قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: baburshah

نورۇز بايرىمى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

for ark

36

تېما

16

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4793
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 4221
تۆھپە : 3702
توردىكى ۋاقتى: 919
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 23:39:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوپىلاردىنمۇ ئۆتە جاھىل ئىسلامنى چۈشەنمەيدىغان رادىكال ئۇيغۇرلارنىڭ بولغىنىغا قاراپ مۇشۇ كۆنلەرنى كۆرۈۋاتىمىزمىكىن،

27

تېما

2

دوست

4524

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9423
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 682
تۆھپە : 954
توردىكى ۋاقتى: 394
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 02:51:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەسىلىدە سۈكۈت قىلغان ياخشى .....چۈنكى قاراش ‏ئوخشاش  ئەمەس .....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

5

تېما

0

دوست

1487

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   48.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15594
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 86
تۆھپە : 410
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 11:08:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
polat315  گىپىڭىزنىڭ ئورامىدىن ئىسلامنى بەك چۈشىنىدىغان ئوخشايسىز بىزگە ئۈگۈتۈپ قويىڭە بىلىۋالايلى.

21

تېما

0

دوست

2604

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13883
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 260
تۆھپە : 642
توردىكى ۋاقتى: 181
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 11:30:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 نورۇزبايرىمىنىڭ خاسىيەتلىرى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! تىلداش، دىنداش،.قېرىنداشلار!  
بىزنىڭ نورۇز بايرىمىمىز ئاجايىپ خاسىيەتلىك بايرامدۇر. نورۇز بايرىمى خاسىيەتلىرى بەكمۇ كۆپ! مەسىلەن:
  نورۇز بايرىمى تەبىئەت بايرىمىدۇر. بۇ بايرامنى بىزلا ئەمەس پۈتكۈل تەبىئەت تەبرىكلەپ ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىدۇ. نورۇز بايرىمى . ئەمگەك بايرىمىدۇر.چىچەك چوكان پەسلىدە كىلىدىغان  ئاشىق -مەشۇقلار بايرىمىدۇر. شۇنداقلا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ  ئەڭ قەدىمى، خاسىيەتلىك ئەنئەنىۋى يېڭى يىل بايرىمىدۇر. شۇڭا يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىز ئۇلۇغ ئەسىرىدە نورۇز بايرىمى ھەققىدە كۆپ نەزمىلەرنى يازىدۇ. شۇنداقلا بۇكىتابىنى دەل نورۇز بايرىمىدا قاراخانىلارنىڭ شۇچاغدىكى خاقانى ھەسەن بۇغرا خانغا تەقدىم قىلىدۇ. مەھمۇد كاشغەرى بوۋىمىزمۇ نورۇز بايرىمىدا نورۇز بۇلاق بويىغا كىلىپ ھەر يىلى شاگىرىتلىرى بىلەن مۇشائىرىلەر ئېيتىشقان. ئۇلار ھېچقاچان نورۇز بايرىمنى ئىسلام دىنىمىزغا خىلاپ دەپ چەتكە قاقمىغان. ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى، ئىسلام شەرىئتىنى قانۇن قىلغان ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، تۈركىيە قاتارلىق تۈرك جۈمھۇرىيەتلەر بىلەن بىرگە 2011- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىلتىماس قىلىپ، نورۇز بايرىمىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ( غەيرى ماددى مەدەنىيەتلەرنى قوغداش) تۈرىگە كىرگۈزۈپ خەلقىئارالاشتۇرۇپ بۇبايرامنىڭ  ئىسلام دىنىغا زىت ئەمەسلىكىنى. يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلغان. قېرىنداشلار! نورۇز بايرىمىدا ئىسلامغا يات ئىشلار بولسا چىقىرىۋىتىپ، ئىسلام روھى بويىچە بۇ بايرامنى ئۆتكۈزسەك بولىدۇ،  ئۇنداق قىلماي ئەكسىچە خۇددى بىر ھاراق كەش قۇربان ھېيىتنى ھاراق ئىچىپ تەبرىكلىسە، بىز ھاراقكەشنى تەنقىدلىمەي، قۇربان ھېيىتنى تەنقىدلىگەندەك ئەخمىقانە ئىش بولىدۇ! .
بۇ بايرامنىڭ يەنە بىر خاسىيىتى شۇكى  
  بۇبايرام ئەڭ قەدىمىدۇر. قۇربان ھېيت ۋە روزاھېيتىمىز تارىخىغا 1000يىللار ئەتراپىدا بولغان بولسا، نورۇز بايرىمى قەدىمىلىكىدىن ئالەمنىڭ يارىتىلىشىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. مەسىلەن؛ تارىخى ماتىرياللاردا،( ئالەم ئالتە كۈندە يارىتىلدى،ئالتە كۈننىڭ بىرىنچى كۈنى دەل نورۇز كۈنىدۇر. نورۇزكۈنى ھەم قۇياش يارىتىلغان كۈندۇر. يەنەجەننەتتىن يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلگەن ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنڭ تېپىشقان كۈنىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى خاقانى ئوغۇزخان كۆك بۆرىنى ئۇچرىتىپ يورۇقلۇققا چىققان، ھەمدە ئادەم يەيدىغان  بىرمۈڭگۈزلۈك«قىئات»دىگەن ئادەمخور ھايۋاننى ئۆلتۈرۈپ غەلىبە قىلىپ خەلىقنى ئاپەتتىن قۇتقازغان كۈندۇر. شۇنداقلا قىش زىمىستان ئاخىرلىشىپ، ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىشىپ، قۇترىغان كىچە ئۇزىراشتىن توختاپ، كۈندۈزكۈن ئۇزىراشقا باشلاپ، باھار باشلىنىدىغان تۇنجى كۈندۇر)  دىيلگەن. دىمەك بىر ئادەمنىڭ   بالىلىق، ياشلىق، قىرانلىق ، قېرىلىق مەزگىلى بولغاندەك، بىريىلنىڭمۇ باھارى، يازى، كۈ زى، قىشى بولىدۇ. «باھار» دىمەك باشلىنىش  ، يېڭى بىر يىلنىڭ تەبىئىلا  باشلىنىش كۈنلىرى دىمەكتۇر.   نورۇزكۈنلىرى يەنە بارلىق جانۇ-جانلىقلار ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ ئۆز ھاياتلىقى ئۈچۈن ئىش ئەمگىكىنى باشلايدىغان، كۈز سوغۇقتىن قورقۇپ كۆمۈلگەن مىۋىلىك دەرەخلەر ئېچىلىشقا باشلىنىپ ئۆزىنى ياشلايدىغان،   بارلىق تەبىئەت دۇنياسى ھاياتلىقنىڭ پاسىبانى بولغان يېشىللىق تونىنى كىيىشكە ئاتلانغان، ئاجايىپ خاسىيەتلىك كۈنلەردۇر. شۇڭا ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز  3-ئاينى« نورۇزئېيى» نورۇز كۈنىنى، «باھار بايرىمى»، يېڭى يىلنىڭ باشلىنىش كۈنى قىلىپ بىكىتىپ، نورۇز كۈنىدىن باشلاپ ئالتەكۈن ھەرخىل  تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ۋەقىزىقارلىق ئويۇن مەشرەپلەرنى قۇرۇپ، نورۇز ئاشلىرىنى ئىتىپ خوشاللىقىنى پەلەككە ياڭراتقان. دىمەك بۇبايرام قەدىمى زامانلاردىن باشلاپلا خەلقىمىزنىڭ ھاياتىغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن. بىراق شىڭسسەي دەۋرىدە بۇبايرام چەكلەنگەن، مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا يەنە بىرقېتىم تۇنجۇقتۇرۇلغان. 1980-يىللاردىن كىيىن يەنە يورۇقلۇققا چىققان. خەۋەرلەرگە  قارىغاندا  2011-يىلى تۈركىيە ، ئۆزبىكىستان،  قازاقىستان،تۈرىكمەنىستان،قىرغىزىستان،   ئەزەربەيجان، ئىران،تاجىكىستان... قاتارلىق  بىرقىسىم دۆلەتلەرنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن نورۇزبايرىمى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ« غەيرى ماددى-مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش» تۈرىگە كىرگۈزۈلۈپ خەلقارالىق بايرام قىلىپ بىكىتىلىپتۇ.  بۇ ئەلۋەتتە ھەممىمىزنى خوشال قىلىدىغان كاتتا ئىش !

دۇنيادىكى ئۇيغۇر قاتارلىق نۇرغۇن مىللەتلەر يېڭى يىلنىڭ باشلىنىش كۈنى بولغان نورۇز كۈنىنى  بايرام قىلىپ بېكىتكەن. بۇ بايرام مىللىتىمىزنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈش تارىخىدا شەكىللەنگەن.
ئاتا – بوۋىلىرىمىز باھاردا ئوت – گىياھنىڭ ياشناش ھادىسىسىنى ، ئوتخۇر ھايۋانلارنىڭ ئورچۇش دەۋرىنى، شۇنىڭدەك ھەر يىلى يۇلتۇزلارنىڭ ئورنىنى كۈزىتىش ئارقىلىق ، قۇياشنىڭ بىر يىللىق دەۋرىنى ھېسابلاپ يىل بېشىنى ئېنىق بەلگىلىگەن . قۇياشنىڭ ھەمەل بۇرچىغا كىرگەن ۋاقتىنى يىل بېشى قىلغان . دەسلەپتە يېڭى يىلنى ‹‹يىل بېشى›› ياكى ‹‹كۈن تۇغدى››دەپ ئاتىغان بولسا ، 10- ئەسىرلەردىن كېيىنكى ئىرانلىقلارنىڭ ‹‹ نورۇز ›› سۆزىنى قۇبۇل قىلىپ ، باھار بايرىمىنى ‹‹نورۇز›› دەپ ئاتايدىغان بولغان . ‹‹نورۇز›› دىكى ‹‹نو›› يەنى ‹‹نەۋ›› نىڭ تۈپ مەنىسى ‹‹يېڭى››، ‹‹ئېرىغ›› دېگەنلىكتۇر. ‹‹رۇز›› نىڭ مەنىسى ئاپتاپ يەنى قۇياش تۇغۇلۇپ پاتقۇچە يورۇق بولۇپ تۇرىدىغان چاغ ، دېگەنلىكتۇر . دېمەك ، نورۇز يېڭى كۈن ، قۇياش يېڭىۋاشتىن تۇغۇلغان يەنى ياشارغان كۈن ، دېگەندىن ئىبارەت .
نورۇز ئالتاي تىللىرى ۋە ھىندى- ئىران تىللىرىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تىل سىستېمىسىغا تەئەللۇق بولغان ، بىرقانچە خىل تىل ئائىلىسىدە سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ بايرىمى.
نورۇز – باھار بايرىمى ، ئۇزاق ئۆتمۈشتىكى ئاغۇنلىرىمىزدىن باشلىنىپ ، خەلقىمىز ئارىسىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى بايرام. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، نەسىرىدىن رەبغۇزى ، ئەلشىر نەۋائىي قاتارلىق ئىلىم ئۇستىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە نورۇز تەسۋىرلىرى روشەن كۆزگە چېلىقىدۇ . نورۇز يالغۇز دېھقان ، چارۋىچىلارنىڭلا ئەمەس ، ئومۇمىي خەلقنىڭ بايرىمى . خەلقنىڭ قىش – زىمىستاندىن ئامان چىقىپ ، ئىللىق ئاپتاپنى ئارزۇلىغان خوشاللىقىنى ئىپادىلەيدىغان ، ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن زېمىننىڭ كۆركىگە بولغان مۇھەببىتىنى ، ئۆز ئارا ھىممەت – ساخاۋىتىنى ، ئىناقلىقىنى ، بەخىتلىك ئەتىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى گەۋدىلەندۇرىدىغان ئەمگەك بايرىمىدۇر .
خەلقىمىز نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇق ، خاسىيەتلىك بايرام دەپ بىلىدۇ. نورۇز ئالدىدا ۋە مەزگىلىدە ھەرقانداق كىشى ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىدۇ ۋە ئۆزگىلەرنى بۇنىڭغا رىغبەتلەندۇرىدۇ. ئۆتمۈشتىكى ئاغۇنلىرىمىز نورۇزنى خاسىيەتلىك دېگەن چۈشەنچلىرى بويىچە ، كىمكى يىل بېشىدا ، يەنى نورۇز ئەييامىدا ساۋابلىق ئىش قىلسا شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق نېسىپ بولىدۇ ، دەپ بىلەتتى. شۇڭا قەدىمكى زاماندىن تارتىپ ، كىشىلەر يىلنىڭ ئامان-ئېسەن ۋە مەنپەئەتلىك بولۇپ ئۆتۈشىنى ئارزۇلاپ ، نورۇزغا ئاتاپ ھەرخىل ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان . مەسىلەن: ئومۇمىي جامائەت ئۈچۈن پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىلىش ، يەنى مەكتەپ سېلىش، كۆۋرۈك ياساش دېگەندەك. يەنە مۇقەددەس كىتابلارنى كۆچۈرۈش ياكى كۆچۈرگۈزۈش قاتارلىقلارمۇ ئەنە شۇنداق چوڭ ساۋابلىق ئىشلار جۈملىسىدىن ئىدى . ئىسلام دىنى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنمۇ بۇ ئادەت داۋاملاشقان. شۇنداقلا نورۇز ئەيياملىرى تۇغۇلغان بالىلارغا ئوغۇل بولسا ‹‹نورۇز››، ‹‹نۇر››، ‹‹قۇتلۇق››، قىز بولسا ‹‹ئەلانۇر››، ‹‹چىمەن››، ‹‹بوستان››، ‹‹باھار›› دېگەندەك قۇتلۇق كۈننىڭ ئاتلىرى ياكى قۇتلۇق كۈنگە مۇناسىپ چاغ ، گۈل – گىياھ ناملىرىنى قويغان.
بۇ قۇتلۇق كۈنلەردە كىشىلەر ئۆزلىرى ساۋابلىق ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىللە ، بىر- بىرىگە ياخشلىق تىلىشىدۇ . ئۆزئارا يوقلاشقاندا ، سەيلە – تاماشىلاردا ، مەشرەپ – سورۇنلاردا ، نورۇز ئېشى يىگەندە ئامانلىق، ياخشىلىق تىلەنگەن بىيىت – قۇشاقلارنى ئېيتىشىدۇ. ئۇستىكارلار كۆزى پىشقان ۋە قولى چىۋەر شاگىرتلىرىغا ھۈنىرىنىڭ يېڭى بىر ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. بۇرۇنقى زامانلاردا مەدرىستە – مەكتەپلەردە موللىلار تالىپلىرىغا نورۇزنامە يېزىپ بېرەتتى ياكى يازدۇراتتى.
نورۇز كۈنلىرى ھەرخىل سورۇنلار تۈزۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق سەيلىسى بولىدۇ. بۇنىڭ شەكىللىرى ناھايىتى تولا . بۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ‹‹تۇققۇز توقۇ›› يەنى ‹‹تۇققۇز مەرىكە – مۇراسىم›› دېيىلگەن.ئۇلار:
1 . نورۇز ناغرىسى: نورۇز باشلىنىش ھارپىسىدا قىر – يېزىلاردا نورۇز بايرىمى كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ ناغرا – سۇناي چېلىنىدۇ ، ئەل – يۇرت نورۇزغا جابدۇنىدۇ. ھەممە جاي تەنتەنىلىك ھېيت – بايرام تۈسىنى ئالىدۇ .
2 . نورۇز تازىلىقى: نورۇز ئالدىدا باشلىنىدىغان تازىلىق ھەرىكىتى نورۇزنىڭ ھارپا كۈنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ . ئېرىق – ئۆستەڭ، كۆللەرنى تازىلاش، ئېغىل – ئارانلارنى ئېرىغداش، كوزا – ئىدىشلەرنى ئوبدان تازىلاپ، تازا باھار سۈيى بىلەن توشقۇزۇش، ھويلا- ئارام، يول – خامانلارنى سېرىپ – سۈپۈرۈش دېگەندەك.
3 . سوغۇق قوغلاش: ھارپا ئاخشىمى يىگىتلەر توپ- توپ بولۇشۇپ ، ‹‹ساغانغۇ›› يەنى ياغ قاچىلاپ پىلىك چىقارغان قاپاقنى كۆيدۇرۇپ ، يۇرت-مەھەللىدىن چىققىنىچە قىر-سەھراغا يۈزلىنىپ سۇغۇق قوغلايدۇ. سۇغۇقنى ھەجۋى قىلىپ قوشاق-بېيت ئېيتىشىدۇ . گۈلخان يېقىپ ، ئەتراپىدا قۇيۇن ئۇسسۇلى ئويناپ چۆرگىلەيدۇ. بۇنىڭدا بىر – بىرىگە تەڭكەش قىلىنغان تۇققۇز داپ چېلىنىدۇ، قىزىقچىلىق قىلىشىدۇ ، باھار قۇشلىرىنى دورايدۇ. تاڭ ئاتاردا سوغۇق قوغلىغۇچىلار يۇرت-مەھەللىگە يانغانلىرىدا، ھەربىر ئۆيلۈك ئۆزھالىغا يارىشا ھەرخىل غىزالارنى ئېتىپ ، ئۆيلىرى ئالدىدا شىرەگە تىزىپ ، ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ سۇغۇق قوغلىغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ھاردۇق ئېشى، دېيىلىدۇ. نورۇز ھارپىسى سۇغۇقنى ئۇزىتىپ قۇيۇش ئۈچۈن سۇغۇق يېمەكلىكلەر يېيىلىدۇ.

4 .يوقلاش: نورۇز كۈنى چۈشكىچە ئاتا- ئانىلارنى ، قېرى – ئاجىز ، مىيىپ ، يېتىم – يېىسرلەرنى ، قەبرىلەرنى يوقلاش بولىدۇ .
5 . نورۇز ئېشى يېيىش: نورۇزدا ھەممەيلەن نورۇز ئېشى يەيدۇ. نورۇز ئېشىنى ئېتىشنىڭمۇ ئۆزىگە خاس يۇسۇنلىرى بولىدۇ .

6 . نورۇز سەيلىسى: نورۇز كۈنىدىكى يوقلاش ئاخىرلىشىپ ، چۈشتىن كېيىن ئۇلۇغ – ئۇششاق ھەممەيلەن سەيلە – تاماشا قىلىشىدۇ ، بۇنىڭدا نۇرغۇن قىزىقارلىق ئويۇن – تاماشا بولىدۇ.
7 . نورۇز يارىش: نورۇزنىڭ يالدۇرقى كۈنى ‹‹يارىش›› يەنى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇ ئاساسەن تەنھەرىكەت پائالىيىتىنى ئاساس قىلىدۇ. مەسىلەن: چېلىشىش، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، دارۋازلىق، يۈگۈرۈش، سەكرەش، ئوقيا ئېتىش، سالغۇ تاشلاش، ئىت-قوچقار، خوراز-كەكلىك سۇقۇشتۇرۇش دېگەندەك.

8 . نورۇزنىڭ ئۈچىنچى كۈنى يۇرت- مەھەللە بويىچە چوڭ مەشرەپ ئۆتكۈزۈلىدۇ.
9 . .
نورۇزنىڭ يەنە بىر مۇھىم خۇسۇسىيىتى شۇكى، بۇ بىرلىك ، ئىناقلىق بايرىمى. ئۆچ – ئاداۋەتلىكلەر، جۈملىدىن ئارىغا سۇغۇقچىلىق چۈشكەن ئەر- خوتۇنلار يارىشىدۇ ياكى ياراشتۇرۇلىدۇ .
دېمەك ، نورۇز ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتنىك ھاياتىدا ئۇزاق يىللارنى باشتىن كەچۈرۈپ ، يىپەك يولى خەلقلىرى ئالاقە تارىخىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان. ئۇ گەرچە يىراق ئۆتمۈشتە تەبىئەت ئىلاھچىلىق ۋە ئاتەشپەرەسلىك پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان بولسىمۇ، داۋاملق راۋاجلىنىش ئاساسىدا ئەنئەنىۋى ئېتنىك مەدەنىيىتىدە تۆۋەندىكىدەك كۆپ قىرلىق، رەڭگارەك فولكلور قاتلىمى ھاسىل قىلغان :
(1) .ئۇ بايرام سۈپىتىدە ‹‹زاراخەتمە››، ‹‹نورۇز ئايەم››، ‹‹سۇمۇلە زاغان››، ‹‹نورۇز كالىندارى››، ‹‹نورۇز كۆكى››، ‹‹نورۇز تامىقى››، ‹‹ سۇمۇلەك ››، ‹‹ نورۇز بۇلاق ››، ‹‹ نورۇز بوۋاي ›› قاتارلىق پائالىيەتلەر تۈركۈمىنى شەكىللەندۇرگەن.
(2) مەشرەپ سۈپىتىدە ‹‹سۇمۇز بەزمىسى››، ‹‹نورۇز مەشرىپى›› ،‹‹ كۆك مەشرىپى››، ››نورۇز بايات››، ‹‹نورۇز بۇرزۇك››، ‹‹نورۇز ناۋا››، ‹‹نورۇز ھۈسەينى››، ‹‹نورۇز خارە››، ‹‹يىپەكچىلەر نورۇز مەشرىپى››، ‹‹نورۇز مۇقامى›› قاتارلىق پائالىيەتلەر تۈركۈمىنى شەكىللەندۇرگەن .
(3) . ئۇ شېئىرىي ماھارەت سۈپىتىدە ‹‹بالىلار نورۇزنامىسى››، ‹‹نورۇز قوشاقلىرى››، ‹‹باھارىيات قەسەملىرى›› قاتارلىق بېيت – بېغىشلىما، ئىجادىيەت سېكىلىنى شەكىلەندۇرگەن .
(4). ئۇ تەنھەركەت سۈپىتىدە كۆپلىگەن ئويۇن- تاماشا ۋە بەيگە پائالىيەتلىرى تۈركۈمىنى شەكىللەندۇرگەن . بۇلارنىڭ ھەر قايسىسى خۇسۇسىيدا مەخسۇس يېزىش مۇمكىن.
شۇڭا نورۇز-ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام ، ئەمگەك بايرىمى، دوستلۇق ، ئىناقلىق بايرىمى، ساۋابلىق بايرىمى، ئامانلق بايرىمى، شادلىق بايرىمىدۇر. ئىشىنىمىزكى، خەلقىمىز ئۇنى ئىناقلىق ۋە زامانىۋى ئاڭنى تەرغىپ قىلغۇچى ھېكمەت ۋە سەنئەت چېچەكلىرى بىلەن بېزەپ ، مىللىي مەدەنىيتىمىزنىڭ نادىر جاھاننامەسى ۋە ئىپتىخارلىق قامۇسىغا ئايلاندۇرغۇسى .

ئاخىرىدا دەيدىغىنىم نورۇز بايرىمى شۇنداق خاسىيەتلىك بايرامدۇر.! ئەگەر بىز نورۇز بايرىمىدىكى بەزى بىر ئىسلام دىنىمىزغا خىلاپ ئىشلارنى كۆرۈپ (نورۇز بايرىمى بىدئەت) دەپ ئىختىلاپ قىلىشساق دۈشمەنلىرىمىزگە ئويۇن قويۇپ بەرگەن بولىمىز! ئىسلام دىنىمىزدا (ئىتىپاقلىق پەرىز! ) يەنە بىرگەپ ئۇلۇغ ئەللامە ئالىم بوۋىللىرىمىز، مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلشىرناۋائى قاتارلىقلار ئەسەرلىرىدە خەلقىمىزنىڭ نورۇز بايرىمنى ئىسلام دىنىغا خىلاپ دىمەي تەبرىكلەپ كەلگەنلىكى نورۇز بايرىمىنىڭ خاسىيەتلىك بايرام ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەڭ مۇھىمى مەھمۇد كاشغەرى بوۋىمىزمۇ ھەريىلى نورۇزبۇلاق بويىغا كىلىپ شاگىرىتلىرى بىلەن نورۇزنامىلەرنى ئوقۇپ بۇلاق سۈيىگە تاشلايدىغانلىقىدەك راۋايەتلەر بار. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىزمۇ شاھانە ئەسىرى (قۇتادغۇبىلىك) تە نورۇز بايرىمى مەدھىلەنگەن شىئېرلارنى يازغان.ھەم قۇتادغۇبىلىك كىتابىنى دەل نورۇز بايرىمىدا ھەسەن بۇغراخانغا تەقدىم قىلغان.! ناسىردىن رابغۇزىمۇ (قىسسەسۇل ئەنبىيا) دىگەن كىتابىدا نورۇزنى مەدھىلىگەن بايانلار بار. ئەگەر ئىسلام دىنىغا خىلاپ بولسا، ئاشۇ ئالىمللىرىمىز ھەرگىزمۇ نورۇزبايرىمىنى ئۆتكۈزۈش دىگۈل ھەتتا تىلغا ئېلىپمۇ قويمىغان بولاتتى!
ئۇنىڭ ئۈستىگە نورۇز بايرىمى ئەجداتلىرىمىز ياشىغان شىمالى مۆتىدىل بەلۋاغدا يەرجاھان ئىللىپ باھار كىلىشكە باشلىغاندا بولغاچقا ئەجداتلىرىمىز بۇ بايرام بىلەن خۇشاللىققا بەخىتكە ئىرىشكەن.
بۇبايرامنىڭ ئەڭ مۇھىم خاسىيىتى شۇكى، نورۇز بايرىمى بارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق باھار بايرىمى بولغاچقا، تۈركى مىللەتلىرىنىڭ ئىتىپاقلىغىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە  پايدىسى بار، دەپ قارايمەن.


           نورۇز
تەبىئەت بايرىمى ئىكەنغۇ ئەسلىدە نورۇز،
قىش ھەيدەش قاينىمى ئىكەنغۇ ئەسلىدە نورۇز.
شۇڭا يىل بېشى بوپتۇ يازنى باشلاپ ئەتراپقا،
ھاياتلىق نۇرى يىشىللىقنى تاشلاپ ئەتراپقا،
كىچە بەك ئۇزىراشتىن توختايدىكەن نورۇزدا،
كۈن ئۇزىراپ گۈلگىلا ئوخشايدىكەن نورۇزدا.
يول باشلاپتۇ ئوغۇزغا بۆرە نورۇز كۈنىدە،
خەلقىمىز ھەم قۇت تاپقان نورۇز بايرام ئۈنىدە.
ئادەم ئاتا ھەم ھاۋا ئۇچراشقان كۈندۇر نورۇز،
شۇڭا ئاشىق ۋىسالغا ھېچ قانماس تۈندۇر نورۇز.
ھەقىقى «ئاشىق بايرىمى»دۇر ئەسلىدە نورۇز،
كىلەر شۇڭلاشقا چىچەك چوكان پەسلىدە نورۇز.
ئالەم يارىتىلغان ئىكەن ھەم نورۇز كۈنىدە،
قۇياشمۇ تەڭ يارىتىلىپتۇ نورۇز تۈنىدە.
شۇڭلاشقا نورۇز بىلەن ئالەم ئىللىپ قىش قاچار،
ئارمانىمىز بەختىمىز كۆك يىشىللىق يۈز ئاچار.
چۆپخورلار سىنىڭ بىلەن يەيدۇ يىشىل چۆپ نورۇز،
خاسىيىتى خىسلىتى ھەم تەرىپى كۆپ نورۇز.




2013-يىلى 3

6

تېما

2

دوست

2376

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15570
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 59
تۆھپە : 728
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 12:14:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ilfat يوللىغان ۋاقتى  2013-3-8 16:06
توغرا ... نورۇزبايرىمى ئىسلام ئەقىدىسىدە رەت قىلىنىدۇ م ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ۋەرەھمۇتىللاھى ۋەبەركاتۇھۇ قېرىندىشىم !
دىنىمىز مۇقەددەس ئىسلام ھەر نەرسىگە ئىلمى دەلىل كۆرسىتىدۇ.  « مىنىڭچە مۇنداق بوپ كىتىسىز » دىگەندەك  سۆزلەر زەئىپدۇر!
تىما يوللىغىنىمغا پۇشايمان قىلىدىغان تەرەپلەرنى ئىلمىي دەلىلەپ بەرگەن بولسىڭىز
مەرھەمەت!

5

تېما

0

دوست

1487

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   48.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15594
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 86
تۆھپە : 410
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 12:31:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە....... مۇنداق كەندە دىنىمىز ھەرنەرسىگە ئىلمى قارايدىكەن ئەمەسمۇ ئەمسە مۇشۇ 3.8مارت خانىم قىزلار بايرىمىغا دىنىمىز قانداق قارا بۇبايرامنىڭ مۇ خاسىيىتى بار ئانىلىرىمىزنى يوقلايمىز دىنغا چىتىشمايدۇ ئانمىزنىڭ كۆڭلى خوش بولىدۇ. ئەمسە شۇ بايرامنىمۇ ئۆتكۈزەيلى.

يىڭى يىل بايرىمىمۇ يىڭى بىر يىلنىڭ كەلگىنىنىڭ بىشارىتى بۇبايرامدا كىشىلەر ئىشنى يىڭىدىن باشلاشقا نىيەت قىلىدۇ. يامان ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈشكە بەل باغلايدۇ. ئەمسە شۇنىمۇ ئۆتكۈزىلى.

5

تېما

0

دوست

1487

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   48.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15594
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 86
تۆھپە : 410
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 12:32:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركەتۇھۇ

5

تېما

0

دوست

1487

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   48.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15594
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 86
تۆھپە : 410
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 12:34:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە بايراملارنى تىگىدىن سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك دىنىمىزغا چىتىشميدىكەن پايدىلىق يېرى باركەن ئەمسە ھەممە بايرامنى ئۆتكۈزسەك بولارمۇ ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )