قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 694|ئىنكاس: 3

چىلان سورتىنى تاللاش ۋەئۇلاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

دوست

203

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   67.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5903
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 57
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 14:11:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىلان سورتىنى تاللاش ۋەئۇلاش
ئەمەتجانئۆمەر چاقلىق ناھيىلىك چىلانچىلىق تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزىدىن ، ئىنجىنىر) )
مەملىكىتىمىزچىلان چىقىدىغان ئاساسلىق دۆلەت بولۇپ چىلاننىڭ سورتى 700خىلدىن ئاشىدۇ . چىلانسورتلىرى چوڭ جەھەتتىن ھۆل ئىستىمالقىلىندىغان سورتلار ۋە قۇرۇق ئىستىمالقىلىندىغان سورىتلار دەپ ئىككى تۈرگەبۆلىنىدۇ . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزچىلان ئۆستۈرۈشتە قۇرۇتىلىدىغان سورتلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ،بولۇپمۇ  2000-يىلىدىن ھازىرغىچە چىلان كۆلىمى شىددەت بىلەن كۆپەيدى .ھازىر تەخمىنى كۆلەم 5مىلىيۇن مودىن ئارتۇق ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە .رايۇنىمىزداكېڭەيتىلىۋاتقان چىلان سورتلىرى ئاساسلىق كۈلرەڭ چىلان (سۈر چىلان ياكى بىۋاستەخەنزۇچە خۇيزاۋ灰枣دەپمۇئاتىلىدۇ) . قاپاق چىلان (ئاتباش چىلان  ياكى بىۋاستە خەنزۇچە جۈنزاۋ骏枣 دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە قومۇل چوڭ چىلنىنى ئاساس قىلىدۇ ئۇنىڭدىن باشقا زەنخۇاڭ چوڭ چىلىنى ، جى شىنزاۋ  قاتارلىق سورتلارمۇ مەلۇم كۆلەمدە بار ، ھۆل ئىستىمال قىلىنىدىغانسورتتىن دۇڭزاۋ ئاساسلىق ئۆستۈرۈلمەكتە .
ئاپتونومرايونىمىزدىكى ئاساسلىق چىلان سورىتلىرى ۋە  تارقىلىش ئەھۋالى
     1.كۈلرەڭ چىلان[灰枣] كۈلرەڭ  چىلانشنجېڭ چىلىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەسلى خېنەن ئۆلكسنىڭ شىنجېڭ ناھيسىدە ئۆسىدىغانبۇلۇپ، ئاساسلىقى  شىنجېڭ،جۇڭمۇ، لەنكاۋ، شنخوا ناھيىلىرىگە تارقالغان.20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرنىڭ ئوتتۇرلىرىداجەنۇبى شىنجاڭ رايونىغا كىرگۈزۈلگەن بۇلۇپ،ھازىر بۇ سورىت ئاقسۇ ۋىلايتى ، قەشقەرۋىلايتى ۋە بايىغولىن ئوبلاستىنىڭ چاقلىق ،چەرچەن ناھيسىگە كىرگۈزۈلۇپ كەڭ كۆلەمدەئۆستۈرۈپ مۇۋاپىقىيەت قازنىلنىپ، ياخشىئىقتىسادى ئۈنۈم ۋە ئىجتماىې ئۈنۇم يارتىلىدى.بۇسورىت نۆۋەتتەجەنۇبىي  شىنجاڭدا ئەڭ  تېز كېڭەيتىلىۋاتقان ۋە ئەڭ قارشىئېلىنۋاتقان سورىتتۇر .
          كۈلرەڭچىلان ساغلام،قاۋۇل، يېيىلىپ ئۆسىدۇ ، دەرەخ تاجى يۇمۇلاق، شاخلىرى شالاڭ ئەمماتوم.شاخ ئۇچى  ئادەتتە 10 بۇغۇم ئەتىراپىدابۇلۇپ،  ئۈگەشاخلىرى  بىر قەدەر چوڭ،3-5 تالتۆكۇلگۈچى  مېۋە شېخى ئۆسىدۇ، مېۋىسى سوزۇنچاق ئىللىپىسمان بۇلۇپ،بىربېشى چوڭ، بىر بېشى كىچىك، ئادەتتە ئۇزۇن دىئامېتىرى 3.8 سانتىمېتىر،توغرا  دىئامېتىرى2.6  سانتىمېتىركېلىدۇ. مېۋىسى ئوتتۇرھالچوڭلۇقتا بۇلۇپ، ئوتتۇرىچە مېۋە ئېغىرلىقى 9.7 گرام،ئەڭ چوڭىنىڭ13.3 گرام.پوستىنىڭ قىلىنلىقى ئوتتۇرھال، رەڭگى قوڭۇرراق، ئەتلىك، رەڭگى كۆكۈشرەكئاق، ئېتىچىڭ ھەم چۈرۈك، سۇلۇقراق، تەمى تاتلىق ، سۈپىتى ياخشى . ھۆل چىلاننىڭ قەنت تەركىبى%30 ئەتراپىدا، ئېرشچان مۇقىملاشتۇرغۇچى ماددا تەركىبى% 32 ئاشىدۇ. ئۇرۇقىكىچكرەكبۇلۇپ، ئۇزۇنچاق ئۇرچۇق شەكلىدە، ئۇرۇقى بىلەن ئېتى ئاسان ئاجرايدۇ،يېيشىكەبولىدىغان قىسمى  %97.3 ، قۇرۇش نىسبتى% 55ئەتراپىدا. قۇرۇقچىلاننىڭ رەڭگى توق، ئېتى چىڭ،ئۇرۇقىدىن ئاجرايدۇ، خېلى چۈرۈك، قەنت تەركىبى%65 ،يېيىشلىك ، ئېلاستىكىلىقى ياخشى، بېسىلغاندىن كېيىن ئەسلىگە كېلەلەيدۇ،ساقلاش ۋەتۇشۇشقا چىداملىق. كۈلرەڭ چىلاننى ھۆل پېتى يېسىمۇ، قۇرۇتسىمۇ، پىششقلاپ ئىشلىسىمۇ بولىدۇ . ئوتتۇرھال مېۋىلىك ئەڭ ياخشى سورت ھېسابلىنىدۇ.
        9-ئاينىڭئاخىرلىرىداپىشىدۇ ، دەرىخى تىك ، قاۋۇل ئۆسىدۇ ، شېخى كۈل رەڭ ، توم ئەمما شالاڭ،يېيىلىپ ئۆسىدۇ، قۇرغاققچىلىققا، ئۈنۈمسىز تۇپراققا ، كېسەل ، ھاشاراتقا چىداملىق، بورانغا،  شورلىشىشقا چىداملىق . مۇقىم ، يۇقىرى ھوسۇل بېرىدۇ، قۇملۇقيەرلەردە كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ .
        2.قاپاقچىلان [骏枣 ] :جەنۇبىيشىنجاڭدىكى ھەر قايسى چىلان رايونلىرىغا تارقالغان .
        ئەسلىماكانى شەنشىئۆلكىسى  بولۇپ گەنسۇ ، چىڭخەي ئۆلكىلىرىدىمۇ كۆپلەپئۆستۈرۈلگەن ، 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا دۇنخۇاڭ ئارقىلىق جەنۇبىشىنجاڭ رايونىغا كىرگۈزۈلگەن بۇلۇپ ھازىر ئاقسۇ ، قەشقەر ، خوتەن ۋىلايەتلىرىدەكۆلەملىك كېڭەتىلىۋاتىدۇ . قاپاق  چىلان دەرىخى يېيىلىپ ئۆسىدۇ ، دەرەختاجى يۇمۇلاق،شاخلىرى شالاڭ،  توم ئۆسىدۇ . مېۋىسىچوڭ،  تۇخۇمسىمان ، ئوتتۇرىچە مېۋە ئېغىرلىقى22.9گىرام ، ئەڭ چوڭلىرى30گىرامدىن ئاشىدۇ . پوستىنىڭ قېلىن ، رەڭگى قوڭۇر ، ئەتلىك،رەڭگى سارغۇچراق ئاق،ئېتى چىڭ ھەم چۈرۈك، ، تەمى تاتلىق ، سۈپىتى ياخشى . ھۆل چىلاننىڭ قەنت تەركىبى%24 ئەتراپىدا، ئېرشچان مۇقىم ماددا تەركىبى% 33 ئاشىدۇ. ئۇرۇقى چوڭبۇلۇپ،ئۇزۇنچاق ئۇرچۇق شەكلىدە، ئۇرۇقى بىلەن ئېتى ئاسان ئاجرايدۇ، يېيشىكەبولىدىغانقىسمى  %96.3 ، قۇرۇش نىسبتى% 55 ئەتراپىدا.قۇرۇق چىلاننىڭ رەڭگىتوق، ئېتى چىڭ،ئۇرۇقىدىن ئاجرايدۇ، خېلى چۈرۈك، قەنت تەركىبى%65، يېيىشلىك ،ئېلاستىكىلىقى ياخشى، بېسىلغاندىن كېيىن ئەسلىگە كېلەلەيدۇ، ساقلاش ۋەتۇشۇشقاچىداملىق. قاپاق چىلاننى ھۆل پېتى يېسىمۇ، قۇرۇتسىمۇ، پىششقلاپ ئىشلىسىمۇ بولىدۇ.چوڭ مېۋىلىك ئەڭ ياخشى سورت ھېسابلىنىدۇ.
           3.قۇمۇلچوڭ چىلىنى
      قارا دۆۋە چىلىنى دەپمۇئاتىلىدۇ ، ئەسلى ماكانى شىنجاڭ قۇمۇل شەھرىنىڭ قارا دۆۋە يېزىسى.قۇمۇل چىلىنىنىڭگەۋدىسى ئېگىز، تۈز ئۆسىدۇ، تاجى يۇمۇلاق، يېيىلىپ باراقسان ئۆسىدۇ،شاخلىرىساغلام،قاۋۇل.چېچەك مەزگىلى 2 ئايغا يېتىدۇ،ئادەتتە 5 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىردىن 7 – ئاينىڭئوتتۇرىلىرىغىچە چېچەكلەيدۇ، بۇلۇق چېچەكلەش مەزگىلى 6 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا،مېۋىلەيدىغان ھەر بىر قىسقا ئانىلىق شاختا3-5  تال تۆكۈلىدىغان مېۋەشېخى ئۆسىدۇ . مېۋە يېتىلىش مەزگىلى 100 كۈن  ئەتىراپىدا .
مېۋىسى شەكلى ئىللىپىسمان بۇلۇپ، 2.4 سانتمېتىر × 3.8 سانتمېتىرچوڭلۇقتا، پوستى قېلىنىراق، رەڭگىقارامتۇل قىزىل، ھۆل مېۋىسىنىڭ ئوتتۇرىچە يەككەئېغىرلىقى 14.5گرام،ئەڭ چوڭىنىڭ24.2  گرام.ئېتى ئاق، ئۇرۇقىئورچۇقسىمان، ئۇرۇنلۇقى 1.8  سانتمېتىر،توملۇقى 0.8 سانتمېتىر، مېغىزىيېتىلمەيدۇ. ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىگى ئاقسىل تەركىبى يۇقىرىبۇلۇپ، مېۋىسى توق،تاۋارلىق خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك.
       قۇمۇل چىلىنىقۇرغاقچىلققا،قۇم بورانغا تاقابىل تۇرۇش، يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداش،تۆۋەن  تېمپېراتۇرىغاۋە كېسەل، ھاشارات ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشئىقتىدارى كۈچلۈك . چىلان ماكانى قارا دۆۋەىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃41 ،ئەڭتۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃28 – بولسىمۇ، چىلان دەرىخى يەنىلا زىيان- زەخمەتكەئۇچرىمىدى،ئەينى يىلى ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاران 33مىللىمېتىر،پارلنىش مىقدارى 3200مىللىمېتىر بولغاندىمۇ، ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە 3 قېتىم سۇغرىلىپلانورمال ئۆسۈپمېۋىلىگەن.
      قۇمۇل چىلىنىداكېسەل،ھاشاراتزىيىنى ئاز كۆرۈلىدۇ، نۆۋەتتە پەقەت قىسمەن چىلانلىق باغلاردىلاپۈرمە قاسسراقلىق قۇرت،كومستوك پسېۋدوكوككۇس قۇرتى، قىزىل ئۆمۈچۈكنىڭزىيىنىلابايقالدى.
        قۇمۇلچىلىنى ئاساسلىق ئۆستۈرۈلىۋاتقان رايون قۇمۇل شەھىرى بۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكىباشقا  ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىمۇ ئۆستۈرۈپ كېڭەيتىشكە  بولىدۇ .

          4. زەنخۇاڭچوڭچىلىنى
           ئەسلىخېبېي ئۆلكىسىنىڭ زەنخۇاڭ ناھىيىسدە ئۆسكەن. خېبېي ئۆلكىسىنىڭ غەربىدىكى تەيخاڭشەنرايونىغا تارقالغان بولۇپ، 20 –ئەسىرنىڭ 70 –يىللىرىنىڭ باشلىرىدا جەنۇبىيشىنجاڭغا كىرگۈرۈپ ئۆستۈرۈلگەن.   
         زەنخۇاڭچىلىنى ئاراخۇسۇسىيەتلىك دەرەخ بۇلۇپ، يېيىلىپ ئۆسىدۇ ، شاخلىرى شالاڭ ، دەرەختاجى كۆپ باشلىق،شاخلاش ئىقتىدارىئاجىز .
         مېۋەشەكلى  سوزۇنچاق يۇمىلاق ياكى تۇخۇمغا ئوخشاش بولۇپ، ئوتتۇرىچەمېۋەئېغىرلىقى 17.3  گرام ، ئەڭ چوڭىنىڭ 29  گرام ،مېۋەيۈزى  سىلىق ، پوستى قىلىنراق ، ئېتى ئاققامايىل ، چىڭ ، بىر قەدەرسۇلۇق ، سەل چۈچۈمەل تاتلىق ، ئېرىشچان قۇرۇق  ماددىسى %30.5 ، ئەتلىكھەم چىڭ، تەملىك بۇلۇپ قۇرۇتۇشقاتازا باپ كىلىدۇ، قۇرۇق مېۋە نىسبىتى %48.7 ، قەنتتەركىبى %71.5 ، ھۆل پىتى يېسە تەمىبىر قەدەر ياخشى، قۇرۇتۇلغان چىلان قورۇلۇپقالمايدۇ، ئېلاستىكىلىقىنى يوقاتمايدۇ  ، ساقلاش ۋە تۇشۇشقاچىداملىق،سۈپىتى ياخشى. مېۋىسىخىل ھەم تەكشى بولغاچقا، يېقىنقى يىللاردا كۆپىنچەچىلان قەندالەت ئىشلىنىۋاتىدۇ ،مەھسۇلات سۈپىتى ياخشى . بۇ سورتنىڭ ماسلشىشچانلىقىكۈچلۈك، قۇرغاقچىلققا ، ئۈنۈمسىزتۇپراققا چىداملىق ، مۇقىم ۋە يۇقىرى مەھسۇلاتبېرىدۇ ، ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ، جەنۇبىيشىنجاڭدىكى رايونلارنىڭ ھەممىسدەئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان بولغاچقا ، زور كۆلەمدەراۋانلاجلاندۇرۇشئىستىقبالىغا ئىگە .
        زەنخۇاڭچىلىننىڭ ئۆزچېچىكىدىن چاڭلىنىپ مېۋىلەش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ ، تىككەندە2:1  بويىچەچاڭلاشتۇرغۇچى سورىت ، يەنى ئىككى  قۇر زەنخۇاڭچىلىنىغابىر قۇر باشقا سورىت كىرىشتۈرۈپ تىكىش  كېرەك.

        5.  سېرىقئەتلىك  كىچىك  چىلان
          سېرىقئەتلىك  كىچىك  چىلانئەسلى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لېلىڭ ناھىيسىدەئۆسكەن.  شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇدى،چىڭيۈن، ياڭشىن، جەنخۇا،شۇگۇاڭرايونلىرى ۋە خېبېي  ئۆلكىسىنىڭ ساڭجۇ رايونىغاكەڭ تارقالغان. 20–ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ بېشىدا  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چىلانئۆستۈرۈلىدىغان رايونلارغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ  سورتھازىر ئېلىمىزدەئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى ئەڭ چوڭ سورت بولۇپ، مەھسۇلاتى مەملكەت بويىچە ئومۇمىچىلان مەھسۇلاتىنىڭ15/1-4/1ىنى ئىگىلەيدۇ.
           سېرىقئەتلىك  كىچىك  چىلان ئارا خۇسۇسىيەتلىك دەرەخ بۇلۇپ ، روشەنمەركىزىي غولى بولىدۇ ، تۈز ئۆسىدۇ ، شەكلىكونۇسىسمان بولىدۇ ؛ دەرەخ تاجىكىچىكرەك ، شاخلىرى ئىنچىكە ، ئۇزۇن ھەم قويۇق ، يېڭىشاخلىرى سارغۇچ يېشىل ئۆسىدۇ. شاخلاش ئىقتىدارى خېلى كۈچلۈك ، مېۋە شېخى ئوتتۇرھالۋە ئۇزۇن ئۆسىدۇ . جەنۇبىيشىنجاڭ رايۇنىدا ئادەتتىكى يىللىرى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرا- ئاخىرلىرىدابىخلىنىپ،5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن -6ئاينىڭ بېشىغىچە چېچەكلەپ،6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدامولگۈللەش  مەزگىلىگەكىرىپ، مېۋىسى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى، ئاخىرلىرىداپىشىدۇ .
          مېۋىسىئىللىپىسمان، تۇخۇمسىمان دېگەندەك ھەر خىل ، ئۇششاقراق ، ئوتتۇرىچە مېۋەئېغىرلىقى6-7 گرام ، پوستى نېىپىز ، رەڭگى ئوچۇق قىزىل، پارقىراق ھەم كۆركەم ،ئېتى چىڭ ھەمچۈرۈك ، تەمى تاتلىق ، سەل-پەل چۈچۈمەل ، ئېرىشچان قۇرۇق ماددىسى  %34-%38،100گىرام چىلان تەركىبىدىكى ۋىتامىن C تەركىبى 560 مىللىگرام،يېگىلىبولىدىغان قىسىمى  %95-%97 ، قۇرۇتۇلغان چىلاننىڭئېتى چىڭ ، شەكلىتوق ، ئىلاستىكىلىقى ياخشى ، قەنىت تەركىبى -80%%74  ، ساقلاش ۋەتوشۇشقا چىداملىق .
       بۇ سورت شورلۇق يەرگە،قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ، قىلىن ، مۇنبەت تۇپراققا مايىل . بىراق ، قۇمبورانغا،كېسەل، ھاشاراتقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىداى ئاجىز .
           بۇسورىت جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ ،يەڭگىل شورلۇق سېغىزتۇپراقلىق رايونلاردا ئوبدان ئۆسىدۇ . بىراق قۇملۇق يەرلەردەئۆستۈرۇشكە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.
چىلاننىئۇلاش تېخنىكىسى
1.ئۇلاقلىقتەييارلاش : ئۇلاقلىق  تەييارلاشتا ساغلام،ئۇششۈك ۋە كېسەللىك ، ھاشارەتلەنىڭ زىيىنى بولمىغان ، بىخلىرى تولۇق پىشقانبىر–ئىككى يىللىق نوتىلار يىغىۋېلىنىدۇ . ئۇلاقلىقنىڭ بىر نەچچە خىل ساقلاش ئۇسۇلىبولۇپ نۆۋەتتە كۆپرەك قوللىنىۋاتقانلىردىن موم يېپىشتۇرۇپ ساقلاش ، قۇمغا كۆمۈپساقلاش ياكى گەمىدە ساقلاش ئۇسۇللىرى بار .
2.موم يېپىشتۇرۇپ ساقلاش : ئالدى بىلەن شۇ كۈندىكى يىغىۋېلىنغانئۇلاقلىق كېسىپ تەييارلىنىدۇ ، ئۇلاقلىق كەسكەندە بىر تال بىخنى بىر بۆلەك قىلىپكېسىمىز ، كېسىش ئۇزۇنلىقى ئىككىلەمچى شاخلارنىڭ ئارلىقى ئۆلچەم قىلىنىدۇ . ئاندىنسانائەتكەئىشلىتىغان مومنى قازاندا سۇس ئوتتا ئېرىتىمىز . ئاندىن كېسىپتەييارلانغان ئۇلاقلىقنى چويلا بىلەن قازاندىكى  ئېرىتىلگەن مومغا بىرلاچۆكۈرۈپ تارتىۋېلىپ ئالدىن تەييارلىۋالغان تاختا ئۈستىگە چاچىمىز . ئۇلاقلىقنىمومغا چۆكۈرۈپ تارتىۋېلىش ئارلىقى ئۇلاقلىقنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭھالقىلىق مەشغۇلات بولۇپ ، ئۇلاقلىقنى قازاندا بەك ئوزۇن تۇرغۇزۋەتكەندە ئۇلاقلىقكۆيۈپ كېتىشى مۇمكىن ، مەشغۇلات بەك تېز بولۇپ كەتكەندە موم ياخشى يېپىشماي قېلىشىمۇمكىن .يەنە بىر مۇھىم ھالقا ئۇلاقلىقتىكى مومنى تېز سۈرئەتتە قۇرۇتۇش بولۇپبۇنىڭ ئۈچۈن قازاندن سۈزۈپ ئېلىنغان ئۇلاقلىقنى كەڭرى  تاختا ئۈستىگەتەكشى چاچىمىز .بۇنداق قىلغاندا ئۇلاقىلىق تېز قۇرۇيدۇ . ئەگەر بۇنداق قىلمايدۆۋلەپ قويۇلسائۇلاقىلىق كۆيۈك كېتىشى مۇمكىن . تەييارلانغان ئولاقلىقنى چىگەتاغارلاغاقاچىلاپ  ئادەتتىكى ئۆي شارئىتىدا ئىككى–ئۈچ ئاي،  سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتلىرىدابەش –ئالتە ئاي ساقلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ساقلاش جەريانىدا ھاۋا ئۆتۈشۈپتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ، ئەگەرئادەتتىكى ئۆيلەردە ئۇزاقراق ساقلاشقاتوغرا كەلسە نەم قۇمغا كۆمۈش ئارقىلىق ساقلاشۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ  ، ھاۋا ئىسىپ كەتكەن  . بۇ خىلئۇسۇلدا تەييارلانغان ئۇلاقلىقنىڭئارتۇقچىلىقى  ئۇزۇن ساقلىغىلىبۇلىدۇ  ، كەمچىلىكى تەييارلاش جەريانىدا  دىققەت قىلمىسا ھەرۋاقىت كۆيۈك كېتىش ئېھتىماللىقى مەۋجۈت .
  1.قوۋزاق ئاستى ئۇلاق : بۇ يەنە قوۋزاق ئاستىئۇلاق دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئالدى بىلەن ئۇلاق ئۇستىنىڭ بىر تەرىپىدىن 5~3سانتىمىتىرئۇزۇنلۇقتا سىلىق قىلىپ ئۇزۇن شۈلىنىدۇ.ئاندىن بۇئۇزۇن يۇزنىڭ ئارقا تەرىپىنىڭئاستىدىن 0.5سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا قىسقا يۇز شۈلۇپ چىقىرىلىدۇ . بۇنداقتائۇلاقلىقنى سانجىپ كىرگۈزۇشكە قۇلايلىق بولىدۇ . ئاندىن ئۇلاقئاستىنىڭ  قوۋزىقىنىڭ سىلىق يىرىدىن ئۇلاق ئاستىنى كېسىپ،كەسمە يۇزىتەكشىلىنىدۇ. ئاندىن ئۇلاق ئاستىنىڭ بىرتەرىپىدىن پىچاق بىلەن چوڭقۇرلىقنىياغاچلىق قىسىمىغا يەتكۈزۇپ تىك كېسىلىدۇ . شۇ يۆلىنىش بويىچە ئۈستى تەرەپنىڭقوۋزىقىنى ياغاچلىق قىسىمىدىن ئاجىرىتىمىز . ئۇلاق ئۇستىنى سالغاندا ئۇزۇنشىلىنغان تەرىپىنى ئىچى تەرەپكە ،قىسقا شىلىنغان تەرىپىنى تېشى تەرەپكە قارىتىپ كېسىككەتوغرىلاپ ئاستا-ئاستا سانچىلىدۇ.بۇچاغدائۇلاق ئۇستىنىڭ كەسمە يۈزىنى ئۇلاق ئاستىغاپۈتۈنلەي كىرگۈزۋەتمەي ،تەلەپ بويىچە0.5~0.4سانتىمىتىر جاينى ئاق قالدۇرۇشكېرەك.بۇنداق قىلىش ئۇلاقنىڭ ئۆز-ئارا بىرىكىپ تۇتىشىغا پايدىلىق .ئاخىرىداسۇلياۋلىنتا بىلەن سۇلياۋ لىنتا بىلەن چىڭ تېڭىلىدۇ .بۇ خىل ئۇلاش ئۇسۇلى ئۇلاقئاستى ئۇلاق ئۇستىدىن توم بولغان ئۇلاق ئاستىغا باپ كىلىدىغان بۇلۇپ، پەقەت ئۇلاقئاستى بىخلىنىپ قوۋزىغى ئوڭاي سويىلدىغان مەزگىلگە كەلگەندىلائۇلاشقا بۇلىدۇ .
    2.  ياغاچلىقبىخ ئۇلاق:ئۇلاقئۈستىدىن ئۇلاق بىخىنى ياخشى تاللاپ ئاساسى بىخنىڭ ئۈستى تەرپىدىكىئىككىلەمچى شاخنى 1سانتىمىتىر قالدۇرۇپ كېسىمىز .ئاندىن ئاساسى بىخنىڭ ئارقاتەرىپى ياكى يان تەرىپىدىن 3~2.5سانتىمىتىر ئۇزۇنلىقتا بىرئۇزۇن يۈز شۈلۈپچىقىرىلىدۇ . ئاندىن ئۇزۇن يۈزىنىڭ ئارقا تەرپىدىن 1سانتىمىتىر ئۇزۇنلىقتا بىرقىسقا يۈز شۈلۈپ چىقىرىلىدۇ . ئۇلاق ئاستى يەر يۈزىدىن20سانتىمىتىر جايىدىن سىلىقيېرى تاللاپ كېسىلىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلاق ئاستى ياغاچلىق قىسىمىغا يةتكۈزۇپتوغرىسىغا پىچاق بىلةن تىلىنىدۇ . ئاندىن ئاستىدىن ئۈستىگة قارىتىپ كېسىپ قوۋزىقى  چىقىرېۋتىلىپ، شةكىللەندۈرگۈچى قەۋىتىنى تېپىپ چىقىپ ،ئۇلاق پىچىقى بىلەن شەكىللەندۈرگۈچىقەۋىتىنى بويلاپ ئاستى تەرەپكە قارىتىپ 5-3سانتىمىتىر كېسىلىدۇ  ،ئاندىنئۇلاق بىخنىڭ ئۇزۇن شىلىنغان تةرىپىنى ئىچى تەرەپكە، قىسقا شىلىنغانتەرىپنى  تېشى تةرةپكة قارىتىپ شەكىللەندۈرگۈچى قەۋەتلىرىنى ئوبدانتوغرىلاپ كېسىك ئاغزىغا سېلىنىدۇ . ئاندىن ئۇلاق بىخى بار جاينىلا قالدۇرۇپ قالغانجايى سۇلياۋ بىلةن تېڭىۋېتىلىدۇ .بۇ خىل ئۇلاشئۇسۇلىنى قوللانغاندا تۇتۇشنىسبىتىنى%90دىن ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ .
   3. تىل ئۇلاق:ئۇلىغان ۋاقىتتا ئۇلاق ئاستىبىلەن ئۇلاق ئۈستىنىڭ ئاستى تەرىپى ھەر ئىككلىسى قىيپاش ئۇچلىنىدۇ . ئۇزۇنلىقىتەخمنەن 3سانتىمىتىر بولسا بۇلىدۇ . قىيپاشلىقى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاشبۇلۇشىكېرةك .ئۇنىڭدىن كىيىن ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۇچلىغان يۇزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئىچىتەرەپكە تىك قارىتىپ بىر كېسىك كېسىلىدۇ ،ئاندىن ئۇلاق ئۈستى بىلەن ئۇلاق ئاستىئۇلاپ بىرىكتۇرۈلىدۇ . تىل ئۇلاقتا ئەڭ ياخشىسى ئۇلاق ئۈستى بىلەن ئۇلاق ئاستىنىڭتوملىقى تەڭ بۇلىشى كېرەك . مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن شەكىللەندۈرگۈچى قەۋەتلىرىئۆز-ئارا ئۇدۇل كېلىدۇ . ئەگەرتوملىقىدا ئازىراق  پەرىق بۇلۇپقالساچۇقۇم بىر تەرىپىنى بولسىمۇ ئۇدۇللاش كېرەك. ئاخىرىدا ئۇلانغانجاي  سۇلياۋ لىنتا بىلەن چىڭ تېڭىۋېتىلىدۇ .
       4. بېقىنئۇلاق:قايچا ياكى ئۇلاقچىلىق پىچىقى بىلەن ئۇلاق ئۈستىنىڭ بىر تەرىپىدىن 3 سانتىمىتىرئۇزۇنلۇقتا بىر ئۇزۇن يۈزشىلىپ چىقىرلىدۇ  ، ئاندىن بۇ ئۇزۇن يۈزنىڭئارقا تەرىپىدىن 1.5 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا بىر قىسقا يۈز شىلىپ چىقىرلىدۇ .ئۇلاقئۈستىنىڭ شىلىپ چىقىرىلغان جايىنىڭ بىر تەرىپى قېلىن ، بىر تەرىپى نىپىز بۇلىدۇ .ئاندىن ئۇلاق ئاستىنىڭ ئۇلىنىدىغان جايىدىن قايچا ياكى پىچاق بىلةن ئاستىغاقارىتىپ4~3 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا قىيپاش كېسپ بىر ئېغىز ئېچىلىدۇ ، ئاندىن ئۇلاقئاستىدىكى بۇ ئېغىزنى ئىتتىرىپ ئېچىپ ئۇلاق ئۈستىنىڭ ئۇزۇن  يۈزىنى تېشىتەرەپكە، قىسقا يۈزىنى ئىچى تەرەپكە  قارىتىپ دەرھال  چىڭ قىستۇرۇپسېلىنىدۇ . ئۇلاق ئۈستىنىڭ ئۇچلاپ چىقىرىلغان شەكىللەندۈرگۈچى قەۋىتى بىلةن ئۇلاقئاستىنىڭ شةكىللةندۈرگۈچى قةۋىتى ئۆز-ئارا ئۇدۇل كېلىشى كېرةك . ئۇلاق ئاستىئۇلانغان جاينىڭ ئۈستىدىن قىيپاش قىلىپ كېسىۋېتىلىدۇ ، ئاندىن بۇ كېسلگەن جايئۇلاق ئېغىزى بىلەن قوشۇپ چىڭ تېڭىۋېتىلىدۇ .
  ئۇلانغان كۆچەتنىڭ پەرۋىشى:
  سۇغىرىش، ھارام پۇتىقىنى ئېلىۋىتىش ، يۆلەنچۈك باغلاش ، تېڭىقىنىبوشىتىش ، (يازلىق )غولىنى بەلگىلەش ، تېڭىقىنى ئېلىۋېتىش.  تولۇقلاپئۇلاش .....
شۇباھانىدا قوشۇمچە ئېلانىمنى بېرىۋالاي :  ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتتا مەخسۇسچىلان ئۇلاقلىقى (كۆز) يىغىپ موملاپ تەييارلىغان نەچچە يۈزكىلوگىرام ئۇلاقلىق بار،بۇ يىل چىلان ئۇلىتىدىغانلار ،  ئېتىياجلىقلار تېزدىن ئالاقلىشىڭلار،تېلفۇن نومۇرۇم: 15109961868، ئۇنىڭدىن باشقا قېرىنداشلارغا چىلانچىلىقتېخنىكىسىدىن ھەقسىزمەسلىھەت بېرىمەن . چىلانچىلىق بىلىملىرىمنى ئېلان قىلغانبلوگىم : http://lopluq.blogbus.com/

كىتابخۇمار-kitabhumar

9

تېما

32

دوست

9588

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   91.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8579
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1001
تۆھپە : 1850
توردىكى ۋاقتى: 657
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 01:22:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى قىپسىز ،ئاللا ئىگىمىز بەركەت ۋە ئەجىر بەرسۇن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

16

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   5.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15520
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 0
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 09:38:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەتجان سىز بىلەن ئالاقە قىلاي دېسەم تېلفۇنىڭىز ئتىككەن.ماڭا ۇلاقلىق كۆز لازىمتى18599037330

0

تېما

0

دوست

4

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   1.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10014
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 0
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 19:57:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە،  رەسىم ياكى سىن ھۆججىتى بولغان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )