- تىزىملاتقان
- 2013-2-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2833
- نادىر
- 0
- يازما
- 262
ئۆسۈش
27.77%
|
شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقىغا چوقۇم دىققەت ئىتىبارىنى قوزغاش كېرەك !
1. شىنجاڭ جۇڭگو زىمىنىنىڭ 6/1 قىسىمىنى ئىگەللەيدۇ ؛ جۇڭگودا چوڭ كىچىك بولۇپ 50 گە يېقىن كەسپى پۇتبۇل كۇلۇبى بار ، بۇلار جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە تارقاقلاشقان ، ھەتتاكى چىڭخەي ، شىزاڭ ۋە گەنسۇ قاتارلىق رايۇنلاردىمۇ بار ، لېكىن شىنجاڭدا يوق !!!
نىمە ئۈچۈن ؟ بەزىلەر " شىنجاڭ كەمبەغەل ، كەسپى كۇلۇب قۇرىدىغان پۇل يوق " دەيدۇ ....
2. شىنجاڭ كەمبەغەلمۇ ؟ تەپسىلىيمۇ سۆزلەپ يۈرمەي پەقەت قارا ، ئاق ۋە سېرىق دىگەن مۇشۇ ئۈچ خىل رەڭنىلا سۆزلەپ ئۆتەي : بىرىنچى ، نىفىت (قارا ) ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى جۇڭگو بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ؛ ئىككىنچى ، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ پاختا (ئاق ) بازىسى ؛ ئۈچىنچى ، تاغلىرى ئالتۇن (سېرىق ) ، تاشلىرى قاشتىشى .....قېنى بۇ جەھەتلەردىلا قايسى ئۆلكە ئاپتۇنۇم رايۇن شىنجاڭدىن ئېشىپ كېتەلەيدۇ ........ شىنجاڭ كەمبەغەلمىكەن ؟!!
3. شىنجاڭلىقلار پۇتبۇلنى سۆيىدۇ ، مەن بىر كونا مۇخبىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى ئىيتىپ قوياي ، مەن مۇخبىرلىق قىلغىلى 20 يىلدىن ئاشتى بۇ جەرياندا جۇڭگو زىمىنىنىڭ نۇرغۇن نۇرغۇن يەرلىرىگە باردىم، ھىچقانداق بىر رايۇن ۋە ئۆلكە پۇتبۇلنى سۆيۈش جەھەتتە شىنجاڭغا يەتمەيدۇ ! شىنجاڭدا پۇتبۇل ھەركىتى ئاللىبۇرۇن مەيدانغا كەلگەن ئاددىيسى يېقىنقى يۈز يىل ئالدىدا شىنجاڭنىڭ ئىكساق كوماندىسى ئەنگىلىيە ۋە شىۋىتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كوماندىلىرىنى يەڭگەن تارىخلىرىمۇ بار .....پۇتبۇل تارىخى جەھەتتە قايسى بىر ئۆلكە رايۇننىڭ پۇتبۇل تارىخى شىنجاڭدىن ئۇزۇن ؟! ئاددىيسى بۇلتۇرقى ب دەرىجىلىك بىرلەشمىدە شىنجاڭ مۇسابىقە رايۇنى ئەڭ مۇنەۋۋەر رايۇن ، مەستانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ رايۇن بولۇپ باھالانغان ، بىر مۇسابىقە پەسىلدە ھەر بىر مەيداندا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 2 تۈمەن ئادەم ئەڭ كۆپ بولغاندا 5 تۈمەن ئادەم مۇسابىقە كۆرگەن ، بۇ جەھەتتە قايسى بىر ئۆلكە شىنجاڭ بىلەن بەسلىشەلەيدۇ ؟
4. شىنجاڭدا تالانتى بار پۇتبۇلچى يوقمۇ ؟ شىنجاڭلىق بالىلار ئايىقى چىقىپلا پۇتبۇل ئوينايدۇ ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ چۈنكى ئاتا ئانىلارمۇ پۇتبۇل مۇسابىقىىرىنى كۆرۈشنى ياقتۇرىدۇ ھەم پۇتبۇلنى قوللايدۇ . مەيلى مەكتەپ مەھەللىدە بولسۇن ، مەيلى يايلاق ۋە يېزا قىشلاقلارغا بولسۇن پۇتبۇل ئويناش ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ ھەم ھەممە جايدا ئۇچرىتالايسىز .....مەملىكەتلىك ياش ئۆسمۈرلەر پۇتبۇل مۇسابىقىلەردە شىنجاڭنىڭ مەكتەپ پۇتبۇل كوماندىلىرى داۋاملىق زەپەر قۇچىدۇ ، بىرىنچى ئىككىنچى دىگەن دائىملىق ئىش .... بۇ جەھەتتە قايسى بىر ئۆلكە شىنجاڭدىن ياخشى ؟
نىمە ئۈچۈن شىنجاڭدا كەسپى پۇتبۇل كۇلۇبى يوق ؟ بۇنىڭ سەۋەبى نىمە ؟ پۇل ، قىزغىنلىق ۋە مەنبەس مەسلىسى ئەمەسلىكىنى سۆزلەپ بولدۇم ، دىمەك پەقەت بىر نەرسە كەمچىل ئۇ بولسىمۇ "ئىتىبار بېرىش " !
شىنجاڭدا نۇرغۇن ئادەم پۇتبۇلنى قوللايدۇ ، نۇرغۇن پۇتبۇلچى بار ، نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ بالىلىرىمىزنى پۇتبۇل ئوينىغىلى ، دۆلەت ۋە يۇرتىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقارغىلى قويمايدۇ ؟ بەلكىم بەزىلەر " كىم سىلەرنى پۇتبۇل ئوينىغىلى قويماپتۇ " دىيىشىڭلار مۈمكىن ، قىززىققتە ، ياخشى سىياسەت ، ياخشى شارائىت بولمىسا نىمىنى ئوينايدۇ ؟ ئەڭ كۈلكىلىك يېرى ھازىر پۇتبۇلنى باشقۇرۋاتقان باشلىقنىڭ قايسى بىرى پۇتبۇلنى چۈشىنىدۇ، بىلىدۇ ؟
يەنە بەزىلەر كەسپى پۇتبۇل كۇلۇب دىگەننى كارخانىلار مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق قۇرىدۇ ، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالمايدۇ دىيىشىڭلار مۈمكىن ؟!
بولىدۇ ، بىزگە شۇ سىياسەتنى ۋە شارائىتنى بەر ، بىز ئۆزىمىز كۇلۇب قۇرايلى قانداق ؟ ماڭا كارخانلىرىڭنىڭ ، ھۆكۈمەت مەبلىغىنىڭ كېرىكى يوق ماڭا كىرىكى ياخشى سىياسەت .... يېشىل چىراق !!! شۇنداق سىياسەتنى بېرەلىسەڭ بىز پۇتبۇل فوند جەمئىيىتى قۇرىمىز ، ئىشىنىمەنكى يەرلىك كارخانلار ، كارخانچىلار ۋە ھەربىر پۇتبۇل سۆيەر خەلق بۇنىڭغا ئىئانە بېرىدۇ ۋە مەبلەغ سالىدۇ .....بىز بۇ ئارقىلىق ئادەتتىكى بىر كىچىك كەسپى پۇتبۇل كۇلۇبى قۇرىمىز ھەمدە 5-10 يىلغىچە ھەرخىل ئىقتىسادىي ۋاستىلەر بىلەن ( ئېلان ھەققى ، كۇلۇبنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ كىرىمى ، بىلەت كىرىمى ، پۇتبۇلچىلارنى سېتىش كىرىمى قاتارلىق نۇرغۇن ۋاستىلەر ) كۇلۇبىمىزنى مۇكەممەلەشتۇرىمىز ۋە زورايتىمىز ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا ب ، ئا ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى كۇلۇبلارنىڭ بىرلەشمىلىرىگە بېسىپ كىرىمىز .
بىزگە كىرىكى يېشىل چىراق ؛
1. سىياسەت : ياخشى سىياسەت بېرىلسە ھەم پۇتبۇل فوند جەمئىيىتى قۇرىمىز ھەم چوڭ كارخانىلارنىڭ مەبلىغىنى ئىكىرەلەيمىز .
2. تەشۋىقات : ھەرقايسى ھۆكۈمەت تەشۋىقات ۋاستىلىرى بىزنى تەشۋىق قىلىپ بەرسە بىزنى قوللايدىغانلار تېخىمۇ كۆپلەيدۇ .
3. پۇتبۇل بىلمەيدىغان چۈشەنمەيدىغان پارخور خىيانەتچى باشلىقلارنى بىزگە باشلىق قىلىپ بىزگە چىتىپ قويماسلىق كېرەك .
يۇقارقىلارغا ئەمەل قىلىپ بەرسەڭلارلا بىز كەسپى پۇتبۇل كۇلۇبى قۇرالايمىز ، بىزنىڭ نۇرغۇن نۇرغۇن مەستانلىرىمىز قوللىغۇچىلىرىمىز بار ، ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىنىڭ بىلەت كىرىمىلا بۇ كۇلۇبىمىز ئۈچۈن چوڭ بىر كىرىم چۈنكى مەستانلىرىمىز بىر مەيدان مۇسابىقىنى 100 سوم بولسىمۇ كۆرىدۇ چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ كۇلۇبىنى چىن دىلىدىن قوللايدۇ ......
ھەرقايسى باشلىقلىرىمىز دىققەت ئىتىبارەڭلارنى شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقىمىزغا قوزغاپ قۇيۇڭلار ، شىنجاڭ پۇتبۇل كوماندىلىرى جۇڭگونىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك بىرلەشمىلەرگىمۇ قاتنىشالماسلىقى ھەم بىزنىڭ بىئارام قىلىدۇ ھەم شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقى ئۈچۈن بىر ھاقارەت !
يېقىندىكى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ پويىزدا ئۆر تۇرۇپ قايتىپ كىلىش ۋەقەسى ھېلىمۇ شىنجاڭ پۇتبۇل جەمئىيىتىگە نۇرغۇن ئارا نۇمۇسلارنى ئېلىپ كەلدى مەيلى قانداقلا چۈشەندۈرگەن بىلەن بەرىبىر پۈتۈن جۇڭگودا بۇ ئىش تارقىلىپ بولدى ، بۇنىڭدىن كىيىن يەنە بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئىشلارنى ۋەقەلەرنى يۈز بېرىشىنى ساقلىنايلى ! قېنى شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقىمىز ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قۇيۇڭلار ، رەھمەت !
---- ئەنۋەر (ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى تەنتەربىيە مۇخبىرى)
خەنزۇچە نۇسخسى :
مەنبە: نۇر تورى
|
|