قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: kokboraa

ئۇيغۇرنىڭ ياخشى گىپىنى كىم قىلىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

228

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15457
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 13:36:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
urkesh يوللىغان ۋاقتى  2013-3-14 11:00
مىللەت تەرەپ، دىن تەرەپ دەپ ئايرىم ئىككى تەرەپ يوق. تار ...

سىزنىڭ ئىلمىي تەپەككۈرىڭىزدىن خۇرسەنمەن. ئاددىي قىلىپ ئەيىتقاندا، بىز مىللەت دەۋاتقىنىمىز__ئورتاق تىل، ئورتاق مەدەنىيەت، ئورتاق غورۇر ۋە باشقا ئوخشاشلىقنى بىرلىك قىلغان، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان مۆجىزىلىك مەۋجۇدىيەت سانىلىدىغان ئادەملەرنىڭ توپ ئايرىمىسىدۇر. دىن__مىللەتنى تەشكىل قىلغان ئادەملەر روھىييىتىدە تەدرىجى يېتىلىدىغان دۇنيا ۋە ئۆزىنى بىلىشتىكى ئىدىيىۋى تونۇشتۇر.  ھەممىمىزگە مەلۇملۇقكى، ئادەم بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپلا مەلۇم بىر ئادەملەر توپى يەنى مەلۇم بىر مىللەتكە تەۋە بولۇدۇ، ئادەملەر ئاق-قارىنى پەرىق قىلغۇدەك ئىدىيىۋى تونۇشقا ئىگە بولغاندىلا مەلۈم دىننى مەززەپكە تەئەللۇق بولىدۇ.  شۇڭا ئادەم مەۋجۇت بولىدىكەن تەبئىي ھالدا مىللەت مەۋجۇت بولىدۇ، ھەم شۇنداقلا ئادەمدە نورمال ئەقلى تەپەككۇر بولىدىكەن مەلۇم دىننى ئېتىقاد شەكىللىنىدۇ. دىمەك مىللەت ۋە دىن ھەرگىزمۇ بىر بىرىنى چەتكە قاقمايدۇ، بەلكى ئىنسانىيەت دۇنياسىدا تەڭ بىرگە مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ ئەڭ كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر بىر پۈتۈن مىللەتكە ئېتىقاد تۈۋرىكى قىلىپ تاللىغان ئىسلامدىنىدىمۇ شۇنداق. (ئىسلام دىنىنىڭ مىللەتنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىغا «قۇرئان كېرىم»دىكى يەھۇدى، ناسارا ۋە ئىسرائىللىلار........دىگەندەك ئادەملەر توپى تىلغا ئېلىنغان ئايەتلەرلا كۈپايە )

5

تېما

1

دوست

2143

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6259
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 185
تۆھپە : 557
توردىكى ۋاقتى: 331
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 14:13:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكبۆرە، كاللاڭ تۇيۇقسىز ئىشلەيدىغان بوپ قالدىمۇ، ياكى ئۆزەڭدىن نومۇس قىلىپ قالدىڭمۇ، بۇ تېمىنى ھەر ھالدا يامان ئەمەس يېزىپ قويۇپسەن، ئەسلى سەن قاپاقباش ئەمەسكەنسەن، ئەنچە مۇنچە تەپەككۇرمۇ قىلىدىكەنسەن. ئىشقىلىپ بۇ تېماڭدا خېلى ئورۇنلۇق گگپلەرنىمۇ قىپسەن، راس گەپنى قىلسام ئازراق ھەيران بولدۇم، ۋە ساڭا ھىدايەت تىلىدىم. بۇ تېماڭنى كۆرمىگەن بولسام سېنىڭ «ئۇيغۇرمۇ' مۇسۇلمانمۇ» تېمىسىدكى ئىنكاسلىرىڭغا قاراپ ،سېنى ئادەم قاتارىدىن چىقىرىۋىتەركەنمەن. مەن بۇ تېمىنى كۆرمەستىن بۇرۇن سېنى ئۇچىغا چىققان ساپاسىز دىنى ئاشقۇن،كاللىسى رودىمىنتلىشىپ كەتكەن دۆت ئېشەك. مىللەتنى، مىللەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخنى ،ئەجدادىنى ئىنكار قىلىدىغان، پەس تەبىئەتلىك، ھايۋانكەبى بىر مەخلۇق دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. سېنىڭ « دۇنيادا ئىككىلا مىللەت بار، مىللەت ئۇچۈن ،يۇرت-ۋەتەن ئۈچۈن كۆرەش قىلغانلار بىزدىن ئەمەس.......» دېگەندەك گەپلىرىڭگە قاراپ شۇنداق ئويلاپ يۇرۇپتىكەنمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

