- تىزىملاتقان
- 2012-5-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1459
- نادىر
- 0
- يازما
- 44
ئۆسۈش
45.9%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
بايا تورنى ئىچىپ ئادىتىم بويىچە باغداش مۇنبىرىنى ئىچىپ قارىسام مۇنبەردىن دائىملىق ئەزالىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىم ھەققىدە بىر قىسقا ئۇچۇر كەپتۇ،باغداش مۇنبىرىگە رەھمەت.
باغداش مۇنبىرىگە دائىم كىرىپ تۇرىدىغانغا باھانەم شۇكى مۇنبەرگە جەمىيىتىمىزدىكى ئىجتىمائى مەسىلىلەرنىڭ كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇشۇ مۇنبەرنىڭ شۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولىشىغا سەھنە بولغانلىقىدا بولسا كىرەك،بۇنىڭ مىسالى <ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش يولىدا>،<بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ زارى>....ۋەھاكازالار،بۇلارغا ھەممىمىز شاھىد بولدۇق.
مەنمۇ خىلىدىن بىرى ئويلۇنۇپ مەن ۋە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن قىرىنداشلار ئوپمۇ-ئوخشاش،ئورتاق يولۇقۇۋاتقان بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بىقىش خىيالىدا بۇ تىمامنى يىزىپ باقتىم.
خوش، تىمام يەنىلا شۇ غۇلغۇلا بولىۋاتقان شوپۇرلۇق ئىمتىھانى توغرىسىدا.(تۆۋەندە ئوتتۇرىغا قويىدىغىنىم پەقەت A3ۋە A1ئىمتىھانلىرى توغرىسىدا)
قەشقەر ئاپتومبىل ۋە قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى قانۇننى قانداق ئىجرا قىلىۋاتىدۇ؟
مەن 2011يىلى A3شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئىلىشقا ئىلتىماس قىلغان،نەزەرىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەندىن كىيىن تا ھازىرغىچە ئەمەلىيەت ئامبار يۆتكەش تۈرى ئىمتىھاندىن <ئۆتەلمەي> كىلىۋاتىمەن، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىك بولۇپ تۇرىدىغان نورمال ئىشلار،لىكىن شۇ ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ تىخنىكىسىغا تايىنىپ توغرا يول بىلەن ئۆتەلمىسىمۇ نورمال ئىش بولامدۇ؟ 2 يىلدىن بىرى مەن بىلەن تەڭ ئىمتىھان بىرىۋاتقان ئىمتىھانداشلىرىمنىڭ ئىچىدە دەرىجە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىمتىھان بىرىۋاتقانلار بار.ئۇلار بىلەن ھەممە ئىمتىھاننى ئىمتىھانغا ئورۇنلاشتۇرغان بىر ئاپتۇبۇستا ئوخشاش بىرىمىز،ئۇلارنىڭ ئالدىنىڭ 16-17يىللىق شوپۇرلۇق تەجرىبىسى بار،ئۇلار نىمىشقا توغرا يول بىلەن ئۆتەلمەيدۇ؟
مەن سەۋەبنى ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىكى يوچوقلارغا باغلاپ چۈشەندىم.ھۆكۈمەتنىڭ قاتناش ۋاستىلىرى ۋە شوپۇرلارغا قارىتىلغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش سالمىقىنىڭ كۈچىيىشى ئۇلارغا تىخمۇ <<زور پۇرسەتلەرنى ئىلىپ كەلگەن>> بولىشى مۇمكىن.
مەن ئۇلارنىڭ تۈزۈلمىسىنى،ئىش بىجىرىش تەرتىپلىرىنى چۈشەنمەيمەن،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ تەرەپلەردىكى ئەھۋاللارنى قويۇپ تۇرۇپ ئۈزۈم بىۋاستە دۇچ كەلگەن ئىمتىھان بىرىش جەريانىدىكى مەسىلىلەرنى بايان قىلاي.
ئىمتىھان مەركىزىدە ئىمتىھان ئىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى ئاپتوبۇس بار.بىرى يول ئىمتىھانى ئۈچۈن،يەنە بىرى ئامبار يۆتكەش ئىمتىھانى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ ئاپتوبۇسلار ئىنتايىن كونىراپ كەتكەن،دائىم بۇزۇلۇپ تۇرىدۇ،بەلكىم ئىمتىھان مەيدانىغا ئىلىپ كىلىنگەندىن باشلاپ يىللىق تەكشۈتۈش ئۈچۈن تەكشۈرتۈلۈپ باقمىغان بولىشى مۇمكىن، كىسىپ ئىيتالايمەنكى ئاللىقاچان بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن، كىم ئىمتىھان بىرىش ئۈچۈن شۇ ئابتوبۇسقا چىققاندا بۇزۇلۇپ قالسا شۇنى نەس باسىدۇ،<ئوتقاشتەك ئاپتوبۇسنى بۇزۇپ قويغاندىكىن>تۆلەيدىغان ئىشتە! نەق پۇل ئالىدۇ،تالۇن بىرىلمەيدۇ،قىزىقارلىقى ھازىرغىچە <چۇپەيلىشىپ بىر ئىككى يۈزيۇئەنلىك بۇزۇلۇپ باقمىدى> .
ئۇنىڭدىن باشقا ئىمتىھان مەيدانىدىكى ئەسىلەھەلەر،بۇلارنىڭ <بۇزۇلۇش ھەققى تىخمۇ دەھشەت قىممەت>،بۇلار نىمىشقا بۇزۇلۇپ قالىدۇ دەمسىز؟يەنىلا شۇ ئاپتوبۇسقا مۇناسىۋەتلىك،ئاپتوبۇسنىڭ سۈرئىتىنى كونتىرول قىلغىلى بولمايدۇ،خوت، تورموز ۋە ماي ئايرىش كىلاپانلىرى كىرەكتىن چىققان ياكى <ئۆزلىكىدىن شۇنداق تەڭشىلىپ قالغان>.
يالغۇز مال-مۈلۈككىلا ئەمەس، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگىمۇ زور يوشۇشۇرۇن تەھدىت مەۋجۇت.يۇقارقى ئەھۋاللارنى ئىمتىھان ئالغۇچى ياكى شۇ يەردىكى باشقۇرغۇچىلار ئالدىدا تىلغا ئالىدىغان بولساق گەپنىڭ ئەڭ چىرايلىقى ئاناڭنى....ھارامدىن بولغان......
ئۇنداقتا بۇ ئاپتۇۇسلارنى يىڭىلاشقا ئۇلارنىڭ پۇلى يوقمۇ؟نىمىشقا يىڭىلىمايدۇ؟نىمىشقا ئاپتوبۇسنىڭ تىخنىكىلىق ھالىتى <ئۆزلىكىدىن شۇنداق تەڭشىلىپ> قالىدۇ؟
ئەمسە مەن مۇنداق بىر ھىساپنى قىپباقاي،ھەر قىتىم ئىمتىھانغا ئالدىن كىلىشىشتە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر مۇلازىمەت زالى ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەت بوپكىتىدۇ، ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى نەچچە يۈزگە يىتىدۇ،ئادەتتە بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككى كۈن ئۇدا ئىلىنىدۇ،بىر قىتىم ئۆتەلمىسەك 320يۇئەن قايتا ئىمتىھان بىرىش ھەققى ئىلىنىدۇ،ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەرنىڭ سانى بەش ئادەم بولسا(توغرا يول بىلەن ئۆتتى دەپ تۇرايلى)تەخمىنەن ھىسابلاپ كۆرسەك بولىدۇ <دارامەت> قانچىلىك بولىدىكىن.ئۇندىن باشقا بۇ ئەھۋال ئارقا ئىشىك بىلەن ماڭىدىغانغا يول ئاچمىدى دەپ كىم دىيەلەيدۇ؟ئارقا ئشىكتە مىڭىش ھەققى ئاڭلىسام بىر تۈرنىڭ 15000يۇئەن بولىۋىتىپتىمىش.
دىمەككى بۇ <ئوتقاشتەك ئاپتوبۇسلار ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ناھايىتى مول قىممەت يارىتىۋىتىپتۇ>.ئەھۋال شۇنداق تۇرسا نىمىشقا ئاپتوبۇسنى يىڭىلىغىدۇك؟نىمىشقا <ئۆزلىكىدىن تەڭشىلىپ> قالمىغۇدەك؟
بولدى پەقەت مۇشۇنچىلىك يىزىپ تۇراي،
ئەمدى ئالاقىدار ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىدىغان تورداشلار بولسا،ياكى بىلىدىغانلاردىن سوراپ باقسام، ئىمتىھان ئىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاپتوموبىللار يىللىق تەكشۈرتۈشتىن ئۆتمىسىمۇ بولامدۇ؟ئىمتىھان ئىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاپتوموبىللارنىڭ تىخنىكىلىق ھالىتىگە قويۇلىدىغان ھىچقانداق تەلەپ يوقمۇ؟ يۇقارقى ئەھۋاللار ھەققىدە يەنە قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟ |
|