قوشىىۋىتىلگەن مەكتەپلەرنىڭ كىتابخانا قۇرۇلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكمۇ قانداق؟
*
مەكتەپلەرنىڭ قوشىۋىتىلىش دەبدەبىسىمۇ ئاخىرلىشىپ ھەممە ئىشلارئۆز ئىزىغا چۈشكەندىن كىيىن سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر كېلىپ چىقىشقا باشلىدى.بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە دىققەن نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇشقا ئەرزىيدىغىنى قوشىۋىتىلگەن مەكتەپلەردىكى مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى كىتابلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنىڭ ئاز بولۇشى ياكى بۇخىل پۇرسەتكە پۈتۈنلەي ئىرىشەلمەسلىك .بۇ ھادىسە جەھەتتىن قارىغاندا بىر كىچىك مەسىلە ئەمما ماھىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشى ئىشەنچ ئېڭى ،ئۆز تىلىدىكى مەدىنىيەت ھاسىلاتلىرىغابولغان تونۇشى قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.
بىز ھازىرقى ئوقۇتۇش ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىمىزدە ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئادەم ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي ساۋاتلارنىمۇ ئەستىن چىقىرىپ قويغاندەك تۇرىمىز .ئۇلارمۇ ئۆزلىرىگە خاس بالىلىق تىلەكلىرىنى قاندۇرىدىغان پائالىيەت بوشلىقىغا مۇھتاج .ھازىرقى يېپىق شەكىلدىكى مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى بالىلارغا سىرتقى مۇھىتتىن بۇ خىل پۇرسەتنى بىرەلمىگەندىن كېيىن، ئەلۋەتتە بۇنى مەكتەپ ئىچىدىن يارتىپ بېرىشى كېرەك.
دېمەك مەكتەپ ئىچىدىكى بۇخىل پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىم بىر تۈرى كىتابخانا ئارقىلىق بولىدۇ.شۇڭا قوشىۋىتىلگەن مەكتەپلەردىكى مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كىتاب ئوقۇيدىغان ئورنى يوق بولۇش ياكى ئورۇن بولغان تەقدىردىمۇ كىتاب يوق بولۇش مەسىلىسىنى مەكتەپلەر ئويلىنىشقا ۋە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولسىمۇ بۇ نۇقنا نۇرغۇن مەكتەپ باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ نەزىرىنىڭ سىرتىدا بولىۋاتىدۇ.ھازىرقى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس سائىتىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇشى، دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ۋاقتىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى، ئوقۇغۇچىلارنى مىخانىك ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويۋاتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بالىلىرىمىز جۇشقۇن روھتىن ئەجداتلىرىمىزدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىلەردىن بارغانسىرى ،يىراقلاپ ئوغۇللىرىمىز يىگىتلەرگە خاس جاسارىتىدىن ،قىزلىرىمىز قىزلارغا خاس نازاكىتىدىن مەھرۇم قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا قوشىۋىتىلگەن مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا تىرناقچە بولسىمۇ ھوقۇق ئېگىسى بولۇپ تۇرىۋاتقان مىللىي رەھبەرلىرىمىز كەچكىچە ئۆزىنىڭ چىۋىنىنى قورۇپ ئولتۇرماستىن بۇ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇشى ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرىمىز ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى بولۇپ قالغۇسى. |