قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ti-kan

ياپونىيەنىڭ دېڭىز كۈچلىرى-ئاسىيادىكى بىرىنچى دېڭىز ئارمىيىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

540

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15491
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 48
تۆھپە : 134
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 00:39:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
جۇڭگونىڭ دۇنيادا باشقىلارنى قورقىتىدىغان  ئەڭ مەخپىي قورالى «بازار»دۇر.نۇرغۇن دۆلەت جۇڭگو بازارلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ،ئۇندىن قالسا،ئازادلىق ئارمىيىنىڭ يادرو سۇئاستى كېمىسىمۇ قورقۇنۇشلۇق،ئەمما ياپونيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ئىقتىدارى ھەتتا ئا ق ش دىنمۇ يۇقۇرى،2يىلنىڭ ئالدىدا كاۋاساكى ئېغىر سانائىتى ئۇرۇش قىلىش رادىئوسى5000كلومېتىردىن ئاشىدىغان چوڭ تىپتىكى ،سۇ ئاستى كېمىسىگە قارشى رىئاكتىپ ئايرۇپىلاننى غەلبىلىك سىناق قىلدى،ياپون ھۆكۈمىتىمۇ بۇ خىل ئايرۇپىلاننى ئامېرىكىدىن سېتىۋالغان ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇشنى قارار قىلىپ بولدى،ھازىر ياپون ئارمىيىسىدە تەخمىنەن22تۈمەندەك ئادەم بار،ئەمما غەلىتە يېرى بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى كوماندېر،بۇنىڭدىن شۇنى يەكۈنلەشكە بولۇدىكى ئەگەر ياپون ھۆكۈمىتى سىياسىتىنى تەڭشىسە بىرقانچە كۈن ئىچىدىلا 2مىليوندەك قوشۇن يىغىشىدا گەپ يوق،يادرو قورالى ياساش ياپونىيە ئالىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ بىلىمىگە،تېخنىكىسىغا ئاساسلانغاندا ،ئادەم قاراڭغۇ كېچىدە ئاغزىنى تېپىپ تاماق يىيەلىگەندەكلا ئاددىي ئىش،ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيىدە يادرو رىئاكتورى دىگەن يەتكۈچە بار،ئېلىكتىر ئىستانسىسىغا ئىشلىتىش نامىدا40يىلدىن بېرى ئامبارغا يىغىۋالغان يادرو يېقىلغۇسى ھەتتا ئامېرىكىنىڭ زاپاس يادرو يېقىلغۇسىدىن جىقكەن،ئەگەر لازىم بولسا8000-10000غىچە يادرو بومبىسى ياساشقا يېتىپ ئاشىدىكەن،يېراق ئارلىققا توشۇش جەھەتتە ياپونىيىنىڭ توشۇغۇچى راكىتالىرىنىڭ سەۋىيىسى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ،جاسوسلۇق سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ سەۋىيىسىمۇ دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ،قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ قولىدىكى «90-تىپلىق»تايانچ تانكىلىرى 10يىلنىڭ ئالدىدا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار 10تانكىنىڭ بىرى ئىدى،ئەمما يېقىندا ياپونىيە بۇنىڭدىنمۇ ئىلغار زامانىۋىي تانكىسىنى(2000-تىپلىققۇ دەيمەن) ياساپ بولدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ سۈپىتى ئامېرىكا ئارمىيىسىدىن قېلىشمايدۇ (پەقەت ئەمەلىي جەڭ تەجرىبىسىلا كەمچىل)كوماندىرلىرى ئارىسىدا ئېنگىلىزچە ئۇقىدىغانلا ۋە ئالىي مەلۇماتلىقلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ،يېقىندا بېرىلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا خەنزۇ تىلى ئۇقۇدىغان كوماندىرلارمۇ ،ھەتتا مىننەنيۈ( جەنۇبىي فۇجيەن تەلەپپۇزى) بىلىدىغان ئوفېسسېرلامۇ خېلىلا كۆپىيىپ قالغان(س س ت ۋ نىڭ خەۋىرىدە مۇلاھىزە قىلىنغان خەۋەر) ئىشقىلىپ ياپونىيىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.شۇنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەككى ئەگەر جۇڭگو ياپونىيىدىن مۇتلەق ئۈستۈن بولغان بولسا(ھەر تەرەپتىن دىمەكچى) ھەرگىز لىڭتاسمىلىق قىلمىغان بولاتتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگونىڭمۇ ئەتراپ مۇھىتى ياخشى ئەمەس،«ئالىمەن»دەپلا تۇرىدىغان پاكىستاندىن باشقا بىرمۇ جانغا ئەسقاتار دوستى يوق،روسىيە گەرچە ھىجىيىپ قويغان بىلەن ئەمەلىيەتتە جۇڭگودىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىندىستان بىلەن روسىيە جۇڭگونىڭ كۆڭلىگە ئايان بولغان قۇرۇقلۇقتىكى «ئەڭ چوڭ،ئەشەددىي »رەقىپلىرى،شۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن(ئىچكى سەۋەپلەرنى دىگۈم كەلمىدى) جۇڭگو ياپونىيە بىلەن ئالدىراپ ياقا-كاناي سىقىشمايدۇ،پەقەت چامباشچىلارنىڭ تۇتۇشۇشتىن بۇرۇنقى  ئۆز جايىدا سەكرەپ،نەرە تارتىپ،شامالغا مۇشت-پەشۋا ئاتقىنىدەكلە ئىش قىلىدۇ-خالاس.

14

تېما

0

دوست

4627

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11822
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 761
تۆھپە : 929
توردىكى ۋاقتى: 803
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 00:56:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىرىكا ئىراننىڭ نىفىت قاتارلىق مەسۇلاتلارغا ئىختىزادى جازا بىرىۋاتقان مەزگىلدە، پاكىستان
ئىراندىن نىفىت كىرگۇزۇش ئۇچۇن.ئىراندىن پاكىستانغا تۇربا لىنىيەسى تارتىۋاتىدۇ.بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئامىرىكا نارازىلىق بىلدۇردى، بۇلىنىيەنى پاكىستاندىن چوقۇم بىزنىڭ دولىتىمىزگە تارتىدۇ.خەنزۇ تورلاردا مۇنداق بىرماقالە بارتى.؛غەرىپ ئەللىرى ھىندى ئوكيان«مالوجا» بوغىزىنى توسىۋالسا ،جۇڭگۇنىڭ نىفىت ئىنىرگىيەسى پالەچ ئۇرۇنغا چۇشۇپ قالىدۇ . شۇڭلاشقا پاكىستان ئارقىلىق قۇرۇقلۇقتا تۇربا لىنىيەسى تارتىش كىرىك دىگەن.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

14

تېما

0

دوست

4627

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11822
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 761
تۆھپە : 929
توردىكى ۋاقتى: 803
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 01:00:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىرىكا ئىراننىڭ نىفىت قاتارلىق مەسۇلاتلارغا ئىختىزادى جازا بىرىۋاتقان مەزگىلدە، پاكىستان

   يۇقۇرىدىكى ئىنكاسنى مۇناسىۋەتسىز تىمىغا يوللاپتىمەن كەچۇرۇڭلار، بەك خىجىل بولدۇم تورداشلار.

1

تېما

1

دوست

3062

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9619
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 437
تۆھپە : 643
توردىكى ۋاقتى: 304
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 03:17:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇشسا باشقا پىكرىم يوق ، لېكىن مېنىڭ مەھەللەمگە كەپ ئۇرۇشمىسۇن . بىزنىڭ مەلىدىكى باللارنىڭ ئاچچىقى بەك يامان . ھەممىسىنى ئۇرۇپ قوغلىۋېتىشىمىز مۇمكىن .
مېنىڭچە ئۇرۇشنى دېڭىزدا قىلسا چوقۇم قىزىيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر نەق مەيدان خەۋەرلىرىنى تارقىتىش بەكلا ئاسان . دۆلىتىمىز ئۇرۇشۋاتقاندا قىزىق چاي دەملەپ ئۆيدە ئولتۇرۇپ نەق مەيدان خەۋىرى كۆرۈپ كەتسەم .

ANA TILNI KOGDAX HAMMA UYGURN

2

تېما

0

دوست

2080

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9859
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 377
تۆھپە : 376
توردىكى ۋاقتى: 134
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 12:30:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەسەيلەردىن ئاڭلىغان،ئەمەلىيەتتە ئۇلار ياپون،كورىيانلار بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈشنى بەكمۇ ئۈمىت قىلىدىكەن.ئەگەر بۇ ئۈچ مىللەت ئەپ ئۆتەلىسە دۇنيادا بۇلارغا تەڭ كىلەلىگۈدەك كۈچ بولماسمىشكەن.كۈلۈپ كەتتىم ،خەق بۇلارنى پەقەپ كۆزگە ئىلمىسا قانداقمۇ دوست بولۇپ ئۆتسۇن...

12

تېما

0

دوست

856

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   71.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14627
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 50
تۆھپە : 250
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 13:12:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-دۇنيا ئۇرشىدا ئامرىكا ۋە سوۋىت ئىتپاقى ياردەم قىلمىغان بولسا جۇڭگۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى گومىنداڭ دۆلەت ئارمىيسى بولسۇن ياكى كومنىسىتلارنىڭ ئازاتلىق ئارمىيسى بولسۇن ياپۇنلارنى ھازىرغىچە ئۇرۇشسىمۇ يېڭىپ بۇللالمايتى.ھازىر خەن فىلىملىرىدە ساپلا ياپۇنلارنى قىرۋەتكەن لىكىن ئەمىلى ئاساسى يوق سختا كۈرنىشلەر بەكلا چەكتىن ئېشىپ ئىپادىلنىۋاتىدۇ.ئينى ۋاقىتتا ئازاتلىق ئارمىينىڭ يۇقاتقان ياپۇنلىرى ،ياپونلار تەرپىدىن قىرلىپ كەتكەن ئازاتلىق ئارمىيە ئەسكەرلىرنىڭ يۈزدە بىر پىرسەنىتكىمۇ يەتمەسلىكى مومكىن.1949يىلىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار قىرۋەتكەن گومىنداڭنىڭ خەن ئەسكەرلىرنىڭ سانىغىمۇ يەتمەسلىكى مومكىن.ئازاتلىق ئارمىينىەنىڭ قىلغان ئۇرۇشلىرنىڭ نەتىجىسى ئامرىكىنىڭ ياپۇنيەگە تاشلىغان ئاتوم بومبىسچىلىكمۇ بولمىدى.

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

31

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 3312
توردىكى ۋاقتى: 612
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 13:32:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئېرانغا قۇرال كۈچى ئىشلەتمەكچى

ئېراننىڭ كۈنسايىن تېزلىشىۋاتقان ئۇران قۇيۇلدۇرۇش ھەرىكىتى ئالدىدا ، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ ئاگاھلاندۇرۇپ : تېھراننىڭ يادرو پىلانى «يادرو ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى»دىن ھالقىپ كەتكۈلىۋاتىدۇ ، دېدى .
  نىتانىياخۇ ئېروسالىمدا تۇرۇپ سۈنئىي ھەمراھ سىگنالى ئارقىلىق بۇ سۆزلەرنى ئېيتقان بولۇپ ، بۇ ئارقىلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئېرانغا ئىشلەتكەن چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن .
  ئالدىنقى ئايدىكى ئېران يادرو سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، نىتانىياخۇنىڭ بۇ سۆزى ئىسرائىلىيىنىڭ ئېرانغا تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ھەربىي تەھتىد سېلىش ئىستىكىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى .
  نىتانىياخۇ يەنە : ئېران قۇيۇلدۇرۇپ چىققان ئۇران كۈنسايىن كۆپىيىۋاتىدۇ ، بىز چوقۇم ئۇلارنىڭ قۇيۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى توسۇشىمىز كېرەك ، بولمىسا پۇرسەت كېتىپ قالىدۇ . ئېراننىڭ چوڭ دۆلەتلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن يادرو سۆھبىتى ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي ۋاقىتنى سوزۇش ئۈچۈن ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇران قۇيۇلدۇرۇشىغا ۋاقىت چىقىرىۋاتىدۇ ، دېدى . ئۇ يەنە : ئېران رەھبەرلىرى خەلقئارا جەمىئەت مەيلى قانداقلا بېسىم ئىشلەتمىسۇن ، چىشىنى چىشلەپ يادرو پىلانىنى تەرەققى قىلدۇرماقچى ، گەرچە ئېران ب د ت بۇلتۇر بېكىتكەن « يادرو ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى» دىن ھالقىپ كەتمىگەن بولسىمۇ ، لىكىن خەلقئارا جەمىئەت بېسىمنى كۈچەيتمەيدىكەن ، ئۇلار چوقۇم تېز سۈرئەتتە بۇ سىزىقتىن ئۆتۈپ كېتىدۇ ، دېدى .
  ئۇنىڭ دەۋاتقان« يادرو ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى» ئېراننىڭ يادرو قورالى ياسىيالىغۇدەك ئىقتىدارغا ئىگە بولغان ۋاقتىدىن ئىبارەت .
  ئۇ كېيىنكى ئايدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ ، ئەگەر دىپلوماتىيە ۋە چەكلەش تەدبىرلىرى ئېرانغا كار قىلمىسا ، ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش ئېھتىماللىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان .
  ئىگىلىنىشىچە ، ئوباما نىتانىياخۇ بىلەن كۆرۈشۈشـتىن بۇرۇن ، مۇئاۋېن زۇڭتۇڭ بېدىننى ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ئورتاق ئىشلار كومىتىتىنىڭ يىغىنىغا ئەۋەتىش ئارقىلىق ، ئىسرائىلىيىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگەتمەكچى بولغان . چۈنكى بۇ كىشىلەر ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ قېتىمقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئالدىنقى ھۆكۈمەتلەرگە قارىغاندا يىراق دەپ قارايدىكەن ، بېدىن بۇنىڭغا قارىتا : ئىسرائىلىيىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ قانۇنلۇقلىقى ۋە بىزنىڭ ئىسرائىلىيىگە بولغان قوللىشىمىزغا گەپ كەتمەيدۇ ، دېگەن .
  [رېيتېر ئاگېنتلىقى ۋاشىنگتون 4-مارت تېلگىراممىسى] ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ بۈگۈن : دېپلوماتىيە ۋە چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسى ئېراننىڭ يادرو قارا نىيىتىنى توسىيالمايدىكەن ، بىز ھەربىي تەھتىد سېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېراننىڭ يادرو پىلانىنى توسىمىز ، دېگەن .
  ئۇ كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ئورتاق ئىشلار كومىتىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا : گەپ سۆزگە تايىنىپلا ئېراننى توسىغىلى بولمايدۇ ، چەكلەش تەدبىرلىرىمۇ ئېرانغا كار قىلمايدۇ ، چوقۇم ئۈنۈملۈك بولغان ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشىمىز كېرەك ، دېگەن .
  ]ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋاشىنگتون 4-مارت تېلگىراممىسى[ ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بېدىن :ئامېرىكا ئۆز ۋەدىسىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ ، ئەگەر بارلىق چارىلەر ئۈنۈمسىز بولىدىكەن ، ئامېرىكا ئېرانغا ھەربىي كۈچ ئىشلىتىدۇ ، دېگەن . ئۇ يەنە : «زۇڭتۇڭ ئوباما بۇ ئىشتا ھەرگىز قۇرۇق جار سالمايدۇ» دىيىش ئارقىلىق ئىسرائىلىيە خەلقى ۋە ئىسرائىلىينىڭ ئامېرىكىدىكى قوللىغۇچىلىرىغا تەسەللىي بەرگەن .
  بۇ قېتىم ئوباما ئىسرائىلىيىگە بارسا ئۇنىڭ زۇڭتۇڭ بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئىسرائىلىيىدە زىيارەتتە بولىشى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ ، يولغا چىقىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى بېدىن ئىسرائىلىيىنىڭ تەسىرى زور بولغان بىر گورۇھىغا : ئامېرىكا ئېران بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايتتى ، بىراق ھازىر دىپلوماتىيە يولى تاقىلىپ قاغىلىۋاتىدۇ ، دېگەن .
  بېدىن ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ئورتاق ئىشلار كومىتىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا 13 مىڭدىن ئارتۇق ئىسرائىلىيە قوللىغۇچىسىغا نۇتۇق سۆزلەپ ، ئەگەر ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئېرانغا مۇۋاپىق بولغان بارلىق چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ باقمىغان ئەھۋال ئاستىدا قالايمىقان ھەرىكەت قوللانسا ، خەلقئارا جەمىئەت ئالدىدا ئابرويىنىڭ تۆكۈلۈپ كىتىش ئىھتىماللىقىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتقان .  بۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ يەنىلا ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ .  

18

تېما

0

دوست

7679

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   53.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2959
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1690
تۆھپە : 1225
توردىكى ۋاقتى: 673
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 13:41:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ  بەسەيلەرنىڭ جوڭگوسىمۇ بوش  ئەمەس  جۇما بالىلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )