- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5447
- نادىر
- 0
- يازما
- 334
ئۆسۈش
8.94%
|
muammar يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 04:15
ئانا تىل لۇغىتىم
رەتلىگۈچى: مۇئاممار ئۇلۇغيار
بىزگە ئانا تىل- يېزىقىمىزنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتە ئەڭ كەم بولۇۋاتقان ئىش دەل «مۇئاممار» ئۇستازنىڭ مەزكۇر ئىنكاسىدىكىدەك سىستېمىلىق، قېلىپلاشقان ئاتالغۇلار. بىرىمىز خوتەندە ئومۇملاشقان سۆزنى دەيمىز، بىرىمىز تۇرپاندا ئومۇملاشقان سۆزنى دەيمىز، لېكىن ئاخىرى بېرىپ يەنىلا شۇ چېچىلاڭغۇلۇق پېتى قېلىۋىرىدۇ. بۇغۇ ھىچ بولمىغاندا ئۇيغۇرچە ئاتاشقا ئاللىقاچان تېگىشلىك بولغان ئاتالغۇلىرىمىزنى خەنزۇچە ئاتىغاندىن مىڭ ياخشى، شۇنداق بولسىمۇ مۇشۇ تېما ئاستىدا ھەممىمىز تەڭ كۈچەپ، ئىتتىپاقلىق، ئىلمىيلىك ئاساسىدا ھازىر خەنزۇچە (بەلكىم ئىنگىلىزچە، رۇسچە...) ئاتاۋاتقان بىرقىسىم ئاتالغۇلىرىمىزنى رايونىمىزنىڭ مەركىزى دىئالىكىتى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئۇيغۇرچە ئاتاش. مانا بۇ بىزنىڭ بىردىنبىر نىشانىمىز ھەم مەقسىدىمىز. شۇنداقتىمۇ بىزگە تامامەن ئۇيغۇرچە ئاتاش مۇمكىنچىلىكى بار تۇرۇپمۇ يەنە زورمۇ- زور خەنزۇچە ئاتاشقا قارىغۇلارچە (نادانلارچە، گۈدەكلەرچە) يۈزلىنىپ كېتىۋاتقان يېمەك- ئىچمەكلەرنى خەنزۇچە ئاتاشتىن ئىبارەت. بىز باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى، ئاددىيسى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۈچ ۋاق 7 ياشتىن 70 ياشقىچە ھەممە ئادەم دەيدىغان «مىفەن، پىڭزا، چەيزە، شوخلا....» دېگەندەك ئاتالغۇلار بولىۋاتىدۇ. مەن ھازىر ئەمدىلا 4 ياشتىن ئاشقان بالىلىرىمغا چوقۇم مۇشۇ نەرسىلەرنى ئۇيغۇرچە ئاتاپ ئۆگىتىۋاتىمەن، شۇ جەرياندا بەزىدە بىرقىسىم تائام ۋە كۆكتاتلارنى ... خەنزۇچە ئاتىسام بالام چۈچۈك تىللىرى بىلەن: «ھە ... مانا سەن يەنە خاتا گەپ قىلدىڭ، ئۇنىچۇ مۇنداق دەيدۇ...» دەپ ئىنكاس قايتۇرىدۇ. مەن بەزى نەرسىلەرنى ئۇيغۇرچە ئۆگىتىش جەريانىدا ھەقىقى ھالدا ئۇيغۇرچە نېمە دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغان ۋاقىتلىرىممۇ بولىۋاتىدۇ. خاتا ئۆگىتەي دېسەم تېخى كۆڭلۈم قويماي بىئارام بولۇپ كېتىۋاتىمەن. (بۇ ھەقتە دەي دېسەم كۆپچىلىككە مەلۇم مەسىلە- مېساللار ساماندەك تولا).
يىغىپ ئېيتقاندا «مۇئاممار» ئۇستازنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوتتۇرغا قويغىنىدەك ھەقىقى ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىپ، چۇۋالچاقلىقتىن ئامالىمىزنىڭ بارىچە ساقلىنىپ بىر ئوتتۇرغا قويۇپ باقساق، ئاخىرىدا مۇمكىن وبلسا مۇناسىۋەتلىك تىل- يېزىق خىزمىتى بىلەن كۆپ يىل شوغۇللانغان، تەجرىبىسى مول، تەسىرى چوڭ بولغان مۇتەخەسىسلىرىمىزنى بۇ تېمىمىزغا قاتناشتۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسى ئىچىدە ئومۇملاشتۇرۇشقا تىرىشىپ باقساق دېگەن ئۈمىدتىمەن.
بەلكىم كۆپچىلىكمۇ ماڭا ئوخشاش پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ ئۆگىتىشتە گاڭگىراپ قالغانلار بولۇشى ياكى دەرس مۇنبەرلىرىدە بەزى ئاتالغۇنى ئامالسىزلىقتىن خەنزۇچە ئاتاپ سېلىپ ئۆز كۆڭلىدە ۋىجدانى سوراققا تارتىلىپ يۈرگەنلەر بولۇشى چوقۇم. شۇڭا ئامال بار مىللەت ئۈچۈن چوڭ ئىش قىلىپ بىرىشنىڭ 1- قەدىمىنى ئەڭ مۇھىمى مۇشۇ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەبجەشلىشىپ كېتىۋاتقان تىل- يېزىقىمىزنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت كىچىك ئىشتىن باشلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. (بولۇپمۇ مۇشۇ بىزگە سۆزلەشكە، ھەرىكەت قىلىشقا قۇۋەت ئاتا قىلىۋاتقان ئۇزۇقلىرىمىزنى).
ھەممىمىز بىر ياقدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئىجتھات قىلىدىغان بولساق چوقۇم كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشىپ، ساپ، مەدەنىي، ئىلمىي بولغان تىل- يېزىق مۇھىتىمىزنى بارلىققا كەلتۈرەلەيمىز. |
|