قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3415|ئىنكاس: 23

ئامېرىكا بىلەن مېنىڭ نىمە كارىم!!!!!!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

3

دوست

1927

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   92.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12343
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 101
تۆھپە : 530
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 11:46:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-12 03:17  

تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستېرى مەرھۇم نەجمىددىن ئەرباكاننىڭ تۈركىيە پارلامىنىتىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدىن ئارىيە.



ئەرباكاننىڭ ۋاپاتى:
مەرھۇم نەجمىدىن ئەرباكاننىڭ  (2011-يىل 1-مارت ) ئوقۇلغان جىنازا نامىزىغا تەخمىنەن 1.5 مىليون كىشىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى، ئەمما كەلگەن بەزى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، نامازغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
85 يېشىدا ۋاپات بولغان سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مەرھۇم نەجمىددىن ئەرباكاننىڭ، ئىستانبۇلدىكى فاتىھ جامئىسىدە پىشىن نامىزىدىن كېيىن چۈشۈرۈلگەن جىنازا نامىزىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھگۈل، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، دۆلەت مىنسىتىرى بۈلەنت ئارىنچ قاتارلىق كۆپ ساندا مىىنىستىرلار، پارلامېنىت ئەزالىرى ۋە سىياسىي پارتىيە مەسئۇللىرى بولۇپ تۈركىيىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى، گېنىراللار ۋە 60 دىن كۆپ دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشتى. شۇنداقلا جىنازا نامىزى مۇراسىمى سەۋەبىدىن فاتىھ رايونىنىڭ چوڭ يوللىرىدا قاتناش ۋاستىلىرى تامامەن توختىتىلدى.
نەجمىدىن ئەرباكاننىڭ جىنازىسى ئەنقەرەدىن ئايرۇپىلان بىلەن بۈگۈن ئەتتىگەن سائەت 9:00 دا ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرۇدرومىغا كەلتۈرۈلدى ۋە ئۇ يەردىن ئاپتۇبۇس بىلەن فاتىھ جامئىسىگە كەلتۈرۈلۇپ پىشىن نامىزىدىن كېيىن جىنازا نامىزى چۈشۈرۈلدى.
مەرھۇم نەجمىددىن ئەرباكان پەقەت تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم شەخس ئىدى…. ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھارماي – تالماي كۈرەش قىلدى…. ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقلىرىنى كەچۈرسۇن ۋە ياخشىلىقلارغا ئالماشتۇرۇپ بەرسۇن… ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن!. ئامىين


مەنبە:توردىن ساقلىۋالغانلىرىم.

13

تېما

0

دوست

4047

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11043
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 520
تۆھپە : 892
توردىكى ۋاقتى: 231
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 10:32:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا  ياتقان يېرىنى  جەننەتتە  قىلسۇن !!!!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

802

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   60.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13091
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 93
تۆھپە : 200
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 11:24:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللا  ياتقان  يېرى جەننەتتە  بولسۇن ، بۇنداق كېشىللىرىمىزنىڭ  ئۈزۇلمەي  چېقىپ تۇرۇشىنى  ئۈمۈت  قېلىمەن .

11

تېما

0

دوست

3165

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12750
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 426
تۆھپە : 689
توردىكى ۋاقتى: 180
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 11:41:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتلىك شىر يۇرەك تۇرۇك ئوغلانىكەنتۇق .ياتقان يېرى جەننەت بولغاي ئامىن ...................ئامىن  

0

تېما

0

دوست

116

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   38.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12327
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 14:03:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا  ياتقان يېرىنى  جەننەتتە  قىلسۇن .................

3

تېما

0

دوست

810

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15334
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 212
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 16:54:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن

قارام سوپى

7

تېما

6

دوست

4413

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14014
يازما سانى: 471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 170
تۆھپە : 1225
توردىكى ۋاقتى: 263
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 17:34:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمىلىيەتتە كۆرگىنىمىزدەك، رەجەپ تەييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇستازى نەجمىددىن ئەرباقان، مەرھۇم نەجمىددىن ئەرباقاننىڭ ئۇستازى نەقشىبەندىيە تەرىقىتىگە مەنسۇپ سۇپى مەھمەز زاھىت قوتقۇ ھەزرەتلىرى.  
يۇنۇس ئەمرە ئىسىملىك مەشھۇر سۇپىينى بەلكىم بىلىشىڭىز مۇمكىن. رەجەپ تەييىپ ئەردوغان قاتارلىقلار ھازىر شاڭخەيدە «يۇنۇش ئەمرە مەدەنىيەت مەركىزى» قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.

قارام سوپى

7

تېما

6

دوست

4413

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14014
يازما سانى: 471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 170
تۆھپە : 1225
توردىكى ۋاقتى: 263
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 17:35:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇپىيلارنى ئاقلىشىمدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قارا قۇيۇق ھالدا بىر تاياقتا ھەيدىلىپ ئۇمۇمىيۈزلۈك ھالدا مۇشرىك قالپىقىنىڭ كىيدۈرۈلۈشىنى ئادالەتسىزلىك ھەمدە گۇناھ دەپ قارايدىغانلىقىم ئۈچۈندۇر. (بەزى سەۋەبلىرىنى سىز يوللىغان «سۇپىزىمنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە» ناملىق تېمىدا بايان قىلدىم، بۇ يەردە تەكرارلىمايمەن.)
بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىمىزدىكى سۇپىيلار ئارىسىدا ھەقىقەتەن بىدئەتچىلەر بار بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى، ئەللىك ئاتمىش يىلدىن بۇيان ئۇلار سىستېمىلىق دىنىي مائارىپ تەربىيىسىدىن مەھرۇم قالدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ، مەسىلەن: 1884-يىلى زۇزۇڭتاڭ يۇرتىمىزنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، بىزنىڭ دىيارىمىزنىڭ باشقا مۇسۇلمان ئەللەر بىلەن بولغان ئالاقىسى، ئىلىم ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشى پاسسىپ ھالەتتە بولدى. (سەۋەبىنى سىزمۇ بىلىسىز). بىر كىشى بىر ئىشنىڭ خاتالىقىنى بىلمەي تۇرۇپ قىلىش بىلەن بىلىپ تۇرۇپ قىلىشنىڭ ھۆكمى ئوخشىمايدۇ. بىزنىڭ بەزى نادان ئۇيغۇر سۇپىيلىرىمىز سىزنىڭ كۆزىڭىزگە شېرىكتەك كۆرۈنگەن بەزى ئىشلارنى قىلسا، دەرھاللا ئۇلارنى مۇشرىكقا چىقىرىپ تىللاپ كەتمەڭ. ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھېچبولمىسا، ئاللاھقا، رەسۇلۇللاھقا، ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىگە بولغان مۇھەببەت، ھۆرمەت ۋە ۋاپادارلىق بار دېمەكچى ئىدىم. مەن مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇلارنى ئاقلىغان. تۈركىيەدە كۆزۈم كۆرگەنلەرنى، مۇشۇ يەردە قەۋرە زىيارىتى قىلىدىغانلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغىنىمنى يازغان ئىدىم. مەن بۇنداق دېيىش بىلەن «ئۆلگەنلەر بىلەن بىللە بولايلى»، «ئۆلۈكنى ئاللاھقا شېرىك قىلايلى» دېمەكچى ئەمەسمەن قېرىندىشىم، (نەئۇزىبىللاھ!). سىزگە نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى چۈشەندۈرەلمىگەن ئوخشايمەن.
مەن شۇنى دېمەكچى: خەنلەر ئىشلىگەن ئاۋۇ فىلىمگە قاراپلا ئۇ سۇپىيلارنى ناھەق تىللىمايلى. چۈنكى،
(1) سىز سۇپىيلارنىڭ يېنىغا بېرىپ قەۋرىدە ياتقان ئۆلۈكتىن نېمە تىلىدىڭلار دەپ سورىدىڭىزمۇ؟ ئۇلار ھاجىتىنى ئۆلۈكتىن سوراپتىمۇ؟ ياكى ئاللاھتىنمۇ؟ ئۇلار ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكىنى ئېتىراب قىلامدۇ؟ سىز ئۇلارغا بۇ ئىشنىڭ خاتالىقىنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئۇلار نېمە دېدى؟ ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسى دەل سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدەكمىكەن؟ پاكىت ئادىل ۋە ئېنىق بولسۇن.
(2) شېھىتلارنىڭ قەۋرىسىنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارغا دۇئا قىلىش يالغۇز بىز ئۇيغۇرلاردىلا بار ئىش ئەمەس. پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسىدا بار بولغان ئىش. لېكىن، نېمىشقا بىز ئۇيغۇرلاردا كۆپتەك كۆرۈنىدۇ؟ سەۋەب، بىزنىڭ قەۋرىستانلىقلىرىمىز شەھەرنىڭ سىرتىغا جايلاشقان. شەھەر مەركىزىگە ئاساسەن جايلاشمىغان. بىر كىشى ئاتايەن شەھەر سىرتىغا چىقىپ زىيارەت قىلىپ كەلسە، بەك چوڭ ئىش قىلغاندەك تۇيۇلىدۇ. لېكىن، تۈركىيەدە قەۋرىستانلىق شەھەرنىڭ ئاۋات يەرلىرىگە، مەركىزىگە جايلاشقانلىرى كۆپرەك. نېمىشقا؟ ئىلگىرىكى ئوسمانلى پادىشاھلىرى كىشىلەر داۋاملىق ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرسۇن، ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ غەپلەتتە قالمىسۇن دەپ قەۋرىستانلىقلارنى شەھەرنىڭ ئاۋات يەرلىرىگە بىنا قىپتىكەن. تۈركىيەدىكى كۆپىنچە قەۋرىستانلىقلار بۆك-باراقسان يېشىل دەرەخلەر، گۈل-چېچەكلەر بىلەن قاپلانغان. ۋاقتى يەتكەنلەر چىقىپ دۇئا قىلىدۇ. بۇنىڭغا قۇرئان، ھەدىستىن دەلىل كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
(3) ئۇلۇغلارنىڭ قەۋرىسىنى زىيارەت قىلىدىغان تۈركلەردىن سورىدىم. قەۋرىدىكىلەردىن بىر نەرسە تىلەمسىلەر؟ دەپ. ئۇلار ھەيران قالدى، بۇ نېمە گەپ؟ دەپ. ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشى، دەلىلىنى يۇقىرىدا يازدىم، تەكرارلىمايمەن.
بىر توردىشىمىزنىڭ دېيىشىچە، بىزنىڭ ئۇيغۇر سۇپىيلار يىلدا بىر ئىككى قېتىم شۇنداق مازارلىقلارغا بارارمىش. «مازار تاۋاپ قىلىش» دېگەن خاتا گەپ دەپ ئويلايمەن، چۈنكى، بىز كەبىدىن باشقا يەرنى تاۋاپ قىلمايدىغان تۇرساق. تۈركچىدە kabir ziyareti قەۋرە زىيارىتى دېيىلىدۇ. ھەرگىز تاۋاب دېگەن گەپنى ئىشلەتمەيدۇ. كەبىنى تاۋاپ قىلىشنى tavaf دەيدۇ. بىزنىڭكىلەر يىلدا بىر ئىككى قېتىم مازارغا بارغانغا بىز شۇنچە تىللاپ تويغۇزىۋەتسەك ئادىللىق بولامدۇ؟ شۇلارمۇ ھەر كۈنى بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيدىغاندۇ؟ ھاجىتىنى ھەر كۈنى ئاللاھتىن تىلەيدىغاندۇ.
(4) فىلىمدە كۆرستىلىگەن ئۇيغۇر سۇپىيلىرىمىز بىرەر ئىنقىلاۋىي قۇرباننىڭ قەۋرىسىگە بارماپتۇ، مىڭ يىل بۇرۇن ياشىغان شېھىت يۈسۈپ قادىرخاننىڭ مازىرىغا بېرىپتۇ. ئۇلار شۇ مازارنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىنى بىلمىسە، كېيىن قاراخانلار دېگەن دۆلەتنىڭ بىزنىڭ رايونىمىزدا قۇرۇلغانلىقى، پادىشاھلارنىڭ قەۋرىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىكەنلىكى پاكىتسىز قالىدۇ. بۇنداق بىر تارىخ نام-نىشانسىز غايىپ بولىدۇ. مەھمۇت قەشغەرىينىڭ بىزنىڭ ئىكەنلىكىنى ئالىملارنىڭ قانداق دەلىللىگەنلىكىنى بىلىسىز (ئۇنىڭ قەۋرىسىنىڭ راست ياكى يالغانلىقىغا، بۇنى ئۇ يەرگە ۋەخپە قىلىپ بېغىشلانغان 200 يىل بۇرۇنقى بىر كىتابقا يېزىلغان بېغىشلىمىغا قاراپ ئېنىقلاپتىكەن). يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەۋرىسىمۇ مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا يۇقاپ كەتكەندە، ئۇيغۇرلاردا بۇنداق كىشى بولمىغان دەپ خەن تارىخچىلار قولىغا قەلەم ئالغاندا، 1945-يىلى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەۋرىسىنىڭ رەسىمىنى تارتىپ كەتكەن بىر تۈركىيەلىك تارىخچى بۇ رەسىمنى كۆرسەتكەن. مۇشۇ بىر تال قەۋرە رەسىمى پاكىتى بىلەن بۇ ئالىمنى ئۇيغۇرلار بىزنىڭ دېيىشكە خەلقئارادا ئىسپات تېپىلدى.....
سىز شۇ سۇپىيلارنى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ مازىرىغا بېرىشتىن توسسىڭىز، يەنە 40-50 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈسۈپ قادىرخاننىڭ مازىرى دەيدىغان بىر يەر يوقايدۇ. خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ 2000 يىلدىن بۇيان ، بۇ يەردە مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇلۇپ باقمىغان دېگەن داۋراڭنى تەستىقلاشقا تۆھپە قوشۇلىدۇ.....
قىسقىسى، پەيغەمبىرىمىزدىن باشقا ھەر قانداق ئىنساننىڭ ئازدۇر-كۆپتۈر خاتالىقى بار. خاتالىقى يوق ئىنسان يوق. ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇنداق رەھىمسىزلىك بىلەن «مۇشرىك» دېمەيلى، ئۇلارغا بۇتقا تازىم قىلمىغاندىكىن. ئۇلارغا توغرىنى چۈشەندۈرەيلى سىلىق تىل بىلەن. ئاڭلىمىسا ئۆزىنىڭ ئىشى دېمەكچىمەن.  فىلىمدىكى سۇپىيلارنى ئاقلىشىمدىكى سەۋەبلىرىم يۇقارقىدەك.
ئەمدى سىزنىڭ «تۈركىيە سۇپىيلارنىڭ قولىدا» دېگەن سۆزىڭىزگە ئىزاھات بېرەي. بۇنداق سۆز ئادەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈشى، زىددىيەتلەشمەسلىكىنى خالىمايدىغانلارنىڭ ئاغزىدىن كۆپرەك چىقىدۇ. سىزمۇ بەلكىم شۇلاردىن ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بەزىلەر ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەت مەزھىپى (شىئەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان) مۇسۇلمانلارنى ئىككى قارشى قۇتۇپقا ئايرىپ ئۇرۇشقا سالماقچى بولىدۇ. بۇنىڭ بىر قۇتۇبى سۇپىيلار، يەنە بىر قۇتۇبى ۋاھابىيلار دەيدىغانلار بار. چۈنكى بۇلارنىڭ بەزى شاخچە مەسىلىلەردىكى ئىجتىھادى، پەتىۋاسىدا روشەن پەرقلەر بار. تۈركىيەنىڭ بەزى پەتىۋاسىنى سەئۇدىدىكى پەتىۋا كومېتىتى رەت قىلىدۇ. سەئۇدىينىڭ پەتىۋاسىنى تۈركىيە ئېتىراب قىلمايدۇ. بۇ ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپنى بەزىلەر «ۋاھابىيلار بىلەن سۇپىيلار» ئارىسىدىكى ئىختىلاپ دەپ كۆرسىتىپ، تۈركىيەنى سۇپىيلار باشقۇرىدۇ دەيدۇ. ئەرەبىستاندىكى ھازىرقى ھاكىمىيەتنى باشقۇرىۋاتقان  سۇئۇد جەمەتنىڭ ھەقىقەتەن نەجىدلىك ئىمام ئابدۇلۋاھھابنىڭ تەبلىغى نەتىجىسىدە ئەرەب خەلقىنى قوزغىتىپ، ئوسمانلى ھاكىمىيىتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولغانلىقى راست. ئوسمانلى دۆلىتى ھىجاز رايونىنى 400 يىل باشقۇرغان. (مەككىدىكى ھەرەم مەسجىدىگە كىرسىڭىز، شۇ ئوسمانلىلار كېڭەيتىپ سالغان چىرايلىق قۇرۇلۇشنى كۆرەلەيسىز). ئۆز ۋاقتىدا ئەرەبىستانغا مەمۇرى ئەمەلدار بولۇپ تەيىنلەنگەن تۈرك مۇسۇلمانلار ئىچىدە سۇپىيلارمۇ بار بولۇپ، بۇلار ئىمام ئابدۇلۋاھھاب قاتارلىقلارنىڭ كۆزىگە «مۇشرىك» بولۇپ كۆرۈنگەن. (راست شۇنداقتۇ، ياكى ئەمەستۇ، بۇلارنى بىلگۈچى ئاللاھ). شۇنىڭ بىلەن نەجىدلىك ئىمام ئابدۇلۋاھھاب ئەرەبىستاندا «ئوسمانلى مۇشرىكلىرى»غا قارشى خەلقنى ئويغىتىپ، دىننىڭ ساپلىقىنى ساقلاش ھەققىدە جانلىق تەبلىغىنى باشلىغان. بۇنىڭغا باي سۇئۇد جەمەتى ئائىلىسى ماددى جەھەتتىن كۆپ ياردەمدە بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى كەينىدە ئەنگىلىيەمۇ ئۇلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن. ھىجازدىكى ئەرەب خەلقىنىڭ «ئوسمانلى تۈرك مۇشرىكلىرى»غا قارشى غازات قىلىشى نەتىجىسىدە، بۇلار ئەرەبىستاننى 400 يىل باشقۇرغان تۈرك «سۇپىي مۇشرىكلار»نى پاك-پاكىز تازىلاپ يۇقىتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىئوردانىيە، سۈرىيە، يەمەن، لىۋان.... قاتارلىق دۆلەتلەر مۇستەقىل بولغان. ئوسمانلى جان تىكىپ قوغدىغان پەلەستىنمۇ ئىسرائىلىيەگە قالغان... بۇلار ھەممىسى تارىختا ھەقىقەتەن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر. (سىز ئۇنداق ئەمەستى دېسىڭىز، پاكىتىڭىزنى كەلتۈرسىڭىز بولىدۇ). سۇئۇد جەمەتى ۋاھابىزىم ئىديىسىنىڭ ياردىمى بىلەن مانا مۇشۇنداق تەختكە چىققان. شۇڭا ھازىرقى ئەرەبىستاننى باشقۇرىۋاتقان سۇئۇدى جەمەتى پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇشۇ ئىدىيەنى قوللايدۇ. ئەگەر بۇ ئىدىيەگە ئەگەشكەن ۋاھابى ئەرەبلەر ئۆز ۋاقتىدا ئەرەبىستاننى باشقۇرغان «تۈرك سۇپىي مۇشرىكلارغا قارشى غازات» ئۈچۈن جان تىكىپ ئۇرۇشمىغان بولسا، ئۇ يەرنى بەلكىم ھازىرمۇ ئوسمانلى خەلىپىسى ئىدارە قىلىشى مۇمكىن ئىدى.....
سىز ئوقىغان كىتابلار ھەممىسى شۇ سۇئۇد جەمەتىنىڭ تەختكە چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئىمام ئابدۇلۋاھھاب قاتارلىقلارنىڭ ئىدىيىسى بويىچە يېزىلغان كىتابلار بولغاچقا، سىزگىمۇ سۇپىيلار مۇشرىك بولۇپ كۆرۈنىدۇ. بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. ئۇلاردا ھازىر ھاكىمىيەت بار، نېفىت ساتقان نۇرغۇن پۇل بار. شۇ پۇل بىلەن ئۇلار ئۆز ئىدىيىسىنى دۇنيانىڭ خالىغان تەرىپىگە تارقىتالايدۇ. بۇ ئىدىيە بىلەن مېڭىسى فورماتلانغانلار ئۆزىنى ئەڭ توغرا يولدىمەن، دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ قارىشىغا ئوخشىمايدىغان پىكىر قىلغانلارنى «كاپىر ياكى مۇشرىك» دېيىشتە ئىككىلەنمەيدۇ ياكى شۇلارغا ھەقنى يەتكۈزەتتىم دەپ مۇسۇلمانلار ئارا ئىتتىپاقلىقنى بۇزۇپ ئىختىلاپ، مۇنازىرە پىتنىسىگە ئوت ياقىدۇ.
يەنە بىر گەپ، «تۈركىيە سۇپىيلارنىڭ قولىدا» دەيدىغانلار «سۇپىي بولغانلار دۇنيادىن قول ئۈزۈپ، تەركىي دۇنيا دەرۋىش بولۇپ، مازارلاردا يۈرۈيدۇ، ئىشلىمەيدۇ، بىكار تەلەت، تىلەمچىلىك قىلىپ جان باقىدۇ» دەيدىغان قاراشنى ئىنكار قىلىدۇ. سۇپىي دېگەن دەرۋىش بولۇپ مازاردا يۈرسە، قانداقمۇ دۆلەت باشلىقى بولۇپ ئەلنى ئىدارە قىلالىسۇن؟ لېكىن ئەمىلىيەتتە كۆرگىنىمىزدەك، رەجەپ تەييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇستازى نەجمىددىن ئەرباقان، مەرھۇم نەجمىددىن ئەرباقاننىڭ ئۇستازى نەقشىبەندىيە تەرىقىتىگە مەنسۇپ سۇپى مەھمەز زاھىت قوتقۇ ھەزرەتلىرى. (مەنبە)
يۇنۇس ئەمرە ئىسىملىك مەشھۇر سۇپىينى بەلكىم بىلىشىڭىز مۇمكىن. رەجەپ تەييىپ ئەردوغان قاتارلىقلار ھازىر شاڭخەيدە «يۇنۇش ئەمرە مەدەنىيەت مەركىزى» قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. (مەنبە)
شۇڭا، سىزنىڭ «تۈركىيە سۇپىيلارنىڭ قولىدا» دېگەن گېپىڭىز ئاساسسىز ئەمەس.
بۇنداقتا كۈنىمىزدە تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان تەييىپ ئەردۇغان قاتارلىقلار ھەممىسى «مۇشرىك» بولامدۇ؟ ئۇنداق بولمايدۇ. سىز ئەرەبىستاندىكى شەيىخ بىن باز، تۈركىيەدىكى ئابدۇلئېزىز بايىندىرنىڭلا ئەسەرلىرىنى ئوقىماي، ئەرەبىستان مەدىنىدىكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ 35-ئەۋلات نەۋرىسى سەييىد ئىبراھىم ئەل-ئەھزائى ھەزرەتلىرى، مەككىدىكى ئىمام سەييىد مۇھەممەد ئالاۋى ئەل-مالكىي، پەيغەمبىرىمىزنىڭ 36-ئەۋلات نەۋرىسى سەييىد مۇھەممەد ئەلجانەل قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقىسىڭىز، ئەرەبچە تەبلىغلىرىنى ئاڭلىسىڭىز، تەسەۋۋۇپ ھەققىدە ئىلگىرى قانچىلىك بىر تەرەپلىمە پىكىر قىلغانلىقىڭىزنى ئازدۇر-كۆپتۇر ھېس قىلالايسىز.
سەييىد ئىبراھىم ئەل-ئەھزائى ھەزرەتلىرى تۈركىيەدىكى مەھمۇت ئەپەندى جامائىتى (نەقشىبەندى تەرىقىتى) بىلەن ئىنتايىن يېقىن. ھەتتا ئۆتكەن يىلى جۈببەلى ئەھمەت خوجا تۈرمىگە كىرىپ كەتكەندە شەيىخ ئىبراھىم ئەل-ئەھزائى ئىستانبۇلغا كېلىپ مۇشۇ جامائەتنىڭ ئىماملىقىنى قىلىپ، جامائەتنى يېتەكلەپ، جۈببەلى ئەخمەتنىڭ يوقلۇقىنى چاندۇرمىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەككە-مەدىنىدىكى نەۋرە-چەۋرىلىرى ئاساسەن تەسەۋۋۇپ ئەھلى ئىكەن. ئۇلار بىلەن ھازىرقى سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ تەرىپىدىكى بەزى ئۈلىمالار ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپى ئېغىر ئىكەن. مەسىلەن: مەۋلۇتنى بىدئەت دېگەن شەيىخ بىن باز بىلەن بىدئەت ئەمەس دېگەن سەييىد ئىمام مۇھەممەد ئالاۋى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن تالاش-تارتىش، ھەتتا بەزى ۋاھابىيلارنىڭ سەييىد مۇھەممەد ئالاۋىنى «مۇشرىك» دەپ، ئۇنىڭ بەزى كىتابلىرىنى سەئۇدىيدا چەكلىشى قاتارلىقلارنى چۈشەنسىڭىز، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرچە دىنىي ئوقۇشلۇق مەنبەيىمىزنىڭ نەقەدەر ئاز ئىكەنلىكى، بىزگە ئەرەبىستان تەرەپتىن كەلگەن بەزى كىتابلارنىڭ ئاساسەن سەئۇدى ھۆكۈمىتىگە، يەنى ۋاھابىزىمنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگۈچىلەرگە ئائىت ئىكەنلىكىنى (مەسىلەن: «سۇپىزىمنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە» دېگەن ماقالىدەك)، بۇلارنىڭ ئىنتايىن بىر تەرەپلىمە يېزىلغانلىقىنى، سىياسىي تۈس ئالغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.
ئاددىي بىر مىسال: بىز 2007-يىلى ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككە مەدىنىگە باردۇق. ئۇ يەردە 40 نەچچە كۈن قالدۇق. بىللە بارغان تۈرك خانىملار بىلەن مەدىنىدىكى مەسجىدى نەبەۋىدە بوش ۋاقىتلاردا تەسبىھ نامىزى ئوقىدۇق. (تۆت رەكئەتلىك تەسبىھ نامىزىنىڭ قىسقا ناماز ئەمەسلىكىنى بەلكىم بىلىشىڭىز مۇمكىن). شۇ نامازدىن چىقىپ تۇرساق، مەدىنىگە يەرلەشكەن بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئۆيىگە تاماققا چاقىردى. ئېرى مەدىنە ئۇنىۋېرسىتىدا، ئايالى مەدىنىدىكى خانىم-قىزلار مەدرىسىنىڭ يۇقىرى يىللىقىدا ئوقۇيدىكەن. گەپتىن-گەپ چىقىپ، تەسبىھ نامىزىنىڭ گېپى بولدى. ئۇ ئايال قېرىندىشىمىز: «تەسبىھ نامىزى بىدئەت. سىلەر ساۋاب تاپىمىز دەپ گۇناھكار بولۇپ قالماڭلار!» دېدى. چۆچۈپ كەتتۇق. سەۋەبىنى سورىساق، ئايەت، ھەدىستىن نەقىل ئېلىپ تەسىرلىك تەبلىغ قىلىپ بەردى. بىزمۇ قايىل بولۇپ، گۇناھلىرىمىزغا تەۋبە قىلىپ، بۇندىن كېيىن تەسبىھ نامىزى ئوقۇپ سالماسلىققا نىيەت قىلدۇق. مەن بۇ پەتىۋادىن قىلچىلىك گۇمانلانمىدىم، چۈنكى ئۇلار مەدىنىدە دىندا ئوقۇيدۇ-دە! ئىلگىرى ۋەتەندىكى چاغلىرىمىزدا بەزى بۈۋىملەرنىڭ تەسبىھ نامىزى ئوقۇيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ساۋابىنى سۆزلىگەنلىكىنى ئەسلەپ، ئۇيغۇر دىيارىمىزدا ھەقىقەتەن بىدئەتلەر كۆپكەن دەپ ئېچىندىم. كېيىن تۈركىيەدە ئۇيغۇر قېرىنداشلار 10 قسىملىق توم «ھەدىسلەر توپلىمى» كىتابىنى قاتتىق مۇقاۋىلىق قىلىپ ئۇيغۇرچە نەشىر قىلدى. بۇ كىتابنى ئوقۇپ كېتىۋېتىپ بىر ھەدىسكە كۆزۈم چۈشتى. «ھەدىسلەر توپلىمى» 2-قىسىم 518-بەتتە 2229-نۇمۇرلۇق ھەدىستە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىبكە تۆت رەكئەتلىك تەسبىھ نامىزىنى قانداق ئوقۇشنى تەپسلىي ئۆگەتكەنلىكى بايان قىلىنىپتۇ. بۇ ھەدىس ئەبۇ داۋۇدنىڭ 1297-نۇمۇرلۇق ھەدىسى ئىكەن. ھەتتا بۇنى مۇھەددىس (ھەدىسشۇناس) ئەلبانى ھەزرەتلىرى سەھىھ دەپ باھالاپتۇ. (ئەلبانى 1152، سەھىھ). مەن بۇنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەھىھ ھەدىسىدە ئۆگىتىلگەن بىر ناماز قانداقسىگە مەدىنىدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دىنىي مەكتەپتە بىدئەت دەپ ئۆگىتىلىدۇ؟!
شۇنىڭ بىلەن، مەن ئۇلارنىڭ پەتىۋالىرى (يەنى سەئۇدى ھۆكۈمىتى تەرەپدارلىرى، ۋاھابىي دېيىشكە تىلىم بارمايدۇ) بىلەن ئۇلارغا قارشى پىكىردىكى مەككە-مەدىنىلىك ئالىملار (بولۇپمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ جەمەتى، بۇلارنىڭ لەقىمى سەييىد)نىڭ ئەسەرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئوقۇشقا باشلىدىم. زىت پىكىرلەرنىڭ نېمىشقا زىت ئىكەنلىكىنى ئىزدەپ، سەئۇدى ھۆكۈمىتى تەرەپدارلىرىنىڭ پىكرىگە سىياسىي ئامىل ئارىلاشقانلىقىنى سەزدىم. بۇلارنى ھەممىنى بۇ يەردە يېزىپ بولغىلى بولمايدۇ.
قىسقىسى، مەن بىر كىشىنىڭ زاھىرىغا قاراپ ئىمانىغا كەسكىن ھۆكۈم قىلىپلا «مۇشرىك» دەپ قالپاق كىيگۈزۈشنىڭ خەتىرىنى تونۇدۇم. ۋاھابىزىم تەرەپدارلىرىنىڭ دىننىڭ زاھىرى (تاشقى كۆرۈنۈش) تەرىپىگە بەكراق ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، تەسەۋۋۇپ تەرەپدارلىرىنىڭ باتىنى (ئىچكى، روھىي) تەرىپىگە بەكراق كۈچەيدىغانلىقىنى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىگە چۈشلۈق دەلىلى بارلىقىنى بىلدىم. دىنىمىزدا توغرا يولدا ساغلام مېڭىش ئۈچۈن، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ (زاھىرى ۋە باتىنى تەرەپنىڭ) ھېچبىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. (شەرىئەت ئىنساننىڭ سىرتقى ئىشلىرىنى باشقۇرسا، تەسەۋۋۇپ ئىنساننىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى (قەلبىي، روھىي ھالىتى، تەپەككۈر ئوي-خىيالىغىچە) باشقۇرىدىكەن.) مەسىلەن: ھاراق ئىچىش، چوشقا گۈشى يېيىش، قاتىللىق دېگەنلەر زاھىرى گۇناھ بولسا، ھاكاۋۇرلۇق، ھەسەتخورلۇق، غەيۋەت قاتارلىقلار باتىنى گۇناھ بولۇپ، بۇلارنىڭ جازاسىمۇ زاھىرى گۇناھنىڭ جازاسىدىن قېلىشمايدىكەن، ھەتتا بەزىدە ئۇنىڭدىنمۇ خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولىدىكەن.....     
  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )