قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 975|ئىنكاس: 10

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى قەيەردە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

4

دوست

3904

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12464
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 429
تۆھپە : 920
توردىكى ۋاقتى: 381
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 15:43:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ىوقۇتقۇچىنىڭ ىۇلۇغلۇقى قەيەردە


ھەممىمىزگە مەلۇمكى،مائارىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەنگەن تۈرلۈك يۇشۇرۇن ئىقتىدارلارنى قىزىپ چىقىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ،ئۇلارنى ئەڭ زور دەرىجىدىكى ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان تەلىم-تەربىيە جەريانى.بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە قانداق سالاھىيەت بىلەن ياشىشى ئۇنىڭ مائارىپ تەربىيىسىنى قانچىلىك دەرىجىدە قۇبۇل قىلغىنلىقىغا باغلىق دەپ مۇتلەقلەشتۈرۋەتكىلى بولمىسىمۇ،لىكىن مائارىپنىڭ بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھاياتىدا ئوينايدىغان رولى ناھايتى چوڭ.مائارىپ خىزمىتى ئەنە ئاشۇنداق ئىغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان تولىمۇ شەرەپلىك خىزمەتتۇر،ئوقۇتقۇچىلار ئەنە شۇنداق شەرەپلىك خىزمەتنىڭ سادىق ئىجىراچىسى بولغان ئۇلۇغ ئىنسانلاردۇر.
ئوقۇتقۇچىلار دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق،ئەڭ پاساھەتلىك ناملار بىلەن تەرىپلىنىپ كەلدى.ئوقۇتقۇچىلارنى ئېنژىنىرغا،قوياشقا،باغۋەنگە...ئوخشىتىپ،ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىگە ئالقىشلار ياڭرىتىلدى.‹‹ئون قەدەم نىرىدىن سالام بىرىشكە ئەرزىيدىغان كىشى››دەپ تەرىپلەندى.ئۇنداقتا،بىز ئوقۇتقۇچىلار يۇقىرقى شان-شەرەپكە،نام-ئاتاقلارغا راستىنلا مۇناسىپمۇ؟بىز راستىنلا شۇنداق ئۇلۇغمۇ؟بىز ئېنژىنىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھايات مۇساپىسىنىڭ مۇكەممەك چېرتيۇژىنىسىزىپ بىرەلىدۇقمۇ؟قوياش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن توڭلىغانلارغا ھارارەت،تىنىگەنلەرگە يورۇقلۇق ئاتا قىلالىدۇقمۇ؟باغۋەن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پەرۋىش كۈتۈپ تۇرغان ياش نوتىلارغا مىھىرلىك قولىمىزنى سۇنۇپسورتىنى ياخشىلىيالىدۇقمۇ؟...يۇقىرقى سۇئاللار ئۈستىدە چوڭقۇرراق ئويلىنىپ باقىدىغان بولساق‹‹شۇنداق››دەپ جاۋاپ بىرىشكە كۆپىنچىمىزنىڭ تىلى كۆيىدۇ.بۇ جەھەتتە ئۆزىمىزنى قانچىلىك ئاقلىمايلى،رىئاللقنىڭ مەسخىرىلىك كۈلكىسى ئالدىدا كۆپىنچىىزنىڭ بىشى تۆۋەن بولىدۇ.
پۈتكۈل خەلق مائارىپقا ئۈمىدلىك كۆزىنى تىكىۋاتقان،كەلگۈسى مائارىپ ئارقىلىق تەسەۋۋۇر قىلىنىۋاتقان مۇشۇ پەيىتتە،بىز ئوقۇتقۇچىلار‹‹ئات ئايلىخانغا،يول سارىخانغا››دەپ يۈرىۋەرسەك،ئىنىقكى،ئەۋلاتلارنىڭلەنىتىگە قالىمىز،بىز بىرلىكتە تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتا ئۈستىدە ئورتاقلىشىپ،نېمىلەرنى قىلغانلىقىمىز، نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىمىز، نېمىلەرنى قىلىشىمىز كىرەكلىكى ئۈستىدە ئويلىنىپ باقىيلى،شۇ ئارقىلىق ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى تونۇپ،ئۇلۇغلۇققا ئازراق بولسىمۇ يىقىنلىشىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس.
مۇئەللىم،باغۋەنلىكىڭىزنى ئۇنۇتماڭ.
سىز ئوقۇتقۇچى،شۇنداقلا بىر باغۋەن،كۆچەتلەرنى پەرۋىش قىلىپ قاتارا قوشۇش سىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىڭىز.سىز پەرۋىش قىلماقچى بولغان كۆچەتلەر بەلكىم ئۈنۈمسىز تۇپراقتا ئۈنۈپ قالغان ، پەرۋىش تاپالمىغان كۆچەتلەر بولۇشى مۇمكىن.سايىدا ئۈنۈپ،ئوزۇقلۇق يىتىشمەي يىگىلەپ قالغان كۆچەتلەر بولۇشىمۇ،ھەتتا پەرۋىشسىز ھالدا ئەركىن ئۆسكەن ياۋا كۆچەتلەر بولۇشىمۇ مومكىن.كۆز ئالدىڭىزدىكىسى مەيلى قانداقلا كۆچەت بولسۇن، سىز باغۋەن بولغان ئىكەنسىز،ئۇلارنى تەربىيلەشتىن باش تارتالمايسىز.كۆزئالدىڭزدىكىسى سىز قانداق پەرۋىش قىلسىڭىز شۇنداق يىتىلىدىغان يۇمران كۆچەت.شۇنداق ئىكەن،كۆچىتىڭىزنىڭ تىمەن،ساغلامئۆسۈپ يېتىلى،ئەل- ۋەتەنگە مېۋە بېرىشى ياكى قۇرۇپ بىر دۆۋە ئوتۇن بولۇشى سىزنىڭ قانداق باغۋەن بولغانلىقىڭىزغاباغلىق.
كۆچەت پەرۋىشكە موھتاج.كۆچەتلەرنى سۇغىرىش،ئوغۇتلاش،ھارام شاخلىرىنى پۇتاش،ھەتتا نۆۋىتى كەلگەندە كىسىۋىتىپ،سورتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ياخشىلاش باغۋەننىڭ مەجبۇرىيتى.شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى،پەرۋىشى ياخشى بولمىغان كۆچەت مەيلى ئۇ قانچىلىك ئەلا سورتلۇق كۆچەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاخىر ئوچاققا بىر دۆۋە ئوتۇن بولىدۇ.
خىزمەتنى جان بىقىشنىڭ يولى قىلىۋالماڭ
سىز ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت سۈزۈك ئىقىننىڭ بىر تامچىسى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن پەخىرلىك ھىسلارغا چۆمىسىز.ئۇنداقتا،سىز ئادەم تەربىيلەشتىن ئىبارەت شەرەپلىك خىزمەتنىڭ ساھىبى بولغانلىقىڭىزدىن پەخىرلىنەمسىز ياكى مۇقىم ئىقتىسادىي مەنبەگە ئىگە بولغانلىقىڭىزدىن پەخىرلىنىپ يۈرەمسىز؟سىزنى ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇرلاۋاتقىنى سىزنىڭ زىممىڭىزگە يۈكلەنگەن ۋىجدانى مەسئۇلىيەتمۇ ياكى رەھبەرلەرنىڭ بىسىمى ۋە ھۆكىمەتنىڭ سىزگە بىرىدىغان ئىش ھەققىمۇ؟سىز ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى ھەقىقىي سۆيۈپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتامسىز ياكى ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغانلىقىڭىز ئۈچۈنلا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتامسىز؟...مائارىپنىڭ نىنىنى يەۋاتقان،ئوقۇتقۇچى دەپ ئاتىلىۋاتقان ھەربىر ۋىجدان ئىگىسى يۇقىرقى سۇئاللار ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ بىقىشى كىرەك.
تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەپ پۇل تىپىش كىرەك،لىكىن پۇل ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىش بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشى ئەمەس.سىزنىڭ كۈتىدىغىنىڭىز باي-باياشات تۇرمۇشقا ئىرىشش بولسا،مائارىپ خىزمىتىدىن ئىبارەت بۇ دەرۋازىدىن ئالدى-كەينىڭىزگە قارىماي چىقىپ كەتكىنىڭىز تۈزۈك.چۈنكى،بۇ درۋازىنىڭ ئىچىدە‹‹بېغىشلاش››،‹‹بەدەل تۆلەش››دىگەن سۆزلا مەۋجۇت،‹‹ئىرىشش››دىگەن سۆز ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.
ئوقۇغۇچىلاردىن مىھرىڭىزنى ئايىماڭ.
ئادەمنىڭ قەلبى مۇستەبىتلىك بىلەن ھەرگىز چىقىشالمايدۇ.مۇستەبىتلىك تۈسىنى ئالغان تەلىم-تەربىيە ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ.شۇڭا،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلىدىغان بىلىمى مىھىر-مۇھەببەت بىلەن يۇغۇرۇلۇشى،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مۇقەددەس سۆيگۈ ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كىرەك.
ئۇنداقتا،بىز ئۆزىمىزنى ئوقۇغۇچىلارغا قانچىلىك بىغىشلىيالىدۇق؟ئوقۇغۇچىلارغا قانچىلىك زىھنىمىزنى سەرىپ قىلالىدۇق؟قانچىلىغان ئوقۇغۇچىنى مىھرىمىز تۈپەيلى ئىلىم دالاسىغا باشلاپ كىرەلىدۇق؟يەنە قانچىلىغان ئوقۇغۇچىنى ئورۇنسىز قەھرىمىز تۈپەيلى نابۇت قىلىۋەتتۇق؟ئوقۇغۇچى دىگەن راستىنلا‹‹ياخشىلىق قىلىدىغان نەرسە ئەمەس››مۇ؟ئوچۇقىنى ئىيتقاندا،بىز ئوقۇغۇچىلارغا مىھرىمىزنى بىرىشتىن قورقىمىز،ئۇلارغا مىھرىمىزنى بەرسەك،ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى قورقۇنىچنىڭ يوقىلىپ،ئپتتۇرىدىكى پەردىشدپنىڭ بۇزۇلۇپ،بىزنى ھۆرمەتلىمەيدىغان،بىزدىن قورىقمايدىغان،ئەيمىنمەيدىغان بولۇپ قىلىشىدىن،گەدىنىمىزگە مىنىۋىلىشىدىن ئەنسىرەيمىز.ئەمەلىيەتتە،بىز مىھرىمىزنى جايلاپ بىرەلىسەك يۇقارقى ئىشلاردىن ئەنسىرەشىنىڭ ھىچقانداق ھاجىتى يوق.
سىز ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ سىزدىن ئۈركۈپ،ئەيمىنىپ تۇرۇشىنى ياخشى كۆرەمسىز؟ئالدىڭىزدىكى ئوقۇغۇچىلار بۇتتەك ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلىسا دەرس ئۆتكەندەك بولامسىز؟ئالدىڭىزدا خاتا سۆزلەپ قويۇشتىن،قالايمىقان جۈيلۈپ سىلىشتىن،ساقىلىڭىزنى تاراپ،ئىغىزىڭىزنى غىرىچلاپ سىلىشتىن قورقۇپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەن دەرسىنى  دەرس دەپ قارامسىز؟
سىز ئوقۇغۇچىلارغا مىھرىڭىزنى بىرىپ،ئۆزىڭىزنىڭ ئۇلارنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلىيەلىسىڭىزلا،ئۇلاردا ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنىچ،غۇرۇر پەيدا قىلالىسىڭىزلا،مۇۋەپپىقىيىەت يولىڭىز ئىچىلىدۇ.سىنىپتىكى ھەربىر ئوقۇغۇچىنى چىن يۈرىكىڭىزدىن سۆيسىڭىزلا،نەزىرىڭىزدە يارامسىز ئوقۇغۇچى مەۋجۇت بولمايدۇ.
شۈنى ئەستىن چىقارماسلىقىڭىز كىرەككى،ئالدىڭىزدا ئولتۇرغىنى بۇيرۇق ئىجىرا قىلىدىغان جەڭچى ئەمەس،كاللىسىغا سىستىما قاچىلاپ كۇنۇپكا ئارقىلىق باشقۇرسا بولىدىغان ماشىنا ئادەممۇ ئەمەس،خالىغانچە ھاقارەتلەيدىغان،دۆشكەللەيدىغان،ھەر نىمە قىلسا بولىۋىرىدىغان ھىسىياتسىز مەخلۇقمۇ ئەمەس،بەلكى ئۆزىگە يارىشا ئەقىلگە،ھىسىياتقا،ئىنسانىي قەدىر-قىممەتكە ئىگە ئادەم.يەنە كىلىپ ئۇلار تەرىپلەشتىن خۇشال بولالايدىغان،ئىللىق مۇئامىلىدىن تەسىرلىنەلەيدىغان،ئورۇنسىز دەشنامدىن ئازابلىنالايدىغان ئادەم.شۇنداق بولغانىكەن،بىز ئۇلارنى ھاقارەتلەش،دۆشكەللەش بەدىلىگە،ئۇلارنىڭ ئۈزلۈكسىز يىتىلىۋاتقان،مۈكەممەللىشىۋاتقان ئىنسانى قەدىر-قىممىتىنى يەرگە ئۇرۇش بەدىلىگە ھىچنىمىگە ئىرىشەلمەيمىز.ئىرىشىدىغىنىمىز پەقەت ياخشى گەپتىن تەسىرلەنمەيدىغان،يامان گەپتىن خىجىل بولمايدىغان بىر توپ ئۈركىگەك ئادەم دۆۋىسىدىنلا ئىبارەت بولىدۇ،خالاس.شۇڭا سىز قىرلاپ كىيىۋالغان ئىشتىنىڭىزنىڭ يانچۇقىدىن چىقىرىڭ-دە،ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا سۇنۇڭ،شۇندىلا سىز مىھىر-مۇھەببەتنىڭ قۇدىرىتىنى چوڭقۇر ھىس قىلىسىز.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇل بولۇڭ.
دۇنيادا كەچۈرۋىتىشكە بولمايدىغان بىر مەسئۇلىيەتسىزلىك بار،ئۇ بولسىمۇ ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى.ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىنى بىر ئۇچقۇچىنىڭ،بىر دوختۇرنىڭ،بىر قمانداننىڭ مەسئۇلىيەتسىزلكى بىلەن سىلىشتۇرۇش مومكىنمۇ؟ئۇچقۇچىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى نەچچە يۈز يولۇچىنىڭ، دوختۇرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى نەچچە يۈز بىمارنىڭ، قومانداننىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى نەچچە يۈز ئەسكەرنىڭ جىنىغا زامىن بولۇشى مومكىن،لىكىن بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىچۇ؟بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ئۆزى تەربىيلەۋاتقان نەچچە يۈز ئوقۇغۇچىنىڭ،ئۇلار كەلگۈسىدە ئاتا ياكا ئانا بولىدىغان ئائىلىنىڭ،ئۇلار تەربىيلەيدىغان پەرزەنتلەرنىڭ،ئۇلار ياشايدىغان جەمئىيەتنىڭ،تۇمۇرىدا قىنى ئىقىۋاتقان مىللىتىنىڭ،ئۇلار تەۋە بولغان ئەزىز ۋەتىننىڭ جىنىغا زامىن بولىدۇ.ئوقۇغۇچىلار مەيلى قانداق تەربيىلىنىشتىن قەتئىينەزەر بەربىر ياشاۋىرىدۇ،يەيدۇ،ئىچىدۇ،ئۇخلايدۇ،ئوينايدۇ...لىكىن،
مىدىرلاپ تۇرسىلا ئادەمنى ياشىدى دىگىلى بولامدۇ؟تۆپە قوشۇش بىلەن خاراكتىرلەنمىگەن ھاياتنى قانداقمۇ‹‹ھايات››دىگىلى بولسۇن؟
شۇڭا،بىز ئوقۇتقۇچلار ئوقۇغۇچىلارغا يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بۇئامىلە قىلىشىمىز كىرەك.بىزنىڭ بۈگۈنكى مەسئۇلىيەتسىزلىكىمىز ئىنىقكى،ئەتىكى پاجىئەلەرنىڭ سەۋەپكارى بولىدۇ.دىمىسىمۇ جەمئىيەتتە يۈز بىرىۋاتقان ئىنسان قىلىپىىدىن چىققان،ئادىمىيلىككە يات بولغان ھەرقانداق قىلمىش-ئەتمىشلەردە بىز ئوقۇتقۇچىلارنڭ باش تارتىپ بولمايدىغان جاۋاپكارلقى بولىدۇ.
ئىلگىرى ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئارىسىدىن بىرەرى ەۇم كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ،ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن تەڭ بىيىپ،جەمئىيەتتە ئابرۇي-ئىناۋەتكە ئىرىشكەن بولسا،مەن ئۇنى مانچە يىل ئوقۇتقان،ئۇنداق تەربىيلىگەن،مۇنداق تەربىيلىگەن دەپ ماختىنىپ كىتىمىز،ئۇنىڭ ئىرىشكەن شان-شەرىپىگە شىرىك بولىمىز،تۆھپىسىدىن پەخىرلىنىپ كىتىمىز.ئەلۋەتتە،پەخىرلەنسەك بولىدۇ،چۈنكىئۇنىڭ بۈگۈنكى مۇۋەپپىقىيىتىگە بىزنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى تەربىيىمىز تۈرىتكە بولغان،ئەمما مەسىلىگە يەنە بىر نۇقتىدىن قارىساق،كۆرەڭلەشكە سەل بالدۇر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز.ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئارىسىدىن جەمئىيەتتە چىقىش يولى تاپالماي ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ پارازىت قۇرۇت كەبى ياشاۋاتقان،جەمئىيەتكە يۈك بولۇپ قىلىۋاتقان،جان بىقىشىنىڭ يولىنى تاپالماي گاڭگىراپ كىملەرگىدۇر ئۈمۈدلىك بىقىۋاتقان،يامان يولغا كىرىپ قىلىپ غۇرۇرىنى ستىۋاتقان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پاجىئەلەرگە دۇچار بولۇپ،ئاتا-ئانلىرىنىڭ،جەمئىيەتنىڭ لەنىتىگە دۇچار بولىۋاتقان بىرەرسىنى ئۇچرىتىپ قالساق ياكى شۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ قالساق بۇ چاغدىمۇ يەنىلا مەردانىلىك بىلەن‹‹مەن ئۇنى مانچە يىل ئوقۇتقان›› دىيەلەيمىزمۇ؟ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ پاك قەلبىگە نىمىلەرنى يىزىپ سالغانلىقمىز ئۈستىدە ئويلىنىپ ئۆزىمىزنى ئەيىپلىيەلەيمىزمۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك كۈنگە چۈشۈپ قىلىشىدىكى سەۋەبنى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ پەرزەنىت تەربىيلەشتىكى دىتسىزلىكىگە،جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلۇپ ئۇنىڭغا يامان تەسەر بىرىپ قويغانلىقىغا شىپى كەلتۈرۈپ ئكتۈپ كەتمەكچى بولارمىز،ئەلۋەتتە ئۆتۈپ كىتەلەيمىز.بۇنىڭغا سەۋەپ ئىزدىسەك سەۋەپ دىگەن تولا.ھىچكىممۇ‹‹سەن مىنى ئىلگىرى ياخشى ئوقۇتقان بولساڭ،بەلكىم بۈگۈنكى كۈنگە قالماس ئىدىم››دەپ ياقىمىزغا ئىسىلمايدۇ.لىكىن،بۇ چاغدا ياقىمىغا ئىسىلىدىغىنى ھەقىقەتنىڭ تۆمۈر تىرنىقى بولىدۇ.شۇڭا،بىر ئوقۇتقۇچىدا ئۆزى تەربىيلەپ جەمئىيەتكە چىقارغان ئوقۇغۇچىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىدىن كۈلەلەيدىغان،مەغلۇبىيىتىدىن ئازابلىنالايدىغان يۈرەك بولۇشى كىرەك.
قىسقىسى،مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان ئوقۇغۇچىلار كىيىنچە بىزنىڭ شان-شۆھرىتىمىزنى،ھايات مەئىشەتلىرىمىزنى دوغا تىكىپ بىزنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشىمۇ ياكى بىزنىڭ پۈكۈلگەن قەددىمىزنى رۇسلاپ ئاسماندا ئۇچۇرىشىمۇ مۇمكىن.بۇ ئۇقۇغۇچىلارنى قانچىلىك دەرىجىدە تەربىيلىگەنلىكىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك،ئەلۋەتتە.مائارىپ بىر ئۇلۇغ بىناكارلىق،بۇئۇلۇغ بىناكارلىقنىڭ ھەربىر تال خىش-كىسىكى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قوپۇرۇلۇشى،لېيى مىھنەتسىز قان-تەر بىلەن يۇغۇرۇلۇشى،‹‹بىناكارلىق››نىڭ ئۆلچىمىگە ھەقىقىي ئەمەل قىلىنىشى كىرەك.شۇندىلا بۇ‹‹بىناكارلىق››نىڭ ئىنژېنېرلىرى بولمىش ئوقۇتقۇچىلار ئۇلۇغلۇق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلەلەيمىز.
مەنبە:ئۆز قەلىمىم
بۇ ماقالەم‹‹شىنجاڭ مائارىپى››ژۇرنىلىنىڭ2009-يللىق12-سانىغا بىسلغان.
uyghuray

ئالىي ئەزا

3

تېما

1

دوست

4006

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   66.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  895
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 566
تۆھپە : 843
توردىكى ۋاقتى: 147
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 21:09:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىلار يوللىنىشقا باشلىدى،ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن،تۆكۈڭلار دەردىڭلارنى ئاڭلايدىغان ئادەم چىقمىسا مانا بىز ئاڭلايمىز

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   40.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1996
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6397
توردىكى ۋاقتى: 1677
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 21:22:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئازراق تەھرىرلەپ قويسا بوپتىكەن.تېمىدىلا ئىملاسى خاتا بۇلۇپ قاپتۇ.

0

تېما

0

دوست

211

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   70.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14171
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 57
تۆھپە : 29
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 21:44:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئوقۇتقۇچى ھەقىقىي ئۇلۇغ ئىنسان.ئەمما ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقى قەيەردە؟ بۇنى يۇقىرىقى بايانلاردا ناھايىتى ئېنىق شەرھىيلەپ ئۆتكەن...بۇ تېمىنى «سۇنىڭ ئېقىشىغا،تۈكنىڭ يېتىشىغا»قاراپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقانلار ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ،ئۆزىدىكى كەمچىل-نۇقسانلارنى تۈزىتىۋالغان بولسا ھېلىمۇ كېچىكمەس ئىدى!!!!!!!!!
    يالقۇن روزى ئاكىمىزنىڭ :«سىز مائارىپچىمۇ ياكى مۇئاشچىمۇ؟»دېگەن سوئالىنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈڭ،سىز قايسىسىغا تەۋە؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
uyghuray

0

تېما

0

دوست

2142

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9871
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 515
تۆھپە : 308
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 22:53:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپنىڭ نىمە بولىشى بىلەن كارى بولمايۋاتقان ئەمەلدارلار باشلىقمۇ ياكى تاشلىقمۇ ، بىزئوقۇتقۇچىلارغا باش كۆتۈرمەي خەت يىزىپ كۈن ئۆتكۈزۈشتىن باشقا ئامال يوق ، كۆيۈنۈپ دەرىس ئۆتۈشكە ۋاقتىمىز يوق، مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەر تەكشۈرۈشكە چىقسا ، ئەمەلى خىزمەتلەر نەدىن-نەگىچە دەپ سوراپ باقمايدۇ، ئەكىسچە قۇسۇر ئىزدەش مەخسىتىدە چىقىدۇ ، خەتنى ئاز يىزىپسەن ئاۋۇ نىمەڭ بولماپتۇ! ماۋۇ نىمەڭ بولماپتۇ! دەپ قويۇپ كىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ مۇدىرلىرى باش كۆتۈرەلمىگىدەك ۋەزىپىلەرنى بىرىدۇ ، بۇ ۋەزىپىلەر بولسا ئاقماس خەتلەر دۆۋىسى خالاس ...ئامال يوق كىچە-كۈندۈز خەت يازىدىغان گەپ...دەرىس ئۆتۈشكە نەدە ۋاقىت...ھازىر مائارىپنىڭ ۋەزىپىسى ياراملىق ئىز باسارلارنى تەربىيەلەش بولماستىن بەلكى دەپتەر بوياش ...نىمەدىگەن كۆپ قەغەز ئىسىراپچىلىقى ھە ! بىزدە ئامال يوق ، بۇ ھەرگىزمۇ بىز ئوقۇتقۇچىلار مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرغىنىمىز ئەمەس...راستىنلا بىزدە ئامال يوق ...

0

تېما

0

دوست

2142

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9871
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 515
تۆھپە : 308
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 22:57:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹  سىز باشلىقمۇ ياكى تاشلىقمۇ ؟ ›› دىگەن سۇئالنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈڭ ، سىز قايسىسىغا تەۋە ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

0

تېما

0

دوست

475

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   87.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14587
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 53
تۆھپە : 122
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 00:51:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر ئالى مەكتەپ  ئوقۇغۇچىسى مېنىڭ نەزىىمدە نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ تىزگىنەكلىرىنى يۇقۇردىكى باشلىق مۇدىرلارغا تۇتقۇزۇپ قويغان ماشىنا ئادەملەر .ئۇلاردا ھېچ بىر مۇستەقىل قاراش ۋە مۇستەقىل قارار چىقىرىپ ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى ۋە ئىرادىسى يوق چۈنكى ئوقۇتقىچلار دەرىسنى كۆز ئالدىدىكى شۇ ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنشى ۋە ئۈزلەشتۈرۈشى بويىچە ئەمەس يۇقۇرنىڭ بەلگىلەپ بەگىنى بويىچە ئۆتىدۇ ..وقۇتقۇچى-ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنىرى!  دېگەن بۇ سۆزنى قۇرۇق شۇئار كەبى يالغاندەك ھېس قىلمەن..تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇغان مەزگىلىمدە ھەر ھەپتىدە ياكى ئىككى ھەپتدە بىر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 10 دەك ئوقۇتقۇچى تەشكىللىنىپ ھەر بىر سىنىپقا تۇيۇقسىز بىسىپ كىرىپ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنى مۇنبەرگە تىزىپ بىرمۇ بىر يانچۇقلىرىنى ئاقتۇرسا قىز ئوقۇغۇچىلارنى جايىدا ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ ئايال ئوقۇتقۇچىلار تەكشۇرەتتى قالغانلىرى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ سومكىسى ۋە پارتا ئورۇندۇقلىرىنىڭ ئاستىنى ئاختۇرۇپ چىقاتتى مەقسىتى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ يانچۇقىدىن چېكەرمەنلىكىنىڭ شاھىدى بولغان تاماكا چىقامدۇ يوق قىزلارنىڭ ھەرخىل گىرىم بويۇملىرى چىقامدۇ يوق شۇنى بىلش ۋە تۈزەش  ھەر قېتىم شۇنداق چاغدا مەنىۋە تەربىيە بىرىپ روھنى تۈزەلەي ساقچىغا ئوخشاش جىسمانى بېسىم بىلەن تەربىيە ئېلىپ بېرۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىمنى بەكمۇ بىچارە ھېس قىلسام ئۇلارنىڭ بىز ئوقۇغۇچىلار بېخەۋەر ئولتۇرغىنىمىزدا سنىپقا تۇيۇقسىز بېسىپ كىرگىنىدىن كېنو فىلىملەردىكى بۇلاڭچىغا ئوخشاتسام ئۆزىمىزنىڭ شەخسى مۈلىكىگە تەۋە بولغان يانچۇقلىرىمىزنى بىز دىن بىسوراق ھالدا مەجبۇرى ئاختۇرۋاتقىنىدا كوچىىلاردىكى ئوغرىغا ئوخشىتاتتىم بىرەسىنىڭ يانچۇقىدىن يانفۇن (يانفۇن تېپېۋالسىمۇ ئېلۋالاتتى) ياكى باشقا نەرسە تېپىۋىلىپ ئېلىپ چىقىىپ كەتكىنىدە بولسا يوللاردا ئاجىزە ئاياللارنىڭ قولىدىكى سومكىلىرىنى ئېلىپ قاچقان بۇلاڭچىغا ئوخشاتقۇم كېلەتتى شۇڭا ئۇلارنىڭ بىزلەرنىڭ روھىمىزنىڭ ئېنژىنىرلىرى ئىكەنلىكىگە گۇمانىم بار...مانا ئالى مەكتەپكە كەلدىم سىنىپ مەسئۇلىنىڭ بەزى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھاراق ئىچكەنلىرىنى كۆرگىنىمدە تولۇق ئوتتۇردىكى ئوخشىتىشىمنىڭ ئاددىلا بىر ئوخشىتىش ئىكەنلىكى ھېس قىلدىم....سۆزلىسەم گەپ جىق سۆزلىمىسەم دەت دېگەندەك بۇ يەردە ئوقۇتقۇچى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم شۇنچە كۆپ لېكىن ھەممىنى يېزىشقا ۋاقىت ۋە زىھىن كېرەك...ئەمما بۇنداق تۈنۈگۈنلا شۇ ئوقۇتقۇچىلاردىن بىلىم ئېلىپ چوڭ بولغان بىر ئۈگەنگۈچى تۇرۇپ بۇ قارشى پىكىرلەرنى قىلىشىم ھەرگىزمۇ ئۇلارنى ئەيىبلەش ئەمەس بەلكى ئۇلارغا بۇ ئارقىلق كۆڭلىمنى بىلدۈرۈش خالاس... مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بولغان ئاشۇ سەبى بالىلار ئاشۇنداق ئىچەرمەن ئويۇن خۇمار ئەقىل تىزگىنلىرى باشقىلارنىڭ قولىدا قالغان تەپەككۇرى ئۆلۈك مىللى غورۇر ۋە مەسئۇليەت بولمىغان پۇل مالنى ئادىميلىكتىنمۇ ئەلا بىلدىغان مەسئۇليەتسىز شۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدا يەنە قانداق تەربىيەلەرنى ئالار ھە !!!!ئاخىرىدا دەيدىغىنىم قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار بالىلىرىڭلارنى مائارىپقا تاشلاپ قويماڭلا ئۇلار مائارىپتىن بىلىم ئالالىسمۇ لېكىن ئادىمى ئەخلاق دەرسىنى ئالالمىغاننى ئاز دەپ بۇزىدۇ شۇ بۇ ئادىمي ئەخلاق دەرىسىنى ئېغىر كۆرمەي ئۆزۈڭلار بېېرىڭلار چۈنكى ئۇ سىز نىڭ بالىڭىز!!!!!!

1

تېما

4

دوست

2912

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6786
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 253
تۆھپە : 756
توردىكى ۋاقتى: 394
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 09:50:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بىز ئوقۇتقۇچىلار(باشقىلارمۇ بار ئەلۋەتتە)ھەممىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالمايمىز،پەقەت ئۆزىمىز قىلالايدىغان دائىردىكى ئىشلارنى چىن دىلىمىز بىلەن،يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قىلساق ناھايىتى ياخشى بولغان نەتىجىلەر بارلىققا كېلىشى مۇقەررەر.ھە دېسىلاقاقشاش،زاماندىن،ئوقۇغۇچىدىن،ئاتا-ئانىلاردىن ئاغرىنىش ئارقىلىق مېڭىمىزنى ئۇپىراتقاننىڭ پايدىسى يوق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )