- تىزىملاتقان
- 2013-2-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 65
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
21.67%
|
مەن ئۈزەممۇ بىر زىيالىي بۇلۇش سۈپۈتۈم بىلەن گەرچە بۇرۇن زىيالىي تۇغرىسىدا بىر مۇنچە ماقالىلەر يېزىلىپ مۇلاھىزە قىلىنغان بولسىمۇ يەنە بۇ تىما ئۈستىدە ئۈزەمنىڭ چامىمنىڭ يىتىشچە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى ئۈزەمگە بىر كىشلىك مەجبورىيەت ھەم مەسئولىيەت دەپ چۈشۈنىمەن.زىيالىيلار مىللەتنىڭ سەرخىللىرى بۇلۇپ،خۇددىي زور قۇشۇننىڭ سەركەردىلىرىگە ئۇخشايدۇ.ئۈزگە ئەللەردە تۇرۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا مىللەت ئىشقىدا كۈيىۋاتقان ،ياشلىرمىزغا مەنىۋىي ئۇزۇق ۋە ئۈمۈد ئاتا قىلىپ كىلىۋاتقان ئەركىن سىدىق ئاكا،زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئاكا...........ھەمدە دىيارىمىزدا ياشاۋاتقان ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكا،ئابدۇۋەلى ئايۇپ(گۈللەن)ئاكا............(مىللىتىمىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرۋاتقان زىيالىيلىرمىز خېلى كوپ بۇلۇپ بۇيەردە ھەممىسىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئىلىش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىسمى تىلغا ئىلىنىمىغان زىيالىي قېرىنداشلىرمىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن ھەمدە ئۇلانىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق،تېنىگە سالامەتچىلىك تىلەيمەن) قاتارلىق ئۆز مەسئۇلىيەت ۋە مەجبورىيىتىنى تۇنۇغان زىيالىيلارنىڭ كۆپلەپ ئۇتتۇرىغا چىقىشى ئۈمۈدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك ئىچىدىكى نۇرغۇن ياشلىرمىزغا ھەقىقىي زىيالىينىڭ قانداق بولسا بۇلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قىتىم تۇنۇتۇپ قويدى.80-يىللاردا ئابدۇرېھىم ئۈتكۈر،تىيىپجان ئىلىيوف،ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن،زوردۇن سابىر،،،،،،................قاتارلىق بىر تۈركۈم ۋىجدانى ئويغاق زىيالىيلار خەلىق ئۈچۈن جان كۆيدەرگەن ئىدى(ئاللا ئۇلارنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن).شۇنىڭدىن كىيىن زىيالىيلاردا بىر مەزگىل ئۈزۈكچىلىك كۆرۈلگەن بولسمۇ يەنىلا ئۈتكۈر پىكىرلىك،ۋىجدانى ئويغاق زىيالىيلىرمىز خەلقىمىزنى نائۈمۈد قويمىدى.ئەمدى بىزگە قانداق زىيالىيلار كېرەك ؟دىگەن تېمىغا كەلسەك مىىنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىمدا بىزگە تۈۋەندىكىدەك زىيالىيلار كېرەك دەپ قارايمەن.
1.ئۆزىنىڭ ئۈستىدە قانداق مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت بار ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يېتىپ ئۇنى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرالىغان،ئۇلۇغۋار غايىلىك ،بىزنىڭ رىياللىقىمىزئۈستىدە مۇستەقىل كاللىسى ئارقىلىق مۇلاھىزە يۈرگىزەلەيدىغان زىيالىيلار بىزنىڭ تەقەززايىمىز.
2.خەلىقنىڭ دەردىگە دەرمان بۇلالايدىغان،دىيىشكە تىگىشلىك گەپنى دىيەلەيدىغان،قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلالايدىغان .
3.........
بۇھەقتە مەن مۇشۇنچىلىك مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ تۇراي بولسا مۇشۇ تىما ھەققىدە قەلىمى كۈچلۈك،پىكىرى ئۈتكۈر قېرىنداشلىرمىز يەنىمۇ كۆپرەك مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ ئىلمىي مۇنازىرە قىلىپ باقساق دەيمەن.
|
|