- تىزىملاتقان
- 2011-12-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-22
- ھوقۇقى
- 100
- جۇغلانما
- 21372
- نادىر
- 2
- يازما
- 1202
ئۆسۈش
100%
|
شىنجاڭ كورلا ئالتۇن ئۈچ بۇرجەكتە ۋەقە يۈز بەردى
داگوڭ تورى 3-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرى:
7-چېسلا چۈشتىن كېيىن،شىنجاڭ كورلا شەھرىدەپىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ،4ئادەم ئۆلۈپ 8ئادەم يارلانغان.نۆۋەتتە ، بېجىڭدا ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ھۆكۈمەت باياناتچىسى خوۋ خەن مىن بۇ خەۋەرنى دەلىللىدى،لېكىن زىيانلانغۇچى ۋە جىنايەت گۇماندارىنىڭ مىللەت تەركىبى قاتارلىق تەپسىلاتىنى ئاشكارلىمىدى.
بىلىشىمىزچە،ۋەقە 7 چېسلا چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 12لەردە يۈز بەرگەن، كورلا شەھەر ئاۋات بۆلىكىدىكى ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك سودا رايونىدىكى مەلۇم مەيخانىدا،ئېغىر توپلىشىپ ئۇرۇشۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.بىر نەچچە ياش پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ،4ئادەم ئۆلۈپ 8ئادەم يارلانغان.ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن كورلىنىڭ تېلىۋىزىرىيە ئىستانسسى دەرھال بۇ خەۋەرنى تارقاتقان.
«ئەدەبى مەلۇمات»ۋاستىسىدا شىنجاڭ ۋە كورلىدىكى تەپسىلاتىنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىنىشىچە،گۇماندار بولسا ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ياش ئىكەن،ئۆلگۈچى بىر ئوغۇل ۋە ئىككى قىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ بۇلار خەنزۇ مىللىتىدىن ئىكەن.نۆۋەتتە بىر ئۇيغۇر گۇماندار تۇتۇلۇپ تۇرۇلماقتا،ئىككىسى قېچىپ كەتكەن بولۇپ،ھازىر قوغلاپ تۇتۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىكەن.
غەرىب ئاخپارات ۋاستىللىرىمۇ بۇ ئىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ،تەپسىلى خەۋەر بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ب ب س نىڭ خەنزۇچە تور خەۋىرىدە ،ئۆلگۈچى تاللا بازىرىنىڭ ئىككى ئايال خادىمى،خەنزۇ،ئوتتۇرىچە يېشى 21 ياش.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر خەنزۇ بالا ئۆلتۈرۈلدى دەپ خەۋەر بەرگەن.
ئامىرىكا ئاگىنلىقى 8 چېسلادىكى چىقارغان بىر خەۋىرىدە،كورلىلىق يەرلىك بىرەيلەننىڭ ئېيتىشىچە،دېلو بىر قېتىملىق قىمار تالاش تارتىشىدىن كېلىپ چىققان،گۇماندار قىماردا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ دەرھال پىچاق كۆتۈرۈپ ئادەم چانىغان.خەۋەردە بۇ دېلونى ئادەتتىكى جىنايى ئىشلار دېلوسىغا تەۋە دېگەن.لېكىن ۋەقەنىڭ زىللىق دەرىجىسىنى كۆزدە تۇتۇپ ھۇجۇمغا ئۇچىرىغۇچىنىڭ مىللەت تەركىبىنى ئاشكارلىمىغان.يەنە بەزى ئاخپارات ۋاستىللىرى بۇنى بىر قېتىملىق مىللى توقۇنۇش دېلۇسى دەپ خەۋەر بەردى.ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ۋە سەۋەبى توغرىسدا يەرلىك ھۆكۈمەت تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ئاشكارلىمىغان.
داگۇڭ تورىنىڭ مۇخپىرى 7 چېسلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنى زىيارەت قىلغاندا ،ئۇ مۇخپىرغا :بەزى تەسىرى يامان زوراۋانلىق دېلوسى بۇ ئىككى يىل ئىچىدە كۆرۈنەرلىك ئازلىدى دېگەن.
نۇر بەكىرى يەنە،شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشى ئۇزۇن مەزگىللىك،ئۆتكۈر،مۇرەككەپ بولۇپ قىسمەن دېلولار سەۋەبىدىن شىنجاڭنىڭ پۈتۈن موقۇملىقىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ دېگەن.
تەھرىرى :جاڭ يۈ
|
|