مۇڭغۇلىيەدىكى ساختىپەزلەر دالاي لامادىن پايدىلىنىپ نام چىقارماقچى
موڭغۇلىيە پۇقرالىرى ۋە جۇڭگودىكى موڭغۇللارغا ئوخشاش رۇسىيەدىكى موڭغۇللارنىڭ كۆپ قىسمىمۇ بۇددا دىنىغائېتىقاد قىلىدۇ.جۇڭگو، رۇسىيە تارىخىدىن قارىغاندا، پانموڭغۇلىزم ئىدىيە ئېقىمى ھەمىشە بۇددىستلارنىڭ دىنى، سىياسىي پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. تارىخ، ئىرق ۋە تىلدىن باشقا «پانموڭغۇلىزم»نىڭ يەنە بىر ئىدىيەۋى ۋاسىتىسى−تىبەت بۇددا دىنىدۇر. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئارىسىغا جايلاشقان موڭغۇلىيە 1991-يىلىدىن باشلاپئاتالمىش «3-قوشنا دۆلەت» دىپلوماتىيەسىنى پائال يولغا قويدى. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى «3-قوشنا دۆلەت» ھېسابلىدى. بۇددا دىنىنىڭ ماكانى ھىندىستاننىمۇ «3-قوشنا دۆلەت» ھېسابلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر بىلەن ئوخشاش دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان جۇڭگودىكى تىبەتلەرگە ئۆزلىرىنى تېخىمۇ يېقىن ھېس قىلدى . جۇڭگو، رۇسىيە، موڭغۇلىيەدىكى موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر بىلەن جۇڭگودىكى تىبەتلەر بىرلىكتە بىر لامالار دۇنياسى شەكىللەندۈردى.
2006-يىلى 12-ئايداموڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئېنخىبايار رۇسىيە قالماق جۇمھۇرىيىتىدە زىيارەتتە بولغاندا قالماق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئىلۇمژىنوۋ: بىز جانابلىرىنى «400 يىل ساقلىدۇق» دەپ ئۆزىنىڭ موڭغۇللارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھەم بۇددا دىنى قالماقلار بىلەن موڭغۇللارنى باغلاپ تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ قارىغان.
دالاي لاما 2008-يىلى 8-ئايدا موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ زىيارىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن. بەزىلەر: بۇ مۇستەقىل موڭغۇلىيە ئىرادىسىنىڭ نامايان قىلىنىشى.بۇ،موڭغۇلىيەنىڭ جۇڭگونىڭ بېسىمىدىن قورقمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ دېگەن. موڭغۇلىيە ئاساسلىقى دالاي لامانىڭ زىيارەت قىلغانلىقىدىن پايدىلىنىپ موڭغۇلىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، سىياسىي مەقسىتىمۇ بار ئىدى.موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى«دالاينىڭ زىيارەتكە كېلىشى موڭغۇللارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان ناھايىتى مۇھىم ئامىل» دېگەن.
دالاي ئۆزىنىڭ بۆلگۈنچىلىك مەيدانىنى چىقىش قىلىپ، ئۈمىدىنى موڭغۇلىيە ھەمدە رۇسىيەنىڭ بۇريات،قالماق،ئالتاي،تۇۋا جۇمھۇرىيەتلىرى دىكى بۇددىستلارغا باغلىغان. (بۇلارنىڭ ئىچىدە بۇريات ۋە قالماق جۇمھۇرىيەتلىرى موڭغۇل تۈركۈمىگە تەۋە ،ئالتاي ۋە تۇۋا جۇمھۇرىتىيى تۈرك تۈركۈمىگە تەۋە بولسىمۇ دىنى جەھەتتە قالماق ۋە بۇرياتلار بىلەن ئوخشاش) دالاي لاما 2007-يىلى 11-ئايدا: تىبەتلەر بىلەن موڭغۇللار قوشكېزەكلەر، دېگەن ھەم رۇسىيە بىلەن موڭغۇلىيەدىكى بۇددا مۇرىتلىرىنى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرىق قىلىپ:ئۇلار «سىياسىي مۇساپىرلار»، باشقا يۇرتتا قېرىپ تىبەتنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ. تىرىك بۇددا ھىندىستان، رۇسىيە ياكى موڭغۇلىيەدە قايتا پەيدا بولىدۇ ۋە كەشايەـپاتراغا ۋارىسلىق قىلىدۇ، دېگەن.
رۇسىيەدىكى موڭغۇللار دالاي لاماغا بەيئەت قىلىدۇ، موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغان رايونلاردىكى سەرخىللارمۇ دالاي لاماغا يېقىنلىشىشنى مودا، دەپ بىلىدۇ. دالاي لاما 1992-يىلى تۇۋادا زىيارەتتە بولغان. تۇۋانىڭ رەھبىرى دالاي لاما بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشكەن. قالماق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئىلۇمژىنوۋ دالاي لامانى ئاساسەن يىلدا بىر قېتىم تاۋاپ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالاقىسى ناھايىتى قويۇق. رۇسىيەدىكى بۇددا دىنى داھىيسى «تىبەت مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىگە ئوچۇق-ئاشكارا ھېسداشلىق قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى قوللايدۇ.
-1991يىلىدىن كېيىن جۇڭگونىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا بىر قىسىم تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر پەيدابولۇپ، پانموڭغۇلىزم ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىگە قۇتراتقۇلۇق قىلدى.رۇسىيەدىكى پانموڭغۇلىزم ۋەزىيىتى جۇڭگوغىمۇ تەسىر قىلىشى مۇمكىن.
-2008يىلى «تىبەت مۇستەقىللىقى»كۈچلىرى زورايغان يىل بولدى.ئىچكى-تاشقى بېسىم سەۋەبىدىن «تىبەت مۇستەقىللىقى» كۈچلىرى «پانموڭغۇلىزم»ھەمدە "ش ت" ئېقىمىدىكىلەر بىلەن بىرلەشتى. شۇ يىلى 14-مارت «تىبەت مۇستەقىللىقى كۈچلىرى»لاسادا توپىلاڭ كۆتۈردى، 16-مارت رۇسىيە مەركىزىي بۇددا دىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رەئىسى سۇي دورجى بۇدايېۋ داۋراڭ سېلىپ: تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ جۇڭگونىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.«تىبەت مۇستەقىللىقى كۈچلىرى»پەيدا قىلغان ۋەقەنىڭ تەسىرى رۇسىيەدىكى بۇددا دىنى مۇرىتلىرى ۋە موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار ئارىسىدا داۋاملىق كېڭەيدى.
"تىبەت مۇستەقىللىقى"كۈچلىرى پەيدا قىلغان توپىلاڭنىڭ ساۋىقى شۇكى، بۇ ئۇزاق يىل پىلانلانغان، تەشكىللىك توپىلاڭ. دۆلەت ئىچىدە ئۆلكىلەر تەڭ ھەرىكەتكە كەلگەن، جۇڭگونىڭ چەت ئەلدىكى نۇرغۇن ئەلچىخانىلىرى بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ئېنىقكى، ئەگەر تاشقى كۈچنىڭ قوللىشى بولمىغان بولسا، بۇنداق تەشكىللىنەلمىگەن بولاتتى.
يەنە بىر ئىش كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. تىبەت ، شىنجاڭ ۋە ئىچكى موڭغۇلدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش توپىلاڭ يۈزبەردى ياكى يوشۇرۇن خەتەرلىك ئەھۋاللار بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىپ، مەلۇم دەرىجىدەبىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش، تەڭ ھەرىكەت قىلىش ئالامەتلىرى شەكىللەندى. ئىچكى موڭغۇلدىكى بۇتخانىلارنىڭ چىڭخەي، شىزاڭدىكى ھەر خىل دىنىي مەزھەپلەر ۋە دىنىي خادىملار بىلەن بولغان ئالاقىسى ناھايىتى قويۇقلاشتى.بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان بىر قىسىم تاشقى ئامىللارنى تۆۋەن چاغلىماسلىق كېرەك.كۆپ يىلدىن بۇيان چەت ئەللەرنىڭ نۇرغۇن تەشكىلاتلىرى ۋە چەت ئەللىكلەرجۇڭگودا يىلتىز تارتتى.ئۇلار ئارىسىدىكى بەزىلەر يوشۇرۇن ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتىدۇ، ئاخبارات توپلاۋاتىدۇ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ماختىشىغا مۇيەسسەر بولۇۋاتىدۇ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، ئالاھىدە نىشاندىكى مىللەت ۋە پۇقرالارنى بىر-بىرىگە قارشىلاشتۇرۇۋاتىدۇ، ۋەقە تۇغدۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇسۇللىرىدا يېڭىلىق بولمىسىمۇ،لېكىن ئۈنۈمىنى يەنىلا كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇنداق ئىشلار بىزنىڭ سىياسىي ئىرادىمىز ۋە ئەقلىمىزنى سىنايدۇ.
خەنزۇچە « دالاينىڭ بۆلگۈنچىلىك سۈيقەستىدىن ئاگاھ بولايلى» ناملىق ماقالىدىن قىىسقارتىلدى. |