- تىزىملاتقان
- 2013-3-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8573
- نادىر
- 0
- يازما
- 854
ئۆسۈش
71.46%
|
ھازىرتوردىكى تىمىلار ۋە ئىنكاسلارغا قارايدىغان بولساق كۆڭلىمىز شۇنچىلىك يىرىم بولۇدۇ. نىمىشقا دەمسىز؟ -بەلكىم بەزى قىرىنداشلىرىم يوللىغان تىمىسىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ كۆپ بولىشى بىلەن ئۆزىدىن پەخىرلىنىشى مۇمكىن ،توغرا پەخىرلەنسە بولۇدۇ . خەلقىمىزنى بىرلىككە كەلتۈردىغان ،مىللتىمىزنى ئويغۇتىدىغان يازمىللىرى بىلەن پەخىرلىنىشكە ھەقلىق. ئەمما بىرقىسىم تورداشلىرىمىز ئۇنداق بولماي قىلىۋاتىدۇ.مەن بۇيەردە مەرھۇم <ئابدۇرىيىم ئۆتكۈر>نىڭ مۇنۇ نىداسىنى سۆزلەشنى لايىق كۆردۈم.(بىز ئۇيغۇرلار تارىختا شانۇ-شەۋكەتلىك ،ئىشلارنى قىلغان ،ئەقىل-پاراسەتلىك مىللەت بولغان بولساقمۇ،كىيىن جەبىر-زۇلۇم،قۇللۇق ئاسارەت تۈپەيلى قالاق،نادان،قاششاق بىر مىللەتكە ئايلىنىپ قالغانمىز.نادان مىللەتتە ئىللەت كۆپ بولۇدۇ. پۇلغا،مەنسەپكە،خوتۇنغا ھىرىسلىق،خۇراپاتقا ئىشىنىش،يۇرتۋازلىق،قەبىلەۋازلىق،ئاچ كۆزلۈك،ئۆزغورۇرىنى ساقلىماسلىق،ھەركىم ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش،مىللەتنى ئويلىماسلىق،خۇلاسە كالام نادانلىق.نادانلىق ۋەيەنە نادانلىق،مانا بۇلارئۇزۇن يىللىق ئاسارەتنىڭ مىللەت روھىغا باسقان مەرەز تامغىسى.ئۇنى ئاز دەپ،تەقدىر ۋەقازانىڭ ئادالەتسىزلىكى بۇمىللەت روھىدا يەنە شۇنداق بىر ئۆكسۈكلىكنى پەيدا قىلغاندۇركى،ئۇ گويا ئۆزىنى ئاتا-ئانىسىز قالغان يىتىم بالىغا ئوخشاش سىزىدۇ،يەنى ئۇنىڭ روھى چۈشكۈن). ئەمدى بۇلارمۇ يەتمىگەندەك تارىخ سۈرۇشتە قىلىپ ئىغىز بۇزۇپ تىللىشىدىغان(بىلىڭكى تارىخ ھەر خىل يىزىلغان بولۇدۇ. قايىل بلمىسىڭىز <قۇم باسقان شەھەر>نى ئوقۇپ بىقىڭ تارىخ قانداق يىزىلىدىكىن) بولۇپ كەتتۇق . بىرقىسىم تورداشلار ،ھىلىمۇ قوناق دانچىسىدەك چىچىلغان خەلىقنى تىرىقتەك ،كىپەكتەك ۋەھەتتا ئۇنۇڭدىنمۇ بەكراق پارچىلاش مەخسىدىدە (بىلىپ-بىلمەيدۇ بەلكىم) ،<مەن ئانامنىڭ بالىسىمۇ،دادامنىڭمۇ؟><ئادەم ئاتالغۇسى ئاياللارنى كۆرسىتەمدۇ،ئەرلەرنىمۇ؟> ....دىگەندەك تىمىلار بىلەن خەلق چۈشەنمەيدىغان(چۈشەنسىمۇ ئاز بىر قىسىملار چۈشۈندىغان)سۆز-ئاتالغۇلارنى قوللۇنۇپ (ئۆزىنى بىلىملىك كۆرسۈتۈش ئۈچۈن)ماقالىلەرنى يىزىپ مىللەتنى قايمۇقتۇرماقتا،پارچىلىماقتا. بەس ئەمدى شۇ بىلىمىڭلارنى ،ئەقلىڭلارنى ھەممىدىن قىممەتلىك بولغان ۋاقتىڭلارنى مىللىتىمىز بىر نۇقتىدا تۇرۇپ چۈشۈنەلەيدىغان ،تىز ھەزىم قىلالايدىغان ،ھەممەئورتاق قۇبۇل قىلالايدىغان ماقالىلەرنى يىزىشقا سەرىپ قىلساڭلار. مەسىلەن، جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك گۈزەل يار يوق ........... دىگەندەك. بىلىمىم چەكلىك بولغاچ يامىللىرىم قالايمىقان بولىشى ئىنىق، دوستلارنىڭ پىكىر-تەكلىۋىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن قۇبۇل قىلىمەن. |
|