- تىزىملاتقان
- 2011-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 19242
- نادىر
- 1
- يازما
- 806
ئۆسۈش
23.11%
|
sabir786 يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 22:45
ئالتاي تەرەپلەدە قازاقلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇرلامۇ ئاز ئەم ...
ئالتايدا 40 يىلدىن يۇقرى ئولتۇراقلىشىش تارىخى بارلار شۇنداق ئىكەن ، دىمەك بۇنىڭغىمۇ مەلۇم ۋاقىت كىتىدۇ دىگەن گەپ . ئەمدى ھازىر قايسى مىللەتتىن بولسۇن خىتايلىشىش ھادىسسى ئېغىر ھەم تىز بولماقتا . مەن تۇرۋاتقان ئالتاينىڭ بىر كىچىك بازرىدىمۇ ھەر جۈمە كۈنى 500 يۈزدىن ئارتۇق ئادەم جۈمە نامزى ئوقۇيمىز ، ئەڭ كۆپ ساندىكىلەر خۈيزۇلار ، ئۇيغۇرلاردىن 23 ئادەم سىجىل شۇ مەسچىتتە بىرگە جۈمە نامزىغا داخىل بولىمىز ، بۇ جايدا ئۇيغۇرلارمۇ ئاساسى جەھەتتىن يوق دىيەرلىك . ئانچە -مۇنچە يىراق -يېقىندىن كەلگەن مالچى سودىگەرلىرىمىز كىلىپ قالسا 40 يىېقىن ئادەم بوپ قالمىز . بۇرۇن بۇ جاينى ئانچە چۈشەنمىگەچكە ئۇنچە بەكمۇ ئويلاپ كەتمەيتىم ، كىيىنچە مەخسەتسىزلا مەسچىتتىن پۈتكۈل جامائەت چىقىپ بولغىچە ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ كىتىمەن . شۇنچىۋلا ئادەمنىڭ قېتىدا ئارانلا 3 تىن 8 گىچە قازاق بار ، ئەمما باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىسام بۇ بازاردا قازاقلارنىڭ نوپۇسى باشقا مىللەتتىن خېلىلام كۆپمىش . يەنە بىر ئىش ، بۇلتۇ ر 10 -ئاينىڭ ئاخىرلىرى مىنىڭ ئىجارە ئولتۇرۋاتقان ئۆيۈمنىڭ ئارقىسىدىكى بىر زاۋۇتقا غۇلجىدىن ئىشلىگىلى 4 تاغىللىرىم كەپتىكەن ‹‹ ئۇيغۇر ›› . بىركۈنى ئەمدى ئىشتىن كىرىپ ئولتۇرسام بۇلار كىرىپ كەلدى ، خوجايىن مۇشۇ زاۋتنىڭ كەينىدە بىر ئائىللىك ئۇيغۇر بار دەپتى تونشۇپ چىقايلى دەپ ئىزدەپ سوراپ كىردۇق دە . بىردەم تاماق پىشقىچە پاراڭلاشقاچ تونۇشۇپمۇ بولدۇق . ياتاق -تاماقنى قانداق قىلغانلىقىنى سورسام ، بىر ئېغىز ئۆينى بىزگە بەردى ، بۇنىڭدىن كىيىن چوشقا گۈشى يىمەيمىز دەپ خوجايىن ۋەدە قىلدى شۇنىڭ بىلەن تاماقنى شۇلار بىلەن بىرگە يەۋاتىمىز دەيدۇ . مەن ، بۇ قىلغىنىڭلار قاملاشماپتۇ ، كاپىرنىڭ قولدىن تاماق يەپمۇ ئىشمۇ دەپ بۇرمۇنچە نەسھەتنى قىلىپ ، يەيدىغنىڭلارنى ئۆزىڭلار ئېلىڭلار ، ئايالىم ئۆيدە بولغاندىكىن باللىرىمغا قارغاچ تامقىڭلارنى ئىتىپ بەرسۇن ، مىنىڭ ئۆزەمنىڭ تاپقىنى ئۆزەمگە يىتىدۇ ئايالىمغا پۇل بىرىڭلارمۇ دىمەيمەن ئامال بار ئاشۇ نىملەرنىڭ قولدىن تاماق يىمەڭلار دىسەم ، ئەتىلام ئاشۇنداق قىلىلى رەخمەت سىللىگە دەپ بۇرمۇنچە ھۆزىرخالىق ئېيتىپ تاماقنى يەپ چىقىپ كىتۋىدى يوقاپ كەتتى . مەنمۇ ،كۆنەلمەيۋاتىمىز دەۋاتاتتى ، كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ يۈردۈم . ئاردىن 20 نەچچە كۈن ئۆتكەندە ئەمدى تاماقنى قولۇمغا ئېلىپ تۇرسام بىر خەنزۇ ئايال مىنى چاقىرىپ كىرىپتۇ ، بۇ ھېلقى زاۋۇت خوجايىنىنىڭ ئايالى ئىكەن . بۇ ئايال ، بىزنىڭ زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان يۇرتداشلىرىڭ ئۇرشۇپ كەتتى ، بىزنىڭ گىپىمىزنى تولۇق چۈشەنمەيدىكەن شۇڭا سەن چىقىپ قاراپ باقساڭ دەيدۇ . ماقۇل دەپ چىقسام بۇلاردىن ئۈچەيلەن قاپتۇ ، ئالدىدا بىر بوتۇلكا ھاراق تاماق . يۇقى قاچا - قۇچا ، ئۆي ئىچىمۇ شۇنداق قالايمىقان . ئىشكتىن كىرشىمگىلا ئولار ئورنىدىن تۇرۇپ مەن بىلەن كۆرشۈشكە تەمشىلۋىدى ، ھېلقى خوجايىن ئىتتەك قاۋاپ كەتتى . نىم بولدۇڭ دىسەم ، بۈگۈن بالدۇرلا بىكار بولغان ، تاماقتىن كىيىن ھاراق ئىچىمىز دىدى ماقۇل دەپ ھاراق ئەكرىپ بەردىم ، ئايالىمغا سەي قورۇتۇپ بەردىم ، ئەمدى بولغاندا ئۆز ئارا مۇشلىشىپ يۈرىيدۇ دەيدۇ . بۇلاردىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورسام ، بىرسى يەنە بىرسدىن 700 يۈەن قەرىز ئاپتىكەن ، قەرىز بەرگەننىڭ يېنىدا پۇل قالماي بۇنىڭ قەرىز سۈيلەپ ، بۇ بىچچارە خوجايىندىن پۇل سورسا خوجايىن پۇل بەرمەي ، ئاۋۇ كاج ئادەم بۈگۈن نەدىن بولسا ماڭ پۇل تېپىپ بىرسەن دەپ شۇنىڭ بىلەن جىدەللىشىپ قالغان ئىكەن . مەن خوجايىنغا بۇلار ئىشلەۋاتقاندىكىن ئازراق بولسىمۇ قەرىز بىرىپ تۇرساڭ ، ئىش ھەققىدىن تۇتۇپ قالساڭ بولمامدۇ؟ دىسەم ، تېخى ئالدىنقى كۈنى بىر ئاي توشقاچقا دىيىشكىنمىز بويىچە 3500 يۈەندىن ئىش ھەققىنى تارقىتىپ بەرگەن ئىدىم ، ئىككى كىچە ياكى بىزنى ئۇخلاتماي ، ياكى ئۆزلىرى ئۇخلىماي پاراڭ سېلىپ قىمار ئوينىدى ، قارسام بۈگۈن ئەدىگەن بىرسى دورا ئەككىرمەن دەپ چىقىپ كىتىپ يۈك - تاقللىرىنى تاشلاپ قويۇپ ئۆيىگە كىتىپتۇ ، بۇلاردىن سورسام ئۈچەيلەننىڭ بىر ئايلىقتىن ئىش ھەققىنىڭ ھەممىنى شۇ ئۇتۋاپتىكەن ، دەيدۇ . ھەيران قاپتىمەن ، ئاۋۇ كىتىپ قالغىنى 30 ياشلار چامىسىدا ئىدى ، بۇ قېپقالغان ئۈچۈيلەن ئاساسەن تەڭ دىمەتلىك 40 ياشتىن ھالىقغان چوڭلار . راس شۇنداق ئىش بولغانمۇ ؟ دەپ سورسام ھەئە دەپ قويۇپ كۆزنى پارقىرتىپ ئولتۇرشىدۇ .ئاۋۇ قەرىز بوپ قالغىنى ، مەنمۇ ئالغان پۇللۇرۇمنىڭ ھەممىنى مۇشۇلار بىلەن تەڭ ئۇتتۇرۇپ بولغان تۇرسام ، ئۇمۇ يەتمەي مانىڭدىن قەرىز ئالدىم تېخى ، مىنىڭ ئەھۋالىمنىمۇ بۈلدۇ بولمىسا ، ئاخشام سورۇندىن 6 سوم پارچە پۇل ئېشىپ قاپتىكەن ، شۇنىڭغا بىر قاپ تاماكا چەككىنىمنى كۆرۈپ سەن ئۇتتۇرۋەتتىم دەپ قويغان بىلەن پۇل باكەن سەندە ، پۇلۇڭنى تىقىۋاپسەن منىڭ پۇلۇمنى قايتۇر دەپ ئۇرشىۋاتىدۇ ،دەيدۇ . ئاچچىغىمدىن نىمە دىيشىمنىمۇ بىلەلمەي بىردەم تۇرۇپ كەتتىم . گەپ قىلاي دىسەم قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىدىن ، چالا كەيىپ ئەلپازىدىن گەپ ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس .گەپ - سۆز قىلالماي ئاچچىغىمدا يېىنىپ چىقىپتىم ، قايسى كۈنى يەنە مەھەللىدىكى دۇككان ئالدىدا ئۇچۇرشۇپ قالدىم . بۇلتۇر خوجايىن بىلەن خېلى چىقشىپ قاپتۇق ، چاغاندىن يېنىپ كىلىڭلار دەپ تىلفۇن قىپتىكەن كەلدۇق ، دەپ يۈرۈيدۇ . |
|