قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2038|ئىنكاس: 15

دىيارىمىزدا دوختۇر بارمۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

0

دوست

9516

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   90.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2680
يازما سانى: 452
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2023
تۆھپە : 1543
توردىكى ۋاقتى: 370
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 22:29:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
                                                                                                       دىيارىمىزدا دوختۇر بارمۇ
   جەمىئەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپلىگەن يېشىل يىمەكلىكلەرنىڭ ئورنىنى خىمىيەلىك يىمەكلىكلەر ئىگەللىگەچ ، ئارىمىزدا كىسەللەر كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىشكە باشلىدى ، ئاڭلىمغان كىسەللەر ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى ،دوختۇرخانىلار كىسەللەر بىلەن ئاۋاتلاشتى ، لېكىن ئاشۇ كىسەللەر ئىچىدە ساقايغىنى قانچىلىك ، ئېغىر كىسەللەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى بىلەن ساقىيىش نىسبىتىنى تارازىنىڭ ئىككى تەرىپىگە قويساق قايسى تەرەپ بېسىپ چۈشىدۇ . كۆپلىگەن ساقايماس دەپ ئاتالغان كىسەللەرنىڭ دارىسى تېپىلدىمۇ يوق ، ھېچبولمىغاندا دارسىنى تېپىشقا تىرىشتۇقمۇ يوق؟ دىيارىمىزدا دوختۇر دىگەن نامغا لايىق كىشىدىن قانچىسى بار ؟
مېنىڭ مىدىتسىنادىن ئازراقمۇ بىلىمىم يوق، پەقەت قاتتىق تەرلەپ كەتكەن كىشىنىڭ يېلىڭ ھالەتتە سوغاق يەرگە چىقسا زۇكاملاپ قالىدىغانلىقىدەك ئاددى ساۋاتلارنىلا بىلىمەن. لېكىن ئۆزەمنىڭ شۇنداق بولىشىغا قارىماي ، دوختۇرلارغا قويىدىغان تەلىۋىم بەكلا يوقۇرى. مېنىڭچە بولسا دوختۇرلۇق كوچىسىغا كىرگەن كىشى ئارام ئېلىش دىگەن گەپنى ئۇنتۇپ كىتىشى كىرەك ۋە يەرلىك تىلىمىز بويىچە ئېيتقاندا بېششى كۆتتى بىلەن كەسىپكە كىرىپ كىتىشى كىرەك يەنى توختىماستىن ئۆگىنىشى ، توختىماستىن ئىزدىنىشى يەنە ئازراقمۇ توختاپ قالماستىن تىرىشىشى،تىرىشىشى ، تىرىشىشى كىرەك ، چۇنكى ئۇلارنىڭ ئېيتىشۋاتقىنى باشقا نەرسە بولماستىن ئادەمنىڭ جېنى .
تارىخىمىزدا ئۆتكەن تىۋىپلارغا قاراپ باقايلى ، ئۇلارنى ھېچكىم دوختۇر بول دەپ زورلىغىنى يوق ۋە ياكى بىرەر كۈن دەم ئالسا بىرەرسى ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى تارتىۋالمايدۇ. دىمەك ھەممە ئەركىنلىك ئۆزىدە ، شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ئاشۇ تىۋىپلىرىمىز كىچە يۇ كۈندۈز تىنىم تاپماي ، ئۆزىنىڭ قەتئى ئىرادىسى ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيتى بىلەن خىلمۇ- خىل كىسەللەرگە داۋا تاپالىغان ۋە ئاجايىپ قىممەتلىك رىسالىلەرنى ۋە تەبىئەت مەئىشەتلىرىنىڭ دورىلىق قىممىتىنى بىزگە مىراس قىلىپ قالدۇرالىغان ، ئاشۇ ۋاقىتتا ھازىرقىدەك زامانىۋى تەكشۈرەش ئەسۋاپلىرىدىن بىرسىمۇ يوق بولغان ئەھۋال ئاستىدا مۇرەككەپ كىسەللەرگىمۇ توپ-توغرا دىئاگىنۇز قويۇپ ئۇلارنى سەللىمازا ساقايتقان ، ئۇلار قانداق قىلىپ بۇنداق خاسىيەتكە ئىگە بولغان؟بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددى ، يەنى بۇ كىشىلەر ياراتقۇچىمىز ئۆزىگە ئاتا قىلغان ئەقىلنى جايىدا تولۇق ئىشلىتەلىگەن ھەمدە ياراتقۇچىمىز ئاتا قىلغان تىرىشچانلىقنى يۈكسەك دەرىجىدە ۋايىغا يەتكۈزەلىگەن . شۇڭا ئۇلار ھەر قانداق تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسى يوق شارائىتتىمۇ ئەھۋال سوراش ، تومۇر تۇتۇش ۋە چىرايغا ، بەدەنگە قاراش ئارقىلىقلا ئۆز مەقسىتىگە تولۇق يىتەلىگەن . ھازىرچۇ دوختۇرلۇق قىلغان كىشى ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى خۇددى تاشقى ئەزانى كۆرگەندەكلا كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ مىدىتسىنا تەرەققى قىلماقتا يوق ، كىسەل ۋە ئۆلۈم يىتىمنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپۈيۈپ كىتىشى ھەرقانداق كىشىنىڭ ئىچىنى پۇشۇرماي قالمايدۇ ، بۇنىڭدىكى ھەقىقى سەۋەپ نەدە ؟ ھەقىقى سەۋەپ شۇ يەردىكى - ھازىرقى دوختۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكى بىلەن قىلچىلىك كارى يوق ، چۇنكى شىپالىق تاپالماي ۋاپات بولغان كىسەلنى جەمىئەتتىكىلەر ھەرگىزمۇ پالانچى دوختۇر داۋالاپ ساقايتالماي ئۆلۈپ قالدى دىمەيدۇ بەلكى دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۇ ئالەمگە راۋان بولۇپتۇ دەپلا ئەلەكمۇلىللا ئېيتىشىپ قەپ قېلىشىدۇ ، بۇنىڭدا داۋالىغۇچى دوختۇرغا ھېچقانداق مەسئۇلىيەت ئارتىلمايدۇ ، دىمەك ئۇنىڭغا ھېچقانداق بېسىم كەلمەيدۇ دىگەن گەپ ، ئەگەر ئاشۇ دوختۇر ھەقىقى كەسىپنى سۆيىدىغان دوختۇر بولسا بېسىم بۇنىڭدىن ئارتۇق بولماس ، چۇنكى بۇ دىگەن ۋىژدان بېسىمى، باشقا بىرى بولماستىن ئۆزىگە ئۆزى چۈشۈردىغان ۋىژدان بېسىمى، ئەگەر دوختۇرلار موشۇ بېسىمنى ھەقىقى بېسىم دەپ ھىس قىلالىسا ، بۇ بېسىم ئۇلارنىڭ تىنىم تاپماي تىرىشىشىغا تۈرتكە بولىشقا يىتىپ ئاشىدۇ ، ھازىرقى دوختۇرلارغا قاراپ باقايلى، قاچان ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولاركىن دەپ سائىتىگە دەم-دەم قاراۋاتقان ، ئىشتىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا كۆرۈنۈشكە كەلگەن بىمارغا كۆز ئالايتىۋاتقان . بىر كىسەلنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ئازغىنە بىلىمىنى پەش قىلىپ قاپاقنى تۈرۈپ گىدىيىۋالغان ، كېسەلنى ھاراقتىن چەكلەپ ئۆزى تۇڭلاپ-تۇڭلاپ ئىچىۋاتقان (يېرىم كىچىگىچە تىنماي ھاراق ئىچىپ ئەتىسى ئاپىراتسىيەگە كىرگەن دوختۇرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم )،خىزمەتتىن باشقا ۋاقىتلىرىنى ھەرخىل ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزىۋاتقان . ئاشۇ دوختۇرلار بىلمەمدىغاندۇ ، ئۆزىنىڭ چىۋىننىڭ جېنى بىلەن ئەمەس ئۆزىگە ئوخشاش ئادەمنىڭ جېنى بىلەن ئوينىشۋاتقىنىنى بىلمەمدىغاندۇ ، ئاشۇ بىھۇدە ئۆتكەن ۋاختىنىڭ ئورنىغا ئازراق بولسىمۇ كىتاپ كۆرسە ياكى ئىزدەنسە ئۆزى مەسئۇل بولغان جاننىڭ ئىگىسىگە ئازراق بولسىمۇ ئارام بولىدىغىنىنى بىلمەمدىغاندۇ . ئۆزىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى بىلەن باشقا كەسىپتىكىلەرنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ . سەللا بىخەستىلىك قىلسا بىر ھاياتلىق شامىنىڭ بالدۇر ئۆچىدىغىنىنى ئويلىمامدىغاندۇ . بۇنداق دىسەم ئۇنداق دوختۇرلارمۇ بار . مەسىلەن : خالمۇرات ، يەنە ئۇ ، يەنە بۇ ،دىيىشىڭىز مۇمكىن لېكىن سىز ئاشۇنداق كەسىپكە پۈتۈن زېھنىنى ئاتىۋەتكەن دوختۇردىن قانچىنى ساناپ بىرەلەيسىز ھۆددە قىلىمەنكى سانىغان بارماقلىرىڭىز بىر نەچچىنى ساناپلا تورمۇز تۇتۇشقا مەجبۇر بولىدۇ . خۇلاسە كالام ، مەن بۇ تېمىنى يېزىش ئارقىلىق دوختۇرلارنى تىللىۋالماقچى ئەمەسمەن ، دىمەكچى بولغىنىم دوختۇر بولساڭ ھەقىقى ئىسمى جىسمىغا لايىق دوختۇر بولۇڭ ، كەسىپتە ھارماي - تالماي ئىزدىنىڭ ، كەسىپ ئەھلىدىن زىرىكمەي بىلىم ئېلىڭ ، دەم ئېلىشنى ھەرگىز خىيالىڭىزغا كەلتۈرمەڭ ، چۇنكى بۇ كەسىپ شۇنى تەلەپ قىلىدۇ ، سىز ئۆزىڭىز ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن بۇ كەسىپكە كىرىشكەن ئىكەنسىز ، يوقۇرقىلارنى ئەمەلدە كۆرسىتىڭ ، ئەگەر بۇنداق قىلىش قولىڭىزدىن كەلمىسە ، قوڭنى ياخشىراق قىسىپ باشقا ئىش قىلىڭ .بۇ يەردە كەسىپ ئەخلاقى توغۇرسىدا توختالمىدىم ، ئەگەر ھازىرقى زاماندىكى دوختۇرلىرىمىز شەخسى مەنپەئەتنىڭ ئورنىغا ۋىژدانىنى دەسسىتەلىسە كۆپلىگەن كىسەللەر داۋا تاپقان بولاتتى . چۇنكى ساقايماس كىسەل يوق ، ساقايتالماس دوختۇر بار. ياراتقۇچىمىز ھەممە نەرسىنى ياراتقاندا ئۇنىڭ قارمۇ قارشىسىنى ھەم ياراتقان . يامرىغان ئوتنى سۇ بىلەن ئۆچەرگەندەك ، ھەممە كىسەلنىڭ داۋاسى بولىدۇ ، دىيارىمىزدىكى دوختۇرلىرىمىز چەتئەللىك ئالىملارنىڭ كەشپىياتىنى ساقلاپ ئولتۇرماستىن ئۆزىنىڭمۇ ئازراق مىدىراپ قويىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن .

ئـەلـقـۇچــار

14

تېما

1

دوست

3385

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13371
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 332
تۆھپە : 817
توردىكى ۋاقتى: 213
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 03:35:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىيارىمىزدا دوختۇردىن كۆرە، دۇختۇر سىياق جان ئالغۇچى ئەزرائىللار كۆپرەك سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بىر دوستىمىز تېخنىكىسى يۇقىرى دەپ، ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىنىڭ پىسخىكىلىق داۋالاش بۆلىمىدە داۋالىنىۋاتقان ئىدى. بىر كۈنى ئۇنى يوقلاپ كىرسەم، ياندىكى بىر كارۋاتتا ئەھۋالى سەل ئېغىرراق بىر بىمار يېتىپتىكەن، بىر كەمدە بىرئايال دوختۇر كىرىپ ئۇ بىمارغا يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەپلا كەتتى: - ھەي ئاكاۋوي! ئورۇنلىرىدىن تۇرسىلا دەيمەن، باشلىرىغا قويۇپ قويغان ماۋۇ دورىنى ۋاقتىدا يېسىلە دېسەم، نېمانداق تېخىچە يېمىدىلە؟ ئۇنداق ئادەم دوختۇرخانىغا نېمە دەپ كەلگەن؟...
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھاڭۋېقىپلا قاپتىمەن. بىمارلارغا سىلىق گەپ- سۆز، ئىللىق مۇئامىلە ئارقىلىق ئىلھام، تەسەللىي بىرىپ، روھى جەھەتتىن داۋالاشنى ئاساس قىلىدىغان  پىسخىكىلىق داۋالاش بۆلىمىدىكى ئەھۋال بۇ تۇرسا، باشقا بۆلۈملەرنىڭ ئەھۋالى نېمە بولماقچى؟!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

6

تېما

0

دوست

917

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   83.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5470
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 188
تۆھپە : 165
توردىكى ۋاقتى: 86
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 09:51:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرەسى چىقىپ قالارمىكىن  ،بولمىسا پەقەت بىر توپ ۋىجداننى ئىت يەپ كەتكەن جان باقتىلار بار ........

0

تېما

0

دوست

421

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   60.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10336
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 54
تۆھپە : 95
توردىكى ۋاقتى: 60
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 12:06:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغراياناكەسپى ئەخلاقىدىمۇمەسىلەبار بەزى دوختۇرلاربەك تاماخۇر بوپكېتىپتۇ.

0

تېما

0

دوست

23

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   7.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15366
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : -4
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 12:54:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوختۇرلۇقلا ئەمەس ھەممىلا ساھەدە مەسئۇلىيەتسىزلىك،جان باقتىلىق ئىللەتلىرى يامرىماقتا.
كونىلارنىڭ «سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقۇدۇ ›› دىگىنى بىكار ئەمەسكەن.

0

تېما

0

دوست

150

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   50%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15458
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 13:11:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر  قانداق ئادەم.............

0

تېما

1

دوست

629

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   25.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15284
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 170
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 13:14:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسى شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان ياكا شۇ كەسىپنىڭ جاپاسى بىلەن ئېرىشكەن دارامەتنىڭ نىسپىتىنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىلمى پىكىر قاتناشتۇرغىنى ياخشىراق بولامىكىن .
كەسىپ سىرتىدىكى دوسلارنىڭ ئالدىراپ يۈزەكى چۈشەنچىلەرنى يېزىپ كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدە ناتوغرا ئىدىيەلەرنىڭ  شەكىللىنىپ  قېلىنىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالماسلىقىنى تۆۋەتچىلىك بىلەن سورايمەن.
ئسىمگە كەلگەن ماقال - تەمسىلدىن بىر نەچچىىنى يېزىپ قۇيغۇم كېلىۋاتىدۇ :
يېرىم چىلەك سۇ شالاقشىدۇ .
كۆمۈرنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلەر .
ھەر ئىشكە بىر تەرەپلىمە بىلەن قارىماي كۆپ تەرەپ ، كۆپ نۇقتى نەزەردىن قاراش كېرەك .
قىسمەن ئەھۋاللارنى ئومومىلىققا تەدبىقلىساق .....؟

@人不应该放弃,而更

2

تېما

1

دوست

1884

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8717
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 309
تۆھپە : 383
توردىكى ۋاقتى: 301
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 16:33:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوختۇرلارنى ئۇنداقمۇ يامان كۆرمەڭلار ،قېرنداشلار..
بەش بارماق ئوخشاش بولمىغاندەك.ھەمىسنى يامان دېگىلى بولمايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )