- تىزىملاتقان
- 2013-1-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4413
- نادىر
- 0
- يازما
- 471
ئۆسۈش
80.43%
|
لوگىكىلىق تەپەككۈر قىلىدىغان بولساق، ھىجىرىيە 2-ئەسىردە ئوتتۇرىغا چىققان تەسەۋۋۇپ بىدئەت دېيىلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا، كۈنىمىزدە ئىسلامىي ئېنىستوتلاردا ئوقۇتىلىۋاتقان تەپسىر، ئاقائىد، ھەدىسشۇناسلىق، ئىسلام تارىخى، فىقىھ (شەرىئەت ئىلمى)، ھۆسنىخەت، كالام، پەلسەپە ..... قاتارلىق ئىلىملەر ھەممىسى بىدئەت بولۇشى كېرەك. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز ياشىغان زاماندا بۇ ئىلىملەر يوق ئىدى. ھەدىس كىتابلىرى بىدئەت بولۇشى كېرەك، چۈنكى بۇلارمۇ پەيغەمبىرىمىز، ساھابىلەر، تابىئىنلەر زامانىدا يېزىلمىغان.
بىر نەرسىنىڭ سىستېمىلاشتۇرۇلۇپ يېزىلماسلىقى، مۇنتىزىم ئىلىم ھالىتىگە كەلمىگەنلىكى، كىتابلاشتۇرۇلمىغانلىقى، بۇنداق بىر ئىلىمنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىگە دەلىل بولالمىغىنىدەك، تەپسىر، فىقىھ، ھەدىس ئىلمىنىڭ كېيىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقى بۇ ئىلىملەرنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالمايدۇ. شۇنىڭدەك، پەيغەمبىرىمىز ھايات ۋاقتىدا قۇرئاننى تەپسىر قىلغان، ھەدىس سۆزلىگەن، ساھابىلەر بۇنى يادلىغان، فىقىھتا تەتقىقات ئوبيىكتى بولىدىغان مەسىلىلەرنى ئەھكام ئايەتلىرى بىلەن ھەل قىلغان. دېمەك، فىقىھ، ھەدىس، تەپسىر ھەممىسى شۇ زاماندا مەۋجۇت ئىدى، پەقەت مەكتەپلەردە ئايرىم ئايرىم ئىلىم سۈپىتىدە ئوقۇتۇلىشى ھىجىرىيە 2-3-ئەسىردىن كېيىن مۇنتىزىم يولغا قويۇلغان. تەسەۋۋۇپمۇ مانا مۇشۇنداق. پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەسجىدە نەبەۋىدە ئەسھابى سۇففاغا دەرس بەرگەنلىكى، شۇ ئەسھابى سۇففانىڭ كېيىنكى سۇپىيلارنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكى، پەيغەمبىرىمىز ئۇلارغا ئۆگەتكەن باتىنىي ئىلىملەر (نەپسىنى پاكلاش مېتودى)نىڭ ھىجىرىيە 2-ئەسىردە سىستېمىلىق بىر ئىلىم ياكى مېتود سۈپىتىدە ئىلىمى نەزىرىيە بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئەمەلىيەت. تەسەۋۋۇپمۇ خۇددى تەپسىر ئىلمى، ھەدىس ئىلمى، فىقىھ ئىلمى، ... قاتارلىق ئىسلامىي ئىلىملەرگە ئوخشاش بىر ئىلىم. دىننى شەكىل جەھەتتە چۈشىنىش ئەمەس، ئۇنى روھىغا سىڭدۈرۈپ، ئەمىلىيىتىدە ئىجرا قىلىشنى، ئاللاھقا، رەسۇلۇللاھقا قانداق يېقىنلىشىشنى، دىننى قانداق ياشاشنى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا قانداق ئېرىشىشنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېتودى بىلەن سىستېمىلىق ئۆگىتىدىغان بىر ئىلىم خالاس.
بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدە قېنى كىم بۇ ئىلىم ساھەسىدە مۇنتىزىم ئوقۇپ باقتى؟ ئەرەپچە بىلىدىغانلار كۈرمىڭ، قۇرئان يادلىغانلار كۈرمىڭ، تارىخ ئوقىغانلار كۈرمىڭ. لېكىن تەسەۋۋۇپنى ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىپ، ھە، ئەسلى بۇ مۇنداق ئىكەن دېگۈدەك دەرىجىدە ئىلىم تەھسىل قىلغانلار بارمۇ؟ ماۋزىدۇڭ دېگەن كاپىر چېغىدا «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغان كىشىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق» دەپتىكەن. تەكلىماكاندىكى ئىككى تۆت تال سۇپىينىڭ سىن لىنتىسىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئوقىغان ھۆكمەتلىرىنىڭ مەزمۇنىنى تەكشۈرمەي، سۇپىيلارغا دۈشمەنلىك قىلىدىغانلار يازغان زىددىيەتلىك ماقالىنىڭ فورمىلاسىغا سېلىپلا خەقنى «مۇشرىك» دەيدىغانلار، ئاۋال ئوقۇڭلار. ئوقۇش خوش ياقمىسا، ئەڭ ئاز 10 مۇسۇلمان دۆلەتكە بېرىپ چۆگىلەپ كېلىڭلار. ھەدىس كىتابلىرىدىن «كۇتۇبى سىتتە»دىن باشقا، ئىبنى ماجە، بەيھاقى، تابەرەنى يازغان كەڭ ھەجىمدىكى كىتابلارنى تولۇق ئوقۇڭلار. سىلى ئوقىماي تۇرۇپ، ئىبنى تەيمىييە بىلەن ئابدۇلۋاھابنىڭ سۆزى بىلەنلا ھەممىنى ئىنكار قىلساڭلار، قىيامەتتە ئېغىر زىيان تارتسىلەر. (ئۇ ئىككى كىشى ئالىم بولغان بىلەن پەيغەمبەر ئەمەس). ئەلى ئەسسابۇنى، ئەبۇلھەسەن ئەننەدەۋىي كىم بىلەمسىلەر؟ ئۇلارنىڭ كىتابىنى ۋاراقلاپ باقتىڭلارمۇ؟
|
|