- تىزىملاتقان
- 2012-4-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8620
- نادىر
- 0
- يازما
- 400
|
ھەقنى سۆزلىسەڭ چۈشكۈنلەشتۈرمە دەيدۇ . ھەقنى قىلىمەن دىسەڭ ھۆكۈمەت ئاتام يول قويمايدۇ ...
ئۇيانغا تارتساڭ ئوق سۇنىدۇ ، بۇ ياققا تارتساڭ كالا ئۆلىدۇ .
قانداق قىلغاندا كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان ، زىقمۇ كۆيمەيدىغان چارە تېپىلار ھە ؟
دۇرۇس ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى دۆتلۈكنى داۋالاش كېرەك .
بىز قاچانغىچە داۋاملىق ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىدا ياشاۋېرىمىز ؟ نىمىشقا ئۆزىمىزدە بار ئىللەتلەرنى ئېتىراپ قىلمايمىز ؟
ئىللەتنى ئېچىپ تاشلىسا بىر مىللەت چۈشكۈنلىشىپ كېتەرمۇ ؟ ياكى ئىللەتنى داۋالاپ ساقايتمىسا بىر مىللەت چۈشكۈنلىشىپ كېتەرمۇ ؟ ئويلاپ باقىلى ھوي !
خوتەن تەرەپتە ھاراق ئىچكەن ئادەم يوق دەپ بىر قېرىندىشىمىز ئاقلىدى ، بىراق ئۇ خوتەن تەرەپلەردىكى ياغلىق چېگىپ پاھىشىلىك قىلىۋاتقان خېنىملارنىڭ كۆپلىكىنى دىيەلمەي قالدى ...
ئەگەر كاللىمىز ئىشلىسە نىمىشقا ئانا تىلىمىزنى قوغدىمايمىز ؟ خىزمەت ئۈچۈن شۇنداققۇ ھە ؟
ئەگەر كاللىمىز ئىشلىسە نىمە ئۈچۈن بالىلىرىمىزنى ھەم ئۆزلىرىمىزنى ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانىدىن تارتمايمىز ؟
ئەگەر كاللىمىز ئىشلىسە نىمە ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە زىمىنلىرىمىزنى بېرىپ ئۇنىڭ ھىسابىغا ئېرىشكەن نەچچە مىليون پۇلنى دەتتىكام دەپ ئېتىپ ، جەزخورغا تۇتقۇزۇپ قويىمىز ؟
ئەگەر كاللىمىز ئىشلىسە ...
.....
....
بەك جىق بۇنداق مىساللار . كورلا شەھرىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوغۇل بالىلارنىڭ كۆپچىلىكىنى تورخانا (ھازىر تورخانىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانىلارغا ئۆزگىرىۋاتىدۇ) ، ئېلىكتىرونلۇق قىمارخانىلارغا ئۆگىنىۋالدى . شۇ يەردە پۇل بولسا پۇلىنى بولمىسا ۋاقتىنى خەجلەپ ئۆتىۋاتىدۇ . قىزلىرىمىز بولسا دىبامۇ دىبا يۈرمەكتە ...مەن تۇغۇلغان مۇشۇ ئوتتۇز نەچچە يىلدىن بۇيان كورلا شەھرىدە يەرلىك پاھىشە ئايال چىقمايتى دەپ پەخىرلىنىپ يۈرەتتىم . ھالبۇكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان قىزلار ئارىسىدىن كېچىلىك بەزمىخانىلارغا بېرىپ ئۈچتە ھەمرا خېنىم بولىدىغانلار جىقلاۋاتىدۇ . ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن قىزلار ئارىسىدىن ئائىلىسى بار ئەرلەرنى ئۆزلىرىگە ئاشنا تۇتىۋالىدىغان ، شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلار كۆپىيىۋاتىدۇ ...
ھەممىسىنىڭ قولىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ھە ؟
قاۋاقخانىلار ھەققىدە توختالغۇم يوق .. |
|