300

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16197
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 92
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 14:53:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۆك بۆرە توغرا دەيدۇ،-ئۇمۇ گۈلەن ئەپەندى ئىديىسىگە يېقىنلىشىپتۇ.....................

1

تېما

0

دوست

2152

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14533
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 205
تۆھپە : 532
توردىكى ۋاقتى: 118
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 15:51:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرنىڭ ياخشى گىپىنى ئۇيغۇر  قىلىدۇ.ئاتا بوۋامنىڭ ياخشى گېپىنى مەن قىلىمەن،قىرىنداشلىرىم قىلىدۇ،مىنىڭ ياخشى گېپىمنى ئەۋلاتلىرىم قىلىدۇ.

0

تېما

0

دوست

228

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15457
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 16:50:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنازىرە يازمىسىدىكى بىرقىسىم مەزمۇن تەپسىلاتلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، يازمىدا يۇرۇتۈپ بېرىلمەكچى بولغان ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ياخشى دىمىسەك، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى گېپىنى كىم قىلىدۇ؟_دىگەن مەركىزى ئىدىيە-ماڭا ئوخشاش ھەربىر ئۇيغۇر تور ئەھلىنىمۇ ئويغا سالدى-ئىھتىمال.

بىراق بۇ يازمىدا، بىز ئۇيغۇرلار قايسى ئورۇندا ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ياخشى دىيىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامانغا لايىق ئىدىيىۋى بىرلىك يارىتىش ئۈچۈن مۇنۇ ئازغىنە تور مۇنبىرى ئىمكانىيىتىدىن پايدىلنىپ، تولىمۇ ئىھتىياچچانلىق بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆز-ئارا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر قىسىم ئىلمىي مۇنازىرلىرىدىمۇ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ياخشى دەپ، بىز يولۇقۇۋاتقان ئەمەلىي مەسىللەردە تالاش قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلىشى تولىمۇ بىمەنىلىك. مېنىڭچە بولغاندا بىز ئۇيغۇرلار مۇنازىرە ئېلىپ بارالايدىغان تور بەتلەرنى سىز بىزدەك ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق قىسىم  ئۇيغۇرلار كۆرۈپ ئاۋاز قوشقاندىن سىرىت يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر ئەھلىمۇ كۆرمەيۋاتقان يەردە، يېقىن قېرىنداش مىللاتتىن باشقا مىللەت كىشىللىرىنىڭ ئوقۇپ كۆرۈشى، ئۇيغۇرلار ئۆزىنى ئۆزى تىللىشىدىكەن، ئوزىنى ئۆزى ئەسكى دەيدىكەن  دەپ قېلىشى ناتايىن.

بىز ئېرىشىۋاتقان ئۇچۇرلاردىن مەلۇمكى، كۆپسانلىق ئۇيغۇر پۇخراسى باشقا مىللەت كىشىللىرى ئالدىدا، دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى مۇھاكىمە ۋەباشقا پائالىيەتلەردە ھىچ قاچان ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەتلىك ياخشى بىر مىللەت ئىكەنلىكىگە زىت سۆز ھەركەتتە بولغىنى يوق. مانا بۇنىڭ ئۆزى ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ياخشى دىيىشكە يېتەرلىكتۇر. شۇڭا مەن ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن: بىز ئۇيغۇرلار باشقىلاردەك خەلقارالىق ياكى دۆلەت بويىچە مۇھاكىمە مۇنبىرى(论坛) ئويۇشتۈرۈپ، ئۆز-ئۆزىمىزنى تەكشۇرۇپ-تەتقىق قىلىپ، ھازىرقى زامانغا قانداق ئۇيغۇنلىشىمىز دىيەلمىسەكمۇ، تۇر مۇنبىرىدە بولسىمۇ ئىددىيىۋى بىرلىك بولمىغان مەسىللەردە ئۆز-ئارا كەسكىن تالاش-تارتىشنى قانات يايدۇرۇپ ھەممە ئۇيغۇر قايىل بولۇپ قوبۇل قىلغۇدەك، زامانىمىزغا لايىق ئىدىيىۋى بىرلىكنى ھاسىل قىلىشىمىز تولىمۇ زورۇر. لېكىن بۇنداق ئىلمىي مۇنازىرىلەرنىڭ ھەممىسى سىز بىز كۈتكەندەك ئىلمىي بولاپ كېتېلىشى تەس. تېلۋىزور خەۋەرلىرىدە كۆرگەن تەيۋەن، گىروزىيە مۇنازىرە مۇنبىرىدىكى مۇشلىشىشلار، ئامېركا ۋە ئىران رەھبىرىنىڭ مۇنازىردە ئاياق ھوجىمىغا ئۇچراشلىرىدىن قارىغاندا، بىزنىڭ ئۇيغۇر تور مۇنازىرسىدە ئۆز-ئارا تەنە، دوق قىلىشلارنىڭ بولىشى ھىچقانچە قورقۇنۇشلۇق ئەمەس. ئەڭ قورقۇنۇشلۇقى بىز ئۇيغۇرلاردىكى خاتا ئىدىيە ۋە يامان ئىللەتلەرنى تۈزەشكە دائىر ئىچكى تالاش تارتىش،  مۇنازىرە ۋە ئىزلىنىشكە جۈرئەت قىلىشنىڭ يىتەرسىزلىكى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تور ئەھلىدە ساقلىنىۋاتقان، ئىلمىي مۇنازىرىگە  ئىلمىي تەپەككۇر بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە سەل قاراپ، ئىلمىي مۇنازىرىدە قىززىق قانلىققا تايىنىپ، ھەركىم ئۆزىنىڭكىنى راس قىلىشقا ئورۇنۇشتەك خاتا خائىشنىڭ مەۋجۇت بولىشىدۇر.

دىمەك مەن ئۆز تەپەككۈرۈمغا تايىنىپ، ئۇيغۇرنىڭ ياخشى گېپىنى كىمنىڭ قىلىشى بىلەن ئۇيغۇر تور بەتلەردە ئىلمىي مۇنازىرىلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنىڭ ھىچقانداق زىتلىشىدىغان يېرى يوق دەپ قارايمەن. چۈنكى بىز ئۇيغۇرلار ئۆز-ئارا ئىچكى ئىلمىي مۇنازىرە ئارقىلىق ئۆزىمىزدە ساقلانغان خاتا خاھىش ۋە يامان ئىللەتلەرنى تونۇپ يېتىپ تۈزۈتەلىسەكلا، "ئۆزىگە يارىغان خانغا ياراپتۇ" دىگەندەك باشقىلار بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يارىتالايمىز. ئەكسىچە ئۆزىمىزدىكى زامانغا، تەرەققىياتقا ۋە كەلگۈسىگە ماس كەلمەيدىغان يىتەرسىز تەرەپلەرنى تۈزەتمەي، قۇرۇقتىن قۇرۇق ئۆزىمىزنىڭ ياخشى گېپىنى ئۆزىمىز قىلغان بىلەن ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك دىگەندەك، بىز ئۇيغۇرلار باشقىلارنىڭ قارىشىدىكى ھازىرقى زامانغا نالايىق قالاق مىللەت، تەرەققىياتقا پۇتلىكاشاڭ نادان مىللەت.....باشقىلا دەپ بەمىسە ئۆز كىيىم-كېچىكىنى كېيەلمەيدىغان،  ئالتۇن-كۈمۈشكە دەسسەگلىك تۇرۇپ بىرۋاق تاماققا زار مىللەت بولۇپ قالىمىز.

10

تېما

15

دوست

8488

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   69.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 2524
توردىكى ۋاقتى: 641
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 17:08:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹قۇرۇقتىن-قۇرۇق،›بۇگەپ تازا بولماي قالدىمۇ-يا؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ بىزنىڭ ماختانغۇدەك،ماختىغۇدەك ئىشلىرىمىز خىلى بادۇ؟

0

تېما

0

دوست

228

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15457
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 17:36:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   birtugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-14 22:46  
kokboraa يوللىغان ۋاقتى  2013-3-14 17:08
‹قۇرۇقتىن-قۇرۇق،›بۇگەپ تازا بولماي قالدىمۇ-يا؟؟؟؟؟؟؟ ...


ئوزىمىزنى ئۆزىمىز ماختاشساق سىزچە قۇرۇقتىن قۇرۇق ماختاشقانلىق بولماسمۇ؟ مېنىڭچە ئۇيغۇر مىللىتىم باشقىلار ئالدىدا ماختاشقا لايىق بىر ئۇلۇق مىللەت. شۇنداقلا باشقىلار ياخشى گېپىمىزنى قىلسا تۇتۇۋالغۇدەك پۇتمىقىمىز يوق مىللەت. لېكىن بىز ئۈچۈن مۆھىم بولىۋاتقىنى، قاندا قىلىپ باشقىلادىكى ئۇيغۇرنىڭ ياخشى گېپىنى يەنىمۇ ئۇزاققا ئۇلاش مەسىلىسىدۇر. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ ماختاشقا تېگىشلىك ئارتۇقچىلىقىمىزنى بايقاش بىلەن بىرگە، باشقىلار تېخى بايقاپ يەتمىگەن ئىچكى ئاجىزلىقىمىمىزنى ئۆزلىرىمىز ۋاقتىدا بايقاپ، كېچىكتۈرمەي تۈزۈتۈپ باشقىلارغا ساپاق قالدۇرماسلىقىمىز كېرەك. قىسقىسى بىز ئۇيغۇرلار باشقىلانىڭ نەزىرىدە تولىمۇ ئويۇشقاق مىللەت، لېكىن ئىچكى قىسمىغا قارايدىغان بولساق بىر قىسىم ئىدىيىۋى مەسىللەردە چېچىلىپ كېتىۋاتىمىز. مۇشۇنداق ئەھۋالدا سىزچە بىز يەنىلا ئۇيۇشقاق مىللەتمىز دەپ ئۆزىمىزنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ، چېچىلغان قاراشتا ئىدىيىۋى بىرلىك ھاسىل قىلىشقا تىرىشمىساق بولامۇ؟ ياكى ئۇيغۇر مىللىتىمگە باشقا بىر مىللەت كىشىللىرىنىڭ ئىدىيىۋى بىرلىك ھاسىل قىپبېرىشىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟

10

تېما

15

دوست

8488

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   69.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 2524
توردىكى ۋاقتى: 641
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 18:06:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە..... ماختاش سۆزىنى ئىككىمىز ئىككى نۇقتىدا تۇرۇپ چۈشۈنۈپتىمىز. مەن كومپىيوتىر ئۇستىسى‹ئالىم ئۆتكۈر› ئۇيغۇر كارخانىچىلىق باشلامچىسى‹رادىل ئابلا›..........دىگەندەك  ئۇيغۇرلارنىڭ تۆھپىكارلىرى نۇقتىسىدىن تۇرۇپتىمەن. سىز سىز مىللىتىمىزنىڭ ئۇيۇشۇش نۇقتىسىدا تۇرۇپسىز.  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )