قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3981|ئىنكاس: 60

ئۇيغۇرلارنىڭ بىمەنە ئەپسانىسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

28

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15289
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 0
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور ئارلاۋېتىپ بوزقىر ئەپەندىنىڭ " يىڭى بىر بىمەنە ئەپسانە " ناملىق تەرجىمىسى ۋە ئۇنىڭغا چۇشكەن ئىنكاسلارنى ناھايتى قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم . شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ ئەپسانىلىرى توغرىلىق ئۆيلىنىشقا باشلىدىم .
     كىچىڭىمدىن تارتىپ ماخمۇت قەشقىرى  ۋە " تۇرك تىللار دىۋانى "، يۇسۇپ خاس ھاجىپ ۋە "قۇتاتقۇ بىلىك " ، " 12 مۇقام " ... ئىشقىلىپ قانداقتۇر  ئۇيغۇرلارلا "قىلالايدىغان " باشقا مىللەتلەر "قىلالمايدىغان " ئىشلار توغرىسىدىكى تۇرلۇك ئەپسانىلەر ، ئۇيغۇرلارنىڭ بەك ئەقىللىق ئىكەنلىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ بىزدەك ئەقىللىق ئەمەسلىكى بۇنىڭ سەۋەبىنى تەكشۇرسە ئەلئېھرامنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان دوپپا كىيدىغانلىمىز ئۈچۈنلىكى  توغرىسىدىكى ئەپسانىلىلەردىن روھىم كۈتۇرۇلۇپ ئۆزەمنى ھەقىقەتەنمۇ باشقا مىللەتلاردىن ئەقىللىق چاغلايدىغان ئىدىيە شەكىللەنگەن ئىدى مەندە .
    ئاز كام قىرىق ياشنىڭ قارىسىنى ئاپتىمەن . شۇنچە يىللىق تۇرمۇش تەجىرىبىلىرىمدىن ، باشقا مىللەتلەردىن تۇنۇشقان دوستلىرىمدىن ، ئونۇڭدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئومومى ئەھۋالىدىن قارىسام بۇلار پەقەت بىر ئەپسانىلىكەن خالاس .
    ئەگەر بىز ھەقىقەتەن ئەقىللىق بولساق ، نىمە ئۈچۈن شۇنچە ياخشى شارائىتتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە بالىلىرىمىزنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا پەرۋامۇ  بالىلىرىمىزنى مەكتەپتىن توختىتىپ ، بۇرنىمىزنىڭ ئۈچىنىلا كورۇپ ئازىراق پۇل تاپىدىغان ئىشلارغا سالىمىز ؟
