- تىزىملاتقان
- 2013-2-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 42
- نادىر
- 0
- يازما
- 13
|
دۇنيادا ھىسداشلىق مەۋجوت ئەمەس ، پەقەت مەنپەئەتلا مەۋجوت . دولەت بىلەن دۆلەت ، رايۇن بىلەن رايۇن ، مىللەت بىلەن مىللەت ئوتتۇرسىدىكى ھەر قانداق مۇناسىۋەتنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى مەلۇم سىياسى مەنپەئەت ياكى خوسوسى مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدۇ .
ئۇيغۇرلار ھىچكىمنىڭ ھىسداشلىقىغا مۇھتاج ئەمەس ، پەقەت ئۆز تىرىشچانلىقىغىلا مۇھتاج ، ھىلىمۇ بىز روھى تىلەمچلىك بىلەن تالاي يىلارنى ئۆتكۈزدۇق . يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن ياقى ھىچقانداق كۈچنىڭ ياردىمىگە ئىرىشمىگەن ئەھۋالدا ، يېڭىلىق يارىتىدىغانلار ، شىركەت قۇردىغانلار ، يۇقۇرى ئوقۇش تارىخى ئارقىلىق ئۆز - ئۆزىگە پۇرسەت يارتىدىغانلار بارغانسىرى كۆپەيدى . كۆپ قىسىم كىشىلەر بىزگە ھىچكىمنىڭ ياردەم بېرەلمەيدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى .
مىلىتىمىزدە ئۆزىگە تايىنىش ئىدىيىسىنىڭ شەكىللىنىشى ئەڭ زور ھەركەتلەندۇگۈچ كۈچ دىسەك يامان كەتمەس .
مەن بۇرۇنقى ئىنكاسلىرىمدىمۇ ، پەقەتلا مىللىتىمىزنىڭ كەلگۇسىگە ئۈمۈتسىز قارمايدىغانلىقىمنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدىم .
بىزنىڭ بۇ يەردە مىللەت توغرىلىق سۆزلىگىدەك سالاھىتىمىز يوق ، بىز پەقەت ئۆزىمىزنى تاكاممولاشتۇرۇشقا ، ئەۋلاتلارنى ياراملىق تەربىيلەشكە ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن كۈچىيەلىسەكلا مىڭ ئېغىز كاپكاپتىن ياخشى .
ئۆزىڭىزنى قۇتقازغىنىڭىز مىللىتىڭىزنى قۇتقازغىنىڭىز ! |
|