- تىزىملاتقان
- 2013-1-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 161
- نادىر
- 0
- يازما
- 10
ئۆسۈش
53.67%
|
بۈگۈنكى جۇڭگودا ئىشەنچ بىرتۈرلۈك چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى، جۇڭگولۇقلار ئەقىللىي ئىشەنچتىنمۇ مەھرۇم قالدى، پۈتكۈل جەمئىيەت ساختىپەزلىك كەيپىياتىغا تولدى.
ئىشەنچ كىرزىسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىنچىكە ئانالىز قىلغاندا بۇنىڭ مەنبەسىنى ماۋۇ تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: بىرىنچىسى ئىدىئولوگىيەنىڭ سەۋەبى؛ ئىككىنچىسى قانۇن ئاپاراتلىرىنىڭ سەۋەبى؛ ئۈچىنچىسى ئىجتىمائىي ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ سەۋەبى؛ تۆتىنچىسى دىنىي ئىتىقاد مەسىلىسىنىڭ سەۋەبى.
ئىدىئولوگىيە مەسىلىسى. Hobbes نىڭ مۇنداق بىر مەشھۇر سۆزى بار: «مەن شۇبھىلەنمەيمەنكى ، ناۋادا ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يېغىندىسى كۋادراتنىڭ ئىككى تىك بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى بىلەن تەڭ دېگەن قانۇنىيەتنى، ھەرقانداق ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى بىلەن ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بىرقىسىم ئادەملەرنىڭ مەنپەئىتى ئارا توقۇنۇش يۈزبەرگەندە تەدبىقلىساقمۇ، بۇ گەپ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ، ئەمما يەنىلا بىرقىسىم كىشلەربېسىم ھېس قىلىشىپ، چامىنىڭ يېتىشىچە بارلىق گېئومېتىرىيەگە ئائىت كىتابلارنى يېغىپ كۆيدۈرۈپ تاشلاشنىڭ پېيىدە بولىدۇ.»
نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەت مىقىياسىدا نەچچە ئونمىڭ قېتىم يېغىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى، بۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى ئورگانلار ( ھۆكىمەت، ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى) نىڭ ئاممىغا ئىشەنچ بىرەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن بولدى. مەلۇم بىر ۋەقەدىن كېيىن ئەگەر ھۆكىمەتنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكى يۇقىرى بولسا، قالايمىقانچىلىق يۈز بەرمەيدۇ. Arendt شۇنداق دېگەن : «خەلق دائىم شۇنى بايقاپ قالىدۇكى، ئۇزۇن مۇددەتلىك مېڭە يۇيۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ ئېنىق نەتىجە شۇكى كىشلەر ئىجتىمائىي رېئاللىققا جىددىي قارىماسلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ. ئۇلار ھەرقانداق ھەقىقەتنى رەت قىلىدۇ ھەم ئىشەنمەيدۇ. ھەتتا بۇ ھەقىقەت قالتىس ئىشەنچىلىك پاكىتلارغا ئىگە بولسىمۇ ئوخشاش.» جەمئىيىتىمىز شۇنى تەجىرىبىدىن ئۆتكۆزگەنكى بىر خەلق ئەقەللىي ھەقىقەتنى ئاڭقۇرالمايدىغان بىر دەۋردە، خەلق ئۆزىگە تەۋە بولغان ئومۇمى ھوقۇققا نىسبەتەن ئەقەللىي ئىشەنچىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ئېنىق.
يەنە بىرى،قانۇن مېخانىزمى مەسىلىسى. جەمئىيەتنىڭ كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە نىسبەتەن ئۈنۈملۈك بولغان سىرتقى قىلىپ بېكىتىش كۈچىنىڭ ئاجىز بولۇشى، ساختىلىق قىلمىشلىرىغا جازا يۈرگۈزەلمەسلىك، جازا يۈرگۈزگۈچى ئاپاراتلارنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، ساختىلىق قىلمىشلىرىنىڭ تەننەرخىنى تىجەپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زەھەرلىك كالاسۈتى، يۇندا يېغى، ئوغۇرلۇقچە نەشىر قىلىش… دېگەنلەر يايراپ، ئاپەتكە ئايلىنىدۇ. قانۇن مۇكەممەل ۋە ساغلام يۈرگۈزۈلىدىغان جەمئىيەتتە، كىشلەرنىڭ ساختىلىق قىلمىشى تاپقان-تەرگىنىدىن ئايرىلىش بىلەن خاتىمىلىنىدۇ. سەمىمىيەت بىلەن ساختىلىقنى سىلۇشتۇرغاندا، خەلق ئاندىن سەمىمىيەتنى تاللايدۇ. ئەكسىچە بولسا، خەلق ساقالغا يېپىشىپ قالغان نان ئۇۋىقىچىلىك نەپنىڭ قوزغىتىش كۈچى بىلەن ساختىلىقنى تاللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كەسپى دىيانەت ئۈزۈل -كېسىل خاراپ بولىدۇ، جەمئىيەتتە ئىشەنچ يوقىلىدۇ.
ئۈچىنچىسى مەدەنىيەت، ئادەت مەسىلىسىئ. جۇڭگودا ئەۋج ئالغان تونۇشلار جەمئىيىتى بىلەن ناتونۇشلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئامىلە پەرقى سەۋەبىدىن ، ئەجنەبىيلەرنى ئالداشتا ناتونۇش كىشلەرنىڭ ھەرىكىتىدە ئۆزىگە خاس قائىدە-پىرىنسىپلار قۇدرىتىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئادەت فىي شىياۋتوڭ ئوتتۇرىغا قويغان خاتا تەرتىپلىك ئەندىزىنىڭ دەل ئۆزى شۇ. ئۇ خۇددى سۇغا بىرتال تاشنى تاشلىغاندا سۇ يۈزىدە قات -قات چەمبەر ھاسىل بولغانغا ئوخشايدۇ؛ جۇڭگو جەمئىيىتىدە ، ھەربىر كىشى ئۆزىنى يادرو قىلىدۇ، قان-قىرىنداش، ئەر-خوتۇن، دوست-بۇرادەر، تونۇش كىشىلەر قات-قات چەمبەرسىماب كېڭەيگەن، ھەركىم ئۆزى بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ يىراق -يېقىنلىقىغا ئاساسەن مۇناسۋەت بەلگىلەيدۇ. ئىشەنچ پەقەت تونۇش چەمبىرەك ئىچىدىلا بولىدۇ، ناتونۇش كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي ئىشەنچ قىلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياتلار توپىغا نىسبەتەن ساختىپەزلىك قىلىش ھېچقانداق ھەرىكەت قائىدىسىگە خىلاپ بولمايدۇ دەپ تونۇيدۇ.
ناچار تەرتىپلىك ئەندىزە شۇنى ئاشكارىلايدۇكى بىرتۈرلۈك نەمۇنە بولمىش تونۇشلار جەمئىيىتىنىڭ قىممەت قارىشى بولسا : پەقەت تونۇشلار چەمبىرىكى ئىچىدىلا ئىشەنچ مەۋجۈت بولىدۇ، ناتونۇشلار توپىدا بولسا پۈتۈنلەي .ئىشەنچ مەۋجۈت بولمايدۇ.
جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىقنىڭ يەنە بىر مەشھۇر نەزەرىيىسى بار : غەرب بولسا يەككە شەخسنى بىرلىك قىلغان جەمئىيەت، جۇڭگو بولسا ئائىلىنى بىرلىك قىلغان جەمئىيەت، بۇ ناچار تەرتىپلىك ئەندىزىنىڭ مەزمۇنى بىلەن پەرقلەنمەيدۇ.
يەككە شەخس بىرلىك قىلىغان جەمئىيەت ناتونۇشلار جەمئىيىتى، ئائىلىنى بىرلىك قىلغان جەمئىيەت تونۇشلار جەمئىيىتى. ئالدىنقىسىدا كىشلەرنىڭ ھەرىكىتى جەزمەن قانۇنغا تايىنىدۇ، كېيىنكىسىدە بولسا مۇناسىۋەتكە تايىنىدۇ، ئادەم ئىدارە قىلىدۇ.
قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئىشەنچنى شەرت قىلىدۇ، ھەم ئۇيغۇن قانۇن ئارقىلىق ئىشەنچنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ؛ ئادەم ئىدارە قىلىش ئىشەنچنى لازىم قىلمايدۇ، ھەم ئىشەنچنى كاپالەتكە ئىگە قىلغۇدەك ئۈنۈمگە ئىگە قانۇن-تۇزۇمىمۇ بولمايدۇ.
تۆتىنچىسى، دىنىي ئىتىقاد مەسىلىسى. بۇمۇ جۇڭگولۇقلاردا ئىشەنچ مەسىلىسىدە كىرزىسقا پېتىپ قىلشىدىكى مۇھىم سەۋەب. چۈنكى جۇڭگو بىر ئىلاھسىزلاشتۇرۇلغان جەمئىيەت. بىر جۇڭگولۇق ئۆسەك تارقىتىۋاتقاندا ياكى ساختىلىق قىلىۋاتقاندا قەلبىدە قىلچىمۇ ئازابلىنىش تۇيغۇسى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ تۇتۇلۇپ قالمىسىلا، جازالانمايدىغانلىقىنى، دوزاخقا چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدۇ. دوستويوۋسكى (Достоевский) نىڭ مۇنداق بىرجۈملىسى بار : «ئەگەر تەڭرى بولمىسا، نېمە ئىشنى قىلغىلى بولمىسۇن؟» جەمئىيەتنى ساختىلىق قاپلاپلا قالماستىن ، ئۈستى-ئۈستىلەپ يېڭى ۋارىيانتتىكى ساختىلىق نەمۇنىلىرى ئىجاد قىلىندۇ. ساختىلىق قىلىش ئاممىۋى ئادەتكە، ساختىلىق ئومۇمى ھەرىكەتكە ئايلانغاندا جەمئىيەت ئۈزۈل -كېسىل ھالدا ئىشەنچتىن مەھرۇم قالىدۇ.
ئىشەنچ كىرزىسىگە خاتىمە بىرىش ئۈچۈن، بىز چوقۇم ئىدوئولوگىيە، قانۇن ئاپاراتلىرى، ئىجدىمائىي ئادەتلەر ۋە دىنىي ئىتىقاد قاتارلىق تەرەپلەردىن يېڭىلانمىساق بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقىدا ئىشەنچ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىدۇ، بىز ئەنئەنىلەردىكى ياخشى ئامىللارنى قىزىپ چىقىرىپ، قايتىدىن ئىشەنچلىك جەمئىيەت بەرپا قىلمىساق بولمايدۇ.
«شەرق ئاياللىرى» (东方女性) ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان. داداش تەرجىمىسى
|
|