   ئەگەر بىز راستىنلا ئەقىللىق بولساق ، ئىقتىسادى جەھەتتە نىمىشقا باشقا مىللەتلەردىن يۇقۇرى ئورۇندا تۇرالمايمىز ؟ بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز ئەمدىلا يىمەك - ئىچمەكنى ئاساس قىلغان كارخانىلاشقان دەۋىرىگە قەدەم قويدى ، باشقىلار بولسا ئاللىبۇرۇن سانائەتلەشكەن ، ماشىنىلاشقان ، ئىلىكتىرۇنلاشقان دەۋىردە . جۇڭگۇ دىكى ئۆلكە ، ئاپتۇنۇم رايۇنلار ئىچىدە ئارقىدىن سانىغاندا بىرىنچى دىسەك يامان كەتمەيدۇ . شەخىسلەرنىڭ ئەھۋالىنى دىمەيلا قۇياي ، بىزدە نىمە جىق دىۋانە ، ئەگەر ئەقىللىق بولساق نىمىشقا ئۆزىمىزنىڭ كۇنىنى ئۆزىمىز مۇستەقىل ئالالمايمىز ؟
   ئەگەر بىز راستىنلا شۇنچە ئەقىللىق بولساق ، نىمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ يامان ئىللەتلىرىنى تىزلا يۇقۇتۇپ باشقىلارنىڭ ناچار ئىللەتلىرىنى شۇنچە تىز يۇقتۇرۋالىمىز ؟
   ئون نەچچە ياش ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك ، مەھەلىمىزدە بىرى كۈندۇزى ھاراق ئىچىپ دەلدەڭشىپ قاپتكەن ، مەھەلىدىكىلەرنىڭ گەپ - سوزىدىن قېچىپ بىر ئايغىچە قارىسىنى كورسەتمىكەن . ھازىر مەھەلىمىزدىكى بوتكىدا نەچچە سورۇندا ،كىچە - كۈندۇز دىمەي  ھەر خىل ياشتىكىلەر ئارلىشىپ ھاراق ئىچىپ ، ئۆزىلىرىنىڭ كۆپ ئىچەلەيدىغانلىقىنى ماختىنىپ سۆزلىشىپ ، تىللىشىپ ، ئۇرۇشۇپ يۇرۇشلەرگە ھىچكىم ھەيران قالمايدۇ . ئۇندىن باشقا تاماكىنىغۇ دىمەيلا قۇياي تەرەققى قىلىپ نەشە ، خىروئىن چىكىدىغانلارمۇ كۈنسىرى كوپەيمەكتە ، قىمارنىغۇ ئوينىمايدىغان ئىمام بىلەن مەزىن قالدىمۇ بىلمىدىم بۇ توغرىسىدا سوزلىمەي  . بۇزۇقچىلىق قىلمىغانلار نورمال سانالمايدىغان ھالاتكە يەتتۇق .( شىنجاڭنى جۇڭگونىڭ ئەيدىز سەركەردىسىگە ئايلاندۇرۇپ بولدۇق )... ئاياللىرىمىز بولسا شۇنچە  شۇنچە لاتاپاتلىك تەبىئى گۇزەللىكىدىن ۋاز كېچىپ چاچلىرىنى كىسىپ ،ئەبجەش رەڭلەردە بۇياپ ، ئالۋاستىدەك گىرىم قىلمىسا تويغا ، چايغا كىرەلمەيدىغان بۇلۇپ كەتتى ، كۈچىدىكى نۇرغۇن قىز -ئاياللاردىن  ، پاكىزلىق ، پاكلىق  ، ئىسلام نۇرى كورىۋېلىش تەس .  بىلىمسىزلىك ، ئۆزىنى قارغۇلارچە باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش ، نىمىنىڭ ھەقىقى بايلىق ئىكەنلىكىنى چۇشۇنۇش ئىدىيىسى كەمچىل .
    ئەگەر بىز راستىنلا شۇنچە ئەقىللىق بولساق ، نىمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنىمۇ قوغداپ قالالمايمىز ؟
بىز ھەممىمىز ئۇيغۇرنىڭ ئۇيىدا تۇغۇلدۇق ، ئۇيغۇرنىڭ ئۇيىدە ، يۇرتىدا چوڭ بولدۇق بۇ كۆز يۇمغۇسىز ھەقىقەت . ئەنە ئەشۇ ئائىلە ، ئەشۇ يۇرت بىزنىڭ ئۇيغۇرچىنى ئۆگىنىشىمىزگە يىتىپ ئاشىدۇ .يا بىر پارتىيە - ھۆكۇمەت بۇ تىلىڭدا سوزلىسەڭ بولمايدۇ دىمىدى . يا بىر يېزىقىمىزنى ئىناۋەتسىز دىمىدى بىزنىڭ تىلىمىزغا باشقا تىلنى ئارلاشتۇرۇپ سوزلەيدىغانغا ھىچقانداق باھانىمىز يوق . .  باھانە بار دىيىلسە ئۆزىمىزنى كۆز - كۆز قىلىش مەقسىدىدە ئۆگىنۋالغان نەچچە ياد مىللەنىڭ تىلىنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەپ ئۆزىمىزنىڭ " بىلىملىك " ئىكەنلىكىنى كۆز - كۆز قىلىش خالاس . بار دىيىلسە ئاز ساندىكى غورورىنى ئىت يەپ كەتكەن كەمغۇرور ئاتا - ئانا بولغۇچىنىڭ بالىلىرىغا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇھىملىقى ، چوقۇم ئۇيغۇرچە سوزلەشنى تەشەببۇس قىلمىغانلىقى ، مەجبورلىمىغانلىقىدىن كورۇشكە بولىدۇ . ...يەنە نۇرغۇن باھانىلىرىڭىز بولسىمۇ ھەممىسى ئۇسۇرۇققا تەڭ !
  ئەگەر بىز راستىنلا ئەقىللىق بولساق ، نىمىشقا ئۆزىمىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق مەنپەئەتىنىمۇ قوغداپ قالالمايمىز ؟
جۇڭگو  قانۇن تەرتىپلىرى ئېنىق ،قانۇن - تۇزۇم مۇككەممەل بىر دۆلەت . مۇشۇنداق بىر دۆلەتتە ياشاۋېتىپمۇ دىھقانلىرىمىزنى دىمەي تۇرايلى خېلى ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىيلىرىمىزمۇ ئۆزىنىڭ ھۆقۇق - مەنپەئەتىنى ، مائاشىنى ھەتتا ئۈيىنىمۇ قانۇن بۆيىچە قوغداپ قالالمايدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن نۇرغۇن .
نۇرغۇن - نۇرغۇن مىساللانى ئالغۇم بار ئىدى بىراق ، سەۋىيەمنىڭ ، قەلەم كۈچۈمنىڭ تۈۋەنلىكىدىن كاللام قۇرۇق  .  
ئەمدى ھەرگىز ئۇ ئەپسانىگە ئىشەنمەيمەن ، ئادەمنىڭ ئەقىللىق يا دۆت بۇلۇشى ھىچقانداق مىللەت ياكى دىن بىلەن مۇناسىۋەتسىزكەن . ئادەم بىلىمنى ، ئەقىلنى ئەتراپتىكى مۇھىتتىن ، ئەتىراپتىكى شەيئىلەرىن قۇبۇل قىلىدىكەن . ئەقىللىق بۇلۇش ئۈچۈن شەئىلەر بىلەن كوپرەك ئۈچرىشىش ، كۈزىتىش ،تەھلىل قىلىش كېرەك ئىكەن . پاكىتنى ، ئەمەلىيەتنى ھۆرمەت قىلىش كېرەككەن ، ھىسياتقا تايىنىپ ھۆكۇم چىقىرىشتىن ساقلىنىش كېرەككەن .
قىسقىسى ، ئۇيغۇرۇمنىڭ دوپپىسىنىڭ مېنى ۋە باشقىلارنى ئەقىللىق قىلىش رولى پەقەتلا يوقكەن .  

0

تېما

0

دوست

8725

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  545
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2112
تۆھپە : 1230
توردىكى ۋاقتى: 896
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن ئۈمىدسىز ئوي - پىكىرلەر بۇ .

.مىللەتنىڭ كەلگۈ

1

تېما

1

دوست

5404

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11308
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1360
تۆھپە : 738
توردىكى ۋاقتى: 129
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق چۈشكۈن ئىدىيىلىك پىكىرلەرنى ئامال بار يازمىساق!

‏ئىمپىراتۇر بات

3

تېما

0

دوست

1392

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10525
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 364
تۆھپە : 185
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏سىز قايسى مەھەللىدىنكى بىلمىدىم ، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەڭ . ماۋۇ خوتەن تەرەپتە ھاراق ئىچىپ لەيلەپ يۈرگەنى ،ياكى ئىچتىم دەپ ماختانغانلارنى كۆرۈپ باقمىغىلى ئۇزۇن زامان بوپ كەتتى .
‏سىز بەك ئۈمۈدسىزلىنىپ كەتتىڭىزمۇ قانداق؟
‏جەمىيەتكە دىققەت قىلىپ بېقىڭ  بىر نەچچە يىل بولدى خەلىقىمىز  ئويغاندى ،يەنى مىللى ئاڭ ئويغاندى،دىنىي گۈللىنىش دەۋرى باشلاندى ،ئىلىم تەلەپ قىلىش كۈچەيدى بۇلارغىمۇ دىققەت قىلىڭ .
‏يەنە بىر گەپ     كىچىڭىمدىن تارتىپ ماخمۇت قەشقىرى  ۋە " تۇرك تىللار دىۋانى "، يۇسۇپ خاس ھاجىپ ۋە "قۇتاتقۇ بىلىك " ، " 12 مۇقام " ... ئىشقىلىپ قانداقتۇر  ئۇيغۇرلارلا "قىلالايدىغان " باشقا مىللەتلەر "قىلالمايدىغان " ئىشلار توغرىسىدىكى تۇرلۇك ئەپسانىلەر ، ئۇيغۇرلارنىڭ بەك ئەقىللىق ئىكەنلىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ بىزدەك ئەقىللىق ئەمەسلىكى بۇنىڭ سەۋەبىنى تەكشۇرسە ئەلئېھرامنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان دوپپا كىيدىغانلىمىز ئۈچۈنلىكى  توغرىسىدىكى ئەپسانىلىلەردىن روھىم كۈتۇرۇلۇپ ئۆزەمنى ھەقىقەتەنمۇ باشقا مىللەتلاردىن ئەقىللىق چاغلايدىغان ئىدىيە شەكىللەنگەن ئىدى مەندە .
    ئاز كام قىرىق ياشنىڭ قارىسىنى ئاپتىمەن . شۇنچە يىللىق تۇرمۇش تەجىرىبىلىرىمدىن ، باشقا مىللەتلەردىن تۇنۇشقان دوستلىرىمدىن ، ئونۇڭدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئومومى ئەھۋالىدىن قارىسام بۇلار پەقەت بىر ئەپسانىلىكەن بۇ گېپىڭىزنى يۈتىۋېتىڭ.سىز 40 ياشقا كىرگەن بىلەن ئەقلى تەپەككۇرىڭىز تاكامۇللاشماپتۇ .بىز (مەخمۇد قەشقەرى ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ ،12 مۇقاملاردىن ) نىمىشقا پەخىرلەنمىگۈدەكمىز ،تازا پەخىرلىنىشىمىز كېرەك .
‏خەلىقىمىز سىز دېگەندەك ئۇنچىۋېلا دۆت ئەمەس پەقەت شۇ ئەقىلنى جارى قىلدۇرۇشقا ،قېزىپ چىقىرىشقا شارائىت بۇلسا ئاندىن بۇلاتتى .قالغىنىنى ئۆزىڭز ئويلاپ بېقىڭ .

باھا سۆز

hanjar993554  ئەگەشتىم  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:23

0

تېما

0

دوست

30

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15334
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 0
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆك ھىلال دىگەندەك ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۈرىدىغان تىمىلارنى ئاز يوللايلى ئامال بار بىزنى مەدەتلەندۈرىدىغان ئادەمنىڭ جۇشقۇنلىقىنى كۆتىرىدىغان كەلگۈسىگە ئۈمۇدۋار قاراتقۇزىدىغان تىمىلارنى يولىساق! يەنە كىلىپ مۇ شۇ بىزنىڭ سۆكۈش ئۇسلۇبىمىز ناھايىتى قاملاشمىغان بىر ئۇسلۇب  ئادەم بەزى بىر ماقاللارنى ئوقۇپ بولۇپ ئادەم ئچىىدە ئااااااااااااااا بۇ مىللەت تۈگۈشۇپتىغۇ كۈچىگىدەك يىرى قالماپتۇ دەپ قالىدىكەن  كىنولىرىمىزمۇ   شۇنداق ئاياغلاشقان ھىكايىلەرمۇ پاجىئەلىك ئاياغلاشقان.......... ھەتتا قاراپ بېقىڭلا ئا بىرىنچى بوپ يوللانغان  ئىنكاسقا  مەن يۇرتلارغا نەزەر سالسام ئالدىنقى 7~8 يىلغا قارىغاندا ھاراق ئىچىشمۇ خېلى ئاز ياشلانىڭ مىللەتكە دىنغا بولغان ئويغۇنىشىمۇ خېلى ياخشى

0

تېما

0

دوست

102

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11666
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىت ،بەزىدە بۇرادەرلىرىمىز ماختانچاق پاقىغا ئوخشاپ قالىدۇ .جۇڭگۇ-ھىندىستان ئۇرىشىدا ئويغۇرلار ھۇجۇم قىلىپ  يېڭى دېھلىغا 30كىلومىتېر قاپتىكەنەي، ئۇيغۇرلار ھىندىستاننى مۇنقەرز قىلغىلى ئاز قالغانىكەنەي،سىتالىن بۇنىڭدىن ھەيران قاپتىكەنەي دىگەندەك ئۆزىنى ئۆزى گۆللەيدىغان ئىنكاسلارنى ھەر قايسى مۇنبەرلەردە كۆرگەنمەن ....ئىشتىنى يوق تىزى يىرتىقنى مەسخىرە قىلىپتۇ دىگەندەك ،ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا خەقنى بەسەيلەر دەپ ياراتمايمىز ،ئۆزىمىزنى دەڭسەپ باقمايمىز .ئەمىليەتكىمۇ ئازراق نەزەر سېلىپ باقايلى ،تىمىدا دىيىلگەن ئىشلار يوقمۇ ئەمەس .
تىما يوللىغۇچىغا:ھاھاھا،ئۆيلىنىشقا باشلىدىم دەپسىز ،  بىر قېتىم ئۆيلىنەرسىز شۇ (خوتۇن ئالغاندا).قاچانغىچە ئۆيلەنمەكچى.

0

تېما

0

دوست

28

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15652
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 0
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئۈمىدسىزلىك  ئۇيغۇر ئەمئىيىتىدە مەلۇم سالماقنى ئىگىلىشى مۇمكىن. باشقىلاردىن ئاغرىنىش كەيپىياتىمۇ بار.

0

تېما

0

دوست

7407

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  846
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1796
تۆھپە : 1045
توردىكى ۋاقتى: 207
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دۇنيا ئىمتىھان مەيدانى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تەئالا بۇ دۇنيادا ياخشى يولنىمۇ بار قىلغان، يامان يولنىمۇ بار قىلغان. ياخشى يولغا ئەقىلنى ھەيدەكچى ۋەھىينى دەۋەتچى قىلغان، يامان يولغا نەپىسىنى ھەيدەكچى شەيتاننى دەۋەتچى قىلغان. ئاندىن ئىنسانغا ئىككىسىنىڭ قايسىسىنى تاللاش توغرىسىدا تولۇق ئەركىنلىك بەرگەن، شۇنداقلا ھەر نەرسىدە قىلغاندەك بۇ ئىشتىمۇ بىر تەڭپۇڭلۇق ئورناتقان. ئىلاھىي ئادالەت مانا بۇدۇر.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئاللاھ تەئالا ئىنسانغا ياخشى-ياماننى تونۇشى ئۈچۈن ئەقىل ئاتا قىلغان. ئەقىلگە يېتەكچىلىك قىلىشى ئۈچۈن كىتاب نازىل قىلغان، كىتابنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەۋەتكەن. يەنى ئىنساننى ئىچىدىن بىر نەرسە (ئەقىل)، تېشىدىن بىر نەرسە (ۋەھىي) توغرا يولغا دەۋەت قىلىپ تۇرىدۇ.
ئىمان توغرىنىڭ توغرىلىقىنى ئەقىل بىلەن چۈشىنىش ئەمەس، قەلب بىلەن تەستىقلاش بولغانلىقى ۋە ئىنساننىڭ قارار مەركىزى ئەقلى ئەمەس قەلبى بولغانلىقى ئۈچۈن قەلب تولاراق ئەقىلنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ۋەھىينىڭ يوليورۇقىغا ئەمەس، نەپسنىڭ ئارزۇسى بىلەن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە بويسۇنىدۇ. چۈنكى قەلب مەنپەئەتپەرەستۇر ۋە تۇراقسىزدۇر.
نەپىس تېزلا قولغا كېلىدىغان مەنپەئەتكە قىزىقىدۇ، شەيتان قەلبنى ئەقىلگە ئەمەس، نەپىسىگە بويسۇنۇشقا چاقىرىدۇ. بەدەن ئەقىلگە ئەمەس، قەلبكە بويسۇنىدىغانلىقى ئۈچۈن قەلبنىڭ خاتا قارارىنى ئىجرا قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن:
«بىلىڭلاركى، ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار. ئۇ گۆش تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ، ئۇ گۆش بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇ گۆش قەلبتۇر»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەر ئىنسان تولۇق ئىختىيارلىق بولغان بۇ ساھەدە ھېچكىمنىڭ ھېچكىمگە بېسىم قىلىش ئالاھىدىلىكى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئىشلار ياخشى كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايدۇ.
ھېساب ئاخىرەتتە ئېلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداقلا يامانلىقنىڭ جازاسى ۋە ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى ئاخىرەتتە بېرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ دۇنيادا «ئەتىكى دۈمبىدىن بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى» دېگەن خاتا مەنتىقىسى بويىچە ئىش قىلىدۇ.
توغرىنى چۈشەنگەن بىر مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى يولدىكى ھەمراھلىرىنىڭ قالايمىقان ھەرىكەتلىرىگە قاراپ ئۈمىدسىزلەنمەستىن ئۇلارغا توغرىلارنى ئىلمىي يوسۇندا، تاتلىق بىر تىل ۋە چىرايلىق بىر مۇئامىلە بىلەن چۈشەندۈرۈشتۇر، شۇنداقلا ئاللاھ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئەسلىتىشتۇر.
چۈنكى بىر يامان ئىشنى كۆرگەن مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى ئۇ يامان ئىشنى قىلغانلارغا چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىپ قويۇشتۇر، خالاس. ئۇلار ئەمەل قىلامدۇ، قىلمامدۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ ئىشى. شۇنى ئۇنتۇماسلىق لازىمكى:
ھەر كىشىنىڭ دوزاخقا كىرىش ئەركىنلىكى بار. بۇ ئەركىنلىكنى ئۇلارغا ئاللاھ بەرگەنلىك ئۈچۈن ھېچكىم ھېچكىمنى ھىدايەتكە زورلىيالمايدۇ. ياخشىلار يامانلارغا قولىدىن كېلىشىچە نەسىھەت قىلسا ۋە ئۆزلىرى توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرسا ئاللاھ ئالدىدىكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ، شۇنداقلا يامانلارنىڭ بۇلارغا ھېچقانداق زىيىنى بولمايدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ عَلَيْكُمْ أَنفُسَكُمْ لاَ يَضُرُّكُم مَّن ضَلَّ إِذَا اهْتَدَيْتُمْ إِلَى اللّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعاً فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ»
«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمىلىڭلارنىڭ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ»- مائىدە 5/105.
ھەر كىشى ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ توغرا يولدا بولۇپ بولمىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشى لازىم. «جەمئىيەت بۇزۇلۇپ كەتتى، ھەممە ئادەم گۇناھ قىلىۋاتىدۇ. پالانى ناماز ئوقۇمايدۇ. پۇستانى روزا تۇتمايدۇ…» دېگەندەك ئۆزىنىڭ يا دۇنيالىقىغا يا ئاخىرەتلىكىگە قىلچە پايدىسى يوق گەپلەرنى قويۇپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قارىشى، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىغا قارىشى ۋە مەن قانچىلىك مۇسۇلمان؟ مەن قانچىلىك ئىنسان؟ مېنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىمنىڭ مۇسۇلمانچىلىقى قايسى دەرىجىدە؟… دەپ ئۆزىگە سوئال قويۇشى كېرەك. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَاراً وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلَائِكَةٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ لَا يَعْصُونَ اللَّهَ مَا أَمَرَهُمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ»
«ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلەرنى ئوتتىن ساقلاڭلار. ئۇ ئوتنىڭ يېقىلغۇسى ئىنسانلاردۇر ۋە تاشلاردۇر. ئۇ ئوتنىڭ بېشىدا قوپال ۋە قاتتىق قول پەرىشتىلەر بار. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلمايدۇ، ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئەمرلەرنى ئىجرا قىلىدۇ»- تەھرىم 66/6.

باھا سۆز

yamgur.  ئاپىرىن،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،بىلىمىڭىزنى تېخىمۇ مول قىلسۇن  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

0

تېما

0

دوست

1720

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8129
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 435
تۆھپە : 237
توردىكى ۋاقتى: 444
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان مىللەت قايتا قەد كۆتۈرۈپ چىقالايدۇ، مائارىپتا مەغلۇپ بولغان مىللەت مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ چىقالمايدۇ.....شۇڭا بىز ئالدى بلەن مائارىپىمىزنى تەرەققى قىلدۇرىشىمىز كىرەك. بەزىدە مىنىڭ بىلگۈم كىلىدۇ: مۇشۇ ئۇيغۇرلىرىمىز ئىىچىدە  ئۆيىدە كىچىككىنە بولسىمۇ كۈتۈپخانە ياكى كىتابخانىسى بار ئائىلىدىن قانچىلىك چىقار؟ ئالىم مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەندىن قانچىلىك ئادەم باردۇ؟ ساۋاتسىزدىن قانچىلىك باردۇ؟

0

تېما

0

دوست

69

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13323
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 9
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بۇ تورداش  ئوتتورغا قويغان بەزى ئەھۋاللار ھەققىتەن مەۋجۇت .مەسلەن:  ئەگەر بىز راستىنلا ئەقىللىق بولساق ، ئىقتىسادى جەھەتتە نىمىشقا باشقا مىللەتلەردىن يۇقۇرى ئورۇندا تۇرالمايمىز ؟ نىمە ئۈچۈن بىزدىكى تىلەمچىلەر تۈگىمەيدۇ دىگەنگە ئوخشاشلارنىڭ ئاساسى بار. لىكىن بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونىشىمىز كېرەككى بۇنداق ئەھۋالار ھەرقانداق مىللەتتە ھەم  بار ، بۇ بىر ئەھۋالغا ئاساسەن بىزنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشقا ئۆزىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇشقا بولمايدۇ . ئۈمۈتسىز ئادەم ، ئۈمۈتسىز قەۋىم ھامان يولىدىن ئادىشىپ قالىدۇ. بىزدە ھىلھەم نۇرغۇنلىغان پەخرىلىنىشكە بولىدىغان يىڭى -يىڭى ئالىم، تەتقىقاتچى ۋە كارخانچىلار ھەم چىقىۋاتىدۇ ۋە چىقۇسى. شۇڭا يەنىلا ئۈمۈتلىك ياشايلى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )

GMT+8, 2013-3-6 10:55 , Processed in 0.058803 second(s), 6 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش