مەزكۇر ماقالە ياپونىيە "بۈۋىمەريەم پاك قەلب قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتى ياپون تىل – ئەدەبىياتى جەمئىيىتى"چىقىرىدىغان "پاك قەلب ئەدەبىياتى"نامىدىكى ئورگان ژورنىلىنىڭ 2009 – يىلى 7 – ئايدا تارقىتىلغان 11 – سانىدىن ئېلىندى. ئانا تىل ____ئادىمىيلىكنىڭ ئاساسى ياپون تىلىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : نىكۇ بىز تىل ئارقىلىق خىلمۇخىل كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىمىز. يېشىمىزنىڭچوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بىز ئالاقە قىلىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ ماڭىدۇ، يەنە مۇشۇنىڭغا ماس ھالدا كىشىلىك مۇناسىۋەتمۇ مۇرەككەپلىشىدۇ. مۇشۇ جەرياندا بالىلار ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنى سەمىمىيلىك بىلەن دېگۈسى بولسىمۇ ئېيتالمايدىغان، گەپ ياكى يېزىق ئارقىلىق يەتكۈزۈگۈسى بولسىمۇ راۋان يەتكۈزەلمەيدىغان قىيىنچىلىقا دۈچ كەلمەيدۇدېگىلى بولمايدۇ. بالا ئائىلىدە ئاتا – ئانىسىنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى، مەكتەپتەئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ مۇئەللىملەر تەرىپىدىن ئېتىراپقا ئېرىشكەنلىكىنى، دوستلىلىرىنىڭ ئىچىدە ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئار چۈشىنش ھاسىل قىلالايدىغانلارنىڭ بارلىقىنى ئەمەلىي ھېس قىلغاندا، بالىدا تۇنجى بولۇپ ئۆزى بىلەن تەڭ باشقىلارنىمۇئويلايدىغان ھېسسىيات شەكىللىنىدۇ. تىل بىلىم ئېلىشتىلا ئەمەس، روھىيەتنى پەرۋىش قىلىشتىمۇ زۆرۈر بولىدۇ. مەزكۇر ماقالىدە، ياپونىيەلىك بالىلارنىڭ ئائىلىدىكى تىل ئىگىلەش ئەھۋالى بىلەن مەكتەپتىكى تىل مائارىپىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىمەن، شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەدىن ئىبارەت غەرب جەمئىيىتىدىكى مائارىپ بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تىل مائارىپى تەلەپ قىلىدىغان نۇقتىلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمەن. 2. ئائىلىدىكى تىل مائارىپى 1.2. "ئامراق ئادەم" نىڭ مەۋجۇتلۇقى ئالدى بىلەن بوۋاق مەزگىلىدىكى تىل ئىگىلەشنىڭ ئۇلى ھەققىدە توختىلىمەن. بالىنىڭ تىل ئىگىلىشى ھەققىدە ئوكاموتو (岡本) "بالىنىڭ گەپ قىلالايدىغان بولۇشى، <ئامراق ئادەم> نىڭ بالىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ دېگەن گەپلىرىنى بالا تۇتقا قىلىپ ئۆزىنىڭ گەپلىرىنى ياساپ ماڭىدىغانلىقىدىن بولىدۇ" دەپ ئېيتقان. بالىنىڭ ئىنكاسىنى چۈشىنىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىنكاس بىلەن ماسلىشىدىغان "ئامراق ئادەم" بولغاچقىلا بالا ئۆز تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ماڭالايدۇ. بۇ يەردىكى"ئامراق ئادەم" دېگىنىمىز ئانا ۋەكىللىكىدىكى بالىدىن يىراق كەتمەيدىغان، بالىدىن خەۋەر ئالىدىغان، بالا بىلەن ئوينىشىپ بېرىدىغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئانا بالىنىڭ ھەرىكىتى، چىراي ئىپادىسى، چىقارغان تاۋۇشى دېگەنلەردىن باشقىلار چۈشىنەلمەيدىغان تەلەپ ۋە ھالەتنى چۈشىنىدۇ ھەم مۇۋاپىق ھەرىكەت ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ. دەل مۇشۇنداق ئادەمنىڭ مەۋجۇت بولۇشى تىل ئىگىلەشنىڭ ئۇلى سۈپىتىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بالىنىڭ ئانىغا بولغان "ئىشەنچ تۇيغۇسى" ئالاقىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان مەنبە كۈچ ھېسابىنىدۇ. ئۇنداقتا، "ئىشەنچ تۇيغۇسى" نىڭ بالىنىڭ تىل ئىگىلىشى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ دەنىيول گولمېن (Daniel Goleman) تۇغۇلۇپ ئىككى ئايلىق بولغان بوۋاقنىڭ يېرىم كېچىدە يىغلاش ھادىسىسىدىن پايدىلىنىپ "كەيپىيات ئۆگىنىش" جەريانىنى چۈشەندۈرگەن. بىرىنچىدىن، بوۋاق يىغلىسا، ئانا دەرھال بوۋاقنىڭ قېشىغا كېلىپ 30 مىنۇت ئەتراپىدا ئۇنى مېھىر بىلەن سۇغارغاچ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. ئانا گەرچە تەڭ كېچىدە ئۇيغىتىلغان بولسىمۇ، بوۋىقىغا "سىنىڭ چىرايىڭنى كۆرۈش نېمەدېگەن ھوزۇر" دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ. بۇنىڭدىن رازى بولغان بوۋاق يەنە ئۇيقۇغا كېتىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئەر – خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى جىدەل سەۋەبلىك ئانا بوۋاققا نىسبەتەن قوپال مۇئامىلىدە بولىدىغان ئەھۋالمۇ يۈز بېرىدۇ. ئانىنىڭ "يىغلىما ! ئاغزىڭنى يۇم ! يەنە يىغلايدىغان بولساڭ ..." دېگەنلىرىنى ئاڭلىغان ھامان بوۋاقتا جىددىيلىك ۋە قورقۇنۇش پەيدا بولىدۇ. ئانا يۈز بەرگەن جىدەل تەسىرىدىن قۇتۇلالماي چىرايىدىن مۇزياغدۇرغان ھالەتتە بوۋاقنى ئەمگۈزىدۇ. بالا ئېمىشتىن توختىغان ھامان ئانا "بولدىمۇ، ئەمىسە مەن بولدى قىلدىم جۇمۇ" دەپلا بوۋاق تۇرغان ئۆيدىن تېزلا چىقىپكېتىدۇ. بوۋاق بولسا يىغلاپ – يىغلاپ ئاخىرى ئۇيقۇغا كېتىدۇ. ھەرقانداق بوۋاق ئەڭ بولمىغاندىمۇ مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋالنى كەچمىش قىلپ يېتىلىدۇ. بىرىنچى خىل ئەھۋال: "ئەتراپتىكى كىشىلەر بوۋاقنىڭ تەلىپىنى بايقاپ ئۇنىڭ تەلىپىنى ئورۇندايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بوۋاقتا ئەتراپتىكىلەرگە نىسبەتەن ئىشەنچ تۇيغۇسى ۋە باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش جەھەتتە ئۆز ئىقتىدارىغا نىسبەتەن ئىشەنچ پەيدا بولىدۇ" ئىككىنچى خىل ئەھۋال : "ھېچكىنىڭ بوۋاق بىلەن كارى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بوۋاق باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمەيدۇ ۋە ئۇنىڭ بىرەركىمدىن تەسەللىي تەلەپ قىلىشىمۇ مەغلۇبىيەتلىك بولىدۇ." بالىنىڭ ئەتراپتىكىلەرگەبولغان "ئىشەنچ تۇيغۇسى" دا پەرقلەرنىڭ بولىشى ئاتا – ئانا قوللانغان پەرۋىش ئۇسۇلىنىڭ يۇقىرىقى ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ قايسىسىغا يېقىن كېلىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەلىك بولىدۇ. بالىنىڭ ئاتا – ئانىنىڭ مېھىر – مۇھەببىتىگە قانچىلىك تويۇنغانلىقى، ئۇلار بىلەن ئۆزئارا "ئىشەنچ تۇيغۇسى" غا ئىگە بولالىشى بالىنىڭ تىل ئىگىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 2.2. ئۆزلۈكنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تىل بالىلىق مەزگىلگە كىرگەندە ئاتا – ئانىدىن ئالىدىغان ھەر تەرەپلىمە"تەربىيە" كۆپىيىدۇ. ئوكاموتو (岡本) مۇنداق دېيدۇ: "بالا تەربىيەنى نۇقۇل تاشقى بېسىم سۈپىتىدىلا قۇبۇل قىلىپ ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ يۈرمەيدۇ، بەلكى ئۇنى <ئۆزلۈك مەسىلىسى>سۈپىتىدە تونۇپ ئاتا – ئانىنىڭ ئىقتىدارىغا يۈزلىنىدۇ ۋە ئۇنى ئۆز ئىقتىدرىغا يۇغۇرۇۋېتىدۇ. بۇ جەريان ئۆزلۈك ۋە خاراكتېرنىڭ شەكىلللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ." ئۆزلۈك فونكسىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى گەرچە تەلەپنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كېچىكتۈرسىمۇ، مەزكۇر تەلەپتىن ۋاز كەچمەيدۇ ۋە ئۇنى كونترول قىلىپ داۋاملىق ساقلاپ قالىدۇ. مەسىلەن، مەلۇم بىر بالا ئىلەڭگۈچ ئوينىماقچى بولۇپ ئىلەڭگۈچنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، ئەمما ئىلەڭگۈچتە دوستىنىڭ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا بالا دوستىنى ئىتتىرىپ چۈشۈرۈۋېتىپ ئوينامدۇ ياكى ئويناشتىن ۋاز كېچەمدۇ؟ بالا بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلماي ئۆزىگە نۆۋەت كەلگۈچە ئىزىغا دەسسەش ھەرىكىتىنى ئىشلىگەچ ساقلىسا، ئۆزىنىڭ تەلىپىنى باشقىلار ئېتىراپ قىلىدىغان شەكىلدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشۋاتقان بولىدۇ. ساقلاش جەريانىدا بالا "ئىلەڭگۈچتىن چۈشمەمدىكىنا؟"دېگەندەك خىلمۇخىل ئىچكىي توقۇنۇشلارغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆز ئۆزىنى توختىماي رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما، بالا ئۆزىنى ئىزچىل رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدىغان كۈچلۈك ئۆزلۈككە ھەر ۋاقىت ئىگە بولىۋەرمەيدۇ. بۇنىڭدا ئەتىراپتىكىلەرنىڭ مەدىتى زۆرۈربولىدۇ. ئادەتتە ئاتا – ئانا بالىغا مەدەت بېرىشتا "غەيرەت قىل" دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ. بالىنىڭ مۇشۇنداق سۆزلەرنى ئۆزىنىڭ گېپى سۈپىتىدە تەبىئىي ھالدا ئۆزىگە ئىشلىتىشىمۇ ئۆزلۈكنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بالىنىڭ ئاتا – ئانىدىن ئاڭلىغان گەپلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئۆز ئۆزىگە تەكرارلاپ ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى مەن كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىدۇر. ئۇجىئىئې (氏家) بالىنىڭ ئىچكى تىلنى ئىگىلىشى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېگەن: "ئانىنىڭ نۇتۇق پائالىيىتى بالىنىڭ ئەملىي سۆز - ھەرىكتىدە ئىپادىسىنى تاپىدۇ، يەنى بالا سۆزلىيەلەيدىغان بولغاندا ئۆز ئۆزىگە تىل ئارقىلىق بويرۇق چۈشۈرۈدۇ ... ئىرادە تۈسىدىكى ھەرىكەت ئادەمنى ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىدىغان كۈلتۈر خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تىلنى مەركەز قىلىدىغان تەپەككۇر ۋە ئاڭ ھەقىيقى ئادىمىيلىككە ئۆتۈشتىكىمۇ ھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ." بالىنىڭ تىل ئىگىلىشىدە ئانىنى مەركەز قىلغان ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ رولى كەم بولسا بولمايدۇ. بالىنىڭ ھەرىكىتىدە تىل ۋاسىتە سۈپىتىدە رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئۆزلۈكنىڭ تەرەققىياتى بىلەن باغلانغان بولىدۇ. 3. تىل ئىگىلەش ۋە تىل مائارىپى نۇقتىسىدىن ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنى سېلىشتۇرۇش 1.3. ياخشى بالا سالاھىيىتى ياپونىيەلىك بالىلار (يەسلى بالىلىرى) قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلەنمىگەن بولسىمۇ، يەسلىدە رايىش بولالايدۇ. ياپونىيەنىڭ يەسلىلىرىدە ئۈچ ياشتىكى 30 نەپەر بالىنىڭمۇ پول ئۈستىدە تىزىلىپ ئولتۇرۇپ مۇئەللىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋاتقانلىقىنى دائىم كۆرگىلى بولىدۇ. ياپونىيە يەسلىلىرىدە 30 نەپەر بالىغا بىر ئوقۇتقۇچى مەسئۇل بولىدىغان ئەھۋال ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال ئەمەس. ئامېرىكايەسلىلىرىدە بولسا ئوقۇتقۇچىدىن باشقا يەنە ياردەمچى ئوقۇتقۇچى، پىدايى ئاناقاتارلىقلار بولۇپ، ئادەتتە 5 - 6 بالىغا بىردىن تەربىيىچى سەپلىنىدۇ. ئوزۇما (東) "بۇ خىل ئەھۋال ياپونىيەدىكى نۇرغۇن بالىلار يەسلىنى <تالا> سۈپىتىدە ئەركىن – ئازادە بولالايدىغان <ئۆي>دىن ئايرىپ تونۇپ، شۇنداقلا <ياخشى بالا سالاھىيىتى> نى ئۆزىنىڭ رولى دەپ چۈشىنىپ، <ياخشى بالا سالاھىيىتى> نىڭ ساھىبىدەك ھەرىكەت قىلىش مەقسىتىدە ئىچكى كونتروللۇقنى كۈچەيتىدىغانلىقىدىن بولغان" دەپ بايان قىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بالا "ياخشى بالا سالاھىيىتى" گە خاس ئالاھىدىلىكنى ئۆزىدە ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۆز ھەرىكىتىنى ئاشۇ " ياخشى بالا سالاھىيىتى"نىڭ ئوبرازىغا ماس ھالدا كونترول قىلىدۇ. ئۇنداقتا، ئائىلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان قانداق تەربىيە بالىدا "ياخشى بالا سالاھىيىتى" قارىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ؟ ئانىنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى، سۆزلەش ئۇسۇلى قاتارلىقلار بالىنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ مۇشۇ مەسىلىلەرنى ئېنىقلاش مەقسىتىدە ئانىنىڭ ئۈچ يېرىم ياشلىق بالىغا قوللانغان تەربىيە ئۇسۇلى ئۈستىدە ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە سېلىشتۇرۇلۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. تەكشۈرۈشتە بالىنىڭ ئورۇنسىز سۆز - ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ، ئانىدىن ئۆز بالىسىنىڭ ھازىر ئاشۇنداق سۆز - ھەرىكەتنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلىشى ۋە مۇشۇ خىل ئەھۋالدا نېمە دېيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان. مەسىلەن "بالىڭىز كەشلىك تاماقتىكى قورۇمىلارغا ئۆچلىگىنى ئېيتىپ، يېيىشنى خالىمىسا، سىز بالىڭىزغا نېمە دېيسىز؟ بالىڭىزنى ھازىر مۇشۇ يەردە شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، دەپ بىلىپ جاۋاب بېرىڭ" دېگەندەك سوئاللار قويۇلغان. ياپونىيەلىك ئانىلارمۇ، ئامېرىكىلىق ئانىلارمۇ ئوخشالا "ئۇنداق گەپنى قىلماي يېگىن" "يەپ باقە، بەك مەززىلىك" دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ يېگۈزمەكچى بولغان. ئوخشىماسلىق پەقەت "يەنىلا يېمىسىچۇ؟" دەپ ئانىلاردىن داۋاملىق سورىغاندىلا ئىپادىلىنىپ چىققان. نېمە ئۈچۈن يېمىسە بولمايدىغانلقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قايىل قىلىدىغان چاغدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئاساسلاردا ئوخشىماسلىق كۆرۈلگەن. مەزكۇر ئاساس "ئاتا- ئانىلىق نوپۇز" "قائىدە" "كەيپىيات" "نەتىجە" قاتارلىق تۆت تۈرگە يىغىنچاقلانغان. مۇشۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىكى ئادەمنى جەلىپ قىلىدىغان نۇقتا " ئاتا - ئانىلىق نوپۇز" دۇر. بالىنى ئانىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىش قىلدۇرۇشتا ئاتا - ئانىلىق نوپۇزغا تاينىمىز دېگۈچىلەر ئامېرىكىدا 50% بولغان، ياپونىيەدە 18% بولۇپ، ئامېرىكىدىن يېرىمدىن كۆپرەك تۆۋەن تۇرغان. ياپونىيەدە ئەڭ كۆپ بولغىنى "نەتىجە" بولغان. مەزكۇر تۈرلەردىكى "قائىدە" نى نوپۇزخاراكتېرىنى ئالغان نەرسە، "كەيپىيات" نى بولسا بىر خىل نەتىجە دەپ قارىساقلا، پەرقلەر بىردەك روشەنلىشىدۇ. يەنى، ئامېرىكىدا تەربىيە ئېلىپ بېرىشتا "نوپۇز مۇناسىۋىتى" زۆرۈر بولسا، ياپونىيەدە بالىلارنىڭ "ياخشىبالا" بولۇشتىن ئىبارەت ئومۇمىي مەيدانىدا تۇرۇپ، ئورۇنسىز سۆز –ھەرىكەتلەرنى قىلغانلىقىنى بالىنىڭ ئەھۋالنى ياخشى بىلمىگەنلىكىدىن بولغان دەپ قاراپ، ئىشنىڭ نەتىجىسىنى چۈشەندۈرۈش ۋە كەيپىيات ئارقىلىق بالىغا بىلدۈرۈش زۆرۈر بولغان. بالىنى پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن تەربىيەلەش ھېسسىياتى ئامرىكىلىق ئانىلاردىمۇ، ياپونىيەلىك ئانىلاردىمۇ ئوخشاشلا كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما " ياخشى بالا سالاھىيىتى" ھەققىدىكى تەپەككۇرنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن تەربىيەدىكى ئوخشىماسلىق كېلىپ چىققان.
__ داۋامى بار ....
|