- تىزىملاتقان
- 2012-12-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1919
- نادىر
- 0
- يازما
- 125
ئۆسۈش
91.9%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئەزىز ھەمشىرىلىرىم ،مەن بۇ تېمىنى يېقىندا يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئاياللار بايرىمى(3-8)غا قىززىقىپ قېلىۋاتقان ئاچا سىڭىللىرىمغا
ئازىراق بولسىمۇ بىر تونۇش پەيدا بولۇپ قالارمىكىن دىگەن مەقسەتتە يوللىدىم،ئاللاھ نىيەتلىرىمىزنى بىر قىلىپ شەيتاننىڭ قەستىدىن ،ئادىمى شەيتاننىڭ زىيانكەشلىكىدىن دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىسۇن،ھەقىقى جەننەت ئانا بولۇشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن،ئامىيىن!
يېقىنقى يىللاردا ئاتالمىش 8-مارت خانىم -قىزلار بايرىمى يۇقىرى پەللىگە چىقىپ ، ھەر بىر خانىم قىزلىرىمىزنىڭ قەلىپ تۆرىدىن ئورۇن ئېلىۋالدى(ئاللاھقا چەكسىز شۈكرىكى ھەر ھالدا بۇ بايرام بەزى مۇسلىمە قىز ئانىلىرىمىزنى قىززىقتۇرالمىدى)،
بۇ بايرام قانداقتۇر بىزنىڭ مىللى ئەنئەنىمىزمۇ ئەمەس،ئىسلام دىنىنىڭ بەلگىلىگەن بايرىمىمۇ ئەمەس،پەقەت نەدىن پەيدا بولسا بولسۇن بىزگە مەنسۇپ بايرام ئەمەس چۈنكى ئۇلار يىلدا بىر قېتىم ئەركىنلىك ھوقوقىنى يۈرگۈزۈپ بىر كۈن ھۆر ئايال ئىكەنلىكىنى خاتىرلىسە،بىز ھەر كۈنى دىگۈدەك خاتىرلەيمىز،چۈنكى :
ئۇلار ئەرلەر بىلەن يۈزمۇ يۈز كۆرۈشىدۇ،ھەتتا قول ئېلىشىپ كۆرىشىدۇ،چەت ئەللەردە بولسا يۈزىنى يېقىپ ياكى قولىغا سۆيۈپ كۆرىشىدۇ، ئەمما ئىسلام دىنىدا بولسا بۇنداق ئىشلار مەۋجۇت ئەمەس،سىز تەپەككۈر قىلىپ بېقىڭ بۇ ئەھۋالنى. نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلىپ يەتكەندە بۇ بايرامنىڭ ئىسلام خانىم - قىزلىرىغا ئارتۇقچىلىكىنى ھېس قىلىسىز.
يەنى:
ھەر قانداق ئىنسان تەبىئىتىدىكىلەرگە ئايانكى،كاتتا ئېسىلزادىلەرنىڭ خانىملىرىنىڭ قولىنى تۇتۇشقا كىم مۇيەسسەر بولالىغان؟ مەلىكىلەرنىڭ،خانىشلارنىڭچۇ؟
ئىسلام دىنىدا خانىم قىزلارنىڭ ھوقوقى دەل ئەنە ئەشۇنداق ئېسىلزادە مەلىكە ،خانىشلاردەك يۇقىرى ئورۇندا بولغانلىقتىن خالىغان كىشىنىڭ ئۇنى كۆرۈش،زىيارەت قىلىش ھوقوقى بولمايدۇ، ئاللاھ ئىسلام خانىم قىزلىرىنى مەلىكە ،خانىشلاردەك ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلدى،بىز ھەر كۈنى دىگۈدەك بۇ نام شەرەپتىن بەھرىمەنمىز،ياتلار بىزگە قارىيالمايدۇ،گۈزەل چېھرىمىزنى كۆرۈشكە ھەم مۈيەسسەر بولالمايدۇ،بارلىق بەدىنىمىز ئاللاھ بەلگىلىگەن قورغان ئىچىدە ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن مۇستەسنا.(ھىجاپلىق خانىم -قىزلارغا كىم نىيىتىنى يامان قىلىدۇ؟ بۇ ئاللاھنىڭ بىزنى قوغدىغىنى ئەمەسمۇ؟ئۆزىڭىزنى شۇنداق بۈيۈك ئاياللار قاتارىدا كۆرمەك بولسىڭىز ئىسلامغا ھەقىقى چۆكۈڭ)
ئاللاھ بىزنى مانا مۇشۇنداق ئەزىز ھۆر ئاياللاردىن قىلدى ھەمشىرىلىرىم، شۇڭا بىزنىڭ ھەر بىر كۈنىمىز بىزنىڭ بايرىمىمىز،ئىسلام دىنىغا كىرگەن ھەر بىر ئايال شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ بايرامنىڭ ئىگىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ، يەنە بىر خانىم -قىزلار بايرىمىغا ئېھتىياجىمىز بارمۇ؟
سىز بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈشكە تەمشەلگەن بولسىڭىز دەرھال توختاپ قېلىڭ، چۈنكى پەيغەمبىرىمىز بۇندىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا بىزنىڭ بايراملىرىمىزنى بەلگىلەپ بەرگەن،ئۇنىڭغا يىڭى مەزمون قوشۇپ تەبرىكلەش خۇددى«پەيغەمبىرىمىز ئامانەتكە خىيانەت قىلىپ بىزگە بۇ دىننى تولۇق يەتكۈزمەي بۇ بايرام قېلىپ قاپتىكەن،بىز بۇ بايرامنى تەبرىكلەپ بۇ دىنغا قوشۇۋالايلى »دىگەنلىك بولىدۇ. بۇنداق قىلىشقا كىمنىڭ ھەددى؟
دىندا يوق نەرسىنى پەيدا قىلغانلارغا تەڭ قۇۋۋەتلىشىپ بېرىشمۇ ئوخشاشلا شۇ پەيدا قىلغۇچىنىڭ گۇناھىنى يۈكلەيدۇ، خالىسىڭىز ئىسلامغا تولۇقى بىلەن كىرىپ ھەر بىر كۈنىڭىزدە ھەقىقى بايرامنى كۈتىۋېلىڭ،بۇنداق بىدئەت بايرامنى يىتىم قالدۇرۇڭ. ئەي مېھرىبان كەرەملىك ئاللاھىم ! خانىم -قىزلىرىمىزنىڭ ئەقلىنى ،زېھنىنى ئوچۇق قىلغايسىز!مىللىتىمىزنىڭ(قەۋمىمىزنىڭ)پەخرلىك جەننەت ئانىلىرىدىن بولۇپ ساغلام ئەۋلاد تەربىيلىشىگە نىسىپ قىلغايسىز،ئاللاھ ئازغۇنلۇقتا قالغان ئاچا سىڭىللىرىمىزغا ھىدايەت قىلغايسىز.!!!ئامىين!!
2013-يىل28-ھوت.
|
|