- تىزىملاتقان
- 2012-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3610
- نادىر
- 0
- يازما
- 171
ئۆسۈش
53.67%
|
دۇنياۋى مەتبۇئاتتا كىملەرنىڭ گېپى
2013-02-19
ئالىم، پىسخولوگ جىك ھونتېر (ئامېرىكا)
مۇقەددىمە
مەن ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالغان ئەلدە خېلى ئۇزۇن تەلىم ئالدىم. لېكىن مەندە قالغان تەسرات شۇ بولدۇكى، ئۇ يەردە ھەقىقى مەنادىكى مائارىپ تېخى شەكىللەنمەپتۇ. ۋەتەنگە ۋاقتىدا قايتىپ كەلمىگەن بولسام، مەنمۇ تەربىيىسىز قالاركەنمەن. زاۋۇتتىن چىققان خىشتەك، بىر خىللا ئىدىيىلىك، بىر قىلىپتىكى ئادەملەرنى تەربىيىلەپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان ئۇ سىستېما ھەققىدە بەك كۆپ توختالغۇم يوق. ئۇلار تېخى ئۆزلىرىچە مائارىپتا ئىسلاھ ئىلىپ بېرىۋاتىمىز، دەپ قارايدىكەن. ئۇلار ئىسلاھات دەپ چۈشەنگەن ئىشنىڭ ماھىيىتىنى قىسقىلا قىلىپ ئۈچ نوقتىغا يىغىش مۇمكىن.
1- باب. ئۇيغۇر مائارىپىدىكى «ئىسلاھات» قا ئىزاھات
ئۇلار بىز ئىسلاھات ئىلىپ بېرىۋاتقىلى يىگىرمە نەچچە يىل بولدى دەپ ماختىنىدىكەن، ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇر مائارىپىدا ئەزەلدىن ئىسلاھات بولۇپ باقماپتۇ. بىر زاماندا روسلارنىڭ ئەندىزىسى بىلەن شەكىللەنگەن مائارىپىدىن پەخىرلەنگەن ئىكەن. مانا ئەمدى خەنزۇ مائارىپىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىدىن ماختىنىپ يۈرۈپتۇ. بۇ خىل كۆچۈرۈلمە ئەندىزىسىمۇ يىل ساناپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن. بۇ يىل نىشانلىق ئوقۇتۇش دېگەن شۇئارنى كۆتۈرۈپ چىقسا، كېلەر يىلى ساپا مائارىپى دېگەن گەپنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن، ھازىر «ئېمتىھان مائارىپى» دېگەن ئۇقۇمنى پەيدا قىلسا، ئەتە تۇرۇپلا ئامېرىكىنىڭ 20- ئەسىرنىڭ 70- يىلىلىرىدىكى پېداگوكى بۆلۈمىنىڭ نەزەرىيسىنى بازارغا سالىدىكەن. مەھمۇت قەشقىرى، نىزامىدىن ئەلشىر ناۋايى … قاتارلىق يىتۈك ئۆلىما ئۇستازلىرى ياراتقان تەربىيىلەش تەجرىبىلىرىنى تەتقىق قىلىپ كۆرمەي، چەتئەلنىڭ سۇخۇلمىنىسكى، كۇڭزى كەبى پېداگوكلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ماس كەلمىگەن تەشەببۇسلىرىغا ئېسىلىۋالىدىكەن. ئىسلاھات دەپ كۈچىگەنسېرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرى كۆپىيىپ كېتىدىكەن، ئۇ دەرسلىكلەر ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۇنى ئوقۇپ چىققانلار رېئاللىققا، تۇرمۇشقا زادىلا ماسلىشالمايدىكەن. ئەقەللىيسى، فىزىكا ئوقۇغانلار ھەمىشە كۆرۈپ تۇرغان شال بىلەن بۇغداي مايسىسىنى پەرىقلەندۈرەلمەيدىكەن. باشلىق كۆپەيتىش – ئۇلار دېگەن ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ئىكەن. «ئادەم كۆپ بولسا ئىش كۆپ بولىدۇ» دېگەن گەپ ئۇلارنىڭ دەستۇرى سانىلىدىكەن. ئادىمى يۈزگىمۇ يەتمەيدىغان مەكتەپنىڭ 8-10 نەپەر مۇدىرى بولىدىكەن. بۆلۈم، گۇرۇپپا مەسئۇللىرى، سىياسى خىزمەتچىلەر… دېگەنلىرىنى قوشقاندا مەكتەپ خادىمىنىڭ 40-0 پىرسەنتىنى باشلىقلار تەشكىل قىلىدىكەن.
باشلىقلار كۆپىيىپ تۇرغىنى بىلەن «ئىخچاملاش» نى ئېغىزدىن چۈشەرمەسلىك ئۇلارغا ئورتاق ئۇدۇم ئىكەن. ئىخچاملىدۇق دەپ بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتسىز بىر تالاي مەكتەپلەرنى زورمۇ-زور بىرلەشتۈرۈپ قويۇپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاپپارات كېلەڭسىزلىشىپ ئادەم تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىپتۇ. «شىتات قىسقارتىمىز» دېگەن گەپ شۇنىڭدىن چىقىپتۇ. ئۇلار شىتات قىسقارتىشنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جاي-جايلاردا «شىتات قىسقارتىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى» دەيدىغان مەخسۇس شىتاتلىق ئورگاننى كۆپەيتىپتۇ.
ئۇلارنىڭ «ئىسلاھات» دەپ چۈشىنىدىغان يەنە بىر ئىشى — ئۆز تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ بولالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا باشقا تىلدا دەرس ئۆتۈش ئىكەن …
قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ خاس مائارىپ ئەندىزىسى يوق ئىكەن. ھازىرقى شارائىتتا ئۇلارنىڭ مائارىپىدا ئىسلاھاتنىڭ بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئەگەر يېڭىلىق بار دېيىلسە ئۇ خورىتىش ۋە قورقىتىش ئىكەن!
2- باب. خورىتىش
ئىنسانىيەتنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىدىكى تۈپ مەقسەت — ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش.
بۇ ئاز ئىشلەپ، كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش دېگەنلىك. لېكىن ئۇيغۇر مائارىپى بۇنىڭ ئەكسىگە قاراپ تەرەققى قىلىۋېتىپتۇ. ئۇلار «ئىسلاھات» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى «كۆپ ئىشلىتىش، كۆپ باشقۇرۇش، كۆپ چارچىتىش» دەپ چۈشىنىدىكەن. ئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنى قانداق قىلغاندا ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىش ئەڭ چوڭ ئىسلاھات سانلىدىكەن. شۇڭا ھەر قانداق مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ھامان مۇشۇ توغۇرلۇق باش قاتۇرىدىكەن. كىم ئوقۇتقۇچىلارغا ئىش تېپىپ بېرەلىسە، يېڭىدىن يېڭى ئۈنۈمسىز ۋەزىپىلەرنى ئارتالىسا، شۇ ئىقتىدارلىق مۇدىر ھېسابلىنىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇش كويىدا پالاقلايدىكەن. بىر مۇدىر دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى قايسى ئۇسۇلدا ھاردۇرۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ، ئون، ئونبەش خىل قوللانما تۈزسە، يەنە بىر مۇدىر ئۇنىڭدىن قالماسلىق ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز باش قاتۇرۇپ يۈرۈپ، سىنىپ تەربىيىچىلىرىنى جازالاش ھەققىدە 20-25 تۈرلۈك مەخسۇس قوللانما تۈزۈپ چىقىدىكەن. ئۈچۈنچى بىرسى ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىمەنىلىكلەرنى ئويلاپ تاپىدىكەن …
ئوقۇتقۇچىلار كېچە-كۈندۈز ئارام ئالماي، تۈرلۈك ئەھمىيەتسىز جەدىۋەل، قوللانمىلارنى تولدۇرۇپ ھالىدىن كېتىدىكەن. ئۇلارغا ئارام خۇدا دەرس تەييارلىغۇدەكمۇ ۋاقىت بېرىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرسلىك ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ بۇ يىلقى تۈزگەن كونسىپىكنى كېلەر يىلى ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن.
ئۇلارنىڭ «گۇرۇپپا باشلىقى» دەپ ئاتىلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك باشلىقى كونسىپىكنى قايتا-قايتا كۆچۈرتۈپ ئۇنىڭ ئاخىرىغا سەت خەتلەر بىلەن ئىسمىنى يېزىۋالمىسا ئۇنىمايدىكەن. ئاڭلىسام، ئۇلارنىڭ ئىشى مۇشۇ ئىشتىن ئۆسىدىكەن. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈنى دەرسلىكتىن كونسىپىككە، پايدىلىنىش ماتېرىيالىدىن دەپتەرگە، دەپتەردىن دەپتەرگە، دەپتەردىن يېڭى دەپتەرگە كۆچۈرۈش بىلەن ئۆتىدىكەن …
مەكتەپ باشلىقلىرىنىڭ دەرسلەرنى باھالاش ئۇسۇلىمۇ غەلىتە ئىكەن. ئۇلار ئالدىن بېكىتىۋالغان مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان باھالاش ئۆلچىمىنى مەخسۇس دەپتەر قىلىپ باستۇرۇپ، ھەممە ئوقۇتقۇچىغا بىردىن تارقىتىپ بېرىدىكەن. بارلىق ئوقۇتقۇچى مۇشۇ دەپتەر بويىچە دەرس ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن، يەنە كېلىپ ئوقۇتۇشنىڭ ھەر بىر باسقۇچىغا مۇقىم ۋاقىت بېكىتىلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا قاراپ ۋاقىت چىكىنى بۇزۇشقا ھەرگىز بولمايدىكەن، دەرس ئۆزلەشسۇن، ئۆزلەشمىسۇن مۇشۇ ۋاقىت بويىچە قىلىپقا چۈشۈرۈپ دەرس ئۆتۈپ بەرگەن ئوقۇتقۇچى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالىنىدىكەن. سەل چوڭقۇرلاپ كەتكىنى بېكىتىلگەن ئۆلچىمىگە چۈشمەي قالىدىكەن – دە، لاياقەتسىز باھالىنىدىكەن. شۇڭا ھەممە ئوقۇتقۇچى بىر ئادەمدەك دەرس ئۆتىدىكەن. ھىچقايسىسى قائىدىدىن چىقىپ كەتمەيدىكەن. تېخىمۇ قىزىق بولغىنى ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت سوبېيكتىپ جەريان قېلىپلاشقان، مىخانىك پائالىيەتكە ئايلىنىپ قاپتۇ.
يىل بويى ئارام ئالماسلىق، ئۇلارنىڭ نەزەرىدىكى يەنە بىر ئىسلاھات ئىكەن. مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى قىشۇ-ياز تەتىلگە قويۇپ بەرمەي، تۈرلۈك ئۆگىنىشلەرگە سالىدىكەن. شەنبە-يەكشەنبىلەرمۇ ئىشلەۋېرىدىكەن. قانۇنىيەتكە خىلاپ بۇ ئادەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىدىكەن. شۇنداق بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى گومۇش، يىراقنى كۆرەلمەس … قاتارلىق كېسەللەر بىلەن، ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆپكە، يۈرەك، بۆرەك … دېگەندەك رەئىس ئەزالار كېسىلى بىلەن ئاغرىيدىكەن. مەن بۇ ئەلدىكى ئىلى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق يەرلەرنى ئارىلاپ يۈرگەنلىرىمدە تالاي ئوقۇتقۇچىلارنى شۇ خىلدىكى كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.
ئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن، مەكتەپ مۇدىرلىرى دەل موشۇ ئىشتىن پەخىرلىنىدىكەن. ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىكى كۆپ قاقشاتسا، قانچە كۆپ ئۈنۈمسىز ئىشلارغا مەلىكە قىلالىسا بۇ ئىسلاھات ھېسابلىنىدىكەن. دوكتور، يازغۇچى، تەتقىقاتچى … دېگەندەك كەم تېپىلىدىغان ئىقتىساس ئىگىلىرى بولغان ھالەتتىمۇ تۈرلۈك شەكىلۋازلىقلىرىغا كۆنۈشى كېرەك ئىكەن. بۇ شەكىلۋازلىققا چىداپ ئىشلىگەنلىرى بولسا بەش-ئالتە يىلغا بارمايلا بەلگىلەنگەن قېلىپ بويىچە ئۆلچەملىك دەرس ئۆتۈشتىن باشقىغا يارىمايدىغان ئادەتتىكى «مۇئەللىم» گە ئايلىنىدىكەن. بۇ نېمە دېگەن ئېغىر پاجىئە – ھە!؟
شۇڭا دەيمەن، ئۇلاردا ھەقىقى مائارىپ يوق، ئىسلاھات يوق، قەستەن خورىتىشلا بار ئىكەن!
دۇنياۋى مەتبۇئاتتا كىملەرنىڭ گېپى» ناملىق ماقالىلار توپلىمىدىن ئېلىندى
阅读原文
|
|