قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 9229|ئىنكاس: 102

(ئاتتىلا) «ئەدىب» تىن «ئۇيغۇرلۇق» ۋە «مۇسۇلمانلىق» قىچە

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

59

تېما

15

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3477
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 18
مۇنبەر پۇلى: 2152
تۆھپە : 1974
توردىكى ۋاقتى: 634
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 22:44:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئەدىب» تىن «ئۇيغۇرلۇق» ۋە «مۇسۇلمانلىق» قىچە
ئاتتىلا
يېقىندا باغداش تورىدا يامداق نامىدىكى تورداشنىڭ «پوق يېگەن ئەدىپلەر» ناملىق يازمىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كەڭ تورداشلار ئارىسىدا مەزكۇر يازمىنى چۆرىدىگەن ھالدا كەسكىن تالاش-تارتىش ھەتتا ئېغىر تىل سېلىشلار، ئۆزئارا ھاقارەتلەشلەر يۈز بېرىپ، نورمال مۇنازىرە تەرتىپىنى بۇزدى ھەم تورداشلار ئارا ئىتتىپاقسىزلىقنى پەيدا قىلدى.
بىز مەزكۇر تېما ئۈستىدىكى تالاش-تارتىشلارغا ئەستايىدىل قارايدىغان بولساق، ئۇ بىزگە يېڭى گەپ ئەمەس. پەقەت مىسىرانىم، ئەلكۈيى قاتارلىق تورلاردا تولا تالاش-تارتىش قىلىنىپ، زور ئىتتىپاقسىزلىققا سەۋەب بولغان ھەمدە يېقىنقى 2-3 ئايدىن بۇيان يېڭى ئەزالارنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى بىلەن باغداش تورىغىمۇ كۆچۈپ، تولا تالاش-تارتىشلار پەيدا قىلغان كونا گەپلەردىن ئىبارەت.
بۇ مەسىلىنى سوغاققانلىق بىلەن ماھىيتىدىن تونۇپ ھەل قىلماي، ھەرقانچە تالاش-تارتىش قىلغان بىلەن، ئۇ مەڭگۈ «توخۇ ئاۋال پەيدا بولغانمۇ، تۇخۇممۇ؟» دېگەن مەسىلىدەك ئاخىرى چىقماي، مىللىتىمىزنىڭ مىللىي ۋە ئېتىقاد بىرلىكىگە ھۇجۇم قىلىش، ھەتتا سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەت كەلتۈرۈش، بىر پۈتۈن مىللىي ۋە دىنىي قېرىنداشلارنى ئىككى قاشقا ئايرىپ، تىل ئۇرۇشى قىلىش، ئاخىرىدا پارچىلىنىشقا ئېلىپ بېرىپ، ياتلارنىڭ ئاللىقانداق رەزىل مەقسەدلىرى ئۈچۈن پايدا ئېلىپ كېلىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ، خالاس.
شۇڭا بىز ياتلار قىلىشقا ئۇرۇنسىمۇ مەقسىدىگە يېتەلمەيۋاتقان، مەشھۇر ئالىم، يازغۇچى، شائىر، تونۇلغان ئەدىپ مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى يۈكسەك ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىپ، قاتتىق قامچا ئاستىغا ئالغان «پارچىلاپ سەن بۇ مىللەتنى، سېتىپ ئىمانىنى خەجلە» دېگەن مىسىرالىرىدىكى ھالەتنىڭ يۈز بېرىشىغا يول ئېچىپ بەرمەسلىكىمىز، سەگەك بولۇپ، مەسىلىنى سوغۇققانلىق، دوستانىلىق، ئەپۇچانلىق ۋە ئەقىل بىلەن ھەل قىلىشىمىز كېرەك.
مەن تۆۋەندە ئۆزەمنىڭ، يۇقارقى تېمىدا تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان مەسىلە ھەم «ئەدىپ» توغرسىدىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن، شۇنداقلا، كەڭ تورداشلارنىڭ ئىنكاس يېزىشقا ئالدىراپ كەتمەي، ئاۋال تەپسىلىي ئوقۇپ، ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ، مىللەت، ئېتىقاد، تارىخىي ئەمىلىيەت ھەم رېئاللىقنىڭ تارازىسىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن بىرنەرسە دېيىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
1. ماۋزونىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن مەنا ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ئۈستىدە تەھلىل.
يازمىنىڭ ماۋزوسى «پوق يېگەن ئەدىپلەر» بولۇپ، بۇ قارىماققا ئىنتايىن قوپال، ھاقارەتلىك ھەم ئومومىيلىق تۈسىنى ئالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. بىراق بىز كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ ئەستايىدىل ئويلانساق، ئۇ ئۇنچە كۆپ زىددىيەتكە سەۋەب بولغىدەك ماۋزو ئەمەس. يەنى، مەزكۇر ماۋزونىڭ تەنقىدلەش ئوبېكتى ئەدىبلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەس، بەلكى، مىللىتىمىز ئىچىدىكى روھى دۇنياسى ۋە ئاساسىي قىممەت چۈشەنچىسى مىللىتىمىزنىڭ مىللىي ھەم دىنىي قىممەت قارىشى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان، ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان، ھەتتا ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇش يولىدا كەتمەن چاپىدىغان ئەدىپلەردۇر. ئەگەر ماۋزۇ «ئەدىپلەر پوق يەيدۇ» دېيىلگەن بولسا بۇ مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان بارلىق ئەدىپلەرگە قارىتىلغان بولاتتى. بىراق، بۇ يەردىكى «پوق يېگەن ئەدىپلەر» دېگەن ماۋزۇ ئەدىپلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسەتمەيدۇ. پەقەت ئەدىپلەرنىڭ ئىچىدىكى «پوق يېگەنلەر» نىلا كۆرسىتىدۇ. لوگىكىلىق نۇقتىدىن قارىغاندا، مەزكۇر ماۋزودىكى ئۇقۇمنىڭ قارىشىسىدا «پوق يېمىگەن ئەدىپلەر» دېگەن يەنە بىر ئۇقۇم ياتىدۇ.
2. «ئەدىپ» سۆزىنىڭ مەنا قاتلىمى ئۈستىدە تەھلىل.
بۇ يەردىكى «ئەدىپ» سۆزى «زىيالى» دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنىڭ لۇغەت مەنىسى نېمە بولىشىدىن قەتتىئي نەزەر، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقىمىزدىكى ئورنىدىن قارىغاندا، ئۇ تىل-يېزىقنى ۋاستە قىلىپ، بىر مىللەت، بىر خەلقنى ئەدەب-ئەخلاققا، ئىلىم-مەرىپەتكە، توغرا يولغا، ئىدىيەگە، بىر مىللەت ۋە خەلقنىڭ ئۆزىگە ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدىغان مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي ئۆزلۈك ۋە  ئاساسىي قىممەت قارىشىغا باشلىيالايدىغان ھەم يۇقارقى تەرەپلەردىكى زەئىپلىك ۋە كېسەللىكلەرنى داۋالاش يولىدا ئىزدىنىشتىن باش تارتمايدىغان، بۇ يولدا ۋاقتىنى، زېھنىنى، مېلىنى، ئەركىنلىكىنى ھەتتا جېنىنى قۇربان قىلالايدىغان، قورقۇمسىز، جاسارەتلىك كىشىلەرنى كۆسىتىدۇ. بۇ ئېنىقلىما بويىچە، «ئەدىپ» ئۇ مەيلى ئەدەبىيات-سەنئەت، پەلسەپە، ئېتىكا، جەمىئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ئارقىلىق بولسۇن ياكى فىزىكا، خېمىيە، بىئولوگىيە، ماتېماتىكا قاتارلىق تەبىئىي پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق بولسۇن؛ مەيلى پەن ياكى دىن ئارقىلىق بولسۇن؛ مەيلى ساۋادلىق ياكى ساۋادسىز بولسۇن، بىر مىللەتنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسىمىنى توغرا يولغا باشلىغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ «ئەدىپ» بولۇش-بولماسلىقىنىڭ بىردىن-بىر ئۆلچىمى، پەقەت بىر مىللەت ياكى خەلقنى شۇ مىللەت، شۇ خەلقنىڭ ئاساسىي قىممەت قارىشى ھەم مەۋجۇتلۇقىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان توغرا يولغا باشلاش ۋە ئۆزى ئىگىلىگەن ھەرقانداق بىلىمنى شۇ يول ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، سۆزلىگەن ۋە يازغانلىرى بىلەن بىر رېتىمدا ئىش ئېلىپ بېرىش شۇنداقلا شۇ مىللەت ۋە خەلقنىڭ ئاساسىي قىممەت قارىشىغا ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ شەرتنى ھازىرلىمىغان ھەرقانداق ئادەم بىر مىللەتنىڭ ئەدىپى بولالمايدۇ.
بۇ يەردە تەكىتلەشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە، بىر مىللەت ياكى توپ ئۈچۈن «ئەدىپ» سانالغان ئادەم يەنە بىر مىللەت ياكى توپ ئۈچۈن «ئەدىپ» ھېسابلانماسلىقى مۈمكىن. چۈنكى، بىز ئەنئەنىۋىي «ئەدىپ» لىك قارىشى بويىچە، دۇنيادىكى بارلىق ئەدەبىيات-سەنئەت نەزىريىچىلىرى ۋە پەيلاسوپ-جەمىئىيەتشۇناسلارنىڭ ھەممىسىنى قارىقۇيۇق «ئەدىپ» دەپ ئاتاۋېرىدىغان بولساق، ئۇ چاغدا بىزدە «ئەدىپ» كىرىسىزى كېلىپ چىقىپ، بىر پۈتۈن مىللىي توپ «ئەدىپ» پاتقىقىغا پېتىپ، ئوخشىمىغان نۇقتىنەزەردىكى ئاتالمىش ئەدىپلەرنىڭ نەزىريىۋى چەمبىرىكى بويىچە تەرەپبازلىق قاينىمىغا غەرق بولۇش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. يەنى، بىر پۈتۈن مىللىي توپ ئوخشىمىغان نەزىريىۋى چۈشەنچە ۋە كۆزقاراشلار، ئىدىيۋى ئېقىملار بويىچە تالاش-تارتىش قىلىشىپ، ئوخشىمىغان قۇتۇپلارغا بۆلۈنۈپ، بىر پۈتۈن مىللەت گەۋدىسىنىڭ سوپىلار دەۋرىدىكى ياكى ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدىكىدەك زور دەرىجىدە بۆلۈنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھېلىمۇ بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىمۇ بۇنداق بۆلۈنىش بىزدە ئاز ئەمەس.
ھازىر بىزدە نېمە كۆپ؟ ئوخشىمىغان نەزىريىۋى چۈشەنچە ۋە كۆزقاراشلار، ئىدىيۋى ئېقىملارنى ساپ مىللىي مەپكۈرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئارقىلىق جان بېقىۋاتقان «ئەدىپ» لەر كۆپ.
يەنە نېمە كۆپ؟ شۇ نەزىريىۋى چۈشەنچە ۋە كۆزقاراشلار، ئىدىيۋى ئېقىملار ھەم ئۇنى بازارغا سالغۇچى ئەدىپلەر كۆپ.
يەنە نېمە كۆپ؟ شۇ نەزىريىۋى چۈشەنچە ۋە كۆزقاراشلار، ئىدىيۋى ئېقىملارنى ۋە ئۇنى بازارغا سالغۇچى «ئەدىپ» لەرنى بويلاپ بۆلۈنگەن گۇرۇھلار كۆپ.
ئۇنداقتا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدە مەۋجۇت بولىۋاتقان ئاساسلىق نەزىريىۋى چۈشەنچە ۋە كۆزقاراشلار، ئىدىيۋى ئېقىملار قايسىلار؟
ھازىر بىزدە ئۆزىمىزگە مۇناسىپ-نامۇناسىپ كۆپلىگەن نەزىريىۋى چۈشەنچە ۋە كۆزقاراشلار، ئىدىيۋى ئېقىملار مەۋجۇت بولۇپ، ئاساسلىقى: ماركىسنى ئۆزىنىڭ نەزىريىۋى ئاساسچىسى قىلغان، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭدىن زور دەرىجىدە يىراقلاپ كەتكەن؛ شىنخەي ئىنقىلابىنى قوزغاپ، مانجۇلارغا، جۈملىدىن يات مىللەتلەرگە قارىشى تۇرۇش بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، مەنچىڭ خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇڭگو دېمۇكىراتىك ئىنقىلابىنىڭ داھىسىغا ئايلانغان سۇن جۇڭشەننىڭ خەن مىللەتچىلىك ئىدىيسىنى ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلغان؛ كومپارتىيەنىڭ ھاكىميەت يۈرگۈزۈش قورالى ئارقىلىق تەدرىجى كېڭىيۋاتقا كومۇنىستىك قاراش. بىر مەزگىل بازار تېپېپ، كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تەۋرەنمەس ھەقىقەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان، بۈگۈنكى كۈندە كۈنسېرى بىر ھەقىقەت بولۇش سۈپىتىدىن قېلىۋاتقان دارۋىننىڭ «ئادەم مايمۇندىن ئۆزگىرىپ شەكىللەنگەن» دەيدىغان دارۋىنىزم ئىدىيسى. ئاۋىستىريىلىك پىسخىلوگ فىروئىدنىڭ «جىنسىي ئانالىز تەلىماتى» ۋە «روھىي ئانالىز تەلىماتى»؛ گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ نىچشىنىڭ «يۈكسەك ئادەم» ۋە «ئىرادە كۈچ» پەلسەپىسى. تۈركىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ باشچىسى ھېسابلانغان مۇستاپا كامالنىڭ ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيسىنى چۆرىدىگەن كامالىزم تەلىماتى. ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىمپېريالىزملىق تارىخىمىز ۋە ياراتقان مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيىتىمىز بىلەن پەخىرلىنىپ، نۇقۇل مىللىي مەنپەئەتنى بىردىن-بىر چىقىش نۇقتىسى قىلغان ئاشقۇن مىللەتچىلىك قارىشى. «ئەمدى ئۇيغۇرلار تۈگەشتى، مىڭ قىلغان بىلەن بىكار، پايدىسى يوق» دەيدىغان مىللىي ئۈمۈدسىزلىك قارىشى. «دۇنيادا ئۇيغۇر دەيدىغان مىللەت يوق، مۇسۇلمان مىللەت دەيدىغان بىرلا مىللەت بار،  دىن ھەممىنى ھەل قىلىدۇ، باشقىسى بىكار، ئامېرىكا بىزنىڭ دۈشمىنىمىز» دەيدىغان پان ئەرەبىزمچىلىق ياكى دىنىي ئاشقۇنلۇق خاھىشى ھەمدە «بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، تۈركى مىللەتلەر قېرىنداش، بىزگە ياردەمدە بولىۋاتقان، يار-يۆلەك بولىۋاتقان، ھېسداشلىق قىلىۋاتقان، بىزگە كېلىۋاتقان ياكى كېلىدىغان تاشقى تەھدىتكە چەك قويىۋاتقان ھەرقانداق خەلق بىزنىڭ دوستىمىز ياكى ئىتتىپاقچىمىز، ئىلىم-پەن بىلەن بىر ئاللاغا تېۋىنىدىغان ئىسلامىي ئېتىقاد ئاخىرقى نىجاتلىق يولىمىز» دەيدىغان مۆتىدىل مىللەت قارىشى.
بىز بۈگۈنكى كۈندە يۇقارقى چۈشەنچە-قاراشلارغا توغرا مۇئامىلە قىلالمىساق، ئۇلارنى ئۆزىمىزنىڭ توغرا بولغان «ئەدىپ» لىك چۈشەنچىمىز بىلەن ئۆز يولىدا بىر تەرەپ قىلالمىساق، بىز تېخىمۇ ئېغىر بولغان «ئەدىپ» لىك پاتقىقىغا پېتىپ قالىمىز. شۇڭا يۇقارقىلاردىن قايسى قاراش-چۈشەنچىلەر بىزگە مۇۋاپىق، قايسىلىرى مۇۋاپىق كەلمەيدۇ؟ قايسى كىشىلەر بىز ئۈچۈن «ئەدىپ» سانىلىدۇ، قايسىلىرى «ئەدىپ» سانالمايدۇ؟ بۇنى ئايرىش ئىنتايىن مۇھىم.
بىز، يۇقارقىلارنىڭ قايسىلىرى بىز ئۈچۈن پايدىلىق، ئۇلارنىڭ تەلىماتچىلىرىنى ئۆزىمىزگە «ئەدىپ» سانىساق بولىدۇ؟ قايسىلىرى بىز ئۈچۈن زىيانلىق، ئۇلارنىڭ تەلىماتچىلىرىنى ئۆزىمىزگە «ئەدىپ» سانىساق بولمايدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ، بۇ مەسىلىنى ياخشى ئايدىڭلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن، كىشىلىك ھايات قاينىمىدا «ئەدىپ» پاتقىقىغا پېتىپ، نەزىريە ئوتتۇرغا قويغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى قارىقۇيۇق «ئەدىپ» ھېسابلاپ، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ، تۈرلۈك گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈپ يۈرمەيمىز، ئۆزىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن نەزىريە-قاراشلىرىمىزنى، مەسىلە ھەل قىلىش يولىمىزنى تېپىپ چىقىپ، ساغلام بولغان بىر يولغا ماڭالايمىز.
ئۇنداقتا يۇقارقى قاراشلاردىن قايسىلىرى بىز ئۈچۈن پايدىلىق؟ قايسىلىرى زىيانلىق؟ قايسى نەزىريەنىڭ نەزىريىچىسىنى بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن «ئەدىپ» ھېسابلىساق بولىدۇ، قايسىلىرنى «ئەدىپ» ھېسابلىساق بولمايدۇ؟
بۇ بىر قەدەر مۇرەككەپ شۇنداقلا بىر ئادەم ئۆز ئالدىغا ھۆكۈم چىقىرش قىيىن بولغان مەسىلە بولسىمۇ، بىراق، بىز ياشاۋاتقان مەۋجۇتلۇق ماكانىمىزنىڭ ئومومىي ئەھۋالى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭغا جاۋاپ تېپىش ئۇنچىلىك قىيىنمۇ ئەمەس.
مەنچە يۇقارقى مەسىلىنىڭ جاۋابى:
1› ماركىس ۋە سۇن جۇڭشەنلەر بىز ئۈچۈن «ئەدىپ» ئەمەس. چۈنكى، ماركىس ۋە سۇن جۇڭشەنلەرنىڭ ئىدىيۋى-قاراشلىرىدا روشەن زىددىيەتلىك مەسىلىلەر ۋە كەمتۈكلۈكلەر مەۋجۇت. يەنە كېلىپ ئۇ بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي ئىزچىللىق جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ئاساسىي قىممەت قارىشىمىز ھەم قوبۇل قىلغان دىنىي چۈشەنچىلىرىمىز بىلەن سىغىشالمايدۇ.
ماركىسنىڭ قارىشىنىڭ ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى، ‹1› ئۇ بىر تەرەپتىن ئىنسانىيەت جەمىئىيىتىدە ھەقىقىي باراۋەرلىكنى ئورنىتىش چاقىرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن «سىنىپىي كۈرەش تەلىماتى» ئارقىلىق ئىجىل ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى بۇرژۇئازىيە ۋە پۇرۇلىتارياتتىن ئىبارەت قارمۇ قارىشى ئىككى لاگىرغا بۆلۈش ئارقىلىق، پۈتۈن يەر شارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك قىسىمىنى قاپلىغان زېمىندا ۋە %70 ئائىلە ئىچىدە 160 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئائىلە ۋە مىللەتلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ياكى ئۇلارنىڭ ھاياتىي ھەم مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان كۈرەشلەرگە سەۋەپچى بولدى. ‹2› ئۇ بىر تەرەپتىن دىننى، خۇدانى ئىنكار قىلدى، بىراق، يەنە بىر تەرەپتىن دۇنيادىكى چوڭ دىنلارغا شەكىل جەھەتتىن ئوخشاش خۇسۇسىيەتلەرنى تولوق ھازىرلىغان، ئەمما ئىجتىمائىيەت ۋە تۇرمۇشتىن زور دەرىجىدە يىراقلاپ كەتكەن يېڭى بىر دىننى ياراتتى (ئوخشاشلىقى، باش تەرغىباتچىسى: ئىسلام دىنىنىڭ مۇھەممەد پەيغەمبەر، خىرىستىيان دىنىنىڭ ئەيسا پەيغەمبەر، ماركىسىزمنىڭ ماركىس. مۇققەدەس كىتابى: ئىسلام دىنىنىڭ «قۇرئان كەرىم»، خىرىستىيان دىنىنىڭ «ئىنجىل»، ماركىسىزمنىڭ «كاپىتال»، «سىنىپىي كۈرەس توغرىسىدا». مۇقەددەس سورۇنلىرى: ئىسلام دىنىنىڭ مەسچىت، خىرىستىيان دىنىنىڭ چېركاۋ، ماركىسىزمنىڭ ھەرقايسى تەشكىلات-ياچېيكىلارنىڭ يىغىن زاللىرى. غايىلىرى: ئىسلام ۋە خىرىستىيان دىنىنىڭ جەننەتكە كىرىش، ماركىسىزمنىڭ كومۇنىزم قۇرۇش). ئۇنىڭ ياراتقان بۇ دىنى بىر خۇدانى ئىنكار قىلىپ تۇرۇپ، ئۆز تارىخى ۋە ھاكىميەت ئەنئەنىسى جەريانىدا كۆپلىگەن يەرلىك خۇدالارنى ياراتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ماركىسزمنىڭ كومۇنىزم غايىسىدىكى ئىنسانلارنىڭ مۇتلەق تەڭ باراۋەرلىكى بۇ دۇنيادا مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدىغان ھېسسىي تۇيغۇدىن ئىبارەت ئىدى. ‹3› ماركىسىزم ئىنسانلارنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى يارتقان مەدەنىيىتىگە ئەڭ ئەشەددىي تۈردە ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ، ئۇنىڭغا روشەن ھالدا ماركىسىزم ۋە سىنىپىي كۈرەش قالپىقىنى كىيدۈردى. ماركىسنىڭ كېيىنكى ۋارىسلىرى ھەتتا ماركىس تۇغۇلۇشتىن نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن تۈرلۈك مەدەنىيەت ھادىسىلىرى ۋە نەزىريەلەرنى ماركىسىزم نەزىريىسى رامكىسى بويىچە باھالاپ، شەپقەتسىزلەرچە ھەم ئىنسانىيەتسىزلارچە مۇئامىلە قىلدى. كۆپلىگەن مىللىي مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنى ۋەيران قىلدى، ھەتتا، بىر قىسىمىنى مەڭگۈلۈككە يوق قىلدى. ‹4› ماركىسنىڭ «مىللەت پەيدا بولغان، تەرەققى قىلغان، ئۇ ئاخىرى يوقۇلىدۇ» دەيدىغان «ماركىسزملىق مىللەت نەزىريىسى» بىرقىسىم ھاكىميەتلەرنىڭ مىللىي ئاسسىملاتسىيە يۈرگۈزۈش قورالى بولۇپ قالدى.
سۇن جۇڭشەننىڭ قارىشىنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى، ئۇ ئۇچىغا چىققان مىللىي ئىنكارچىلىق ۋە خەن مىللەتچىلىك تۈسىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ «ئۈچ مەسلەك» ئىدىيسى بىر قېتىملىق ھەم ئۇزاق داۋام قىلغان شۇنداقلا داۋام قىلىۋاتقان ئاشقۇن مىللەتچىلىك دولقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. سۇن جۇڭشەننىڭ مىللەتچىلىك ئىدىيسىنىڭ نەتىجىسىدە جۇڭگودىكى نوپۇس سانى جەھەتتىن 3-ئورۇندا تۇرىدىغان مانجۇ مىللىتىنىڭ بىر مىللىي تىل-يېزىق خاسلىقىغا ئىگە مىللەت سۈپىتىدىكى مەۋجۇتلۇقى ئاساسەن يوقالدى.
2› دارۋىن بىز ئۈچۈن «ئەدىپ» ئەمەس. چۈنكى، بىرىنچىدىن، دارۋىننىڭ «ئادەم مايمۇندىن ئۆزگۈرۈپ كەلگەن» دەيدىغان دارۋىنىزم نەزىريىسى بىر تەرەپتىن بىزنىڭ مىڭ يىللىق ئىسلام ئىدىلوگىيىمىز بىلەن زىتلىشىپ، مىللىي بۆلۈنمىچىلىكنى پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە، ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى دارۋىننىڭ يۇقارقى قاراشلىرىنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە، ھەر قەدەمدە ئۇنى رەت قىلىدىغان يېڭى-يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرغا قويماقتا.
ئىككىنچىدىن، دارۋىننىڭ «تەدرىجى تەرەققىيات تەلىماتى» دىكى «كۈچلۈكلەر ياشاپ، ئاجىزلار يوقۇلۇش»، يەنى، «تەبىئىي تاللاش» قارىشى كېيىن بىر قىسىم كۈچلۈك مىللىي گۇرۇھلارنىڭ ئاجىز مىللىي گۇرۇھلار ئۈستىدىن مىللىي ئاسسىملاتسىيە يۈرگۈزىدىغان ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىدىغان قورالىغا ئايلىنىپ قالدى. ماركىس ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى ۋارسلىرى ئۆز نەزىريىلىرى ئارقىلىق ئۇنى تېخىمۇ بېيىتىپ ھەم ماركىسىزم نەزىريىسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسىمىغا ئايلاندۇرۇپ، يات ئېدىلوگىيە ۋە يات مىللەتلەرگە قارىشى دىكتاتۇرا ھەم مىللىي زورلۇق يۈرگۈزىدىغان ۋاستىسىغا ئايلاندۇرۋالدى. دۇنيانىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئاجىز مىللەتلەر ئۈستىدىن ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە مىللىي ئاسسىملاتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن مىللىي گۇرۇھلار دەل رۇس، سېرىب... دېگەنلەرگە ئوخشاش دارۋىنىزم ئىدىيسى بىلەن قوراللانغان كومۇنزم ئىدىلوگىيىسىدىكى مىللىي گۇرۇھلاردۇر.
3› فىروئىد ۋە نىچشىنىڭ «ئەدىپ» لىكىگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى:
فىروئىدنىڭ روھى ئانالىز تەلىماتى بىز ئۈچۈن پىسخىلوگىيە ۋە روھشۇناسلىق تەتقىقاتىدا مەلۇم ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، بىراق جىنسىي ئانالىز تەلىماتى بىزنىڭ مىللىي ئەخلاق چۈشەنچىمىز، ھايا قارىشىمىز ۋە مىڭ يىللىق ئىسلام ئېدىلوگىيە قارىشىمىزغا تۈپتىن خىلاپ بولۇپ، فىروئىدنىڭ مىللىتىمىز تەرىپىدىن «ئەدىپ» دەپ تەن ئېلىنىشى شۇنداقلا ئۇنىڭ بارلىق نەزىريىلىرىنىڭ قارىقۇيۇق قوبۇل قىلىنىپ، بازار تېپىشى بىزنىڭ مىللىي ئەخلاق قارىشىمىز ۋە ئېتىقاد سېستىمىمىزنى تەۋرىتىپ قويۇشى، ھەتتا ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىشى مۈمكىن.
نىچشىنىڭ «يۈكسەك ئادەم» تەلىماتى ۋە «ئىرادە كۈچ» تەلىماتى بىزنى ئادىمىي مۇكەممەللىك يولىدا ئىزدىنىشكە ۋە يۈكسەك ئىرادە بىلەن ئۆزلىكىمىزنى نامايەن قىلىشقا، زور ئىشلار ۋە پارلاق كېلىچەك ئۈچۈن بەل باغلاشقا، كېلىچەككە ئىشەنچ بىلەن قاراشقا چاقىرسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ نەزىريىلىرى ئۆزىگە بۇددا، زارۇئاستېرا ۋە خىرىستىيان ئېتىقادى ھەم مەدەنىيىتىنى ئارقا كۆرۈنىش قىلغان.
شۇڭا فىروئىد ۋە نىچشىنىڭ نەزىريىلىرىگە مۇئامىلە قىلىشتا، سوغۇققان بولۇپ، تەنقىدىي قارىشىمىز، قارىقۇيۇق ئىنكار قىلماسلىقىمىز ياكى قوبۇل قىلىۋەرمەسلىكىمىز كېرەك.
4› مۇستاپا كامالنى «ئەدىپ» دېيىشتىمۇ سوغۇققان بولىشىمىز كېرەك.
چۈنكى، ئۇنىڭ قۇدىرەتلىك، ئەركىن، مۇستەقىل تۈركىيە قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىنقىلابىي ئىدىيسى ۋە ئىنقىلاب جەريانىدىكى شىجائىتى، يېڭى تۈركىيە قۇرۇشتىكى ئىرادىسى، قەتتئىيلىكى بىز ئۆگۈنىشكە تېگىشلىك تەرەپلەر بولسىمۇ، ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقاد بىلەن ھاكىميەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى قاراش-ئۇسۇللىرى ۋە دىنىي ئېتىقاد ھەم دىنىي مەدەنىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى كۆچۈرۈپ كېلىش نۆۋەتتىكى دىننى سۇسلاشتۇرۇش شامىلى ئۈچۈن ياخشى بولغان يېشىل مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، بىزگە نىسبەتەن مىللىي زەئىپلىك ھادىسىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا، دىنىي ھېسسىياتتىكىلەر بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كەسكىنلەشتۈرۋېتىدۇ. بولۇپمۇ، دىنغا بىر تەرەپلىمە قارايدىغانلارنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ، دىننىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز بولىشى بىلەن كارى يوق قارىقۇيۇق ئىنكار قىلىش ۋە ھۇجۇم قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.
5› ئاشقۇن مىللەتچىلىك قارىشىنى بازارغا سالغۇچىلارنى «ئەدىپ» دېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ نۇقۇل مىللەتچىلىك ئىدىيسى بىر تەرەپتىن، مىللەتنىڭ كۆپ خىل تاشقى مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدىن شەكىللەنگەن بىر پۈتۈنلۈك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ھەممە مەسىلىنى نۇقۇل بىر مىللەتنىڭ مىللىي مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن ھەل قىلىپ، ئومومىي ئىنسانىيلىقنى چەتكە قاقىدۇ، قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇق ۋە ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، مىللەتنى دۇنيادا يېتىم قالدۇردۇ شۇنداقلا بىزنىڭ دىنىي ئېتىقادىمىز بىلەن مىللىيلىكىمىزنى قارمۇ-قارىشى قىلىپ قويۇپ، ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مىللىي زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۋېتىدۇ.
6› مىللىي ئۈمۈدسىزلىك قارىشىنى بازارغا سالغۇچىلارنى «ئەدىپ» دېيىشكە بولمايدۇ شۇنداقلا بۇنى ئىزاھلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق.
7› پان ئەرەبىزم ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيسىدىكىلەرنى «ئەدىپ» دېيىشكە بولمايدۇ.
«دۇنيادا ئۇيغۇر دەيدىغان مىللەت يوق، مۇسۇلمان مىللەت دەيدىغان بىرلا مىللەت بار،  دىن ھەممىنى ھەل قىلىدۇ، باشقىسى بىكار، ئامېرىكا بىزنىڭ دۈشمىنىمىز» دەيدىغان پان ئەرەبىزمچىلىق ياكى دىنىي ئاشقۇنلۇق خاھىشى.
چۈنكى، بىرىنچىدىن، ئۇلار مىللەتنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق مىللىي مەدەنىيەتنى ۋە شۇ مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىمىزنى يوققا چىقىرىدۇ، خەلقىمىزنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى شان-شەرەپ ۋە قان-ياشقا تولغان ھاياتلىق مۇساپىسىگە كۆز يۇمىدۇ.
ئىككىنچىدىن، «مۇسۇلمان مىللەت» بايرىقى ئاستىدا پان ئەرەبىزملىق ئىدىيسىنى بازارغا سالىدۇ. بىز ئەستايىدىل قارايدىغان بولساق، دۇنيادا مۇسۇلمان مىللەت دەيدىغان مىللەت يوق، پەقەت مۇسۇلمانلار دەيدىغان بىر توپ بار. ئۇ تۈرلۈك مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان دىنىي قېرىنداشلاردىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئىچىدە چوڭراق مىللىي توپلاردىن ئەرەب، تۈرك، پارس، كورد، پەنجاپ، ھەبەش... قاتارلىق مىللەتلەر بار. ئىسلام زالالەت ئىچىدىن نۇر چېچىپ، مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىزنىڭ دالالىتى ئارقىلىق قايتا يورۇقلۇققا چىققان دەۋرلەردە، ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ھەرقايسى مىللەتلەر بىر-بىرىنىڭ ئىسلامغا زىت بولمىغان مەدەنىيەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشىپ، بىر-بىرىنىڭ مىللىيلىكىنى ئىنكار قىلىشماي قېرىنداش بولغان ھەم ئۆم-ئىناق ھالدا بىرگە ياشىغان. مۇھەممەد پەيغەمبەر، ھەتتا، ئەينى دەۋردە پەس مىللەت دەپ قارالغان يەھۇدىي ۋە ھەبەشلەرگىمۇ باراۋەر ئىنسانىيلىق مۇئامىلىسىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ مىللىيلىكىگە ھۆرمەت قىلغان، ھەرگىزمۇ ئىسلامىي نۇقتىدىن ئۇلارنىڭ مىللىيلىكىنى چەتكە قاقمىغان. ئۇيغۇرلار سۇتۇق بۇغۇراخاننىڭ باشچىلىقىدا، دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئىچىدە ئىسلام دىنىنى 3-بولۇپ ھاكىميەت دىنى قىلىپ قوبۇللاپ، ھەق يولىغا ماڭغاندا، ئىسلام دىنى بىلەن بىرگە ئەرەب ۋە پارىسلارنىڭ نۇرغۇن مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت بوشلۇقىنى تېخىمۇ تويۇندۇرغان ھەمدە بۈيۈك قاراخانىيلار ئىسلام مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان. بۇ دەۋردىكى قارىخانىيلار مەدەنىيىتى قانداقتۇر مىللىيلىكنى چەتكە قاققان نۇقۇل دىنىي مەدەنىيەت بولماستىن، ئۇرخۇن بويىدا ياراتقان ئەنئەنىۋىي مىللىي مەدەنىيىتىمىز بىلەن تارىم، ئىلى ۋە سىر-ئامۇ ۋادىسىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ياراتقان مەدەنىيەت ئۆزئارا بىرىككەن، ئەرەب، پارىس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى ئىجابىي ھالدا قوبۇل قىلغان، ئىسلام دىنىنى ئۆزىگە روھىي ئوزۇق ۋە قانات قىلغان مەدەنىيەت بولغان.
ئەگەر بىز دۇنيادىكى بارلىق خەلقلەرنى «مۇسۇلمانلار» ۋە «كاپىرلار» دىن ئىبارەت ئىككىلا مىللەتكە ئايرىيدىغان بولساق، ئۇ ھالدا نېمە ئۈچۈن ئىسلام دىنى پۈتۈن يەر شارىدا قايتا يايغىنلىققا ئىگە بولغىنىغا 1400 يىلچە ۋاقىت بولغان بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىمۇ مۇسۇلمان ئەرەبلەر بىلەن مۇسۇلمان بولمىغان ئەرەبلەر ئېتىقاددىن باشقا مىللىيلىككە ياتىدىغان تەرەپلەردە، جۈملىدىن تىل-يېزىق، ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت جەھەتلەردىن بىردەكلىككە ئىگە بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن «مۇسۇلمان» ئەرەبلار «كاپىر» ئەرەبلەرنى مىللىي نۇقتىدىن ئۆزلىرى بىلەن بىر قاتارغا قويۇپ، «ئەرەبلەر» دەپ ئاتايدۇ؟ «كاپىرلار» دەپ ئاتىمايدۇ؟ كۆپ سانلىقى مۇسۇلمان ئەرەبلەر بولغان ھەم ئىسلام دىنى ئەدىلىيە، مەمۇرىيەت، سىياسىي، ھەربىي ۋە مائارىپ ئىشلىرىدا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان مەملىكەتلەرمۇ دۇنيا نوپۇس سىتاستىكىسىدا ئۆز دۆلىتىدىكى مۇسۇلمان بولمىغان ئەرەبلەرنىمۇ ئەرەبلەر نوپۇس سېستىمىسىغا قوشۇپ سىتاستىكا قىلىدۇ؟ نېمىشقا كۆپ مىللەتلىك مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ نوپۇس سىتاستىكىسىدا «مۇسۇلمان» ۋە «كاپىر» دىن ئىبارەت ئىككى مىللەتنى ئاساس قىلىپ سىتاستىكا ئېلىپ بارماستىن، مۇستەقىل مىللىي خاسلىققا ئىگە كونكېرىت مىللەتنى ئاساس قىلىدۇ؟ بىز يەنە ئويلىساق، بىز تالىشىۋاتقان «مۇسۇلمان» ۋە «كاپىر» دىن ئىبارەت ئىككى مىللەت چۈشەنچىسى كىمنىڭ پەتىۋاسى؟ بۇنى ئەرەب ئۆلىمالىرى بەرگەنمۇ، باشقا مىللەت ئۆلىمالىرىمۇ؟ بۇنىڭغا پان ئەرەبىزملىق ئىدىيە سىڭمىگەن دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ «قۇرئان كەرىم» دىكى ۋە مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىز زامانىدىكى «مۇسۇلمانلار» ۋە «كاپىرلار» چۈشەنچىسى دىنىي توپقا قارىتىلغانمۇ ياكى ھازىرقى كونكېرت مىللەتكە قارىتىلغانمۇ؟ ئەگەر ھازىرقى چۈشەنچىمىزدىكى كونكېرت مىللىي توپلارغا قارىتىلسا ئۇنداقتا مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىز نېمە ئۈچۈن ئۆز دەۋرىدە ئەرەبنى ئەرەب بويىچە، كوردنى كورد بويىچە، ھەبەشنى ھەبەش بويىچە، پارىسنى پارىس بويىچە مىللەت نۇقتىسىدىن تۇرۇپ تەن ئالىدۇ؟ ھەتتا يەھۇدىيلارغىمۇ ئالدى بىلەن دىن نۇقتىسىدىن ئەمەس، بىر مىللىي ئىنسان نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ؟
ئەمدى بىز بىر قىسىملار بازارغا سېلىۋاتقان «مۇسۇلمان مىللەت» چۈشەنچىسى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزسەك، مۇسۇلمان مىللەت دېگەن قانداق مىللەت؟ ئۇنىڭ دۇنيادىكى خاس ناملار بىلەن ئاتالغان مىللەتلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتى بارمۇ؟ بىز ئۇيغۇرلۇقتىن چىقىپ مۇسۇلمان مىللەت بولۇش ئۈچۈن قايسى مىللەتنىڭ تىل-يېزىقى، مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا، مىللىي مەپكۈرىسىگە كۆچۈشىمىز كېرەك؟ بۇنىڭغا ئېنىق بىر جاۋاب بارمۇ؟ مەنچە بۇنىڭغا جاۋاب بار، دېيىلسە، ئۇ جەزمەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بارلىق ئەرەبلەرنىڭ بىر پۈتۈن توپى، ئەرەب تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتى، تۇرمۇش ئۇسۇلى. چۈنكى، بۇ ئاللانىڭ ئەلچىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ يولباشچىسى، ئىسلامنى كەڭ يايغىنلىققا ئىگە قىلغان ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ مىللىتى، ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى بولغان «قۇرئان كەرىم» نىڭ تىل-يېزىقى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى. بۇ ئېنىقكى پان ئەرەبىزمدۇر. يەنە كېلىپ بۇ خىل قاراش ۋە چۈشەنچىلەر مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ مۇسۇلمانلىق ۋە مىللىيلىك قارىشىغا زىت. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەرەبنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان ئەمەس، شۇنداقلا، ئەرەبلەر مەنپەئەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئەڭ ئالدىغا مۇسۇلماننىڭ ئەمەس بەلكى ئەرەبنىڭ مەنپەئەتىنى قويىدۇ. دەۋرىمىزدە شىمالىي لىۋاندىكى خىرىستىيان ئەرەبلەر ئەرەب دۇنياسىنىڭ بىر قىسىمى دەپ قارالغان بىلەن، ئىران، تۈركىيە كەبى بىر مەزگىللىك قۇدىرىتى ۋە شانۇ-شەۋكىتى بىلەن ئىسلامنى كەڭ يايغىنلىققا ۋە ئومومىيلىققا ئىگە قىلغان دۆلەتلەر ئەرەب دۇنياسى تەرىپىدىن دۈشمەنلىك بىلەن سىقىپ چىقىرىلماقتىدۇر. مىسىرنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىن ئۆسۈپ يېتىلىپ، ب د ت نىڭ سابىق باش كاتىپى بولغان غالى، خەلقئارا ئاتۇم ئېنېرگىيسى كومىتېتىنىڭ باش ئىش بىجىرگۈچىسى ئىساك بارادىي، سادام دەۋرىدىكى ئىراق ئەرەب گۈللىنىش پارتىيسىنىڭ 4-نومۇرلۇق كاتىبېشى تارىخ ئەزىز، لىۋاننىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى جىبران خېلىل جىبران كەبى خىرىستىيان ئەرەبلەر ئەرەب ئىسلام دۇنياسىدا كاتتا ئورۇن ۋە نوپۇزغا ئىگە بولغان بىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئىسلام يولىنى تۇتۇپ تەقۋادارلىق بىلەن ياشاۋاتقان، شۇ دۆلەتنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن ئۆز ھەسسىسىنى ئايىماي سەرپ ئېتىپ كېلىۋاتقان 60 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ھازىرغىچە 2-دەرىجىلىك پۇقرا سالاھىتى بىلەن چەتكە قېقىلماقتىدۇر. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئەرەبنىڭ نەزىرىدە 1-قەدەمدە بىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىز ئەمەس، بەلكى، دۆلەت ئىچىدىكى ئەرەب، 2-قەدەمدە دۆلەت ئىچىدىكى مۇسۇلمان، 3-قەدەمدە دۆلەت ئىچىدىكى باشقا مىللەتلەر، 4-قەدەمدە دۆلەت سىرىتىدىكى مەنپەئەتلەندۈرەلەيدىغان گۇرۇھ، 5-قەدەمدە دۆلەت سىرىتىدىكى ئەرەب، 6-قەدەمدە دۆلەت سىرىتىدىكى مۇسۇلمان، 7-قەدەمدە باشقىلار بار. شۇڭا بۇ نۇقتىدا ئارتۇقچە ھاياجانلىنىپ، قىزىپ كېتىش ئارتۇقچە. يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا، ئۇ خەلقىمىزنىڭ ئىسلامغا قايتىشتىن بۇرۇنقى تارىخ ۋە مەدەنىيىتىنى، بارلىق مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت. شۇنىسى ئېنىق ئېسىمىزدە بولسۇنكى، ئۇيغۇرنىڭ قەدىمكى ئىپتىدائىي ئېتىقادى بولغانلىقى ئۈچۈنلا، تارقاق قەبىلىلەر بىر ئېتىقاد ئاستىدا بىرلىشىپ بىر پۈتۈن مىللەت گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن، ئۇيغۇرنىڭ قەدىمقى مەدەنىيىتى بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ مىللىي خاسلىقىنى يارىتىپ بىر مىللىي توپنى شەكىللەندۈرگەن، ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ مىللىي توپ بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلارنىڭ ئىسلامىي ئېتىقادنى قوبۇللايدىغان ماددىي ئاساس شەكىللەنگەن. ئەگەر ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ مىللىي توپ بولمىغان بولسا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بولمىغان بولاتتى. شۇڭا ئۇيغۇرلۇق بىلەن مۇسۇلمانلىق بىرلىككە كەلگەن بىر پۈتۈنلۈك. ئۇلارنى ئايرىۋېتىش ياكى بىرى ئارقىلىق يەنە بىرىنى يەكلەش ياكى چەتكە قېقىش تۈپتىن خاتا. ئۇيغۇرلۇق بولمىسا ئۇيغۇر مۇسۇلمالار بولمايدۇ، مۇسۇلمانلىق بولمىسا ئۇيغۇرلۇق ئۆزىنىڭ كەلگۈسى بىرلىكىنى ھەم روھىي ۋە تۇرمۇش مۇكەممەللىكىنى تاپالمايدۇ.
ئۈچۈنچى تەرەپتىن، دىنىي ئاشقۇنلۇق تەرەپدارلىرىنىڭ ئىچىدىكى يا پەندىن خەۋىرى يوق، يا دىندىن خەۋىرى يوق، پەقەت قارىسىغىلا ئەگىشىپ شوئارۋازلىق قىلىۋاتقان بىر بۆلۈك كىشىلەر بار كۈچى بىلەن پەنگە قارىشى چىقىپ، «ھەممىنى ئاللا قىلىپ بېرىدۇ» دەيدىغان تولىمۇ ئەخمىقانە ۋە شۈكرىچىلىك ئىدىيسىنى بازارغا سالىدۇ. پەن ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى، بىر بولسا، قارىقۇيۇق ئىنكار قىلىدۇ، بىر بولسا «بۇلارنىڭ ھەممىسى ‹قۇرئان كەرىم› دە ئاللىبۇرۇن ئوتتۇرغا قويۇلۇپ بولغان، مۇسۇلمانلار بىلىپ بولغان» دەپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ بارلىققا كەلتۈرگەن يېڭىلىقلىرىغا كۆز يۇمىدۇ، ئۆزىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىمىزغا سوغۇق سۇ سېپىدۇ، يەنە بىر بولسا، «بىزگە ھازىر پەن كېرەك ئەمەس، دىن كېرەك. ئاخىرەت مۇسۇلمانلارنىڭ، بۇ دۇنيا كۇپپارلارنىڭ» دەيدىغان زىيانلىق ئىدىينى بازارغا سېلىپ، زاھىدلارنىڭ ساغلام ئىسلام ئەقىدىسىگە زىت بولغان، سوپىلىق ئىدىيۋى ئېقىمنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان خۇراپاتلىق قاراشلىرىنى بازارغا سېلىپ، كىشىلەر ئارىسىدا تەركىدۇنيالىق يولىنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ. پەن ئۆگۈنىشنىڭمۇ ئىسلامىي سۈننەتلەر جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى، سىر-ھېكىمەتكە تولغان چەكسىز ئالەمنى يارىتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىنساننى ئاپىرىدە قىلىشنىڭ ئىلاھىي سىر-ھېكمەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. تېخىمۇ كۈلكىلىك بولغىنى، دىنىمىزدىكى «ھالال-ھارام» ياكى «مۇسۇلمانچە» ئاتالغۇسىنى خالىغانچە پۈچەكلەشتۈرۈپ، تەرت ئالىدىغان قاپاقتىن تارتىپ كىر يۇيىدىغان سوپۇنغىچە «مۇسۇلمانچە» ماركىسىنى ئېسىپ، «مۇسۇلمانچە» ئاتالغۇسىنىڭ سۈر-نوپۇزىنى خالىغانچە يەرگە ئۇرىدۇ. دىنغا دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان كىشىلەرنىڭ دىننى كەمسىتىشى ۋە ئۇنى سۇسلاشترۇش ئۈچۈن ھىيلە ئويلاپ تېپىشىغا ياخشى ئىجتىمائىي پىكىر مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ.
تۆتىنچىدىن، ئۇلار غەربىي ئاسىيادىكى، رادىكال دىنىي ئىدىينى ئۆزلىرىنىڭ چىقىش يولى دەپ قارايدىغان مۇسۇلمان گۇرۇھلارنىڭ «ئامېركا ئىسلامنىڭ دۈشمىنى» دېگەن قارىشىنى، بىزنىڭ بۈگۈنكى خەلقئارالىق سىتىراتىگىيەلىك ئورۇن يۈكسەكلىكىمىز بىلەن بىرلەشتۈرەلمەستىن، قارىقۇيۇق كۆچۈرۈپ كېلىپ، خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنكى سىتىراتىگىيىلىك مەنپەئەتىگە زىيانلىق ئىدىيىلەرنى تارقىتىدۇ. بىز شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى بولغاندىلا ئاندىن ئۇيغۇرنىڭ مۇسۇلمانلىقى بولىدۇ. ئەگەر يەنە 200 يىلدىن كېيىن شىنجاڭدا ئۇيغۇر دېگەن مىللەت بىر مىللەت سۈپىتىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتسا، ئۇ چاغدا شىنجاڭدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىمۇ يوقۇلىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىزنىڭ ماددىي ئاساسى ئالدى بىلەن مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قېلىش. بىزگە نىسبەتەن، كىم ئۇيغۇرنىڭ دۈشمىنى؟ بىز «ئامېركا ئىسلامنىڭ دۈشمىنى» دېيىشتىن ئاۋال بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمىز كېرەك. راستىنلا ئامېركا ئىسلامنىڭ دۈشمىنىمۇ؟ ئامېرىكا ئىسلامنىڭ دۈشمىنى بولغاندىمۇ ئەڭ چوڭ ۋە بىردىن بىر دۈشمىنىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىغا چەكلىمە قويمايدۇ؟ ئۇنىڭ قانۇنلۇق بىر ئېتىقاد ئىكەنلىكىنى قانۇنىي ۋە ئەمىلىي جەھەتتىن تەن ئالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئامېركا مەكتەپلىرىدە ئىسلامىي چۈشەنچىلەر ھەم ئىسلامىي ئىبادەتلەرگە چەكلىمىسىز ئورۇن بېرىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىر قىسىم مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ ئۆز تەۋەسىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلىشىگە قارىشى تۇرىدۇ؟ ئەگەر بىز «ئامېركا ئىسلامنىڭ دۈشمىنى» دەپ قارىساق، ئۇ ھالدا ئىسلامغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان پۇقرالىرىغا شەپقەتسىزلەرچە مۇئامىلىدە بولىۋاتقان، دىننى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت ۋە ھاكىمىيەتلەرنى نېمە دەيمىز؟ ئۆزلىرى مۇسۇلمان تۇرۇپ دۇنيادىكى مۇستەبىت كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ ئۆزلىرى بىلەن بىر دىندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى ئىزىۋاتقان، ئۇلارنى مەڭگۈلۈك قۇللۇقتا قالدۇرۇش، مۇسۇلمانلىقىنى ئەڭ كۇپىرانە شەكىلدە ئاياق ئاستى قىلىش ئۈچۈن پالاقلاۋاتقان دۆلەتلەرنى نېمە دەيمىز؟ ئۇلارنى تاختىبېشىغا ئېلىپ قويىمىزمۇ؟ ئەگەر بىز ھازىرقى شارائىتتا ئامېركا بولمىغان يەر شارىنى تەسەۋۋۇر قىلىدىغان بولساق، نۇرغۇنلىغان ئاجىز مىللەتلەرنىڭ تېنى قورقۇنچتىن شۈركىنىدۇ! بىز بىلىشىمىز كېرەككى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ يوقۇلۇپ كەتمەي قايتا يورۇقلۇققا ئېرىشىشى (سوۋېت ئىتتىپاقىنى دەل ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراتقان تاشقى مالىيە سىياسىتى ھالاك قىلغان)، كوسۇۋۇ مۇسۇلمانلىرى (ئالبانلار) ۋە بوسنىيە، كىرودىيە، خۇرۋاتىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ (سابىق يۇگۇسلاۋىيەدىكى مۇسۇلمان گۇرۇھلار) سېرىب كومۇستىك خاھىشىدىكى مىللەتچىلەرنىڭ قېلىچىدىن ئامان قېلىشى دەل ئاشۇ ئامېرىكىنىڭ بولغانلىقىدىن بولغان. ئەگەر تۇيۇقسىزلا ئامېركا ئۆز قۇدىرىتىنى يوقۇتۇپ قويسا يەنە قانچىلىغان ئاجىز مىللەتلەر ئۆز خوجىسى بولغان كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ قىلىچىغا يەم بولۇپ كېتەر؟ «ئامېركا ئىسلامنىڭ دۈشمىنى» دېگەن بۇ چۈشەنچە ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ سىتىراتىگىيىلىك يۈكسەكلىكىمىزدىن تۇرۇپ چىقىرىلغان چۈشەنچە ئەمەس، بەلكى ئۇ بىزگە غەربىي ئاسىيا مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىدىن كەلگەن. چۈنكى ئۇلار نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئامېركا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ كەلگەن. بولۇپمۇ يېقىنقى 100 يىلغا يېقىن تارىختا ئۇلار بىۋاستە ھالدا ئامېركىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان. شۇڭا ئۇلار دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك رېئال ئەھۋالىنى ۋە مىللىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ «ئامېركا ئىسلامنىڭ دۈشمىنى» دېگەن يەكۈننى چىقارغان. بىراق ئۇلار يەنە ئەنئەنىۋىي غەربىي ئاسىيا مۇسۇلمانلار چەمبىرىكىگە تەۋە بولمىغان باشقا مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېشىغا قانداق كۈلپەتلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرمىگەن ياكى كۆرۈپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭغا كۆز يۇمغان، ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئىسلامنى شەپقەتسىزلەرچە دەپسەندە قىلىشىغا قاراپ تۇرغان، دوست تارتىشىپ، ئىتتىپاقلاشقان. رۇس قوراللىق مۇداخىلىچىلىرى چېچىنىيىگە بېسىپ كىرىپ، جەۋھەر مۇھەممەت تۇردى رەھبەرلىكىدىكى چېچىنىستان جۇمھۇريىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندا، ۋەتەن، ئەركىنلىك ۋە مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلغان چېچىن مۇسۇلمالىرىنى قىرغىن قىلغاندا، سېرىب قوراللىق كۈچلىرى بوسنىيە مۇسۇلمانلىرى ۋە كوسۇۋىدىكى ئالبان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۈستىدىن شەپقەتسىز ئىرقىي يوقۇتۇش قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئاللا تائاللا ياراتقان ئىنسانىيلىقىغا ھەم مۇسۇلمانلىق ئېتىقادىغا تاجاۋۇز قىلغاندا قول قوشتۇرۇپ تاماشا كۆرگەن. شۇ چاغدا ھېچ بىرى مۇسۇلمان مىللەت چۈشەنچىسى بويىچە ئوتتۇرغا چۈشۈپ، ئەشۇ بىچارە مەزلۇم مىللەتلەرگە يار-يۆلەك بولۇپ باقمىغان. بەلكى ئىسلامغا دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان ئەشۇ مۇستەبىت تۈزۈمدىكى دىكتاتۇرا دۆلەتلىرى بىلەن دوست تارتىشقان، ئۆزئارا ياردەملەردە بولۇشقان. نەدە  مۇۇسلمانلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشسە دۆلەت، مىللەت ۋە ئىرق ئايرىماي مېلى ھەم جېنى بىلەن ياردەم قىلىۋاتقان ئىنتايىن ئاز ساندىكى دىنىي گۇرۇھلار ياكى پىدائىي قېرىنداشلار بۇنىڭ سىرىتىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلارمۇ بار، ئەلۋەتتە. خۇددى چېچىنىيە مۇجاھىدلىرى ئارىسىدىكى «كۆك بۆرە» نامى بىلەن ئاتالغان 400 كىشىلىك جەڭگىۋار ئەتىرەت ئەزالىرىغا ئوخشاش.
بىز ئامېركىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىگە قارايدىغان بولساق، ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭدا گەۋدىلەنگىنى ئالدى بىلەن ئىسلامنى يوقۇتىش ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى، ئۆزىنىڭ خام ئەشيا ۋە سىياسىي ئىستىراتىگىيە مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىش، يەھۇدىلارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە مەنپەئەتدارلىق ئورنى بىلەن باغلانغان ئامېركا دۆلەت مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەلقئارا مۇستەبىتلىك ۋە ئىسلام رادىكالىزمىدىن كېلىدىغان تاشقى تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاندىن قالسا ئۆز قۇدىرىتى ئارقىلىق ئىسلام مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىن خىرستىيان مەدەنىيەت چەمبىرىكىگە كېلىدىغان مەدەنىيەت تەھدىتىنى چەكلەش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، ئامېرىكا ھازىرغىچە ئۆزى بويسۇندۇرغان بىرەر ئوتتۇرا شەرق مەملىكەتلىرىدە ياكى كوسۇۋۇ، بوسنىيە كەبى رايونلاردا ئىسلامنى يوقۇتۇش ئۈچۈن بىرەر ھەرىكەت قوللانغىنى يوق. يەنە كېلىپ ئەگەر ئامېرىكىنىڭ ئىسلام دىنىنى يوقۇتۇش مۇددىئاسى بولسا ئاۋال ئۆز دۆلىتىدە چەكلەپ، ئاندىن باشقا دۆلەتلەردە يوقۇتۇشقا ئاتلانغان بولاتتى. بوسنىيە، كوسۇۋۇ كەبى مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئۈچۈن ياردەم بەرمىگەن بولاتتى.
8› مۆتىدىل مىللەت قارىشىدىكىلەرنى «ئەدىپ» ھېسابلاشقا بولىدۇ.
چۈنكى، ئۇلار مىللىتىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي مەۋجۇتلۇقى بىلەن مىڭ يىللىق دىنىي مەۋجۇتلۇقىنى، مىللىي تۇيغۇسى بىلەن دىنىي تۇيغۇسىنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى، مىللەت ھەم ئۇنىڭ مىللىي روھى بىلەن ئۇنىڭ ئىلاھىي ھەقىقەتلەرگە تويۇنغان دىنىي روھىنى توغرا ھەم مۇۋاپىق شەرھىلەپ بېرەلىگەنلەردۇر.
ئۇلار «بىز مىللەت نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر، ئېتىقاد نۇقتىسىدىن مۇسۇلمان. ئۇيغۇرلۇق بىزنىڭ تارىخىي ھەم مەدىنىيەت مەۋجۇتلۇقىمىز، مۇسۇلمانلىق بىزنىڭ دىنىي ئېتىقاد ھەم روھىي مەۋجۇتلۇقىمىز، دىنىي مەۋجۇتلۇقىمىز مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ شۇنداقلا ئۇ يەنە بىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ، جۈملىدىن سۇتۇق بۇغىراخان دەۋرىدىن كېيىنكى مىڭ يىللىق تارىخىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ، چۈشەنچە ۋە دۇنياقارىشىمىزنىڭ، تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاقىمىزنىڭ، شەيىئى- ھادىسىلەرنى كۆزىتىش، باھا بېرىش ۋە مەسىلىلە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىمىزنىڭ قات-قاتلىرىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، مىللىيلىكنى مەنىۋىي مۇكەممەللەككە ھەم يۈكسەك دەرىجىدىكى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ» دەپ قارايدۇ. بۇ توپتىكىلىلەرنىڭ ئىدىيۋى-قاراشلىرىنىڭ بىر قىسىمى 7-نۇقتىدا تەپسىلىي ئوتتۇرغا قويۇلغان بولغاچقا، بۇ يەردە قايتا ئوتتۇرغا قويمايمەن.
3. بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەدىبلىرىمىز قانداق چۈشەنچىگە ئىگە بولىشى كېرەك؟
1› ئۇيغۇر بىلەن مۇسۇلمانلىق، دىن بىلەن پەن قارىمۇ-قارىشى ئەمەس، بەلكى، ئۇلار ئۆزئارا تولوقلاشچانلىققا، ئىگىرى سۈرۈشچانلىققا ئىگە بولغان بىر پۈتۈن گەۋدە، بۇلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىشكە قەتتئىي بولمايدۇ، دەپ قارايدىغان ئدىيە بويىچە بىرلىككە كېلىشى كېرەك.
ئۇيغۇر ئىنسان تۈركۈمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلدى ھەم ئۇ ئۆز قەلبىنى ئاللاھنىڭ نۇرىغا-ئىسلام ھەقىقەتلىرىگە تاپشۇردى. نەتىجىدە ئۇيغۇرنىڭ قەلبى ئىسلامىي ھەقىقەتلەرنىڭ ماكانىغا ئايلاندى. ئىسلامىي ھەقىقەتلەر ئۇيغۇرنىڭ قەلبىنى پاكلىققا، روشەنلىككە، كۈرەشكە، ئاللانىڭ يولىغا باشلىدى. ئۇيغۇر روھى بىلەن ئىسلام روھى ئۇيغۇرنىڭ ۋۇجۇدىدا بىرلەشتى، توغرۇسى ئىسلام روھى ئۇيغۇرنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۇيغۇر روھىغا سىڭىشىپ كەتتى،  ئۇيغۇر روھىنى ئىلاھىي يۈكسەكلىككە كۆتەردى. شۇڭا ئۇيغۇر قاراخانىيلار ئويغۇنىش دەۋرى بىلەن ناۋائى دەۋرىنى ياراتتى.
ئۇيغۇرلۇق-دىن بىلەن پەننىڭ مەۋجۇتلۇق مەيدانى بولۇپ، ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ مىللىي گەۋدە بولغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىسلامىي ھەقىقەت ۋە پەننىي ئىختىرالار بولىدۇ. ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ مىللىي گەۋدە بولماي تۇرۇپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن ئىبارەت بۇ ئىلاھىي ھەقىقەتلەرنى ئۆز ۋۇجۇدىغا ئۆزلەشتۈرگەن ھەم دىلى ۋە قىلىقلىرىدا نامايەن قىلغان دىنىي گەۋدىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرنىڭ مىللىي گەۋدىسىگە ئۇنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخى ھەم بۇ تارىخ جەريانىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرى، يەكۈنلىگەن ھايات چۈشەنچىلىرى، كەلگۈسى ئىنتىلىشلىرى ھەم ئارزۇ-ئارمانلىرى، ئىجادىي مۇۋەپەقىيەتلىرى، شۇنداقلا تۈرلۈك ئىلاھىي چۈشەنچىلىرى مۇجەسسەملەشكەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئىگە بولغان تۈرلۈك ئىلاھىي چۈشەنچىلەر ئىچىدە ئەڭ ئەۋزىلى، يىگانە ئاللاھ تەرىپىدىن مۇتلەق ھەقىقەت سۈپىتىدە ۋۇجۇتقا كەلتۈرلۈپ، ئۇنىڭ ئەلچىسى، يەر يۈزىنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن ئىنسانلار ئارىسىغا تارقىتىلغان، ئۇيغۇرنىڭ مىڭ يىللىق بارلىقىغا سىڭىپ، ئۇنىڭ پۈتكۈل روھى دۇنياسىغا ئايلانغان، بۈگۈنكى ھاياتى ۋە كەلگۈسى مەۋجۇتلۇق يولىدا ئۇنى ئۆزلىكىگە مەھكەم يېپىشتۇرغان نۇرانە مەشئەل بولغان ئىسلام دىنىدۇر.
بىزنىڭ دىنىمىز ئىسلام. ئۇ ئىلاھىي ھەقىقەتلەرگە ھەم بۈيۈك مۆجىزىلەرگە تويۇنغان بولۇپ، تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا روھىي مۇكەممەللىككە ھەم ئىلمىي مۆجىزىلەرگە تويۇنغان دىندۇر. ئۇيغۇر ئىسلام نۇرى ئارقىلىقلا ئۆزىنى ھەقىقىي يوسۇندا پاكلاپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلاردىن بولۇپ، مىللىي بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، بۈيۈك ئارزۇلار يولىدا بارلىقىنى قۇربان قىلالايدىغان ئالى روھقا ئىگە بولالايدۇ، مۇستەھكەم ئىرادە قورغانى ھاسىل قىلالايدۇ. ئىسلامنىڭ ئۇلۇغلۇقى، بىر تەرەپتىن  ئۇنىڭ ئىنسانلار قەلبىنى پاكلاپ، روھىي مۇقەددەسلىككە ئىگە قىلغانلىقى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئىلىم مۆجىزىلىرىگە تويۇنغانلىقىدۇر. ئاللاھ تائالا ئاۋال ئىنسانلار ئىگە بولۇشنى ئىستىگەن ھەرقانداق نەرسە تېپىلىدىغان، شۇنداقال، ئىنسانلار «كەشىپ قىلدۇق» دەپ قارىغان ھەم بۇنىڭدىن كېيىن «كەشىپ قىلماقچى» بولغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ تەقلىدىي مودېللىرى تەييار بولغان كائىناتنى ياراتتى، ئاندىن جىسمانىي جەھەتتىن مۇكەممەل بولغان، ئەقلىي كامىللىققا ئىگە ئىنساننى ياراتتى. ئاخىرىدا ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابلارنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ياراتتى. پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاستىسى ۋە بۈيۈك كىتابلارنىڭ يول باشلىشى ئاساسىدا ئىنسانلارنى بۇ دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك يولىدا پىكىر قىلدۇردى، ھەرىكەتكە چىللىدى. مانا بۇ ئىسلامنىڭ بۈيۈك مۆجىزىلىرىدۇر. شۇڭا ئىسلامنى پەنگە قارىشى دېيىش ئۆتۈپ كەتكەن ھاماقەتلىكتۇر. دىن ۋە پەن يولىدۇ پىكىر قىلىش، پىكىرنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش ئىسلامنى قانات قىلغان ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئالىي بۇرچىدۇر.
ئۇيغۇر ئاللا تەرىپىدىن يارىتىلدى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئاللانىڭ مۇھىم ئىككى مۆجىزىسى دىن ۋە پەن ئورۇن ئالدى ھەم ئۇنى روھىي ۋە ماددىي مۇكەممەللىككە يېتەكلىدى.
دىن ئۇيغۇرنى روھىي پۈتۈنلۈككە ۋە مۇكەممەللىككە باشلىدى، پەننى ئىدىيۋى يۆنىلىش بىلەن تەمىنلىدى.
پەن يەنە ئۇيغۇرنى ماددىي ھاياتلىق قۇدىرىتىگە ئىگە قىلىدۇ، «قۇرئان كېرىم» دىكى مۆجىزىلەرنى كۈچلۈك ئاساسلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
2› ئۇيغۇر ئەدىبلىرىدە تىل بىلەن دىل بىرلىكى بولۇش، تىلدا دېگەننى، يېزىق ئارقىلىق ئىپادە قىلغاننى ئەمەلدە كۆرسىتىش، تىلدا بىر خىل، دىلدا بىر خىل بولماسلىق. مەيلى تىل بولسۇن، مەيلى دىل بولسۇن ھارامنى ئارىلاشتۇرماسلىق. تىلدا قاتتىق ئويلۇنىش، ئۇنىڭ شەكلەن ھالىتى ۋە ماھىيەتلىك ھالىتىگە، ھازىرقى ھالىتى ۋە كەلگۈسى ھالىتىگە، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ چۈشۈنۈش ئىقتىدارىغا، ئومومىيلىق بىلەن ئايرىمىلىققا، ھەققانىيەتلىكلىكى ۋە پىرىنسىپاللىقىغا، پاكىت ۋە رېئالنى ئاساسىغا دىققەت قىلىش. ئىرادىنى ھەرىكەتكە، غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئىستىكى ۋە جاسارىتى بولۇش. يامانغا يانتاياق بولماسلىق، ھەقىقەتنى يەرگە ئۇرماسلىق كېرەك.
3› ئەستايىدىللىققا، كۆزۈتىشكە، پىكىر قىلىشقا، لوگىكىلىق يەكۈن چىقىرىشقا، پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، ھېسسىياتقا چەك قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىش. ئەتىراپىدىكى ھەر بىر شەيئى ۋە ئۆزگىرىشكە، ئۇنىڭ تارىخىي ھالىتى، ھازىرقى ھالىتى ۋە كەلگۈسى يۈزلىنىشىگە دىققەت قىلىش. ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تۇيغۇسىغا ۋە پىكىرىگە ئىگە بولۇش كېرەك.
4› ئۇيغۇرنىڭ مىللىي ۋە مۇسۇلمانلىق مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن كۆزۈتۈش، ئويلاش، ئوتتۇرغا قويۇش. مەۋجۇتلۇقي ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق بولسا قىلىش، ئۇنداق بولمىسا قىلماسلىق. ئۇيغۇرغا پايدىلىق بولمىسا، ئۇيغۇر سۆيدى، ياخشى كۆردى، قوللىدى، ئىجاد قىلدى دەپلا قىلىۋەرمەسلىك. ئۇيغۇرنىڭ، مۇسۇلمانچە دەپ قويسا ئىشىنىۋەرمەسلىك كېرەك.
ئۇيغۇر «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدە ئۆزلىرى كىملىكىنىمۇ بىلمەيدىغان نامەلۇم كىشىلەرنى «قوغدايمىز»، «يوقۇتىمىز» دەپ ئۆزئارا ئۇر-چاپ قىلىشتى، كۈنىمىزدە يەنە ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا بىر قىسىم ئازغۇن سەنئەت تالانتىلىقلىرىنى باشلىرىغا ئېلىپ كۆتۈرۈشتى، بىر قىسىم كىشىلەر ساقال قويغانلىقى ئۈچۈنلا جەمىئىيەتتىكى خېلى ئۇقۇمۇشلۇق تەقۋادارلىرىمىز جېنىدا شەكىل بىلەن ماھىيەتكە ئېتىبار بەرمەستىن ئۇلارنى بىر پۈتۈن مىللىي توپتىن ئايرىپ چىقىپ، «مۇسۇلمان» دەپ ئاتاپ، ساقالسىزلارنى «كاپىر» غا، «ئۇيغۇر» غا چىقىرىشتى. ھەتتا، نومۇس قىلماستىن، «ساقاللىق» لار بىلەن «ساقالسىز» لار ئۇرۇشۇپ قالسا، «ئاۋۇ يەردە مانچە مۇسۇلمان بىلەن مانچە ئۇيغۇر ئۇرۇشۇپ قاپتۇ» دەپ يۈرۈشتى. ئەشۇ «ساقاللىقلار» نىڭ بىر قىسىمىنىڭ تار كوچىلاردا نېمىش قىلىۋاتقانلىقى، ئازغىنا جان بېقىش پۇلى ئۈچۈن كىملەرنى سېتىپ يۈرگەنلىكى بىلەن كارى يوق، تۈرلۈك دىنىي مەرتىۋە-ئۇتۇغاتلارنى بېرىپ، كەينىدىن سوكۇلداشتى. بىر قىسىم يېمەكلىكلەرگە «مۇسۇلمانچە» خېتىنى يېزىپ قويغانلىقى ئۈچۈنلا، تەركىبى بىلەن ھېسابلاشماستىن ھەم جەمىئىيەتتىكى كۆپتىن خەۋەردار، مەسۇليەت تۇيغۇسى كۈچلۈك كىشىلىرىمىزنىڭ تەكرار ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پىسەنت قىلماستىن ئىستىمال قىلىۋېرىشتى. 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيىسى ۋە قىزىلسۇنىڭ ئاقچى ناھىيىسى تەۋەسىدە بىر بۆلۈك كىشىلەر بىدەتلىكنى ئۆزىگە نەزىريىۋى ئاساس قىلغان «خالى دىنى» دەيدىغان بىر نېمىنى ئوتتۇرغا چىقىرىۋىدى نۇرغۇن كىشىلەر «ئۇيغۇرلار يېڭى بىر دىن ئىجاد قىلدى» دەپ ھاياجانغا چۈشۈشتى. تېخىمۇ قىزىقارلىقى، پۈتۈن دۇنيا پەن-تېخنىكا ساھەسىدە مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىل ياساشنىڭ مۈمكىنسىزلىكى تالاي سىناقلار ئارقىلىق ئىسپاتلانغىلى نەچچە ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، خېلى تەربىيە كۆرگەن، ئالى مەلۇماتلىق، يەنە كېلىپ تەبىئىي پەن ساھەسىدە ئوقۇغان بىرقىسىم كىشىلىرىمىز «بىر ئۇيغۇر مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىل ياساپ چىقىپتۇ» دەپ جەمىئىيەت قىزىق نۇقتا ساھەسىدە ئومومىي پىكىر ئېقىمى شەكىللەندۈردى.
5› مەسىلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشتە سوغۇققان، ئەستايىدىل بولۇش، مەسىلە ھەل قىلىشتا قىزغىن، ئەتىراپلىق بولۇش. مەۋجۇتلۇق مەسىلىسىدە  قەتتىئىي ئىككىلىنىپ ئولتۇرماسلىق، مىللىي ئىتتىپاقلىققا چېتىلىدىغان، پىرىنسىپقا ياتمايدىغان مەسىلىدە ئۆزئارا تالاش-تارتىشنى تۈگۈتۈپ، يول قويۇش. ئېھتىياتچان بولدۇم دەپ قورقۇنچاقلىق ۋە ئارىسالدىلىق قىلماسلىق. يول قويمايدىغان يەردە يۈز-خاتىرە قىلماسلىق كېرەك.
6› بىر تارقاق مىللىي توپنى بىرىكتۈرۈپ مۇستەقىل مىللەت گەۋدىسىگە ئايالندۇرالايدىغان ھەم بۇ توپنىڭ كۆزقاراش، سۆز، ھەرىكەتلىرىنى تىزگىنلەپ، ھەممە ئېتىراپ قىلغان يولغا باشلىيالايدىغان، يولۇققان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئالىي مىزانغا ئايلاندۇرۇلغان توغىرا ئىلاھىي ئېتىقاد، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا توپلىغان تەبىئەت ۋە دۇنيانى تونۇشتىكى ئاساسىي يول ۋە چۈشەنچىلەر، ئۆزىگە بولغان تونۇش  مائارىپ، ۋەتەن قارىشى، ئىدىيىلەر توقۇنىشىدىكى ھەق-ناھەق تۇيغۇسى، ئۆلۈم چۈشەنچىسى ئورنىتىش كېرەك.
مېنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرىم ھازىرچە مۇشۇنچىلىك. تولوقلايدىغانلار ياكى خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا ئىلمىي نۇقتىدىن پىكىر بېرىپ تۈزىتىدىغانلار بولسا قارىشى ئالىمەن. ئىلمىيسىزلىك ۋە پاكىتسىز ھالدا تالاش-تارتىش قىلىش ھەم ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنى ھاقارەتلەش مەنىئىي قىلىنىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن ئاتتىلادىن!

مەنبە: قەلىمىم

1

تېما

0

دوست

4944

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   98.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1129
تۆھپە : 753
توردىكى ۋاقتى: 330
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 23:03:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
...كەڭ تورداشلارنىڭ ئىنكاس يېزىشقا ئالدىراپ كەتمەي، ئاۋال تەپسىلىي ئوقۇپ، ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ، مىللەت، ئېتىقاد، تارىخىي ئەمىلىيەت ھەم رېئاللىقنىڭ تارازىسىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن بىرنەرسە دېيىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن....

___
بۇ يازمىنى ياقتۇردۇم، كۆچۈرىۋالدىم.

قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

0

دوست

4944

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   98.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1129
تۆھپە : 753
توردىكى ۋاقتى: 330
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 23:03:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
...كەڭ تورداشلارنىڭ ئىنكاس يېزىشقا ئالدىراپ كەتمەي، ئاۋال تەپسىلىي ئوقۇپ، ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ، مىللەت، ئېتىقاد، تارىخىي ئەمىلىيەت ھەم رېئاللىقنىڭ تارازىسىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن بىرنەرسە دېيىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن....

___
بۇ يازمىنى ياقتۇردۇم، كۆچۈرىۋالدىم.

0

تېما

3

دوست

3362

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14246
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 540
تۆھپە : 663
توردىكى ۋاقتى: 415
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 23:38:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغۇز   ئەقلى  جەھەتتە   قانائەتلىنىش  رىئال  دۇنيادا  ھىچنەرسىنى  ئۆزگەرتەلمەيدۇ  .

0

تېما

3

دوست

3362

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14246
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 540
تۆھپە : 663
توردىكى ۋاقتى: 415
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 23:39:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغۇز   ئەقلى  جەھەتتە   قانائەتلىنىش  رىئال  دۇنيادا  ھىچنەرسىنى  ئۆزگەرتەلمەيدۇ  .

0

تېما

2

دوست

641

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   28.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14817
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 136
تۆھپە : 127
توردىكى ۋاقتى: 120
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 00:00:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم-پەنگە تايىنىپ يېڭىلىق يارىتىش مۈمكىن،لېكىن ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تەس.ھەر قانداق بىر مىللەتتە ئىدىيە ئەركىنلىگى ئومۇملاشقاندىلا ،ئاندىن ھەقىقىي روھىي مەدەتكە ئىگە بولىدۇ.

1

تېما

5

دوست

5968

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   19.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8084
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1137
تۆھپە : 1059
توردىكى ۋاقتى: 298
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 00:09:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاتىللا ئەپەندىم .
مەن سىزگە ئوخشاش يازغۇچى ئەمەس .ئادەتتىكى بىر زىيالى .شۇڭا ئىنكاسىىمدىكى مەقسەتنى   دىگەندەك يورىتىپ بېرەلمەسلىكىم مومىكن.تۈزىتىپ ئوقىيارسىز.
مۇنبەر-بىلىم ئالماشتۇرۇش سورۇنى بولغاچ مېنىڭمۇ سىزنىڭ تىمىڭىزدىكى بەزى نوقتىلاردا سىز بىلەن ئورتاقلىشىپ باققۇم كەلدى.
مەن بىز مۇسۇلمان بولغاچ، تىمىڭىزدىكى ئۆزەمگە ،مۇسۇلمانلار ئەقىدىسىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان نۇقتىدىلا پىكرىمىنى ئوتتۇرغا قويىمەن.

7› پان ئەرەبىزم ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيسىدىكىلەرنى «ئەدىپ» دېيىشكە بولمايدۇ.
«دۇنيادا ئۇيغۇر دەيدىغان مىللەت يوق، مۇسۇلمان مىللەت دەيدىغان بىرلا مىللەت بار،  دىن ھەممىنى ھەل قىلىدۇ، باشقىسى بىكار، ئامېرىكا بىزنىڭ دۈشمىنىمىز» دەيدىغان پان ئەرەبىزمچىلىق ياكى دىنىي ئاشقۇنلۇق خاھىشى.
چۈنكى، بىرىنچىدىن، ئۇلار مىللەتنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق مىللىي مەدەنىيەتنى ۋە شۇ مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىمىزنى يوققا چىقىرىدۇ، خەلقىمىزنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى شان-شەرەپ ۋە قان-ياشقا تولغان ھاياتلىق مۇساپىسىگە كۆز يۇمىدۇ.
ئىككىنچىدىن، «مۇسۇلمان مىللەت» بايرىقى ئاستىدا پان ئەرەبىزملىق ئىدىيسىنى بازارغا سالىدۇ. بىز ئەستايىدىل قارايدىغان بولساق، دۇنيادا مۇسۇلمان مىللەت دەيدىغان مىللەت يوق، پەقەت مۇسۇلمانلار دەيدىغان بىر توپ بار. ئۇ تۈرلۈك مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان دىنىي قېرىنداشلاردىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئىچىدە چوڭراق مىللىي توپلاردىن ئەرەب، تۈرك، پارس، كورد، پەنجاپ، ھەبەش... قاتارلىق مىللەتلەر بار. ئىسلام زالالەت ئىچىدىن نۇر چېچىپ، مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىزنىڭ دالالىتى ئارقىلىق قايتا يورۇقلۇققا چىققان دەۋرلەردە، ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ھەرقايسى مىللەتلەر بىر-بىرىنىڭ ئىسلامغا زىت بولمىغان مەدەنىيەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشىپ، بىر-بىرىنىڭ مىللىيلىكىنى ئىنكار قىلىشماي قېرىنداش بولغان ھەم ئۆم-ئىناق ھالدا بىرگە ياشىغان. مۇھەممەد پەيغەمبەر، ...

1.سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنى مۇسۇلمان دەپ تونۇيسىز.
شۇنداق بولغانىكەن تىمىڭىزدا مۇبارەك پەيغەمبېرىمىز -ئىنسانىيەتنى جاھىلىيەت قاراڭغۇلىقىدىن ،ئىسلام يورۇقلۇقىغا ئېلىپ چىققان ئۇلۇغ ئىنساننى، تېگىشلىك ھۆرمەت نامى بىلەن ئاتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ،ياكى ھېچ بولمىغاندا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
دىگەندەك .چۈنكى بۇنداق قىلمىغان كىشىنى (يەنى ئىسمى تىلغا ئېلىنسا دۇرۇت،سالام يوللىمىغان كىشىنى،جانابى پەيغەمبېرىىمز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم  «ئەڭ بىخىل كىشى» (چۈنكى ئۇ كىشى دەسمى سالماي تۇرۇپمۇبىر ئېغىز گەپ بىلەن  كاتتا ئەجىر ئالىدىغان ئىشقا بىخىللىق قىلغان)دەپ كۆرسەتكەن.
بەلكىم بۇنى بىلمەي قالغانسىز ،كىيىن دىققەت قىلىڭ.
چۈنكى بۇنداق ئاتالمىسا بۇ-غەيرى مۇسۇلماننىڭ سۆزىگە ئوخشاپ قالىدۇ.

2.ساغلام ئەقىدىلىك مۇسۇلمان دۇنيادا ئىككىلا مىللەت بار دىمەيدۇ.
دۇنيادا نەچچە مىڭ مىللەت بار.
ئەمما بەزى دىندار كىشىلىرىمىز دەۋاتقان« مىللەت »سۆزى -شەرىئەت  ئىستىلايىمىزدىكى دىنى ئەقىدىنى، يولنى كۆرسىتىدۇ.ھەرگىزمۇ ھازىرقى كىشىلەر تونۇۋاتقان ؛ئۇرتاق تىل،مەدەنىيەت،تىرىتورىيە،ۋە دىن،ئۆرپ ئادەتتىن  تەشكىل تاپقان بىر پۈتۈن جامەئەنى كۆرسەتمەيدۇ.
بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا دۇنيادا ئىككىلا مىللەت (ئىككى خىل ئەقىدە،ئىككى خىل يول )بار دىيىش خاتا ئەمەس.
دىمەك مەسىلىگە قاراش نوقتىسى ئوخشىمىغانلىقتىن ئۆز-ئارا چۈشەنمەسلىك كېلىپ چىققان.
3.كىم بىز مۇسۇلمانلارنىڭ  دىنىمىزنى چەكلەيدىكەن،توسقۇنلۇق قىلىدىكەن ئۇ بىزنىڭ دۈشمىنىمىز.
ئەگەر ئامرىكا شۇنداق قىلسا ئامرىكا،ئافغانىستان شۇنداق قىلسا ئافغانىستان...
ئامرىكا ئافغانىستان مۇسۇلمانلىرىغا،ئىراق مۇسۇلمانلىرىغا زىيانكەشلىك قىلدى !
پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئازاپ-ئۇقۇبىتىگە رازى بولدى،(ئامرىكا بۇلارنى خاتىرجەم قىلالايتى،ئەمما قىلمىدى)
پۈتۈن مۇسۇلمانلار بىر پۈتۈن بەدەنگە ئوخشايمىز،بىر يېرىمىز جاراھەتلەنسە ھەممە يېرىمىز بىئارام بولغانغا ئوخشاش  دىنى قېرىنداشلىرىمىزغا زىيانكەشلىك قىلغان دۆلەتنى بىزمۇ ياقتۇرمايمىز.
بۇ قانداقمۇ پان ئەرەبىزىم بولسۇن!
بۇ  بەلكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانى بۇرچى.
4.راست بەزەن كىشىلەردە دىنى ئاشقۇنلۇق قارىشى مەۋجۇت.
لىكىن مەنپەتىمىزگە ،ھاۋايى ھەۋىسىمىزگە قارشى مەيداندا تۇرغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاشقۇنغا چىقىرىشمۇ ئالدىراقسانلىق بولسا كېرەك.
بىزمۇ ئكزىمىزدىن سوراپ باقساق بولىدۇ.
راست مەندىمۇ گۇناھ بارمۇ يوق؟مەن نىمىشقا بۇ دۇنياغا كەلدىم .بۇ دۇنيانىڭ سورىقى بولماسمۇ؟
......

ئاخىردا مەنمۇ ئەسكەرتەي.
مەن بىرسىنى ھاقارەتلىمگەن ئىكەنمەن.چىرايلىق مۇنازىرىلەشسەك.
كۆز قارشىمىز ياقمىسا مەيدانمىزدا قالساق بولىدۇ.
ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭ ھەممە گېپىم توغرا بولىشى ناتايىن.چىرايلىق تۈزىتىش
بەرسىڭىز خوش بولىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

1

تېما

5

دوست

5968

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   19.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8084
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1137
تۆھپە : 1059
توردىكى ۋاقتى: 298
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 00:09:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاتىللا ئەپەندىم .
مەن سىزگە ئوخشاش يازغۇچى ئەمەس .ئادەتتىكى بىر زىيالى .شۇڭا ئىنكاسىىمدىكى مەقسەتنى   دىگەندەك يورىتىپ بېرەلمەسلىكىم مومىكن.تۈزىتىپ ئوقىيارسىز.
مۇنبەر-بىلىم ئالماشتۇرۇش سورۇنى بولغاچ مېنىڭمۇ سىزنىڭ تىمىڭىزدىكى بەزى نوقتىلاردا سىز بىلەن ئورتاقلىشىپ باققۇم كەلدى.
مەن بىز مۇسۇلمان بولغاچ، تىمىڭىزدىكى ئۆزەمگە ،مۇسۇلمانلار ئەقىدىسىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان نۇقتىدىلا پىكرىمىنى ئوتتۇرغا قويىمەن.

7› پان ئەرەبىزم ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيسىدىكىلەرنى «ئەدىپ» دېيىشكە بولمايدۇ.
«دۇنيادا ئۇيغۇر دەيدىغان مىللەت يوق، مۇسۇلمان مىللەت دەيدىغان بىرلا مىللەت بار،  دىن ھەممىنى ھەل قىلىدۇ، باشقىسى بىكار، ئامېرىكا بىزنىڭ دۈشمىنىمىز» دەيدىغان پان ئەرەبىزمچىلىق ياكى دىنىي ئاشقۇنلۇق خاھىشى.
چۈنكى، بىرىنچىدىن، ئۇلار مىللەتنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق مىللىي مەدەنىيەتنى ۋە شۇ مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىمىزنى يوققا چىقىرىدۇ، خەلقىمىزنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى شان-شەرەپ ۋە قان-ياشقا تولغان ھاياتلىق مۇساپىسىگە كۆز يۇمىدۇ.
ئىككىنچىدىن، «مۇسۇلمان مىللەت» بايرىقى ئاستىدا پان ئەرەبىزملىق ئىدىيسىنى بازارغا سالىدۇ. بىز ئەستايىدىل قارايدىغان بولساق، دۇنيادا مۇسۇلمان مىللەت دەيدىغان مىللەت يوق، پەقەت مۇسۇلمانلار دەيدىغان بىر توپ بار. ئۇ تۈرلۈك مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان دىنىي قېرىنداشلاردىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئىچىدە چوڭراق مىللىي توپلاردىن ئەرەب، تۈرك، پارس، كورد، پەنجاپ، ھەبەش... قاتارلىق مىللەتلەر بار. ئىسلام زالالەت ئىچىدىن نۇر چېچىپ، مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىزنىڭ دالالىتى ئارقىلىق قايتا يورۇقلۇققا چىققان دەۋرلەردە، ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ھەرقايسى مىللەتلەر بىر-بىرىنىڭ ئىسلامغا زىت بولمىغان مەدەنىيەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشىپ، بىر-بىرىنىڭ مىللىيلىكىنى ئىنكار قىلىشماي قېرىنداش بولغان ھەم ئۆم-ئىناق ھالدا بىرگە ياشىغان. مۇھەممەد پەيغەمبەر، ...

1.سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنى مۇسۇلمان دەپ تونۇيسىز.
شۇنداق بولغانىكەن تىمىڭىزدا مۇبارەك پەيغەمبېرىمىز -ئىنسانىيەتنى جاھىلىيەت قاراڭغۇلىقىدىن ،ئىسلام يورۇقلۇقىغا ئېلىپ چىققان ئۇلۇغ ئىنساننى، تېگىشلىك ھۆرمەت نامى بىلەن ئاتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ،ياكى ھېچ بولمىغاندا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
دىگەندەك .چۈنكى بۇنداق قىلمىغان كىشىنى (يەنى ئىسمى تىلغا ئېلىنسا دۇرۇت،سالام يوللىمىغان كىشىنى،جانابى پەيغەمبېرىىمز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم  «ئەڭ بىخىل كىشى» (چۈنكى ئۇ كىشى دەسمى سالماي تۇرۇپمۇبىر ئېغىز گەپ بىلەن  كاتتا ئەجىر ئالىدىغان ئىشقا بىخىللىق قىلغان)دەپ كۆرسەتكەن.
بەلكىم بۇنى بىلمەي قالغانسىز ،كىيىن دىققەت قىلىڭ.
چۈنكى بۇنداق ئاتالمىسا بۇ-غەيرى مۇسۇلماننىڭ سۆزىگە ئوخشاپ قالىدۇ.

2.ساغلام ئەقىدىلىك مۇسۇلمان دۇنيادا ئىككىلا مىللەت بار دىمەيدۇ.
دۇنيادا نەچچە مىڭ مىللەت بار.
ئەمما بەزى دىندار كىشىلىرىمىز دەۋاتقان« مىللەت »سۆزى -شەرىئەت  ئىستىلايىمىزدىكى دىنى ئەقىدىنى، يولنى كۆرسىتىدۇ.ھەرگىزمۇ ھازىرقى كىشىلەر تونۇۋاتقان ؛ئۇرتاق تىل،مەدەنىيەت،تىرىتورىيە،ۋە دىن،ئۆرپ ئادەتتىن  تەشكىل تاپقان بىر پۈتۈن جامەئەنى كۆرسەتمەيدۇ.
بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا دۇنيادا ئىككىلا مىللەت (ئىككى خىل ئەقىدە،ئىككى خىل يول )بار دىيىش خاتا ئەمەس.
دىمەك مەسىلىگە قاراش نوقتىسى ئوخشىمىغانلىقتىن ئۆز-ئارا چۈشەنمەسلىك كېلىپ چىققان.
3.كىم بىز مۇسۇلمانلارنىڭ  دىنىمىزنى چەكلەيدىكەن،توسقۇنلۇق قىلىدىكەن ئۇ بىزنىڭ دۈشمىنىمىز.
ئەگەر ئامرىكا شۇنداق قىلسا ئامرىكا،ئافغانىستان شۇنداق قىلسا ئافغانىستان...
ئامرىكا ئافغانىستان مۇسۇلمانلىرىغا،ئىراق مۇسۇلمانلىرىغا زىيانكەشلىك قىلدى !
پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئازاپ-ئۇقۇبىتىگە رازى بولدى،(ئامرىكا بۇلارنى خاتىرجەم قىلالايتى،ئەمما قىلمىدى)
پۈتۈن مۇسۇلمانلار بىر پۈتۈن بەدەنگە ئوخشايمىز،بىر يېرىمىز جاراھەتلەنسە ھەممە يېرىمىز بىئارام بولغانغا ئوخشاش  دىنى قېرىنداشلىرىمىزغا زىيانكەشلىك قىلغان دۆلەتنى بىزمۇ ياقتۇرمايمىز.
بۇ قانداقمۇ پان ئەرەبىزىم بولسۇن!
بۇ  بەلكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانى بۇرچى.
4.راست بەزەن كىشىلەردە دىنى ئاشقۇنلۇق قارىشى مەۋجۇت.
لىكىن مەنپەتىمىزگە ،ھاۋايى ھەۋىسىمىزگە قارشى مەيداندا تۇرغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاشقۇنغا چىقىرىشمۇ ئالدىراقسانلىق بولسا كېرەك.
بىزمۇ ئكزىمىزدىن سوراپ باقساق بولىدۇ.
راست مەندىمۇ گۇناھ بارمۇ يوق؟مەن نىمىشقا بۇ دۇنياغا كەلدىم .بۇ دۇنيانىڭ سورىقى بولماسمۇ؟
......

ئاخىردا مەنمۇ ئەسكەرتەي.
مەن بىرسىنى ھاقارەتلىمگەن ئىكەنمەن.چىرايلىق مۇنازىرىلەشسەك.
كۆز قارشىمىز ياقمىسا مەيدانمىزدا قالساق بولىدۇ.
ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭ ھەممە گېپىم توغرا بولىشى ناتايىن.چىرايلىق تۈزىتىش
بەرسىڭىز خوش بولىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

0

تېما

0

دوست

58

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   19.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12728
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 14
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 00:26:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقشي

0

تېما

0

دوست

1312

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   31.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13513
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 154
تۆھپە : 309
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 01:28:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق بىر تېما كەم بولىۋاتقان بۇ مۇنبەرگە، سىزگە كۆپ رەخمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )