇندىن كىيىنكى مىكروسوفت نىڭ باشقا مەھسۇلاتلىرىدا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئىشلىنىپ ،تارقىتىشقا پايدىلىق بولىدۇ.ئۇندىن باشقا ئانا تىلىمىز كومپىيۇتېر ئېكرانىدا بولسىمۇ جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.
ئانا تىل قۇتلۇق ھاجى شەۋقىي ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇم كىلۇر، ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.
شۇ ئانا تىل بولسا گەر ئامرىكىيۇ ئافرىقىدا، سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر.
ئەي ئانا تىل بىزگە سەن قالغان ئۇلۇغلاردىن نىشان، سەن بىلەن روھى زىمىندا ئىپتىخارلانغۇم كېلۇر.
ئاخىرىدا windows8سېتىۋالالمىغان قېرىنداشلارغا شۇنى تەۋسىيە قىلىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.windows8نىڭ ئېتىبار باھادا سېتىش پائالىيىتى بىر ئىككى كۈنلا قالدى.بۇ ۋاقىت ئىچىدە قولىڭىزدا windows7نىڭ ھەقىقى نەشرىنىڭ ئاچقۇچى بولسىلا ،98يۈەن تۆلەپ windows8سېستىمىسى سېتىۋالالايسىز،كومپىيۇتېرىڭىزدا ئانا تىل ھوزۇرىنى سۈرەلەيسىز .3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ windows8نىڭ باھاسىمۇ ئىلگىرىكى سېستىمىلارغا ئوخشاش 1988يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.ئۇ چاغدا ئۇنچە كۆپ پۇل خەجلەپ سېتىۋىلىش ھەممىمىزگە تەس كېلىشى مۇمكىن .windows8سېتىۋالالمىغان قېرىنداشلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ سېتىۋىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
خۇلاسە :
1.win8سىستىمىسىنىڭ باھاسى (كەسپى نەشىرى )
win8تارقىتىلغاندىن تارتىپ 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئېتىبار باھاسى 248يۈەن .2012يىلى 6-ئايدىن كىينكىwin7 نىڭ ھەقىقى نەشىرى قاچىلانغان كومپىيۇتېرلار بولسا ،شۇ كومپىيۇتېرلارغا چاپلانغان keyنۇمۇرنى تەمىنلەش ئارقىلىق 促销代码ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋالسىڭىز 98يۈەن .
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 1-دىن باشلاپ win8نىڭ باھاسى 1988يۈەن .2012-يىلى 6-ئايدىن كىينكىwin7 نىڭ ھەقىقى نەشىرى قاچىلانغان كومپىيۇتېرلار بولسا ،شۇ كومپىيۇتېرلارغا چاپلانغان keyنۇمۇرنى تەمىنلەش ئارقىلىق 促销代码ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋالسىڭىز 98يۈەن .98يۈەنلىك ئېتىبار باھا 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە .
شۇنداق بولغاندا 2013-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ 1988يۈەن .(بۇ يەردە دوللارنى تىلغا ئالمىدىم .)
win8سېستىمىسى ئىشلىتىشنى خالىسىڭىز مىكروسوفت ئورگان تورىدىن سېتىۋېلىڭ .ھازىر يەنە بىر ئىككى كۈنلۈك پۇرسەت بار .ئېتىبار نۇمۇر تاپالمىسڭىز ،پۇل تۆلەشتە قىينالسىڭىز مەن ياردەم قىلاي.پۇرسەت ئۆتۈپ كەتسە يەنى 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 1988يۈەنگە سېتىۋالسىز .بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان 1988يۈەن ،98يۈەن ،248يۈەن دىگەنلەر مىكروسوفت ئورگان تورىدا كۆرۈنىدىغان سانلار.خەلىق پۇلى ۋە دوللار چىقىم قىلالايدىغان ئىناۋەتلىك كارتا بولسا شۇ سان بويىچە پۇل تۆلەيسىز .باشقا ئۇسۇلدا پۇل تۆلىسىڭىز پايپال دىگەندەك ،پۇل پىرۋوت رەسمىيەت ھەققى قوشۇلۇپ ئاشۇ ساندىن ئازراق ئارتىشى مۇمكىن.
شۇنى سەمىڭلارغا سېلىپ قوياي.مىكروسوفت 98يۈەندىن ئەرزان باھادا win8 سېتىپ باقمىدى .تاۋباۋ قاتارلىق تورلاردا 20-30يۈەنلىك win8ئاچقۇچى سېتىۋاتقانلار بار .ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلەڭ.
ئالاقىلىشىش تېلفونى :13899482045
كوت كوت :349888481
كوت كوت تىكى پاراڭلار :
******:
سىز win8نى ۋاكالىتەن ساتامسىز ؟مەن ئالاي دىگەن .
مىنىڭ جاۋابىم :
مەن win8نى ۋاكالىتەن ساتمايمەن .win8نى پەقەت مىكروسوفت شىركىتىلا ساتىدۇ.ئۇلار سېتىشقا ھوقوقلۇق.مەن پەقەت سىزگە ياردەملىشىپ پۇل تۆلىشىپ بېرەلەيمەن.
......................................
.......................................
|